تارانچى تۇنگانلارنىڭ باشقۇرۇلىشى
مانجۇلارنىڭ قولىدىكى ۋاقتىدا خەلقنى ئىدارە قىلىشتا يۈزلەرگە بۆلگەن ، ھەر بىر يۈزگە ۋە بىر نەچچە يۈزنىڭ ئۈستىگە يۈزبېگى ، مىڭ بېگى ، مىڭ بېگىلىرى ئۈستىگە ھاكىمبەگ تەيىنلەپ ئىدارە قىلاتتى . غۇلجىدا بىر قىسىم چوڭ ئۆستەڭدىن بىر قانچە يېزا - قىشلاقلار سۇ ئىچەتتى . شۇ يېزا قىشلاقلارنىڭ سانىغا قاراپ ئۆز ئالدىغا بىر بەگلىك تەشكىل قىلغان . مانجۇلار بۇلارنىڭ تىرىكچىلىكىنى ۋە سودا ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغان . تارانچىلار سۇلتانلىقى يوقىتىلىپ ، رۇسلار قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن ، 1871 - يلىدىن 1881 - يىلىغىچە روسىيەنىڭ سېستىمىسى بويىچە بەگلىك ئورنىغا بولۇس سايلانغان . شۇ تەرتىپ بويىچە ئىلى تارانچىلىرى 14 بولۇسقا بۆلۈنگەن . يەتتە سۇ ۋىلايىتىگە چىققاندا بۇرۇنقىدەك يول بويىچە باشقۇرۇشقا توغرا كەلمىگەنلىكتىن ، 1200 تۈتۈندىن 2500 تۈتۈنگىچە ئاھالە بىر بولۇس قىلىپ تەشكىللەنگەن ، بۇرۇنقى 14 بولۇس قىسقارتىلىپ ئالتە بولۇس تەشكىل قىلىنغان .
قورام ، مالىباي ، قاراسۇ ، ياركەنت ، ئاقكەنت ( كېيىن ئايرىلغان بولۇس ) ، ئاقسۇ - چارىن ، كەتمەن ، غالجات بلۇسى بۇرۇنقى پېتىچە قالدۇرۇلغان . دىمەك ، جەمئىي يەتتە بولۇس بولغان . بۇندىن باشقا ، يۈزلىگەن ئاھالىلەر مېرۋە تەرەپتە بەيرەمئەلىگە يېقىن ئاقتام كەنتلىرىگە ئولتۇراقلاشقان . چوڭ ئاقسۇ سۈيىگە ( يېرىگە ) ھەربىرى 300 تۈتۈندىن ئىككى سېلىنا ، كىچىك ئاقسۇغا 2500 تۈتۈن ، بايانقازاققا 315 تۈتۈن ئورۇنلاشقان . 1882 - يىل ئىيۇندا بۇ يەردىن 100 تۈتۈن ھازىرقى چارىنغا كۆچۈرۈلگەن .
1882 - يىلى يازدا مالىباي بولۇسى تۆۋەندىكىچە ئۈچ سېلىناغا بۆلۈنگەن : مالىباي 304 تۈتۈن ، بايسېيىت 320 تۈتۈن ، ماساقباي 304 تۈتۈن بولغان . 1883 - يىلى بۇلارنىڭ ئۈستىگە قاينۇقتىن 184 تۈتۈن ، ساربۇلاقتىن 232 تۈتۈن قوشۇلغان . 1882 - يىل مايدا قورام بولۇسى تۆۋەندىكىچە سېلىنالارغا بۆلۈنگەن : قورام 300 تۈتۈن ، لابار 328 تۈتۈن بولغان . 1883 - يىل ئاۋغۇسىتتا تىرەنقارا 320 تۈتۈن ، قارا تورۇق 304 تۈتۈن ، ئاسۇ 200 تۈتۈن بولغان ، كېيىنرەك كىيكباي تۈزۈلگەن بولسا كېرەك . ھازىرقى قاراسۇ بولۇسىدىمۇ تارانچىلاردىن بولۇشى ئېھتىمال . ھەر بىر سېلىنا ئۈچۈن يەر ئۆلچەپ بەرگەندە ، تەن سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ ، شەھەردىكى ۋە سەھرادىكىلەرگە باغلىق يەرمۇ بەرگەن .
قاراسۇ بولۇسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار : سۇ بويىغا 300 تۈتۈن ، شۇ يىلى ئىيۇلدا تاشكەنبايسازغا 242 تۈتۈن ، 1883 - يىلى تاشقارا سۇغا 200 تۈتۈن ، ناۋبېككە 100 تۈتۈن ، جارىلقاپقا 100 تۈتۈن ، ئىككى بۇلاقتوقايغا 300تۈتۈن ، ماناپبۇلاققا 200 تۈتۈن ، پالتىبايغا 101 تۈتۈن ، سادىرغا 50 تۈتۈن جەمئىي 1500 تۈتۈن ئورۇنلاشقان .
1884 - يىلى بۇلارنىڭ ئۈستىگە يەنە 1495 تۈتۈن قوشۇلغان . ئالمۇتىدىكى تارانچىلار 130 تۈتۈن ، ئىلى كۆۋرۈكىگە 43 تۈتۈن ، جەمئىي 3185 تۈتۈن بولغان . لېكىن قارا سۇ بولۇسىنىڭ جان بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر مىقدارى بەك ئاز بولغانلىقتىن ، بۇلار كۆپىنچە قوشنا قازاقئورۇسلارنىڭ ۋە قازاقلارنىڭ يەرلىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ تېرىپ تۇرغان .
كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ، ئاسالىقى ، ئېرىق - ئۆستەڭنى ئاساس قىلىپ ، 200 ئۆيلۈكتىن كەم بولماسلىق ۋە دېھقانچىلىق ، تىرىكچىلىككە قولايلىق بولۇش ئاساسىدا ئورۇنلاشتۇرلغان .
تارانچى ، تۇنگانلارغا سېلىنغان سېلىق ھەممە يەردە ئوخشاش بولغان . 1886- يىلىدىن باشلاپ تۈتۈن بېشىغا سەككىز سومدىن سېلىق سېلىنىپ ، ئون يىل داۋاملاشقان . مۇشۇ تەرتىپتە بىرنەچچە يىل ئۆتۈپ ، ئاندىن يىلدىن يىلغا كۆپەيتىلگەن . يەتتە سۇغا كىرىستىيانلار كۆپ كېلىپ ، دېھقانچىلىق كېڭەيگەنلىكتىن ، مەھسۇلات باھاسى ئەرزانلاپ ، كەمبەغەل ۋە ئوقەتسىز دېھقانلار ئۈچۈن سېلىق ئېغىر كېلىپ يەر - سۈيىدىن ئايرىلغان نامراتلار سېپى كۈنسايىن كۆپەيگەن . چوڭ كىرىستىيانلار ئۈچۈن ئەرزان ئىشلەمچى - مەدىكارلار كۆپىيىشكە باشلىغان .
+++++++++++++++
تارانچىلار مانجۇلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەندىن كېيىن ( ئىلىدىكى ) بۇرۇنقى قاتتىق ئالۋان - سېلىقلاردىن قۇتۇلغان . ئەمما كونا قائىدە بويىچە ھوسۇل - دەن تۆلەيدىغان بولغان . سانى ئاز قالغان خەلققە بۇرۇنقىدەك دەن تۆلىمەك ئېغىر ئىدى . پۈتۈن ئىلى بويىچە كۆچمەي قالغان تارانچىلار 1700 تۈتۈن ھىسابىدا ئىدى . يەتتە سۇغا كۆچۈپ كەتكەن تارانچىلاردىن بەزىلىرى كونا يۇرتلىرىنى سېغىبىپ ( ئۇ يەردە ئوقەت قىلالماي ) ، بەش - ئون يىل ئىچىدە 4000 تۈتۈن كىشى ئىلىغا قايتىپ كەلگەن . بۇلار بۇرۇنقى ئۆز جايلىرىغا ئىگە بولغان .
( تۈگىدى )