« 1 2» Pages: ( 1/2 total )

بۇ بەتتىكى يازما : شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخ ئارخىپى ـــــ « شىنجاڭدىكى بوران – چاپقۇنلۇق 70 يىل » بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخ ئارخىپى ـــــ « شىنجاڭدىكى بوران – چاپقۇنلۇق 70 يىل »

شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخ ئارخىپى ـــــ « شىنجاڭدىكى بوران – چاپقۇنلۇق 70 يىل »
 
ئەگەر سىز شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىغا قىزىقسىڭىز، بۇ ھەقتە يېزىلغان بەزىبىر يۇقۇرى سەۋىيىلىك ماقالىلەردە بىر ئەسەردىن تولىمۇ كۆپ نەقىل ئېلىنغانلىقىنى، بۇ ھەقتە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەر بىر كىشىنىڭ بۇ ئەسەردىن پايدىلانماي قالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز، ئەگەر بۇ قايسى ئەسەر دەپ ئويلىسىڭىز، بۇ ئەسەر دەل بىز بۇ ماقالىمىزدە توختالماقچى بولۇۋاتقان ــــ « شىنجاڭدىكى بوران _ چاپقۇنلۇق 70 يىل » دىگەن ئەسەر شۇدۇر. بۇ ئەسەر 1981- يىلى تەيۋەن لەنشى نەشرىيات شىركىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان 12 توملۇق چوڭ ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ، ئومۇمىي بەت سانى 7429 بەت بولۇپ، خەت سانى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ. كىتاپقا يەنە ئەينى دەۋردە ئۆتكەن تارىخى شەخسلەر ۋە تارىخى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك 100 پارچىدىن ئارتۇق قىممەتلىك سۈرەت كىرگۈزۈلگەن.

ئاپتور ھەققىدە

بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى جاڭ داجۈن گومىنداڭ ئوفېتسېرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە شىنجاڭدا شېڭ شىسەي ئىلغارلىق تونىغا ئورىنىۋېلىپ، شىنجاڭنى ياپنغا قارشى ئۇرۇشنىڭ چوڭ ئارقا سېپى قىلىپ ياپونغا قارشى تۇرۇش شوئارىنى توۋالاۋاتقان ۋاقىتتا گئومىنداڭ ئارمىيىسى ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن شىنجاڭغا كەلگەن، لېكىن شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ سايىسىدىن ئۆزى ئۈركۈپ بۇلارنى ھەربىي ئىشلارغا ئارىلاشتۇرمىغاچقا، شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيەسىگە قىزىقىپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئورنىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيەسىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن، يەنى ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا " ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، ساقچى ئىدارىسى، ئامانلىق قوغداش قوماندانلىق شىتابى ۋە دىپلوماتىيە ئالاھىدە ئەلچىسى ئىشخانىسى، بولۇپمۇ شېڭ شىسەينىڭ دۇبەن مەھكىمىسىدىكى مەخپى ئارخىپلار بۇ ئەسەرنى يېزىشتا مول ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن تەمىنلىگەن " (شۇ كىتاپ 1- توم 44- بەت). كىتاپ ئاپتورى يالغۇز ئارخىپ ماتېرىياللارنى كۆرۈش بىلەن قانائەتلىنىپ قالماستىن بەلكى كۆرگەن ئارخىپلىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭغان بولۇپ، بۇ خاتىرىلەر شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكەن. بولۇپمۇ كىتاپ ئاپتورى 1945- يىلىدىن 1949- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ ئارخىپ ماتېرىياللار ئىگە بولغان. 1949- يىلى پۈتۈن شىنجاڭ ئازات بولۇش ھارپىسىدا ئۇ شىنجاڭدىكى باشقا گومىنداڭچىلار بىلەن تەيۋەنگە قېچىش سەپىرىدە جەنۇبىي شىنجاڭ ئارقىلىق ماڭغان بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ ئەينى چاغدا قاچقاندا ھىچقانداق ئالتۇن – كۈمۈش، ئۈنچە – مارجان بايلىقلارنى ئالماستىن بەلكى شىنجاڭ ئارخىپخانىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئارخىپلارنى 40 خېچىرغا يۈكلەپ ئېلىپ ماڭغان. بىرنەچچە خېچىردىكى ماتېرىياللارنىڭ جاپالىق سەپەر داۋامىدا يوقاپ كەتكىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا قالغان بارلىق ماتېرىياللارنى ساق – سالامەت ھالدا تەيۋەنگە ئېلىپ بارغان.

تەيۋەنگە بارغاندىن كېيىن شياڭگاڭ ۋە تەيۋەنلەردە ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ « 40- يىللاردا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىق »، « قاراقۇرۇمدىكى 30 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەر »، « شىنجاڭدا 40- يىللاردا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىق خاتىرىسى »، « شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى »، « شىنجاڭ تارىخى »، « شىنجاڭدىكى جۇڭگو – سوۋېت چېگرىسى ھەققىدە تەتقىقات » قاتارلىق كىتاپلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان. كېيىن يۇقۇرىقى كىتاپلار ئاساسىدا ۋە ماتېرىياللارنى رەتلەش ئارقىلىق 30 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ « شىنجاڭدىكى بوران چاپقۇنلۇق 70 يىل » دىگەن بۇ كىتاپنى يېزىپ چىققان.

كىتاپ ھەققىدە

بۇ كىتاپ چوڭ جەھەتتىن « ياڭ زېڭشىننىڭ شىنجاڭدىكى 17 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى »، « بىيۇروركرات ئەمەلدار جىن شۇرېن »، « شېڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى »، « ۋۇ جۇڭشىن ۋە شىنجاڭدىكى قالايمىقانچىلىق » ھەم « شىنجاڭدىكى مىللەتچى مەسئۇت » قاتارلىق بەش قىسىمدىن ۋە كىچىك جەھەتتىن 51 باپتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر بىر چوڭ قىسىم بىرنەچچىدىن باپ، ھەر بىر باپ يەنە بىر نەچچە كىچىك تېمىلاردىن تەركىپ تاپقان.

ئەسەرنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەينى دەۋردىكى سىياسىي، ئىقتىساد، ئىگىلىك، مائارىپ، تارىخى شەخس، تارىخى ۋەقە، چەتئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت، يول قۇرۇلۇش، ھاشار سېلىق قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇپ، ئىشقىلىپ چېتىلمايدىغان مەزمۇن يوق دىيەرلىك.

ئەسەر 1980- يىلى تەيۋەندە نەشر قىلىنغاندىن باشلاپلا كەڭ ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ ئەسەر ئۆزىنىڭ يېزىلىشى جەھەتتىن شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار بۇ ئەسەرگە يۇقۇرى باھالارنى بېرىشكەن، گەرچە ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار بۇ ئەسەرگە يۇقۇرى باھا بېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەسەر ئاپتورىنىڭ سىياسىي چەكلىمىلىكلىگى تۈپەيلىدىن ئەسەر يەنە بەزى نۇقسانلاردىنمۇ خالى ئەمەس، بۇ نۇقسانلار بولۇپمۇ تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىن كۆرۈلىدۇ.

1. ئەسەرنىڭ ئاپتورى " ئۈچ مەسلەك" نىڭ سادىق قوللىغۇچىسى ۋە گومىنداڭنىڭ سادىق ئەزاسى بولغاچقا، ئەسەردە " ئۈچ مەسلەك " ۋە گومىنداڭنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغاچقا ئەسەردە باشتىن ئاخىر سوۋېت ئىتتىپاقىنى ۋە كومپارتىيىنى چەتكە قېقىش ۋە قارىلاش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، شوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كومپارتىيەنىڭ شىنىقاڭدىكى پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان.

2. ئاپتورغا گومىنداڭنىڭ ۋە خەنزۇ يۇقۇرى قاتلامدىكىلەرنىڭ چوڭ مىلللەتچىلىك ئىدىيىسى چوڭقۇر سىڭگەچكە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلىرىنى كەمسىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەركەت پائالىيەتلىرىنى قارىلاش تۈسى ناھايىتى قويۇق بولغان.

3. ئۆزىنىڭ سىنىپىي چەكلىمىلىكلىكى ۋە يۇقۇرىدا ئېيتىلغان مىللەتچىلىك خاھىشى تۈپەيلىدىن شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان بارلىق دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى ۋە چىرىك ھۆكۈمەتكە قارشى بارلىق ئىنقىلابى ھەركەتلەرنى بىردەك توپىلاڭ ۋە ئىسيان دەپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئېزىشكە، ئېكىسپىلاتاتسىيەگە ۋە مىللىي زۇلۇمغا قارشى خارەكتېرىغا كۆز يۇمۇپ، مىللىي ئىنقىلاپقا ھاقارەت قىلغان.

ئەسەردە گەرچە يۇقۇرىقىدەك كەمچىلىكلەر بولسىمۇ لېكىن ئەسەرنىڭ يۇقۇرىدا ئېيتىلغان ماتېرىياللىق قىممىتى جەھەتتىن ئېيتقاندا شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە پايدىلانغاندا شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى قىمەتلىك ماتېرىيال بولالايدۇ.


bilqut
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
Posted: 2007-12-01 00:17 | [ئاپتور]
hjran
تارىخ- كۇچلۇكلەرنىڭ ئاجىزلارنىڭ دۇمبىسىگە ئاجىزلانىڭ ..
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

بو كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى بامىدۇ؟
1som
Posted: 2007-12-01 19:01 | 1 -قەۋەت
ruslan
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-02
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ياخشى كىتاپ بولسا كىرەك ، لىكىن سىز بۇنداق دەۋەرسىڭىز كوزىمىز قىزىرىپ كىتىدىكەن ياكى پايدىلانغىنى بولمىسا كىتاۋىڭىزدىن .
Posted: 2007-12-02 17:06 | 2 -قەۋەت
kalgunqi
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

خەنزۇچىسىنى بولسىمۇ تاپقىلى بولسا ياخشى بولاركەن
Posted: 2007-12-03 19:36 | 3 -قەۋەت
Emeren
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخ ئارخىپى ----- « شىنجاڭدىكى بوران – چاپقۇنلۇق 70 يىل »
<>

رەخمەت
Posted: 2007-12-20 02:30 | 4 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

بۇنىڭدىنمۇ بەكراق قۇلاقنى سەمرىتكۈدەك ئۇچۇرلار يوقمۇ ؟
intil kompiyuter bilimliri dunyasi
Posted: 2007-12-20 15:28 | 5 -قەۋەت
kolqi
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 4
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2007-12-22

 

بۇ كىتاپ پات ئارىدا خەلىق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىشى مۇمكىن.
bilik munbiri
Posted: 2007-12-22 23:50 | 6 -قەۋەت
atila
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 1
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2007-12-27

 

ئۇيغۇرچىسى تىزراق نەشىر قىلىنسا بوپتىكەن.
Posted: 2007-12-27 13:27 | 7 -قەۋەت
mustabit
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 2
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-09

 

توردىن خەنزۇچىسىنى بولسىمۇ تاپقىلى بولارمۇ؟
Posted: 2008-01-06 18:26 | 8 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 238
شۆھرىتى: 241 نومۇر
پۇلى: 2400 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 174(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-29

 

  مەنمۇ بەك قىزىقىۋاتىمەن. مېنىڭ  ئوخشىمىغان مەيداندىكىلەرنىڭ بىر خىل مەسىلىگە بولغان ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ ھوزۇرلىنىدىغان ئادىتىم بار، تارىخنىڭ ئەڭ قىززىق يېرىمۇ دەل مۇشۇ.
كىتاپ چاققانراق چىقسا بولاتتى.
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-07 01:12 | 9 -قەۋەت
totem
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

قىزىقىپ قىلىۋاتىمەن دىسە.مومكىن بولسا كىتاپنىڭ مۇندەرىجىسىنى يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن؟
Posted: 2008-01-07 02:44 | 10 -قەۋەت
زەھىنە
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 1
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-20
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-26

 

ئەگەر كىتاب ئۇيغۇرچە  نەشىر قىلىنسا ئەسلى نۇسىخىسنى ساقلاپ قالغان ئاساستا  نەشىرقىلىنسا  بۇنىڭدىن
ياخشى ئىش بولماس ،مېنىڭمۇ شۇنداق ئوقۇپ باققۇم  كېلىۋاتىدۇ !!!!
    تېما  ئگىسگە  كۆپ رەھمەت!!!!!
Posted: 2008-01-20 22:42 | 11 -قەۋەت
Jewlaniy
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

بۇ كىتاب ھەققىدە ئاڭلاپ باققان لېكىن ئىچىدىكى مەزمۇنىڭ چېتىلىش دائىرسىنىڭ بۇنداق
كەڭرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن. بۇ كىتابنى  قەيەردىن تاپقىلى بولار؟
تاپقىلى بولسىلا مەن چوقۇم سېتىۋالاتتىم.
Posted: 2008-01-21 03:51 | 12 -قەۋەت
Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

قېرىنداشلار بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە چىقىشىدىن ئۈمىد يوق، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىگە بەك ئۈمۈتۋار بولماڭلار.
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
Posted: 2008-01-21 14:33 | 13 -قەۋەت
arslanhan
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 18
شۆھرىتى: 19 نومۇر
پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-29

 

Quote:
13 - قەۋەتتىكى Yawuz 2008-01-21 14:33 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
قېرىنداشلار بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە چىقىشىدىن ئۈمىد يوق، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىگە بەك ئۈمۈتۋار بولماڭلار.

                                                                                                                                           
Yawuz ئەپەندى، بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچىسىنى بولسىمۇ تېپىپ، بىرنىمىلەر قىلىپ ئوقۇپ چىقماقچىمەن، مانا ھازىردىن باشلاپ مەن خەنزۇچە كۇرسقا تىزىملاتتىم، بىر يۈرۈش تارىخى ئاتالغۇلار لۇغىتى ئالدىم.
مېنىڭ يۇقۇرقى تىرىشچانلىقلىرىم سىزنى چوقۇم تەسىرلەندۈردى دەپ ئويلايمەن. ئەمدى سۇئال:
                                                                          خەنزۇچىسى كىتابخانىلاردا  ھازىرمۇ بارمۇ؟
Posted: 2008-01-23 01:52 | 14 -قەۋەت
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » كونا - يېڭى كىتاپلار

Total 0.153397(s) query 4, Time now is:02-29 15:44, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation