بۇ بەتتىكى يازما : ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىكى ھەربىي كۇرس ۋە مەكتەپلەر بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Ertoghrul
ئورخۇن ـــ ئانا دەريا
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىكى ھەربىي كۇرس ۋە مەكتەپلەر

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىكى ھەربىي كۇرس ۋە مەكتەپلەر
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەسلەپكى غەلىبىگە ئېرىشىپ ،غۇلجا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن قوزغىلاڭچىلار ئالدىدا ،ئۈچ ۋىلايەتنى ،جۈملىدىن پۈتۈن شىنجاڭنى ئازاد قىلىشتەك مۇقەددەس ۋەزىپە تۇراتتى .بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ،ئۆزىدىن سان جەھەتتىن كۆپ ،زامانىۋى قورالغا ئىگە كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالايدىغان ،مۇنتىزىم ھەربىي-سىياسى تەلەم -تەربىيە ئالغان ،ھەر دەرىجىلىك قابىل ئوفىتسېرلارنىڭ بولۇشى زۆرۈر ئىدى .مۇشۇنداق نوقتىلىق پەيتتە ،ئۈچ ۋىلايەت ھەربىي كومىتېتى (ئۇ چاغدا قوماندانلىق شىتاب قۇرۇلمىغان )مۇنتىزىم ھەربىي تەلىم -تەربىيە كۆرمىگەن ،ئاددى قوراللار بىلەن قوراللانغان قوزغىلاڭچى قوشۇننى تەربىيىلەش ،ھەر دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسېرلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۇرس ۋە مەكتەپلەر تدسىس قىلىش قارارىغا كېلىپ ،1945 يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى چىلپەڭزە ھەربىي كۇرسىنى ئاچىدۇ . بۇ بىر باشلىنىش بولۇپ ،شۇنىڭدىن باشلاپ ،چىلپەڭزە ،موڭغۇلكۈرە ،بايانداي ،شىخۇ قاتارلىق جايلاردا ئوفىتسېرلار يېتىشتۈرۈش كۇرسى ۋە مەكتەپلەر تەسىس قىلىنىپ ،بىر قانچە قاراردىن ئوفىتسېرلار يېتىشتۈرۈلىدۇ .
چىلپەڭزە ھەربىي كۇرسى 

  ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيىسى ھەربىي ،سىياسى تەلىم -تەربىيە تارىخىدا تۇنجى قارارلىق ھەربىي مەكتەپ ھىسابلىنىدىغان بۇ قېتىمقى ھەربىي كۇرس 1945-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە چىلپەڭزە(كونا قورغاس ناھىيىسى) دە ئۆتكۈزۈلىدۇ .بۇ كۇرستا قىسىملاردىكى جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەن ياش ،ساۋاتلىق ،قەيسەر ،ئىقتىدارلىق ۋە ئىتىزامچان جەڭچىلەر نوقتا قىلىنىپ ،سالاھىدىن سىدىق ،نىزاموۋ تۇرسۇن ،مەرغۇپ ئىسھاقوف ،ھاپىزوف رۈستەم ،ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم ،داۋۇتوف ئابدۇرېشىت ،خۇسەي(خۇيزۇ)، پالتىيوف قاتارلىق 160جەڭچى 4 ئىزۋوتقا (پەيگە) بۆلۈنۈپ تەربىيىلىنىدۇ .بۇ كۇرستا روس ھەربىي ئوقۇتقىچىلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي تەلىم-تەربىيىسى بويىچە دەرس ئۆتىدۇ ،كۇرسانتلار كۇرسنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۆز قىسمىغا ياكى ئېھتىياجلىق قىسىم ،ئەترەتلەرگە تەقسىم قىلىنىدۇ .
    1- قارارلىق بۇ كۇرسنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغاندىن كېيىن ،چىلپەڭزە ھاكىم ئىدارە قوروسىدا 2 -قارارلىق ھەربىي كۇرس ئۆتكۈزۇلىدۇ.بۇ كۇرسقا ئابدۇللايوف مۇزەپپەر قاتارلىق 160چە كۇرسانت قاتنىشىدۇ .كۇرس ئككى ئاي داۋام قىلىدۇ .بۇ قېتىمقى كۇرسقا كۇرسانت قۇبۇل قىلىش ،كۇرس تاماملانغاندىن كېيىن خىزمەتكە تەقسىم قىلىشنى مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى بەلگىلەيدۇ .

موڭغۇلكۈرە ھەربىي كۇرسى

    1945-يىلى 10-ئايدىن 1946-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدە جەنۇبىي يۆنىلىش بويىچە ئالتە ئايلىق ھەربىي كۇرس ئۆتكۈزۈلىدۇ .بۇ كۇرسنى جەنۇبىي يۆنىلىش قوماندانلىق شىتابى باشقۇرىدۇ .كۇرستا پراپورشىك(جۇڭۋېي)دەرىجىلىك ئوفىتسېر يېتىشتۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ .كۇرسقا شوتىدا تۇرۇشلۇق پولكوۋنىك (شاڭشىياۋ)مەۋلانوف پولكى (تۈەنى) ،قۇشتايدا تۇرۇشلۇق كاپىتان (داۋېي)ناسىروف مىرزىگۈل ئاتلىق دىۋىزىئونى(يىڭى) ،يۇلتۇزدا تۇرۇشلۇق پولكوۋنىك نوغايبايوف بىرىگادىسى(لۈيى) ،كاپىتان سوپاخۇن دىۋىزىئونىدىن بۇلۇپ بەختىيوف تاشمەھەممەت ،ئەخمەت نۇرھاجى بولۇش ،غوجامبەدىيوف ئايسا(قىرغىز)،لوزۇڭ دۇلا(موڭغۇل)،قانايوف(قازاق)،سادىقوف مەھەممەت ،مۆمىن تالىپ قاتارلىق 80 ئەتراپىدا مۇئاۋىن ئەدىلنىيە(بەن)،ئىزۋوت (پەي )كوماندىرلىرى قاتنىشىدۇ .ئۇلار ئىككى ئىزۋوتقا بۆلۈنۈپ تەربىيلىنىدۇ.بۇ كۇرسقا دىۋىزىيە شىتاب باشلىقى پودپولكوۋنىك (جۇڭشىياۋ)يۇنۇس غوجايوف ئىمىر باقى يېتەكچىلىك قىلىدۇ .مەكتەپ ئورنى موڭغۇلكۈرە ئۇيغۇر مەكتەپ ئىچىدە بولۇپ ،بۇ قېتىمقى كۇرس مىللىي ئارمىيىگە ياراملىق كوماندىرلارنى تەربىيىلەپ بېرىدۇ.

بايابداي ھەربىي مەكتەپ

    1946-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە ،ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى 40مىڭدىن ئېشىپ ،مىللىي ئارمىيە پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىشتىن مۇنتىزىم ئۇرۇش قىلىشقا ئۆتىدۇ.قىسىملاردا پولك ،دىۋىزىئون ،بىرىگادا ،دىۋىزىيە قاتارلىق تۈزۈلمىلەر بارلىققا كېلىپ ،ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوفىتسېر ،كوماندىرلارغا بولغان ئېھتىياج ئاشىدۇ. ئەنە شۇ ئېھتىياج بىلەن مىللىي ئارمىيە 1-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوفىتسېر،كوماندىرلارنى تەربىيىلەيدىغان ھەربىي مەكتەپ ـــ بايانداي ھەربىي مەكتىپىنى تەسىس قىلىدۇ . بۇ ھەربىي مەكتەپ بايانداي سېپىلىنىڭ غەرىبىدىكى ئايروپىلان ئىستانسسى قوروسىغا جايلاشقان بولۇپ ،1946-يىلى 11-ئايدا دەرس باشلايدۇ .مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ،1-،2-قارارلىق كۇرسلارغا قارىغاندا يۇقۇرى تەلەپ قويۇلىدۇ ،كۇرسقا تارباغاتاي پولكىدىن ماخمۇتوف ئابدۇكېرىم ،مەۋلانوف پولكىدىن نۇرىيوف ئەنۋەر ،ھاشىموف قاسىمجان ، باشقا پولكلاردىن مەھەممەترېھىم ئىمىن ،روزىيوف ھادى ،غوجەخمەتوف ياقۇپ ،ئىمىنوف ھامۇت ،كېرىموف ئۇبۇلقاسىم قاتارلىق جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەن قابىلىيەتلىك ،بىلىملىك ياش كوماندىرلار ،ساقچىلىقتىن ھەربىي سەپكە ئېلىنغان بولۇس،ئابلىمىت پازىل قاتارلىق كىشىلەر ھەم بىر قىسىم جەمىيەت ياشلىرى قاتنىشىدۇ .
    ھەربىي مەكتەپتە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئالىي ھەربىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسى ئاساس قىلىنىپ ،ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل قىلىپ بېكىتىلىدۇ ،ئەمما شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئۈچ يىللىق پروگرامما بىر يىلدا تاماملىنىدۇ .ئوقۇغۇچىلار ئاتلىق قىسىم،پىيادىلەر قىسىم دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.مايور تۇردىيوف سىدىقھاجى قىسىم مەسئۇلى بولغان ئاتلەق قىسىمدا 60تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بولۇپ ،ئۇلار ئىككى ئىزۋوتقا بۆلۈنىدۇ.1-ئىزۋوت كوماندىر پورۇچىك (جۇڭۋېي)قادىروف يۇنۇس،2-ئىزۋوت كوماندىرى سەيدەخمەتوف تۇرسۇن ،كېيىن پودپورۇچىك ناسىروف ئابابەكرى بولىدۇ. مايۇر سۇلايوف(قازاق)،كېيىن ئەخمەت قىسىم مەسئۇلى بولغان پىيادىلەر قىسمىدا 70تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بولۇپ ،ئۇلارمۇ ئىككى ئىزۋوتقا بۆلۈنىدۇ.1-ئىزۋوت كوماندىرى پودپرۇچىك قۇربان ياقۇپ بولىدۇ.
      ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋاقتىدا نەزىرىيە ئەمىلىيەتكەتەدبىقلانغان ھالدا ئەمەلىي مەشىق ئاساسلىرى ئۆلچەم قىلىنىپ ئىمتىھان ئېلىنىدۇ .ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرگە پراپورشىكتىن كاپىتانغىچە ھەربىي ئۇنۋان ،ئىزۋوت كوماندىرىدىن روتا ،باتاليۇن كوماندىرلىقىغىچە ۋەزىپە بېرىلىدۇ. ئۇلار قىسىمىغا ياكى ئېھتىياجلىق قىسىملارغا تەقسىم قىلىنىدۇ .خىزمەتكە قويۇش ،تەقسىم قىلىش مىللىي ئارمىيە ھەربىي تەييارلىق بۆلىمى تەرىپىدىن بىر تۇتاش بەلگىلنىىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن گېنرال لېيتنات ئىسھاقبېك مونۇنۇف مەكتەپنىڭ پەخرىي مۇدىرى ،مىللىي ئارمىيە ھەربىي تەييارلىق بۆلىمىنىڭ باشلىقى پودپولكوۋنىك تۇرىدىيوف ئابدۇرېشىت مەكتەپ مۇدىرى ،مايور ۋالىلنوف مۇئاۋىن مۇدىرى ،ئارىپوۋا ئەمىر مەكتەپ ئىش باشقۇرغۇچىسى ،پورۇچىك باقى كامال (كېيىن توختى ئىبراھىم) سىياسى بۆلۈم باشلىقى ،پورۇچىك ئەسپەروف غوپۇر ،پودپورچىك نۇر سادىروف بۆلۈم ئەزاسى ،پورۇچىك باسىتوف ئابدۇقادىر خوجىلىق بۆلۈم باشلىقى بولىدۇ.مەكتەپتە گېنرال ماژاروف ،پولكوۋنىك ئىمىنوف مۇھەممەتئىمىن ،پودپولكوۋنىك تۇردىيوف ئابدۇرېشىت ،كاپىتان پورخوف،نۇرسادىروف قاتارلىق كىشىلەر دەرس ئۆتىدۇ .بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 1947-يىلىنىڭ ئاخىرى ئوقۇشنى تاماملايدۇ.

شىخۇ ھەربىي كۇرسى

    1948-يىلى 10-ئايدا شىخۇدىكى ئوتتۇرا- شىمالىي يۆنۈلىش قوماندانلىق شىتابى ئوفىتسېرلارنىڭ ئۈچ يىللىق پروگرامما ئاساسىدىكى سىياسى نەزىرىيە كۇرسىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ . كۇرۇستا ھەر قايسى قىسىملاردىكى روتىدىن تۆۋەن سىياسى رەھبەرلەردىن 80 ئەتراپىدا ئادەم تاللىنىپ ،ئىككى ئىزۋوتقا بۆلۈنۈپ تەربىيلىنىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى كۇرسنىڭ پەخرىي باشلىقى ،پولكوۋنىك لېسكىن (رۇس) كۇرس باشلىقى بولىدۇ .كۇرستا شىتاب ،تەلىم -تەربىيە بۆلۈمى ،سىياسى نەزەرىيە بۆلۈمى ،كادىرلار بۆلۈمى ،تەشكىلات بۆلۈمى تەسىس قىلىنىدۇ .مايور ساۋدانوف زاھىر ،نۇرسادىروف، جاغدا بابلىكوف قاتارلىق ئوفىتسېرلار دەرس ئۆتىدۇ.
شىخۇ ھەربىي كۇرسىدا جۇغراپىيە،تارىخ ،ماتېماتىكا ،تاكتىكا ،ئىستىراتېگىيە ،پىيادە تۈزۈش ،ھەربىي ئىنتىزام ،ھەربىي تەلىم -تەربىيە ،سىياسەت ،ئىچكى خىزمەت نىزامى ،ئېتىش ھازىرلىقى ،ئاخباراتچىلىق ،تەنتەربىيە قاتارلىق دەرىسلەر ۋە ساۋاتلار ئۆتۈلىدۇ .ئېغىر -يىنىك تىپتىكى زەمبىرەك ،مىنامىيوت ،سىتانكىۋوي پىلىموت ،ئاپتومات ،ھەر خىل يان قوراللارنى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى ، دۈشمەن بازىلىرىنى توك ياكى باتارىيە ئارقىلىق پارتىلىتىش ،خېمىيىۋى قائىدە بويىچە پارتىلىتىش ،مېخانىكىلق قائىدە ئارقىلىق پارتىلىتىش ئۇسۇللىرى ئۆگۈتىلىدۇ . تىلغا ئېرىشىش(دۈشمەن ئادىمىنى تىرىك قولغا چۈشۈرۈش)،دۈشمەننىڭ جايلىشىشى،يۈرۈش قىلىش يوللىرىنى بىلىش ،دۈشمەننى توساش ،ئىسكەنجىگە ئېلىش ،قورشاپ يوقىتىش قائىدىلىرى سۆزلىنىدۇ . ئاخىرىدا ئەمەلىي مەشىق ئېلىپ بېرىلىدۇ .

 2-نۆۋەتلىك بايانداي ھەربىي مەكتىپى

    1-نۆۋەتلىك بايانداي ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغاندىن كېيىن ،1949-يىلى 2- نۆۋەتلىك بايابداي ھەربىي مەكتىپى ئېچىلىدۇ.مەكتەپ ئورنى سېپىل تەرەپتىن بايانداي ئىچىگە (ئسھاقبېك مونۇنۇف قوروسىغا)يۆتكىلىدۇ .2-نۆۋەتلىك مەكتەپكە پودپولكوۋنىك تۇردىيوف ئابدۇرېشىت مەكتەپ مۇدىرى(قۇشۇمچە شىتاب باشلىقى) بولىدۇ.200ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ ،تۆت ئىزۋوتقا بۆلىنىدۇ. كاپىتان قادىروف يۇنۇس ئاتلىق ئىزۋوت كوماندىرى ،پودپورۇچىك بادىشغازى(قازاق) پىيادىكەر ئىزۋوت كوماندىرى ،پودپورۇچىك پەخرىدىن زەمبىرەكچىلەر ئىزۋوت كوماندىرى ،، يەنە بىرەيلەن سىياسى نەزەرىيە ئىزۋوت كوماندىرى بولىدۇ.مەكتەپنىڭ كەسپى نەزەرىيە دەرىسلىكلىرىنى تۈزۈش ،ئوقۇتۇش ئىشىغا مىللىي ئارمىيە ھەربىي تەييارلىق بۆلۈمى مەسئۇل بولىدۇ.
        1950-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇ مەكتەپ زاپاس پولك ئىختىيارىدىكى ئوقۇش روتىسىغا ئۆزگەرتىلىپ ،غۇلجا شەھەر ھەرەمباغ گازارمىسىغا يۆتكىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ھەربىي كۇرس ،مەكتەپ باشقۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخي ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ئۇيۇشتۇرغان ھەربىي كۇرس ،مەكتەپلەردىن سىياسى نەزەرىيە، ھەبىي ئىنتىزام ،ھەربىي بىلىمنى ئۆزلەشتۈرگەن ،يىراقنى كۆرەر قابىل كوماندىرلار يېتىشىپ چىقتى .ئۇلار ئۈچ ۋىلايەتنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىدىن ئازاد قىلىش ،شىنجاڭنىڭ تېنىچ يول بىلەن ئازاد قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلىشىغا قاتنىشىش داۋامىدا ئاجايىپ زور تۆھپىلەرنى قوشتى .ئۇلاردىن بەزىلىرى مۇشۇ يولدىكى قانلىق جەڭلەردە خىزمەت كۆرسۈتۈپ قۇربان بولدى .سالاھىدىن سىدىق ،نىزاموف تۇرسۇن،سەيدەخمەتوف تۇرسۇن ،ئابدۇللايوف مۇزەپپەر ،ھاپىزوف رۇستەم ،لوزۇڭ دۇلا ،نۇرىيوف ئەنۋەرلەر ئەنە شۇ قابىل كوماندىرلاردىن بىر قىسمى .ئۇلارغا مىللىي ئارمىيىنىڭ «پىدائىي»،«باتۇرلۇق»،1-2-دەرىجىلىك «ئىستىقالىيەت ئۈچغن» مېداللىرى ،ئازادلىقتىن كېيىنكى 2-دەرىجىلىك «ئازادلىق» ئوردىنى بېرىلدى .نۇرىيوف ئەنۋەر ئاپتونوم رايۇنلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ،ئىمىنوف ھامۇت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ،ئابدۇللا مۇزەپپەر شەرقىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ،سەيدەخمەتوف تۇرسۇن سانجى ئوبلاستلىق شۆبە ھەربىي رايۇنىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ،سالاھىدىن سىدىق بورتالا ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ،نىزاموف تۇرسۇن ئىلى ئوبلاستلىق تاش يول باش ئۇچاستىكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ،ئابدۇللايوف ئۆمەر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ،زۇلال ياقۇپ(تاجىك) قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى،ھارىن(قىرغىز) قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولدى .
    بۇ يەردە بايانداي ھەربىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرى پودپولكوۋنىك تۇردىيوف ئابدۇرېشىتنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ .بايانداي ھەربىي مەكتىپىنىڭ ھازىر ھايات ئوقۇغۇچىلىرى بۇ ھەربىي تالانت ئىگىسى ، مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى ھەربىي تەييارلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقىنى «ھەربىي تالانت ،ھەربىي بىلىمگە باي ھەربىي رەھبەر ۋە قابىل ئوفىتسېر ئىدى» دەپ پەخىرلىنىپ تىلغا ئېلىشىدۇ .تۇردىيوف ئابدۇرېشىت ئىنتىزامچان ،تەشكىلاتچان ،جەڭگىۋار قوراللارنىڭ خۇسۇسىيىتنى پىششىق بىلىدىغان ،ھەربىي تاكتىكا ،ئىستىراتېگىيە جەھەتتە ئالاھىدە قابىليەتكە ئىگە ئوقۇتقۇچى ئىدى .ئۇنىڭ ئۆتكەن نەزەرىيە دەرىسلىرىنى ئاڭلىغان ۋە قىلغان ئەمەلىي مەشىقلىرىنى كۆرگەن ئوفىتسېرلار ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا چىن دىلىدىن قايىل بولاتتى .ئازادلىقتىن كېيىن تۇردىيوف ئابدۇرېشىت ئاپتونوم رايۇنلۇق تەنتەربىيە كومتېتى ،سودا نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى .
    قوشۇمچە:
    مىللىي ئارمىيە ماناس دەريا بويىدا تۇرغاندا ،مۇنتىزىم ئەسكەر سانى 19000 ئىدى .گومىنداڭ ھۆكۈمىتى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا سوۋېتنىڭ قولى بار » دېگەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەمگە كەلگەن قىسىملار چىقىپ كەتكەن .بېتىم مەزگىلىدە مىللىي ئارمىيىدە 14840 نەپەر ئەسكەر بار ئىدى ، بۇلاردىن :
    ئۇيغۇرلار 5567. قازاقلار 6866.خۇيزۇلار 229. قىرغىزلار 206.داغۇرلار 21.موڭغۇللار731. تاجىك 8. شىۋەلەر151. خەنزۇ 92. ئۆزبېك183.
  ( بۇ ماتېريال مىللىي ئارمىيە 5-كورپۇس بولۇپ تەشكىللەنگەندە ،مۇئاۋىن شىتاب باشلىقى پولكوۋنىك ئىسھاقوف مەرغوف.5-كورپۇس قۇرۇلۇش بۆلۈم باشلىقى پودپولكوۋنىك سىدىقوف سەلەيلەرنىڭ 1950-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى قول قويۇپ يوللىغان مەلۇماتىدىن ئېلىندى. مەلۇمات ئاپتونوم رايۇنلۇق ئارخىپ ئىدارىسى 1950يىلى1-ئارخىپ1-بەتتە).
«شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخىسلەر»
Posted: 2007-12-12 02:51 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى

Total 0.046141(s) query 3, Time now is:01-12 23:29, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation