بۇ بەتتىكى يازما : تارىختىكى ئەڭ كۆپ زېمىننى بويسۇندۇرغان ئون شەخس بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Ertoghrul
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 تارىختىكى ئەڭ كۆپ زېمىننى بويسۇندۇرغان ئون شەخس

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Yawuz دىن جۇڭگو تارىخى غا يۆتكەلدى (2007-12-22)
تارىختىكى ئەڭ كۆپ زېمىننى بويسۇندۇرغان ئون شەخس
 
1. چىڭگىزخان
 (1162- 1227)
 
 1206- يىلىدىن 1227- يىلىغىچە موڭغۇللاردىن كېلىپ چىققان چىڭگىزخان تەخمىنەن 4 مىليون 860 مىڭ كۇۋادىرات ئېنگىلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇردى. ئۇ بويسۇندۇرغان زېمىنلار شەرقتە تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىدىن غەرپتە كاسپى دېڭىزىغىچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئېمپىرىيىسى جۇڭگونىڭ شىمالىي يېرىمى، جەنۇبىي سىبىرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
 
2. ئېمپىراتور ئالكساندىر (ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن)
(مىلاىديەدىن بۇرۇنقى 356- يىلىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 323- يىلىغىچە)
ئېمپىراتور ئالېكساندېر مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 334- يىلىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 326- يىلىغىچە ماكېدونىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان مەزگىلدە جەمىي 2 مىليون 180 مىڭ كۇۋادىرات ئېنگىلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇرغان. ئۇنىڭ ئېمپىرىيىسى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، كىچىك ئاسىيا، مىسىر ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن تاكى ھىندى دەرياسىغا قەدەر كېڭەيگەن.
 
3. ئىمپېراتور تۆمۈر (ئاقساق تۆمۈر، تۆمۈرلەڭ)
(1336- 1405)
ئىمپېراتور تۆمۈر 1370- يىلىدىن 1402- يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە 2 مىليون 140 مىڭ كۇۋادىرات ئىنگىلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇرغان بولۇپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق، ۋە ھىندى دەرياسىدىن تارتىپ تاكى ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان رايونلار ئۇنىڭ ئېمپىرىيىسىنىڭ تەۋەلىكىدە ئىدى.
 
4. ئېمپىراتور خىسراۋ
(مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 600- يىلىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 529- يىلىغىچە)
ئېمپىراتور خىسراۋ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 559- يىلىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 529- يىلىغىچە پېرسىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ شاھى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، تەخمىنەن 2 مىليون 90 مىڭ كۇۋادىرات ئېنگىلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇرغان. ئۇنىڭ زېمىنى شەرقتە ئىران ئىگىزلىكىدىن غەرپتە كىچىك ئاسىيانىڭ كەڭ رايونلىرىغىچە بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باكتېرىيە (ھازىرقى ئافغانىستان) رايونىمۇ ئۇنىڭ تېرىتورىيىسىدە ئىدى.
 
5. ئاتتىلا
(406- 453)
 
ئاتتىلا ھۇنلارنىڭ خاقانى بولۇپ، 433- يىلىدىن 453- يىلىغىچە تەرەپ - تەرەپكە قوشۇن تارتىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن " تەڭرىنىڭ قامچىسى " دەپ ئاتىلىپ، 1 مىليون 450 مىڭ كۇۋادىرات ئىنگىلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇرغان. ياۋروپانىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا قىسمى ۋە روسىيە تۈزلەڭلىكىنىڭ غەربىي قىسمى ئۇنىڭ تېرىتورىيىسى دائىرىسىدە ئىدى.
 
6. ئادولىف ھىتلېر
(1889- 1945)
1933- يىلىدىن 1942- يىلىغىچە ناتسىستلارنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بۇ رەھبىرى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ، 1 مىليون 370 مىڭ كۇۋادىرات ئىنگىلىز مىلى زېمىننى ئىگەللىگەن بولسىمۇ، لېكىن قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە يەنە بارلىق زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالدى، ناتسىستلار رەھبەرلىكىدىكى 3- ئېمپىرىيە ئەڭ كۈچەيگەن چاغدا پۈتكۈل ياۋروپا زېمىنى يەنى شەرقتە موسكۋا بوسۇغىسىدىن ئەنگىلىيە بوغۇزىغىچە، جەنۇپتا شىمالىي ئافرىقىدىن شىمالدا نورۋېگىيەگىچە بولغان كەڭ زېمىنغان ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
 
7. ناپولىئون بوناپارت
(1769- 1821)
 
1796- يىلىدىن فىرانسىيە 1- ئېمپىرىيىسى گۈللەنگەن 1810- يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە فىرانسىيە پادىشاھى دەپ ئاتالغان بۇ كىشى، تەخمىنەن 720 مىڭ كۇۋادىرات ئېنگىلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇرغان، ئەينى چاغدا ئۇ قۇرغان ئېمپىرىيە فىرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، شىۋىتسارىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
 
8. سۇلتان مەھمۇت
(971- 1030)
غەزنەۋىلەر خاندانلىقىنىڭ سۇلتانى بولغان سۇلتان مەھمۇت غەزنەۋى 680 مىڭ كۇۋادىرات ئىنگىلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇرغان بولۇپ، زېمىنى ئافغانىستان، ھىندىستان، ئىران قاتارلىق ئەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
 
9. پىسارو
(1470 - 1541)
 
1531- يىلىدىن 1541- يىلىغىچە ئىسپانىيەلىك بۇ مۇستەملىكىچى 480 مىڭ كۇۋادىرات ئىنگىلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇرۇپ، ئىنكا ئېمپىرىيىسىنى يوقاتتى، ئېكۋادور ئارقىلىق ئاندىس تاغ تىزمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بولىۋىيەدىن ئىبارەت كەڭ بىر پارچە زېمىننى ئىسپانىيە خەرىتىسىگە كىرگۈزدى.
 
10. كورسىتو
(1485 - 1547)
 
 
1519- يىلىدىن 1526- يىلىغىچە ئىسپانىيەلىك بۇ مۇستەملىكىچى كىچىككىنە بىر تارماق قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، 315 مىڭ كۇۋادىرات ئىنگىلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇرۇپ، زوراۋانلىق ۋە ئالداش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ئازتىكلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، مىكسىكىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىنى ئىگەللەش بىلەن بىرگە، گۋاتېمالا ۋە ھوندۇراسنى ئىشغال قىلدى ۋە بۇ رايونلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسپانىيە خەرىتىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۆزى بۇ رايونلارنىڭ باش ۋالىسى بولدى.
خەنزۇچە " تەتقىقاتچىلار " مۇنبىرىنىڭ تارىخ سەھىپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى. يۆتكىسەڭ مەنبەسىنىڭ ئورخۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىڭ.
bilqut
Posted: 2007-12-22 19:27 | [ئاپتور]
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

4 - شەخسنى خسراۋ دەپ يېزىپ ئاستىدىكى مەزمۇنغا دارىئۇسنى يېزىپسىز ، ئىككىسى بىر ئادەم ئەمەسقۇ ؟
1som
Posted: 2007-12-22 20:01 | 1 -قەۋەت
tirkesh
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 2
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-01

 

چىڭگىزخاننى بىرىنجى ئورۇنغا تىزىپسىز ئۇنىڭدا بىرەر سەۋەپ بارمۇ ياكى بۇ تىزىزشنىڭ رەت تەرتىپى يوقمۇ؟
Posted: 2007-12-24 22:34 | 2 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 261
شۆھرىتى: 264 نومۇر
پۇلى: 2630 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 184(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-11

 

بۇنداق تېمىلاردا شەخسلەرنى يىلنامە تەرتىپى بويىچە تىزسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2007-12-30 09:14 دە قايتا ]
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2007-12-30 02:36 | 3 -قەۋەت
aytoldi311
دەرىجىسى : ياساۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 23
شۆھرىتى: 24 نومۇر
پۇلى: 230 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-08

 

مىسىر ئىمپىرىيىسىنىڭ پادىشاھى ئوكتاۋىئاننى نەزەردىن ساقىت قىلساق بولماس !!!!
Posted: 2008-01-25 22:29 | 4 -قەۋەت
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

Quote:
4 - قەۋەتتىكى aytoldi311 2008-01-25 22:29 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
مىسىر ئىمپىرىيىسىنىڭ پادىشاھى ئوكتاۋىئاننى نەزەردىن ساقىت قىلساق بولماس !!!!

ئوكتاۋىئان مىسىر ئەمەس ، رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ پادىشاھى .
intil kompiyuter bilimliri dunyasi
Posted: 2008-01-25 23:34 | 5 -قەۋەت
mavlan
ئالمالىق
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 9
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-12

 

:

1 توغرا  ئوكتاۋىئان مىسىر ئەمەس ، رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ پادىشاھى .
2خسراۋ دەپ يېزىپ ئاستىدىكى مەزمۇنغا دارىئۇسنى يېزىپسىز .
3شەخسلەرنى يىلنامە تەرتىپى بويىچە تىزسا ئەڭ مۇۋاپىق
بىراق يەنىلا كۆپ رەخمەت !!! چۈنكى خاتالق سىزدە ئەمەس !!!
bilik munbiri
Posted: 2008-02-05 23:04 | 6 -قەۋەت
mavlan
ئالمالىق
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 9
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-12

 

بىزدە ئوغوز خاننڭ ئىگلگەن زىمىنى توغرسىدا، باتۇر تەڭرىقۇتنڭ ئىگلگەن زىمىنى توغرسىدا،كېرۇرەن ئىمپېريىسنڭ ئىگلگەن زىمىنى توغرسىدا، قوچو ئمپېريىسى ئىگلگەن زىمىنى توغرسىدا،تولوق مەلوماتقا ۋە ئىسپاتقا ئىگە ئەمەسمىز !
تەكتلەيدغنىم :
.1    .ياندۇ ئېركىن قاغان ......................................................................
2.  ئەل ئاتمىش قاغان دەۋردە بىۋاستە كونتېرللقىدا پۇتكۈل شىمالى ئاسىيا ئوتتورا ئاسىيا،  تاڭ سۇلالىسى بىقندى ھاكىميەت ئىدى .
Posted: 2008-02-05 23:32 | 7 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 261
شۆھرىتى: 264 نومۇر
پۇلى: 2630 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 184(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-11

 

Quote:
7 - قەۋەتتىكى mavlan 2008-02-05 23:32 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
بىزدە ئوغوز خاننڭ ئىگلگەن زىمىنى توغرسىدا، باتۇر تەڭرىقۇتنڭ ئىگلگەن زىمىنى توغرسىدا،كېرۇرەن ئىمپېريىسنڭ ئىگلگەن زىمىنى توغرسىدا، قوچو ئمپېريىسى ئىگلگەن زىمىنى توغرسىدا،تولوق مەلوماتقا ۋە ئىسپاتقا ئىگە ئەمەسمىز !
تەكتلەيدغنىم :
.1    .ياندۇ ئېركىن قاغان ......................................................................
2.   ئەل ئاتمىش قاغان دەۋردە بىۋاستە كونتېرللقىدا پۇتكۈل شىمالى ئاسىيا ئوتتورا ئاسىيا،  تاڭ سۇلالىسى بىقندى ھاكىميەت ئىدى .



ئوتتۇرا ئىقلىمنى بوي سۇندۇرۇپ 100 يىل سورىغانلىقى بىلەن ، چىڭگىزخان يەنىلا ئاسىيا ئىمپىراتورلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا چىقىدۇ.
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-02-06 01:00 | 8 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيا تارىخى

Total 0.119816(s) query 4, Time now is:03-13 12:10, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation