1koktugh
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-05-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 بۈيۈك ئالىملار مۇنازىرىسى

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Yawuz دىن دۇنيا تارىخى غا يۆتكەلدى (2007-12-21)
بۈيۈك ئالىملار مۇنازىرىسى غ.ئۆمەروۋ (ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى)

1-بۆلەك


ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك شەرق ئالىملىرى بېرۇنىي بىلەن ئىبىن سىنا تەبىئەت ۋە تىبابەت ساھەسىىدىكى شاھانە ئەسەرلىرى بىلەن ئىلىم-پەن تارىخىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان. بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ب.د.ت. مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ قارارى بويىچە ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنىڭ مىڭ يىللقى خاتىرلەنگەن ئىدى. يەنە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، بۇ ئىككى بۈيۈك ئالىم ئوتتۇرىسىدا ئىلمىي-پەلسەپىۋى مۇنازىرىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگىنىگە مىڭ يىل تولىدۇ.

997-يىلى 24 ياشلىق بېرۇنىي (شۇ چاغدىلا ئۇ بىر نەچچە چوڭ ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى بولۇپ قالغانىدى) خارەزىمدىن بۇخاراغا ــ ياش ئالىم، ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن ئىبىن سىناغا ئارىستوتېل (ئاراستۇ) نىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا 18 سوئال ئەۋەتكەن. ئەنە شۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسى ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپە، ئاسترونومىيە ۋە فىزىكا ساھەسىدىكى ئەسەرلىرىگە قارىتىلغان ئىدى. ھەر بىر سوئال بېرۇنىينىڭ كۆز قارىشى بولۇپ ئارىستوتېلنىڭ كۆز قارىشىغا ئوخشىمايدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا بولۇپ، بۇلاردا ئارىستوتېل بىلەن بېرۇنىينىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرى بايان قىلىنغان ۋە بۇ ھەقتە ئىبىن سىنادىن پىكىر سورالغان ئىدى. بۇ مۇنازىرىلەرنى شەرھىلەشتىن ئاۋۋال، سوئال-جاۋابلارنى قىسقارتىلغان شەكىلدە بايان قىلشىنى لازىم تاپتۇق.

سوئال: نېمە سەۋەبتىن ئارىستوتېل ئاسمان مۇھىتى يېنىكلىككىمۇ، ئېغىرلىققىمۇ ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا مەركەزگە ئىنتىلىش ۋە مەركەزدىن قېچىش مەۋجۈت ئەمەس، دەپ ھېسابلايدۇ؟ بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشتە مەركەزگە ئىنتىلگۈچى ۋە مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچلەرنىڭ بار-يوقلۇقى سورالدى. جاۋاب: ئايلانما ھەرىكەت ئۈچۈن يۇقىرى تەرەپمۇ، تۆۋەن تەرەپمۇ بولمايدۇ، شۇنداقلا يېنىكلىكمۇ، ئېغىرلىقمۇ بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەركىتى ئۇلارنىڭ تەبى.ى ھەرىكىتىگە ماس كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاسمان جىسىملىرى ئۆزى تۇرغان جايدا، يەنى ئاسمان مۇھىتى ئۆزىنىڭ تەبىئى ئورنىدا بولىدۇ. جىسىمنى كۈچنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆز جايىدىن تەۋرىتەلەيدىغان بىزمۇ ئاسمان مۇھىتى يوق.


سوئال: ئارىستوتېل نېمە سەۋەبتىن ئاسمان مۇھىتى ۋە ئالەمنى ئۆزگەرمەس ھەمدە مەڭگۈ دەيدۇ؟ بۇنى توغرا دېگىلى بولامدۇ؟ نېمە سەۋەبتىن ئۇ ئالەمنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇدىغانلىقىنى ئىناۋەتكە ئالمايدۇ؟ بۇنىڭىغا ئەڭ قەدىمقى زامانلاردا ئۆزگەرگەن تاغلار دەلىل بولالمامدىكەن؟ بۇ ھەقتە ئارىستوتېلدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئالىملار، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئۆزىمۇ گۇۋاھلىق بېرىش مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن ئۇ سادىر بولغان ئېنىق ئۆزگىرىشلەرنىمۇ ئېتراپ خالىمايدۇ؟ جاۋاب: ئارىستوتېل بۇ سۆزلەرنى دەلىل-ئىسپات ئۈچۈن ئېيتقان بولماستىن، ئەكسىچە، ئۆز نۇتقىدا ئىختىيارەن ۋە ئانچىكىملا دەپ قويغان. ھالبۇكى، ئاسمانغا تەئەللۇق بولغان ئىشلار تاغلارغا تەئەللۇق ئىشلاردىن پۈتۈنلەي باشقىچىدۇر. مان ابۇلارنىڭ سەۋەبىنى بىلىش كېرەك. شۇنىڭدەك ئارىستوتېلنىڭ ئالەمنىڭ بېشى يوق دەپ ئېيتقانلىقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇنىمۇ بىلىش كېرەك. ئېھتىمال، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالاەمنىڭ ئىجادكارى يوق دېمەكچى ئەمەستۇ.


سوئال: نېمە سەۋەبتىن ئارىستوتېل ۋە باشقىلار دۇنيانىڭ تەرەپلىرى بار دېيىشىدۇ؟ يۇمۇلاق جىسىمدا تەرەپلەر بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟ جاۋاب: ئېھتىمال، ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك، چوڭقۇرلۇق بولسا كېرەك، خۇسۇسەن مەزكۇر جىسىم (دۇنيا) ئەنە شۇ تەرەپلىرى بىلەن چەكلەنگەن بولىدۇ. شۇ ئۆلچەملەردىن ھەر بىرىنىڭ ئىككى تەرىپى بار، مۇشۇ تەرەپلەرنىڭ يىغىنىسى ئالتىگە تەڭدۇر. شار شۇنداق جىسىملار قاتارىغا كىرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدا ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك، چوڭقۇرلۇق بولۇشى كېرەك. شۇ سەۋەبتىن، شارمۇ باشقا جىسىملارغا ئئوخشاش ئالتە تەرەپكە ئىگە.


سوئال: نېمە سەۋەبتىن ئارىستوتېل زەررىنىڭ بۆلۈنمەسلىكى توغرىسىدىكى تەلىماتنى (ئاتون نەزەريىسىنى) خاتا دەپ ھېسابلايدۇ؟ ھالبۇكى، جىسىملارنىڭ بۆلۈنۈشى چەكسىز بولىدۇ، دېگەن داۋالار تېخىمۇ چوڭ خاتالىقتۇر. جاۋاب: جىسىم، يۈز، ئۇزۇنلۇق، ھەرىكەت ياكى زامان، ۋاقىت ـــ قىسقىسى، ھەممە نەرسە توختاۋسىز، چەكىسز بولمايدۇ. ئۇلار بۆلۈنمەس زەررىلەردىن ئىبارەت بولۇدۇ، يەنى بۇ زەررىلەر ئىككىگە بۆلۈشكە بولۇدىغان ئارىلىق ۋە قوش تەرەپلەردىن ئىبارەت بولمايدۇ.


سوئال: ئارىستوتېل نېمە ئۈچۈن بىز تۇرغان دۇنيادىن بۆلەك مۇھىتتىمۇ ياشاۋاتقان باشقا دۇنيا بار دېگۈچى كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ناتوغرا ھېسابلايدۇ؟ باشقا ئالەممۇ بىزنىڭ ئالەمدەك مۇشۇنداق تەبىئى خۇسۇسيەتلەرگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن، دەپ ھېسابلىسا بولاتتى. لېكىن بۇ خۇسۇسيەتلەر شۇنداق پەيدا بولۇشى كېرەككى، باشقا دۇنيالار ھەرىكەتنى يولغا سالىدۇ، بۇ، دۇنيادىن ئۆز ھەرىكەت يۆنىلىشى بىلەن پەرقلىنىدۇ ۋە ھەر بىرى باشقىسىدىن ئاللىقانداق توساق بىلەن ئاجرىلىپ تۇرۇدۇ. جاۋاب: بىزنىڭ دۇنيايىمىزدىن بىرەرسېزىلەرلىك خىسلەت ۋە پەزىلەتلىرى بىلەن ئاجرىلىپ تۇرۇدىغان باشقا دۇنيا ئۆز تەبىئىتى بويىچە بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ. بىز بولساق ئۆز تەبىئىي ھالىتى بويىچە دۇنيالارنىڭ كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدۇق، شۇڭا ئالەم پەقەت بىردۇر.


سوئال: ئاسمان مۇھىتى قايسى شەكىلدە؟ ئارىستوتېل ئېيتقاندەك شارسىمانمۇ ؟ ياكى ئېللىپىس شەكلىدىمۇ؟ يا بولمىسا لىنزا قىياپىتىدىمۇ؟ جاۋاب: ئاسمان مۇھىتى ئېللىپىس ياكى لىنزا شەكلىدە دېگەن ناتوغرا پەرەزلەرنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن فىزىكىلىق، ماتىماتكىلىق ۋە گېئومېتىرىيىلىك جەھەتلەردىن تۈرلۈك دەلىللەرنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.


سوئال: ئارىستوتېل تەرەپلەر ئۈستىدە توختالغىنىدا ھەر بىر جىسىمنىڭ ئوڭ تەرىپى ھەرىكەت باشلىنىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ، دەيدۇ. كېيىنچە ئۇنىڭ ئۆزى بۇ قائىدىنى ئۆزگەرتىپ، جىسىم ھەرىكىتى، ئاسمان ھەرىكىتى شەرقتىن باشلىنىدۇ، چۈنكى شەرق ئوڭ تەرەپتۇر، دەيدۇ. مۇشۇنداق ئىسپات خاراكتېردىكى ھۆكۈمنى بۇنداق ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمايدۇ. چۈنكى بۇ يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. جاۋاب: پەيلاسوپ (ئارىستوتېل) نىڭ كۆز قارىشى ئاسمان مۇھىتىنىڭ شەرقىي ـــ ئوڭ تەرەپ بولغىنى ئۈچۈن ھەرىكەت شۇ شەرق تەرەپتىن باشلانمايدۇ، ئەكسىچە شەرق ئوڭ تەرەپتە تۇرغىنى ئۈچۈن شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. چۈنكى ئۇ ئاسمان ھەرىكىتى ئوڭدىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ، ھەرىكەتلىنىدىغان ئاسمان مۇھىتىغا جانلىق جىسىم سۈپىتىدە قارايدۇ.


سوئال: ئارىستوتېل ئاسمان مۇھىتى ھەرىكەتلىنىۋاتقىنىدا ئۆزىگە تۇتاش بولغان ھاۋانى قىزدۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىز بىلىمىزكى، ئىسسىقلىق ھارارەتكە جور بولىدۇ، سوغۇق بولسا خاتىرجەملىك، جىم-جىتلىق ۋە تېچلىققا ماس كېلىدۇ. ئاسمان مۇھىتى تېز ھەرىكەتلەنسە، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئۆزىگە تۇتاش بولغان ھاۋانى قىزدۇرۋېتىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەفىر دەپ ئاتىلىدىغان ئوت پەيدا بولىدۇ. ھەرىكەتنىڭ ھەر بىر قېتىملىق تېزلىشى بىلەن قىزىشىمۇ شۇنچە كۈچىيىپ ۋە كېڭىيىپ بارىدۇ. جاۋاب: كۆپ سانلىق پەيلاسوپلارنىڭ كۆز قارىشىچە، ئوت ۋە يالقۇن مۇھىتلار ھەرىكىتىدىن كېلىپ چىقمايدۇ، لېكىن ئۇ مۇستەقىل جىسىم ۋە ماددا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئارىستوتېلنىڭ ئېيتقانلىرى توغرا ۋە ئادىلدۇر.

سوئال: ئەگەر ئىسسىقلىق مەركەزدىن تارقىلىدىغان بولسا، نېمە سەۋەبتىن ئۇ ھازىرغا قەدەر قۇياشتىن كېلىۋاتىدۇ؟ نۇرنىڭ ئۆزى نېمە؟ جىسىممۇ، ھادىسىمۇ ياكى پۈتۈنلەي باشقىچە نەرسىمۇ؟ جاۋاب: ئىسسىقلىق مەركەزدىن تارقالمايدۇ، چۈنكى ئىسسىقلىق ئۆز-ئۆزىدىن ھەرىكەتلەنمەيدۇ. نۇرنىڭ جىسىم بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇس جىسىم بولسا، بىر جايدا ئىككى جىسىم مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. بۇ يەردە مەن ھاۋا بىلەن نۇرنى نەزەردە تۇتۇۋاتىمەن. نۇر بولسا ئۆز-ئۆزىدىن بۇر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزى يارقىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئارىستوتېل، نۇرنىڭ ئۆزى تاكاممۇلاشقان يارقىن نەرسە دېگەن ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆزى پارلاق نەرسىدۇر.


سوئال: نەرسىلەر، ماددىلار بىر ھالەتتىن باشقا ھالەتكە قانداق تەرىزدە ئۆزگىرىدۇ؟ بىر -بىرىگە يېقىنلىشىش يولى بىلەن ياكى بىر-بىرىگە سىڭىشىش يولى بىلەن ئۆزگىرەمدۇ؟ ھاۋا بىلەن سۇىى مىسالغان ئالساق، سۇ ھاۋا ھالىتىگە (بۇغقا) ئايلانغاندا، راستىنلا ھاۋاغا ئايلىنىپ كېتەمدۇ ياكى ئۇنىڭ زەررىلىرى سەزگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ھاۋاغا كەڭ تەرقىلىپ كەتكەنلىكتىن، بىز ئۇلارنى كۆرەلمەي قالىمىزمۇ؟ جاۋاب: ماددا بىلەن نەرسىلەرنىڭ سۈپەت جەخەتتىن ئۆزگىرىشى سۇنىڭ ھاۋاغا ئايلىنىش مىسالىدىكىدەك سادىر بولمايدۇ. بەزى سۇ زەررىلىرى ھاۋاغا سىڭىپ كېتىدۇ ۋە ئۇلار ھېسياتىمىزدىن، سەزگۈمىزدىن خالى بولىدۇ. ھاۋا بىلەن سۇنىڭ ھالىتىدىكى سۈپەت ئۆزگىرىشى ماھىيەتنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن ئۆزگىرىش يولى بىلەن سادىر بولىدۇ. بۇ، زەررىلەرنىڭ پارچىلىنىپ كېتىش نەتىجىسى ئەمەس. مەن ئارىستوتېلنىڭ تەبىئەتتىكى شەيئىلەرنىڭ پەيدا بولۇش ۋە ئۆز-ئۆزىدىن ئۆزگىرىشىگە دائىر سۆزلىرىنى ئىسپات كەلتۈردۈم، بۇلار مېنى قانائەتلەندۈرىدۇ، شۇڭا بۇ مەسىلىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىش كۆپ ئەمگەك تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇ قىسمىدا بۇنىڭسىزمۇ تالاش-تارتىش قوزغايدىغان جايلار ناھايىتى كۆپ.




بۈيۈك ئالىملار مۇنازىرىسى غ.ئۆمەروۋ (ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى)

2-بۆلەك




سەككىز سوئال ئارىستوتېلنىڭ فىزىكىسىغا قارىتىلغان.

سوئال: ئەگەر يۇپ-يۇمۇلاق، پاك-پاكىزە بىر شىشە قاچىغا سۈزۈك سۇ تولدۇرۇلسا، ئۇنىڭدىن قۇياش نۇرىدا ئوت ھاسىل قىلىدىغان زەررە بىن (چوڭايتىپ كۆرسىتىدىغان بىللۇر ئەينەك) ئورنىدا پايدىلىنشقا بولىدۇ. ئەگەر بۇ قاچىغا سۈزۈك سۇ ئورنىغا ھاۋا تولدۇرۇلسا، ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن بىرەر نەرسىنى كۆيدۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى نۇرلارنى جەملىگىلىمۇ بولمايدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق؟ جاۋاب:




سوئال: ئىككى كىشىدىن بىرى "سۇ يەرنىڭ مەركىزىگە ئىنتىلىدۇ (يەرگە تارتىلىدۇ)، ھاۋا، ئوت بولسا مەركەزدىن قاچىدۇ" دېسە، يەنە بىرى "ھەممە نەرسە (سۇ، يەر، ھاۋا، ئوت) مەركەزگە ئىنتىلىدۇ، لېكىن مەركەز تەرەپكە قاراپ ھەرىكەتلىنىش ۋاقتىدا ئېغىرراق نەسىلەر يېنىكرەك نەرسىلەردىن ئىلگىرىلەپ كېتىدۇ" دەيدۇ. ئۇلاردىن قايسىسىنىڭ توغرا؟ جاۋاب:


سوئال: نېمە سەۋەبتىن سۇنىڭ تېگىدىكى نەرسىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ؟ لېكىن سۇنىڭ يۈزى سىلىق بولغانلىقتىن، كۆرۈش نۇرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى، قايتۇرۇشى كېرەك ئىدىغۇ؟ جاۋاب:


سوئال: نېمە سەۋەبتىن يەر شارىنىڭ ئايرىم قىسىملىرى ئابادانلاشقان، باشقا جايلىرى ئۇنداق ئەمەس؟ جاۋاب:


سوئال: كائىناتنىڭ ئىچىدىمۇ، تېشىدىمۇ بوشلۇق يوق ئىكەنلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسا، ئۇنداقتا نېمە سەۋەبتىن شىشە قاچىنىڭ بوغۇزىدىن ھاۋانى سۈمۈرۋېلىپ، ئۇنى سۇغا پاتۇرسا ئىچىگە سۇ كىرىدۇ، كىرگەن سۇ ئاستا-ئاستا يۇقىرىغا كۆتىرىلىپ بارىدۇ؟ جاۋاب:




سوئال: مۇبادا جىسىم قىزىغاندا كېڭىيىپ، سوۋۇغاندا تارايسا، نېمە سەۋەبتىن سۇ تولدۇرۇلغان شىشە قاچا مۇزلىغاندا يېرىلىپ كېتىدۇ؟ جاۋاب:




سوئال: نېمە ئۈچۈن مۇز سۇنىڭ يۈزىدە بولىدۇ؟ ئەجەبا، ئۇ قاتتىق ھالەتكە ئۆتكەندىن كېيىن، تۇپراق تەبىئىتىگە يېقىنراق بولۇپ قېلىشى، يەنى چۆكۈشى كېرەك ئىدىغۇ؟ جاۋاب:

 
bilqut
Posted: 2007-12-21 21:10 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » تاغدىن - باغدىن

Total 0.069383(s) query 3, Time now is:03-13 12:10, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation