niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 تۆت قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى

1 - قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى

ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىش بىلەن ئىسرائىلىيە ئەتراپىدىكى مىسىر ، تاشقى ئىئوردانىيە ، ئىراق ، 

سۈرىيە ، لىۋاندىن ئىبارەت بەش دۆلەت بۇرۇن يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن " ھەل قىلغۇچ ۋاستە ' نى قوللىنىپ ، پەلەستىنگە ئەسكەر چىقاردى . ئەرەپلار بىلەن يەھۇدىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش پارتلىدى . بۇ قېتىمقى ئۇرۇش 1948 - يىلى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى باشلىنىپ . 1949 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاخىرلىشىپ تارىختا بىرىنجى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ياكى پەلەستىن ئۇرۇشى دىيىلدى . ئىسرائىلىيە " مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ' دىدى .

بىرىنجى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ . 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگىچە بىرىنچى قېتىم ئۇرۇش توختىتىش باسقۇچى بولدى . بۇ باسقۇچتا ئەرەپ دۆلەتلىرى ئاۋال قول سېلىپ ، ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى . 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۇرۇش يەنە باشلانغاندىن 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش توختىغۇچە ئىككىنچى باسقۇچ بولدى . ئىككى تەرەپ تىركىشىش ھالىتىدە تۇردى . لېكىن ، ئىسرائىلىيە ئۈستۈنلۈككە ئۆتۈشكە باشلىدى . 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 1949 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن سۈرىيە ئۇرۇش توختىۇتۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغۇچە ئۈچىنچى باسقۇچ بولدى . ئىسرائىلىيە يوف ئۇرۇشى ، ھىلام ئۇرۇشى ۋە خوخون ئۇرۇشى ئارقىلىق ئومۇمىيۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ، مىسىر ئارمىيەسى ۋە باشقا ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ ئارمىيىلىرىنى نىگاپ قاتارلىق جايلاردىن قوغلاپ چىقىرىپ ، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى . 1949 - يىلىى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن مىسىر ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى . ئۇنىڭ كەينىدىن 3 - ئينىڭ 23 - كۈنى لىۋان ، 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تاشقى ئىئوردانىيە ، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سۈرىيە ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختۇتۇش  كېلىشىمى ئىمزالىدى . 15 ئاي داۋاملاشقان بىرىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى .

يېڭى قۇرۇلغان ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئۇرۇشنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى ، ئارمىيىنىڭ كۈچى ۋە جەڭ قىلىش تەجرىبىسى كۈچەيدى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىسرائىلىيە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە يوللىرىنى تېز ئېچىپ ، كېيىن ئىسرائىلىيىنىڭ مۇشۇ يوللاردىن پايدىلىنىپ دىپلوماتىيە ھۇجۇمى قوزغاشقا شارائىت ھازىرلىدى ، تېخمىۇ مۇھىمى شۇكى ، ئۇرۇشتا يەھۇدىلارنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغان زىمىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىلىپ ، نۇرغۇن يېڭى كۆچمەننىڭ ئىسرائىلىيىگە كېلىشىگە ئاساس سېلىندى . يىغىپ ئېيتقاندا ، بىرىنجى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن بۇ دۆلەتنى مەھكەم پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان قىلدى . شۇڭا ئىسرائىلىيىلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىسمى جىسمىغا لايىق " مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ' بولدى .

بىرىچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ئەرەپلەرنىڭ مەنپەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ ، ئىككى تەرەپنىڭ قارشىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى . پەلەستىن رايونىدا نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى . ئالدى بىلەن ، زىمىن مەسىلىسىگە تاقالدى . ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئارقىلىق ئىوردان دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى ۋە گازا رايونىدىن باشقا پەلەستىننىڭ ھەممە زىمىنىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ ، كۆلىمى 20 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ ، پەلەستىن رايونىنىڭ %80 تىگە يەتتى . ئىككىنچىدىن مۇساپىرلار مەسىلىسى بولدى . ئۇرۇشتىن كېيىن پەلەستىندىكى 700 مىڭ ئەرەپ يۇرتىدىن ، يېرىدىن ، تىرىكچىلىكىدىن ئايرىلىپ ، مۇساپىر بولۇپ قالدى . ئۈچىنچىدىن ، پەلەستىدىكى ئەرەپلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مەسىلىسى بولدى .  بولۈپ باشقۇرۇش قارارىدا پەلەستىدىكى ئەرەپلەر ئايرىپ بېرىلگەن يەرلەرنى ئۇرۇشتا ئىسرائىلىيە ۋە قوشنا ئەرەپ دۆلەتلىرى بۆلۈۋالدى . پەلەستىدىكى ئەرەپلەر دۆلەت قۇرىدىغان زىمىنى يوق بولۇپ قېلىپ ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالدى . مۇشۇ مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئەرەپلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار ئۈزۈلمىدى ، پەلەستىن ھەتتا پۈتكۈل ئوتتۇر شەرق خاتىرجەم بولالمىدى .

بىرىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ئاجىزلار كۈچلۈكلەرنى يېڭىدىغان تىپىك ئۇرۇش بولدى . ئۇرۇش پارتلىغاندا ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ ئارمىىيىسى سان ۋە قورال ياراق جەھەتلەردە روشەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيتتى ، ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇمى ئەسكىرىي كۈچى 42 مىڭ بولۇپ ، 40 تانكىسى ، 200 بىرونىۋىكى ، 140 دالا زەمبىرىكى ، 220 زېنت توپى ، 131 ئايرۇپىلانى بار ئىدى . شۇ چاغدىكى ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ 30 مىڭدىن كۆپرەك قوراللىق ئادەم ، بىر تانكا ، ئىككى بىرونىۋىك ، بەش دالا زەمبىرىكى ، 24 زېنت توپ ، 28 يېنك تىپتىكى ئايرۇپىلانى بار ئىدى . دۇنيادىكى نۇرغۇن ھەربىي كۈزەتكۈچىلەر 30 مىليون ئەرەپنىڭ 600 مىڭ يەھۇدىغا تاقابىل تۇرالىشى ھىچ گەپ ئەمەس دەپ قارىغاندى . ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى ئاجىزلار كۈچلۈكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش بولدى . بۇنىڭ ئىچىدىكى غەلىبە قىلىش ، مەغلۇپ بولۇش سەۋەپلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ . بىرىنچىدىن ، ئەرەپلەر قارىماققا كۈچلۈك كۆرۈنسىمۇ ، لېكىن دۈشمەنگە سەل قارىغانلىقتىن ، بولۇپمۇ دۆلەت ئىچىدە زىددىيەت ئېغىر بولغانلىقتىن ، بىرلىككە كەلگەن قوماندانلىق شەكىللەنمىگەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان كۈچلەر بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىپ ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلمىغان . ئىككىنچىدىن ، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، ھەربى تەشكىللىرىنى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىت تەشكىللىگەن ۋە كۈچەيتكەن . شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارى تېز يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن . ئۈچىنچىدىن ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىلار ناتسىست گېرمانىيەسى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغاچقا ، خەلقارا جەمىيەت يەھۇدىي مىللىتىگە ۋە ئىسرائىلىيە دۆلىتىگە كۈچلۈك ھىسداشلىق قىلغان . دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىلارمۇ ئاكتىپلىق بىلەن پۇل بېرىپ ، كۈچ چىقارغان . ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ  ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى ئوخشاشمىغان مەقسەتتە زور كۈچ بىلەن قوللىغان  ، نەتىجىدە ئىسرائىلىيە ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان قورال - ياراققا ئىگە بولۇپ كۈچىنى ئاشۇرغان .
( داۋمى بار )

Posted: 2007-11-18 22:39 | [ئاپتور]
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

2 - قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى

ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى 1956- يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى پارتلاپ ، 11- ئاينىڭ 6-كۈنى ئاخىرلاشتى . سۈۋەيىش قانىلى ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتالدى . ئىسرائىلىيە بۇ ئۇرۇشنى سىناي ئۇرۇشى دەپ ئاتىدى .

1952-يىلى << ئىيۇل ئىنقىلابى >> دىن كېيىن جامال ئابدۇل ناسىر باشچىلىقىدىكى ئەرەب مىللەتچىلىرى مىسىرنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا ئېلىپ ، ئەنگليىنىڭ كۈچلىرىنى مىسىردىن قوغلاپ چىقىرىشقا تۇتۇش قىلدى . مىسىر بىلەن ئەنگليە بىر يىلدىن كۆپرەك سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق 1954- يىلى 10- ئايدا << سۈۋەيىش قانىلى بازىسى ھەققىدىكى كېلىشىم >>نى ئىمزالىدى . ئەنگليىنىڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئارمىيىسى 1956- يىلى 6- ئاينىڭ 12- كۈنى چېكىنىپ چىقىپ ، مىسىرنى ئەنگليە 74يىل ئىشغال قىلغان تارىخقا خاتىمە بېرىلگەنلىكى جاكارلاندى . شۇنىڭ بىلەن بىللە مىسىر ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىدا ئەنگليە، ئامېرىكا قۇرغان غەربپەرەس باغدات شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ ، سوۋېت ئىتتىپاقى ، جوڭگو قاتارلىق سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا باشلىدى . جامال ئابدۇل ناسىر 7- ئاينىڭ 26-كۈنى سۈۋەيىش قانىلىنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىپ ، قانالدىن كىرگەن كىرىمنى خەجلەپ ئاسىۋان توسمىسىنى ياسايدىغانلىقىنى جاكارلىدى . مىسىرنىڭ بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلىرى غەرب دۇنياسىنى خاتىرجەمسىزلەندۈردى . بولۇپمۇ كونا مۇستەملىكىچى ئەنگليە ، فرانسىيە ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ ، مىسىرغا قورال كۈچى ئىشلىتىشكە تەييارلاندى . شۇنىڭ بىلەن بىللە مىسىرنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ ئېشىشى ، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئىسرائىلىيە ناھايىتى چوڭ تەھدىت ۋە بېسىم ھېس قىلدى . 1955-يىلى 9-ئايدا ۋە 1956-يىلى 3-،6- ئايلاردا مىسىر بىلەن چېخ- سلوۋاكىيە 400مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي ئەشيالار كېلىشىمى تۈزدى . مىسىر م گ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلغار ھەربىي ئۈسكۈنىلەرگەئىگە بولدى . ۋەھالەنكى ، بۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرنى يېنىغا تارتىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرىدىغان باغدات شەرتنامىسى تەشكىلاتىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى تۈپەيلىدىن ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى سوغۇق ۋە تۇراقسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالدى .ئامېرىكىدىن ئىلغار قوراللارغا ئىگە بولالمىغان ئىسرائىلىيە غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ، بولۇپمۇ ، فرانسىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى . شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ، فرانسىيە ، ئىسرائىلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئۆز مەقسىتىنى ئاساس قىلىپ ، مەخپىي كېڭىشىپ ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ ، مىسرغا ئەجەللىك زەربە بېرىشنى پىلانلىدى .

1956 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئىسرائىلىيە سىناي يېرىم ئارىلىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى . ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلىدى . ئىسرائىلىيە ئەسكىرىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاۋال قول سالدى . لېكىن ، مىسىر ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى . مىتلا تاغ ئېغىزى ئۇرۇشى ۋە ئابۇئوگرا ئۇرۇشىدا مىسىر ئارمىيىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى مۇۋاققىيەتلىك توسۇۋالدى . ئەتىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى سۇۋەيىش قانىلىغا ھۇجۇم قىلغاندا ، ئەنگىلىيە ، فىرانسىيەلەر مىسىرغا ئۇلتىماتوم تاپشۇرۇپ ئىككى تەرەپتىن دەرھال ئۇرۇش توختۇتۇش ھەمدە قانالنىڭ ئىككى قىرغىقىدىن ھەر تەرەپ ئون كىلومېتىرچە كەينىگە چېكىنىشنى ، ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە ئارمىيىلىرى قانالغا كىرىپ جەڭ قىلىشنى ئايرېۋىتىشنى تەلەپ قىلدى . بۇ تەلەپ مىسىر تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 100 پاراخوت ۋە 200 دىن ئارتۇق ئايرۇپىلان چىقىرىپ ، مىسىرنىڭ قاھىرە ، ئالىكساندىرىيە قاتارلىق شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى . مىسىرنىڭ بىر قىسىم ھاۋا ئارمىيەسىنى ۋەيران قىلىۋەتتى . ئەنگىلىيە فىرانسىيەلەرنىڭ مىڭدىن ئارتۇق پاراشوتچى ئەسكىرى ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىدىغان 22 مىڭ ئادىمى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سەئىد پورتىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ ، قانالنىڭ بىر قىسىم رايونىنى ئىشغال قىلىۋالدى . نەتىجىدە مىسىر ئارمىيىسىنىڭ ئاسسى كۈچى چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى ، ئىسرائىلىيە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پۈتكۈل سىناي يېرىم ئارىلىنى تارتىۋالدى . مىسىر ئارمىيىسى قىيىن ئەھۋالدا قارشىلىق كۆرسىتىپ ، قانالدىكى پاراخوتلارنى پارتىلىتىپ چۆكتۈرىۋېتىپ ، قانالنى قامال قىلدى .

ئۇرۇش پارتلىغاندى كېيىن خەلقارا جەمىيەت ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە ، ئىسرائىلىيىلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى ئەيپلەپ ، مىسىر خەلقىنىڭ ئۆزىنى قوغداش كۈرىشىگە مەدەت بەردى . ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئامىېرىكىغا خەۋەر قىلماي ، بىلگىنىچە ھەركەت قىلغىنىدىن ئامېرىكا نارازى بولدى . شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەرەپ دۆلەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەركىتىگە كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ب د ت نىڭ جىددى يىغىنىنى ئېچىپ ، قارار ماقۇللاش ئارقىلىق ئۇرۇشنى دەرھال توختۇتۇش چەتئەل قوشۇنلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى . ئامېرىكا پىرىزدىنتى ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەييار تۇرۇش ھالىتىگە ئۆتۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، ئۈچ دۆلەتكە بېسىم ئىشلەتتى . سوۋېت ئىتتىپاقى 5 - چىسلا ئامېرىكا بىلەن ئورتاق ھەركەت قوللىنىشنى تەكلىپ قىلىپ ، ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيەنى ب د ت يىغىنىنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىدى . ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە ئىسرائىلىيىلەرگە زۆرۈر تېپىلغاندا يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى . خەلقارا جەمىيەتنىڭ ، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى . ئىسرائىلىيىمۇ 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سىناي يېرىم چىقىپ ئارىلىدىن كېتىشكە ماقۇل بولدى .

ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ھالىتىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتىۋەتتى . ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە پاجىئەلىك مەغلۇۈبىيەتكە ئۇچرىدى . ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى كۈچەيدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئېلىشىشىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلاندى . تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان مىسىر ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن غايەت زور زىيانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ، لېكىن سىياسى جەھەتتە زور غەلىبىگە ئېرىشتى . شۇنىڭدىن كېيىن مىسىر ئەرەپ مىللەتچىلىك ھەركىتىنىڭ مەركىزى ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ ئاساسىي رەقىبى بولۇپ قالدى .

ئىسرائىلىيە بىر غېرىچ زىمىنغا ئىگە بولالمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇرۇش قىلىش مەقسىتىگە ئاساسى جەھەتتىن يەتتى . ئىسرائىلىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا خەلقارا كاپالەتكە ئىگە بولغان ئارىلىق رايون قۇرۇۋالدى . بەزى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە ، سىناي ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئىسرائىلىيىنىڭ چېگرىسى نىسبىي جىم بولدى . ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيىگە شەكىللەندۈرمەكچى بولغان يېرىم مۇھاسىرە چەمبىرىكى پىلانىنى ئاشۇرۇشمۇ  تەس بولدى .  شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىلدا ئىسرائىلىينىڭ چېگرىسى مۇقىم ۋە تىنىچ بولدى . 
Posted: 2007-11-18 22:40 | 1 -قەۋەت
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

3 - قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى

ئۇچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى 1967 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى پارتلاپ 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئاخىرلاشتى . شۇڭا " 5 - ئىيۇن ' ئۇرۇشى ياكى " 6 كۈنلۈك ئۇرۇش ' دەپمۇ ئاتالدى .ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چېگرادا بەزى سۈركىلىشلەر بولۇپ تۇرسىمۇ ، لېكىن ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەپلەر ئاساسەن تىنچلىقتا بىللە ئۆتتى . 1965 - يىلىغا كەلگەندە ئىككى تەرەپنىڭ قوراللىق توقۇنۇشى تەدرىجى كۆپەيدى ، بولۇپمۇ 1966 - يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چېگرا ۋەزىيىتى جىددىيلىشىشكە يۈزلەندى ، پەلەستىننى ئۇرۇش تۇمانلىرى قاپلاشقا باشلىدى .

بۇ قېتىمقى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىدە چوڭقۇر خەلقارالىق ئارقا كۆرۈنۈش بار ئىدى . بىرىنچىدىن ، ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوتتۇرا شەرق ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى قوراللىق ئېلىشىدىغان دەۋرگە كىردى . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ئامېرىكا " بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان ' ئېزىنخۋېرىزىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قېپقالغان بوشلۇقنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىلگىرى تولدۇرىۋېلىشقا ئۇرۇندى . ئېزىنخاۋېرىزىمنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىسرائىلىيىنى قوراللاندۇرۇش ، ئەرەپ دۆلەتلىرىدىكى ئامېرىكاپەرەس كۈچلەرنى يېنىغا تارتىپ ، ناسىرىزىم ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇش بولدى . سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا مىسىر ، سۈرىيە ۋە ئىراق قاتارلىق سوۋېتپەرەس دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ياردەم بېرىپ ، ئامېرىكا بىلەن قارشىلاشتى . سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئېلىشىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەربىي قارشىلىقنى ۋە ھەربىي ھازىرلىقلار رىقابىتىنى كۈچەيتىۋەتتى . ئىككىنچىدىن ، ئەرەپ دۇنياسىنىڭ ئىچىدىكى ئۆزگىرىش ، بولۇپمۇ پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئارقىسىدا ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە يۈزلەندى . ئىراقتىكى غەرپپەرەس فايسال خاندانلىقى 1958 - يىلى 7 - ئايدا ئاغدۇرۇلۇپ ، باغدات شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ ئۆمرى ئاخىرلاشتى .ئوتتۇرا شەرقتە ناسىرىزىمنىڭ تەسىرى بارغانسېرى چوڭىيىپ ، ئىسرائىلىيە ئەرەپلەردىن كېلىدىغان بېسىمنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلدى .1964 - يىلى 5 - ئايدا پاتاخ قاتارلىق سەككىز تەشكىلاتتىن ئۇيۇشقان پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ ، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئازادلىق ھەركىتى كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئىگە بولدى . پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى قولدىن كەتكەن زىمىننى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن سىياسىي ۋە ھەربىي پائالىيەيلەرنى ئاكتىپ قانات يايدۇردى . بولۇپمۇ ياسىر ئارافات رەھبەرلىك قىلغان ' پاتاخ ' 1964 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئىسرائىلىيىگە قارشى تۇنجى ئوقنى ئاتتى . شۇنىڭدىنى كېيىن پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىسرائىلىيىگە ئىئوردىنىيە ۋە لىۋاندىن ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ ، ئىسرائىلىيىگە بىۋاستە تەھدىت بولۇپ شەكىللەندى . ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا قارىتا ئۆچ ئېلىش ھەركەتلىرىنى قوللاندى . شۇنىڭ بىلەن توقۇنۇش كۈنسايىن كۈچەيدى .1966 - يىلى 11 - ئايدا ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بازىسىنى تازىلاشنى باھانە قىلىپ ، چېگرىدىن ئۆتۈپ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ھىبرون رايونىنىڭ سام كەنتىگە ھۇجۇم قىلىپ ، ئەسكەرلەر پۇقرالاردىن بولۇپ 150 تىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە يارىدار قىلدى . ئۇنىڭ كەينىدىن ئىسرائىلىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا 1967 - يىلى 4 - ئايدا چوڭ كۆلەملىك ھاۋا ئۇرۇشى بولدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ ، ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇش پارتلاش شارائىتى شەكىللىنىپ بولدى . 1967 - يىلى 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى مىسىر ۋە سۈرىيىگە ئىسرائىلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئەسكەر توپلاۋاتقىنىنى ، 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سۈرىيىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى يېقىندا قولغا چۈشەرگەن يەتكۈزۈپ بەردى . مىسىر زوڭتوڭى جامال ئابدۇل ناسىر بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ، 15 - چىسلا دەرھال قارار چىقىرىپ ، سىناي يېرىم ئارىلىغا ئەسكەر كۆپەيىتتى ھەمدە ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى . ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئۇدەن 18 - چىسلا مىسىرنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ ، تىنىچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە ۋە مىسىرنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىق رايون مەۋجۈت بولماي قالدى . جامال ئابدۇل ناسىر 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تىران بوغۇزىنى قامال قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە ، مىسىر چېگراسىدىكى نىسبىي مۇقىم ھالەت ئاخىرلاشتى . 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى جامال ئابدۇل ناسىر بىر قېتىملىق ئاممىۋى يىغىلىشتا : ' بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ مەقسىتى ئىسرائىلىيىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ' دىدى . شۇنىڭدىن كېيىن سۇدان ، ئالجىرىيە ، ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئەسكەر ئەۋەتىپ مىسىرغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .

ئىسرائىلىيە تەشۋىقاتتا چوڭ گەپ قىلمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئەمىلىيەتتە ئۇرۇش قىلىشقا پۇختا تەييارلىنىپ قويدى . ئەتراپلىق پىلانلاپ ، ئامېرىكىنىڭ سۈكۈت قىلىشى بىلەن ئاۋۋال قول سېلىپ ، خەۋپسىزلىكىگە بولغان تەھدىتىنى يوقاتماقچى بولدى . 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئىسرائىلىيە 500 دىن ئارتۇق ئايرۇپىلان ۋە سەككىز تانكا بېرىگادىسىنى چىقىرىپ ، بىر - بىرلەپ تارمار قىلىش ، تېز ھۇجۇم قىلىپ تېز غەلىبە قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ ، ئەرەپ دۆلەتلىرىگە " چاقماق ئۇرۇشى ' قوزغىدى .ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلىدى . ئالتە كۈنلۈك جىددىي جەڭ قىلىش ئارقىلىق ، مىسىر ۋە باشقا ئەرەپ دۆلەتلىرى ئېغىر چىقىم تارتقان ئەھۋال ئاستىدا ، ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەجبۇر بولدى . 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەپلەر ب د ت نىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى قوبۇل قىلدى . ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ئالتە كۈن داۋاملىشىپ ئىسرائىلىيىنىڭ غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى .

ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇرۇش ئەرەپلەرنى چوڭ زىيانغا ئۇچراتتى . ئۇرۇشتا مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى ئۆلدى ، 400 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى مۇساپىر بولۇپ كەتتى ، مىڭغا يېقىن تانكىسى ، 400 دىن ئارتۇق ئايرۇپىلانى زىيانغا ئۇچرىدى . ئىسرائىلىيە بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى ، گازا رايونى ، گولان ئىگىزلىكى ۋە سىناي يېرىم ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 80 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر ئەرەپ زىمىنىنى تارتىۋالدى ھەمدە ئېروسالىم  كونا شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى .

1967 - يىلى 11- ئاينىڭ 22 - كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 242 - نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ ، ئىسرائىلىيىدىن " 5 - ئىيۇن ئۇرۇشى ' دا ئىشغال قىلىۋالغان ھەممە زىمىندىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى ، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەردىن بارلىق ئۇرۇشخۇمار سۆزلەرنى ۋە ئۇرۇشۇش ھالىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە سىياسىي مۇستەقىللىقىگە ھۆرمەت قىلىشنى ھەمدە ئۇلارنىڭ قورال ئىشلىتىش ياكى قوراللىق تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىمىغان ، ئىشەنچلىك ۋە ئېتىراپ قىلىنغان چېگرا ئىچىدە تىنىچ ياشاش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى . بۇ قاراردا ئىسرائىلىيىدىن 1967 - يىلى ئىشغال قىلىۋالغان زىمىندىن چىقىپ كېتىش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ ، ئەرەپلەردىنمۇ ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش تەلەپ قىلىندى . ئەمەلىيەتتە ، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ 1967 يىلىدىن ئىلگىرىكى چېگرىسى ئېتىراپ قىلىندى ، پەلەستىننى بۆلۈپ باشقۇرۇش توغرىسىدىكى قارار تەڭشەلدى . شۇڭا  ئىسرائىلىيىنىڭ 1967 - يىلىدىكى چېگرىسى ئەمەلىيەتتە ، خەلقارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى .

ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەپلەر  ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىك ۋە قارشىلىشىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئىسرائىلىيە دۆلىتى ئىچىدىكى " بۈيۈك ئىسرائىلىيە ' پىكىر ئېقىمى يۇقۇرى دولقۇنغا  كۆتۈرۈلدى . ئىسرائىلىيە 1967 - يىلى ئىشغال قىلىۋالغان زىمىندىن چىقماي تۇرۇۋالدى . ئەرەپلەر قىساس ئېلىشقا قەسەم ئىچىپ ، قولدىن كەتكەن زىمىننى تارتېۋىلىشقا تەييارلاندى .
Posted: 2007-11-18 22:40 | 2 -قەۋەت
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

4 - قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى

تۆتىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى 1973 - يىلى 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى پارتلاپ ، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگىچە 18 كۈن داۋاملىشىپ ، " ئۆكتەبىر ئۇرۇشى ' دەپ ئاتالدى . بۇ ئۇرۇشنى ئەرەپلەر " رامزان ئۇرۇشى ' دەپ ئاتىدى . ئىسرائىلىيىلىكلەر " گۇناھىنى يۇيۇش كۈنى ئۇرۇشى ' دەپ ئاتىدى .

ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىسرائىلىيە جىمجىت ھالەتتە مۇداپىئە كۆرۈش ئىستىراتىگىيەسىنى يولغا قويدى . سىناي يېرىم ئارىلىدا 238 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ ، 160 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بار - لېۋ مۇداپىئىە لىنىيىسى ، گولان ئىگىزلىكىدە تانكىغا قارشى سېستىما ياساپ ، مىسىر ، سۈرىينىڭ ھۇجۇمىنى توسۇشقا تەييارلاندى . ئەرەپ دۆلەتلىرى بولسا ئىنتىقام ئېلىشقا قىلىچ بىلەپ ، ئارمىيىنى كېڭەيتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ ، قولدىن كەتكەن زىمىنلارنى قايتۇرىۋېلىشقا بەل باغلىدى . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن مىسىرنىڭ ھەربىي كۈچى ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى سەۋىيەگە يەتتى ، بەلكى ئۈسكۈنىلىرى تېخىمۇ ئىلغارلاشتى . شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەرەپ دۆلەتلىرىمۇ ئۆتكەنكى ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ ، ئۆزئارا ياردەملەشتى . مىسىر ئىئوردانىيە قاتارلىق ئالدىنقى سەپ دۆلەتلىرى لىۋىيە ، كۇۋەيت ، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق نېفىت بايلىقى مول دۆلەتلەردىن نۇرغۇن مالىيە ياردىمى ئالدى . 1970 - يىلى 9 ئايدا جامال ئابدۇل ناسىر ۋاپات بولۇپ ، مۇھەممەد ئەنۋەر سادات مىسىرغا زوڭتوڭ بولدى . سادات تەخىتكە چىققاندىن كېيىن ئىسرائىلىيىنى يەڭگىلى بولمايدۇ ، دەيدىغان ئەپسانىنى بىتچىت قىلىۋېتىشكە بەل باغلىدى . پۇختا تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن ئەتراپلىق ئويلىنىپ 1973 - يىلى كۈزدە سۈرىيە بىلەن بىرلىشىپ ، ئىسرائىلىيەگە چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم قىلىشنى بەلگىلىدى . ھۇجۇم كۈنىنى 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى _____ يەھۇدىلارنىڭ گۇناھىنى يۇيۇش كۈنىگە بېكىتتى . بۇ كۈن يەھۇدىلارنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي بايرام كۈنى بولۇپ ، ئىسرائىلىيە قائىدە بويىچە كۈندىلىك ھەممە پائالىيەتلىرىنى توختىتاتتى ، ئارمىيىسىمۇ دەم ئالاتتى . دەل شۇ كۈنى مىسىر 80 مىڭدىن ئارتۇق ئارمىيىنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ ، 300 دىن ئارتۇق ئايرۇپىلان ۋە تۆت مىڭدىن ئارتۇق زەمبىرەكنىڭ ھىمايىسىدە قانالنىڭ شەرقىي تەرىپىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى . ئوق ئاۋازى بايرام كۈنىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزىۋەتتى . ئىسرائىلىيىلىكلەر خۇدىغا كەلگەندە مىسىر ئارمىيەسى بار - لېۋ مۇداپىئىەسىنى بىتچىت قىلىۋەتكەن ، سۈرىيە ئارمىيە سىمۇ گولان ئىگىزلىكىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى زىمىنلارنى قايتۇرىۋالغاندى . ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىدىن ئېسەنكىرەپ كەتكەن ئىسرائىلىيە مانا شۇ چاغدا ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى تونۇپ يەتتى . مۇشۇنداق ھايات - ماماتلىقنىڭ جىددى پەيتىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئىلاج بولمىغاندا يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە تەييارلاندى . غەرپ مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئىسرائىلىيە زوڭلىسى مېيىر خانىم ئون دانە ئاتوم بومبىسىنى ئامباردىن ئېلىپ چىقىشقا ھەم ئالاھىدە قۇراشتۇرۇلغان بومباردىمانچى ئايرۇپىلانغا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەن ، ئامېرىكا بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ئىسرائىلىيىدىن ئاتوم قورالى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەرگەن . ئۇرۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە ئامېرىكا ئىسرائىلىيىگە مىسىرنىڭ ئالدىنقى قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا بوشلۇق پەيدا بولغانلىقتەك مۇھىم ئاخباراتنى يەتكۈزۈپ بەردى . ئىسرائىلىيە بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن دارھال ئارىئېل شاروننى خىللانغان قوشۇننى باشلاپ ئاشۇ بوشلۇقتىن مىسىر ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ ، مىسىر ئارمىيىسىنى كېسىپ مۇھاسىرە قىلىشقا ئەۋەتىپ ، ئۇرۇشنىڭ  تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى .

ئۇرۇشنىڭ داۋاملىق كېڭىيىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلمىغان ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىشىنى ، 242 - نومۇرلۇق قارارنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدا لايىھە سۇندى . 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ لايىھىنى ماقۇللاپ 338 - نومۇرلۇق قارار ماقۇللىدى . مىسىر ، سۈرىيە ، ئىسرائىلىيە 24 - چىسلا ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلدى ، تۆتىچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى . بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەپلەر 700 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ئالتە مىڭدىن ئارتۇق تانكا ، 1500 دىن ئارتۇق ئايرۇپىلان ئىشلەتتى 4000 دىن ئارتۇق باشقۇرىلىدىغان بومبا ئاتتى بۇ سانلار بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ جىددىلىك دەرىجىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . ئۇرۇش ئارقىلىق ئىسرائىلىيە قانالنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كىچىك بىر بارچە زىمىننى ئىشغال قىلىۋالدى . مىسىر سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسىم زىمىنىنى قايتۇرىۋالدى . سۈرىيە بولسا قايتۇرىۋالغان گولان ئىگىزلىكىنىڭ بىر قىسىم يېرىدىن يەنە ئايرىلىپ قالدى .

تۆتىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى " ئىسرائىلىيىنى يەڭگىلى بولمايدۇ ' دىگەن ئەپسانىنى بىچتىت قىلىۋەتتى . ئىسرائىلىيىگە تىنىچلىققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ تەلىپىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تونۇتتى . شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەرەپ دۆلەتلىرىمۇ ئىسرائىلىيىنى قورال كۈچى بىلەن يوقاتىلى بولمايدىغانلىقىنى ، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ مەۋجۈت بولۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەكلىكىنى تەدرىجى تونۇپ يەتتى . ئۇرۇش جەريانىدا نېفىت چىقىدىغان ئەرەپ دۆلەتلىرى " نېفىت ئېكىسپورت قىلىش ' ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا نېفىت قورالىدىن پايدىلىنىپ كۈرەش قىلىپ ، مىسىر سۈرىيەلەرنىڭ ھەربىي كۈرىشىگە ياردەم بېرىپ ، ئەرەپ مىللىتىنىڭ ئىناقلىقىنى نامايەن قىلىپ ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى . بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان دۇنياۋى نېفىت كىرىزىسى ئارقىلىق ، ئامېرىكىمۇ ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىنىچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۆزىنىڭ تۈپ مەنپەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى . 1973 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1974 - يىلىنىڭ باشلىرىغىچە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېسىگىر مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە ۋە سۈرىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسدا خىزمەت ئىشلەپ . ئۇلارنى ھەربىي جەھەتتىن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاتقۇزدى . 1977 - يىلىى تەختكە چىققان كات ھۆكۈمۈتى " ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ئومۇمىيۈزلۈك ھەل قىلىش ' نى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ ،ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەپلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى پائال ئىلگىرى سۈردى .
Posted: 2007-11-18 22:41 | 3 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيا تارىخى

Total 0.066395(s) query 4, Time now is:12-05 17:55, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation