ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ داۋاملاشقان ۋاقتى ئۇزۇن ، زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش بولۇپ بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا ئايرۇپىلان ، تانكىلار كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى ، ئاتوم بومبىسىمۇ تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلدى . ئۇرۇش جەريانىدا ئۆلگەن ئادەملەرمۇ 100 مىليونغا يېتىپ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر داغ بولۇپ قالدى . بىراق ھەربىي ئىلىم جەھەتتىن قارىغاندا ھەر خىل قورال ياراقلار ۋە ئۇرۇش نەزىرىيىلىرىنىڭ ئىلىتىلىشى ھەربىي ئىشلار ئىلمىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى سەۋىيەگە كۆتۈردى . ھەمدە بۇ قېتىملىق ئۇرۇش جەريانىدا ئۆزئارا قارشى ئىككى تەرەپ يەنى " ئوق مەركىزىي دۆلەتلەر " ۋە " ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر " دىن كۆپلىگەن تالانتلىق قوماندانلار مەيدانغا كەلدى .
تورداشلاردىن بۇ تارىخقا قىزىققۇچىلار بولسا بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتىكى ئەڭ تالانتلىق گېنېرال كىم دىگەن مەسىلىنى مۇنازىرە قىلىپ باقساق . بۇنىڭدىكى مەقسەت بىر تەرەپنى مەدھىيىلىەش ياكى چۆكۈرۈش ئەمەس بەلكى ئۇرۇشقا قاتناشقان گېنېراللارنىڭ تالانتىنى باھالاش .
مەن ئۆزەم بىلىىدىغانلارنى رەتكە تىزىپ باقاي .
مەنچە بىرىنچى ئورۇندا گېرمانيەلىك ھېينىز گۇدرىئان .

Heinz Wilhelm Guderian,1888年~1954年)
بۇ ئادەمنىڭ ھەربىي تالانتى ناھايىتى يۇقۇرى بولۇپ گېرمانىيە تانكا قىسىملىرىنى قۇرۇپ چىققان . ئۇ گېرمانىيە تانكا قىسىملىرىنىڭ ئاتىسى دېگەن نامغا ئېرىشكەن .
گۇدرىئان پولشا ئۇرۇشى ، فىرانىسىيەنى ئىشغال قىلىش ، روسىيەگە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ ھەممىسىدە تانكا قىىسملىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنىكەن . ئۇ قاتناشقان ئۇرۇشلاردا تۈزگەن پىلانىنىڭ ئورۇندىلىشى %100 گە يەتكەن بولۇپ . گېرمانىيە قىسىملىرىنىڭ دەسلەپكى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈىشىدە ناھاىىتى مۇھىم رول ئوينىغان بىراق گىتلېرنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقى سەۋەبىدىن ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغان . مەسىلەن 1940 - يىلى دىيۇنكىركتا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قوشۇنى قورشاۋغا چۇشۇپ قالغان ۋاقىت 1941 - كۈزدە موسكىۋاغا ھۇجۇم قىلىش ۋاقتى قاتارلىقلار دا گىتلېرنىڭ ئارىلىشىۋېلى بىلەن ھەسرەتتە قالغان . كېيىن موسكىۋاغا قىلىنغان ھۇجۇمدا گېرمانىيە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ قوشۇننى ئۆز ئالدىغا چېكىندۈرگەنلىكى ئۇچۈن جازالانغان .
2 . ژۇكۇۋ - سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى تورداشلارنىڭ كۆپچىلىكى بىلىشى مۇمكىن .

Георгий Константинович Жуков,1896年12月1日—1974年6月18日)
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەڭ ئىقتىدارلىق گېنېرالى بولۇپ . 1939 - يىلى يىراق شەرقتە ياپونىيە ئارمىيەسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ داڭ چىقارغان . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ شتاب باشلىقى بولۇپ چوڭ ئوپىراتىسيەلەرنىڭ ھەممىسىگە دىگۈدەك قاتناشقان . ستالىن ژۇكۇۋنىڭ تالانتىنى دەل ۋاقتدا بايقاپ ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بالايى ئاپەتتىن ساقلىنىپ قالغان . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى موسكىۋا ئۇرۇشىدا ژۇكۇۋ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ قالغان . ئاندىن كېيىن كىيېۋ ئوپىراتىسيەسىدە گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ئاستىلاتقان . 1942 - يىلى لېنىنگىرادقا بېرىپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشاپ ، لېنىنگىرادنى ساقلاپ قالغان . سىتالىنگىراد ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلغان . تۆھپىسى ناھايىتى چوڭ بولغان . ژۇكۇۋ بولمىغان بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا بىرنېمە دېمەك تەس بولاتتىكەن .
ستالىن بىلەن گىتلېردىن ئىبارەت بۇ ئىككى مۇستەبىت ئادەم ئىشلىتىشتە پەرقلىنىدىكەن . ستالىن ھەربىي ئىشلاردا ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە ئارىلىشىۋالغان بولسىمۇ ، كېيىن گېنېراللارغا قويۇپ بەرگەن . گىتلېر بولسا باشتىن ئاخىر ھەممە ئىشقا ئارىلىشىۋېلىپ گېنېراللىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى بوغقان .
3. مانسىتىيىن - گېرمانىيە ئارمىيەسىدىن .

( Erich von Manstein )
1887年 11月24日 1973年 6月11日
گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى باش شتابىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ زېھنى ناھايىتى ئۆتكۈر ، چوڭ ئۇرۇشلارنىڭ پىلانلىرىنى تۈزۈشتە ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ غەلىبە قازىنىشىدا چوڭ رول ئوينىغان . فىرانسىيەگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تۈزۈشتە گىتلېرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە شۇ بويىچە پىلان تۈزۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان . نەتىجىدە گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ھەرىكىتى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قوماندانلىق شتابىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىپ ، شۇ ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى دەپ ئاتالغان فىرانسىيە ئارمىيەسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تارمار قىلىنىپ غەربىي سەپتىكى ئومۇمىي يۈزلۈك غەلىبىگە ئاساس سالغان .
1942- يىلنىڭ ئاخىرىدا قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ سىتانلىنگىرادتا قورشاۋغا چۈشۈپ قالغان گېرمانىيە ئارمىيىسىنى قورشاۋدىن قۇتۇلدۇرغان بىراق گىتلېر قوشۇنلارنى چېكىندۈرۈشكە ئۇنىمىغانلىقى ئۈچۈن ، قىلغان ئىشلىرى بىكارغا كەتكەن . 1943 - يىلى يازدا خاركوۋ شەھىرىدە بولغان ئۇرۇشلاردا دادىللىق بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ ئاز سانلىق قوشۇن بىلەن كۆپ سانلىق قوشۇننى يېڭىشتەك نەتىجە بىلەن ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە قىسقا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان . بىراق گىتلېر بۇ ئادەمدىن تولۇق پايدىلانمىغانلىقى ئۈچۈن ئاكتىپچانلىقى تولۇق جارى قىلدۇرۇلماي قابىلىيىتى زايا بولغان .
4. پاتتون

George S. Patton
1945 - 1885
ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مەشھۇر گېنېرالى . ئۇرۇش تاكتىكىسىغا ناھايىتى باي . باتۇر قوماندان . پاتتون ئافرىقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش ، سىتسىليە ئارىلىنى ئىشغال قىلىش ، ئىتالىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىش ، نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىش قاتارلىق ئۇرۇشلاردا كەسكىنلىكى ، چاققانلىقى ۋە باتۇرلۇقى بىلەن ناھايىتى داڭ چىقىرىپ گېرمانىيە ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلىشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان . ئۇرۇشلاردىكى ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ ، ھەمىشە يۇقۇرى قوماندانلىق تەرىپىدىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىش ھەققىدىكى بۇيرۇق تاپشۇرىۋالىدىكەن . بۇ ئادەمنىڭ قوماندانلىق تالانتى بەك يۇقۇرى بولغان بىلەن كىشىلىك مۇناسىۋەت ، دىپلوماتىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى قابىلىيىتى بەك تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن بەك يۇقۇرى ئۆسەلمىگەن ، بۇ ئادەمنىڭ ئەڭ تولا دەيدىغان گېپى " ھەربىينىڭ ۋەزىپىسى ئۇرۇشتا ئاخىرقى بىر پاي ئوقتا ئۆلۈش " بولسىمۇ لېكىن ئۇرۇشتا ئۆلمەي ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قاتناش ھادىسىىدە ۋاپات بولغان .
5. ياماموتو ئىسوروكو ( خەنزۇچە شەنبېن ۋۇشىليۇ دېيىلىدۇ ) بۇ ئادەم ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى

山本五十六
1884年4月4日—1943年4月18日
بۇ ئادەم دېڭىز ئارمىيە ئوفتسېرى . كىچىىكىدىن تارتىپلا چىدامچانلىق قەيسەرلىكنى ئۆزىدە يېىتىلدۈرگەن بولۇپ . ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ كۈچلۈكلىكى جەھەتتە ھەرقانداق ھەربىينى بېسىپ چۈشىدۇ . ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيە ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا قەتئىي قارشىلىق قىلغان . بىراق ئاز سانلىق بوپ قېلىپ ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىش قارار قىلىنغاندا ، ئامالسىز ئامېرىكىغا قىلىنىدىغان ھۇجۇمنىڭ پىلانىلىرىنى تۈزگەن . ياماموتو ئەينى ۋاقىتتا مۇنداق دېگەن . " ھەربىي بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇيرۇققا بويسۇنمىسام بولمايدۇ ، بىز ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلساق دەسلەپتە بىر ئىككى يىل غەلىبە قىلىپ ئاندىن مەغلۇپ بولىمىز ، ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ گىگانىت ئادەمنىڭ كۈچىگە ھەرگىز تەڭ كەلگىلى بولمايدۇ " . ئۆزى ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قارشى تۇرسىمۇ پىئورېل خاربېرغا ۋە فىلىپپىن ، ھىندونىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ، تۇيۇقسىز ھۇجۇمنىڭ ھەممە پىلانىنى ئۆزى تۈزۈپ چىققان .
1943- يىلى 4-ئايدا ئالدىنقى سەپنى كۆزدىن كەچۈرگىلى بارغاندا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى تېلېگراممىنىڭ شېفىرىنى يېشىۋېلىپ ، ياماموتونىڭ ئايرۇپىلان ئەترىتىنى ئېتىپ چۈشۇرىۋەتكەن . ياماموتومۇ ئۆلگەن .
6. روممېل

روممېل ئىككىچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى داڭلىق گېنېراللارنىڭ بىرى . بۇ ئادەمنىڭ زېھنى كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك . ئۇرۇشتا باشقىلارنىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىقىدىغان ئالاھىدىلىكى بار . دەسلەپتە گىتلېرنىڭ مۇھابىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان . بۇ مەزگىلدە پىيادە ئەسكەرلەرنىڭ مەشق قوللانمىسىنى يازغان بولۇپ ، بۇ كىتاب گىتلېرگە ناھايىتى بەك يارىغان . ئۇنىڭدىن باشقا روممېل گېرماينىيەنىڭ باشقا كۆپ سانلىق گېنېراللىرىدەك ئاقسۆڭەك ئەۋلادى بولمىغانلىقى ئۈچۈن گىتلېرنىڭ ئەتىۋالىشىغا ئېرىشكەن . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە غەربىي سەپتە بولغان ئۇرۇشلاردا ، بىر بىرونىۋىك دىۋىزىيەسىگە قوماندانلىق قىلىپ شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . 1941 - يىلى ئافرىقا ئۇرۇش مەيدانىغا ئىتالىيىگە ياردەم بېرىشقا ئەۋەتىلگەن . ئافرىقىدا بولغان ئۇرۇشلاردا ئەنگىلىيە ئارمىيەسى بىلەن كۆپ قېتىملىق ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ ، بەزىدە مەغلۇپ بولۇپ ، بەزىدە غەلىبە قىلىپ ئاخىرىدا ئەل ئامىيىن ئۇرۇشىدا ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولۇپ ئافرىقا جەڭ مەيدانىدىن قايتىپ كەلگەن . ۋە غەربىي سەپكە مەسئۇل قىلىنغان . 1944 - 6 - ئايدا ئىتتىپاقداش قوشۇنلار نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا ئېغىر يارىلانغان . 1944 - 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىكى گىتلېرنى قەستلىگەن سۈيقەستچىلەرگە چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ، گىتلېر تەرىپىدىن زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋېلىشقا بۇيرۇلغان . بۇ ئادەم تاكتىكىغا ماھىر بولغان بىلەن سىتراتىگىيەگە سەل خام .
1892 - 1945 يىللار
7. روكوسوۋسكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىدىن

罗科索夫斯基 1896.12.21~1968.8.3
8 . مونتىگومرى ئەنگىليە ئارمىيەسىدىن
伯纳德·蒙哥马利元帅 1887—1976
يۇقۇرىقىلاردىن ياماموتودىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفتسېرلىرى
مەن ئۆزەمنىڭ بىلگەنلىرىمگە ئاساسەن يۇقۇرىقىدەك تىزىپ باقتىم .
تورداشلارمۇ ئۆزىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا .