kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئۇرۇمچى

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Yawuz دىن تاغدىن - باغدىن غا يۆتكەلدى (2008-01-23)
ئۇرۇمچى

        ئۇرۇمچى- شىنجاڭ ئۇيغۇر  ئاپتونۇم رايونىنىڭ مەركىزى شەھىرى بولۇپ،  پۇتۇن  ئاپتونۇم  رايۇننىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنىيەت مەركىزىدۇر. شەھەر جۇغراپىيىلىك جەھەتتە تەڭرى  تاغلىرىنىڭ  ئوتتۇرا قىسمىغا ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ  جەنۇبى  چېتىگە  ئورۇنلاشقان. دىڭىز يۇزىدىن ئوتتۇرچە ئىگىزلىكى 800
مىتىر، ئومومى يەر كۇلىمى 12000 كۇۋادىرات  كىلومىتىر .ئۇرۇمچى شەھرى مەمۇرى  جەھەتتىن  تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، يېڭىشەھەر رايونى،شىمىگو رايونى،تودۇڭخابا رايونى، دوڭسەن رايونى، داۋانچىڭ رايونى ۋە ئۇرۇمچى ناھىيىسى بىلەن مىچۇەن شەھرىنى ئۆز ئىچىگە  ئالىدۇ.  ئۇيغۇر، خەنزو، خۇيزۇ،  قازاق قاتارلىق 49مىللەت ياشايدۇ. ئومومى نوپوسى 2مىليون82مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدەئۇيغۇرلار210مىڭ( ئۇرۇمچىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئەمما نوپوسى ئۇرۇمچىدە بولمىغان ئۇيغۇرلارنى قوشقاندا 300مىڭدىن ئىشىپ كىتىشى مۇمكىن)، خەنزولار 1مىليون199مىڭ،خۇيزۇلار151مىڭ،قازاقلار49مىڭ.
        ئۇرۇمچى رايونىدا يېڭى تاش قورال دەۋرى(6-10مىڭ يىل بۇرۇن)دىن  باشلاپلا  ئىنسانلار ياشىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە قەدىمقى قۇش دۆلىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان. ئۇرخۇن  ئۇيغۇر  خانلىقى  ۋە  ئىدىقۇت  ئۇيغۇر  خانلىقى دەۋرىدە  قەدىمقى  بەشبالىقنىڭ  بىر قىسمى بولغان. چىڭ سولالىسى دەۋرىدە «دىخۇا»  دەپ  ئاتالغان.  1884-يىلى  شىنجاڭ  ئۆلكىسى  تەسىس  قىلىنغاندا  ئۆلكە مەركىزى  قىلىپ  بەلگىلەنگەن. ئازاتلىقتىن كىيىن يەنى 1954-يىلى2-ئاينىڭ1-كۇنىدىن باشلاپ ئۇرۇمچى دىگەن نامى  رەسمى ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەن.
        ئۇرۇمچى دۇنيا بۇيىچە دېڭىز-ئوكياندىن ئەڭ يىراقتىكى شەھەر بولۇپ، ئاسىيا چوڭ قورۇقلۇقىنىڭ  كىندىكى دىگەن نامى بار. ئۇرۇمچىنىڭ تەبىئى بايلىقلىرى ناھايىتى مول، يەر ئاستى كۇمۇر زاپىسىلا 10 مىليارد توننىدىن ئاشىدۇ.  داۋانچىڭ شامال كۇچى ئىلىكتىرئىستانسىسى ئاسىيا بويىچە بىرىنچى،دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى چوڭ  شامال كۇچى ئىلىكتىر ئىستانسىسى ھىساپلىنىدۇ.
        ئۇرۇمچى  تەڭرىتاغنىڭ  جەنۇبى  بىلەن  شىمالىنى  تۇتاشتۇرىدىغان  مۇھىم  قاتناش  تۇگۇنى، شۇنداقلا ئىككىنچى  ياۋرو-ئاسىيا  چوڭ  قورۇقلۇق  كۆۋرىكىنىڭ  مۇھىم بۇلىكى. ئۇرۇمچى ئايرىدورومى مەملىكىتىمىز
دىكى  بەش  چوڭ  ئايرودورومنىڭ  بىرى.  ئۇرۇمچىدە  بىرىنچى دەرىجىلىك  ئېغىزدىن  بىرسى، ئىككىنچى دەرىجىلىك  ئېغىزدىن 5ئى  بار  بولۇپ،  شىنجاڭ  بىلەن  خوشنا    8دۆلەت  بىلەن  بولغان  سودا-ئىقتىسادى  ھەمكارلىق ئىشلىرىدا  مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.
        1998-يىلى  ئۇرۇمچى شەھىرى  مەملىكەت  بويىچە  «ئىجتىمائى ئىقتىسادى  ئۇنۋىرسال  كۇچى  ئەڭ كۇچلۇك50 شەھەر » قاتارىغا كىردى.  2002-يىلى ئۇرۇمچىنىڭ  ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى(GDP)ى 35 مىلياد200 مىليون يۇەندىن ئاشتى.  يەرلىك  مالىيە كىرىمى4مىليارد 10مىليون يۇەندىن ئېشىپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىكى ئىستاتىسكىغا قارىغاندا ئۇرۇمچى شەھىرىنىڭ ئومومى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ۋە مالىيە كىرىمى  ئايرىم  ئايرىم  ھالدا  ئاپتونۇم  رايونىمىزنىڭ 5/1قىسمى  ۋە  3/1  قىسمىنى ئىگەللىگەن.  ئاساسى ئىقتىسادى كۆرسەتكۇچى غەربى شىمالدىكى 10چوڭ شەھەرنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن.
        ئۇرۇمچىدە  گۇزەل  مەنزىرىلىك  رايونلار،  يەرلىك  خاسلىققا  ئىگە ساياھەت نوقتىلىرى ناھايىتى كۆپ. داۋانچىڭ مەنزىرلىك رايونى، گۇزەل بۇغدا كۆلى،دۇنياغا داڭلىق ئاسىيا كىندىكى، تەڭرىتاغدىكى  بىرىنچى نومۇرلۇق كۆچمە مۇز بەلبىغى ، ھەيۋەتلىك شاقىراتما ۋە تەبىئى يايلاقلار، ئولانباي قەدىمى شەھىرى، ئاپتونۇم رايونلىق مۇزىي، شۇنداقلا دۆڭكۆۋرۇك مىللى چوڭ بازىرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساياھەت  نوقتىلىرى  دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۇچلۇك جەلپ قىلىپ، ئۇرۇمچى شەھىرىنىڭ ئاپتونوم  رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت شەھرى بولۇپ چىقىشىغا تۇرتكە بولۇپ كەلمەكتە.
    ئۇرۇمچى شەھىرىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسى پارتىيە ۋە ھۆكۇمەتنىڭ  توغرا  رەھپەرلىكىدە  تېخىمۇ  گۇزەل ئۇرۇمچى  شەھىرىنى قۇرۇپ چىقىش ئۇچۇن داۋاملىق تىرىشماقتا.
---ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار "ئۇرۇمچى كۆزنىكى"(ئۇرۇمچى ھۆكۇمەت تورى) دىن ئىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇلۇنۇشلار:
  ئۇرۇمچى ئومومى نوپۇسىنىڭ ئازاتلىقتىن كىيىنكى كۆپىيىشى ئەھۋالى
  ئۇرۇمچىدىكى مىللەتلەر نوپوسىنىڭ ئازاتلىقتىن كىيىنكى كۆپىيىش ئەھۋالى
  ئۇرۇمچىنىڭ رايونلىرى:
  تيانشان رايونى      سايباغ رايونى          يېڭى شەھەر رايونى        شىمىگو رايونى        تودوڭخابا رايونى
  دوڭسەن رايونى      داۋانچىڭ رايونى    ئۇرۇمچى ناھىيىسى        مىچۇەن شەھىرى
  ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى                  يوقۇرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى
(ئەپسۇسلىنارلىقى يوقۇرقى تور بىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرچە نوسخىسى يوق ئىكەن، شەھەرلىك ھۆكۇمەتنىڭ بۇنىڭغا ۋاقتىدا كۆڭۇل بۇلىشىنى ئۇمۇد قىلىمىز.)
bilqut
Posted: 2007-11-25 14:58 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » يەر ــ جاي ناملىرىمىز

Total 0.060949(s) query 3, Time now is:02-15 08:24, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation