بۇ بەتتىكى يازما : ئۇيغۇرلاردىكى ئاق قاشتېشى ئىتىقادچىلىقى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

ordam
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 5
شۆھرىتى: 6 نومۇر
پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-23

 ئۇيغۇرلاردىكى ئاق قاشتېشى ئىتىقادچىلىقى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە

ئۇيغۇرلاردىكى ئاق قاشتېشى ئىتىقادچىلىقى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە
ئابدۇغېنى سەيدىن
(قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)
دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بارلىق ئىتىقاد شەكىللىرى شۇ مىللەتنىڭ دۇنيا قارىشى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ئېستىېتىك قاراشلىرىنىڭ ئوبرازلىق ئىپادىسى بولۇپ، ئۇ شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىر مىللەتنىڭ ئىتىقاد ئادەتلىرىنى تولۇق، توغرا ئىزاھلىماي تۇرۇپ، ئۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى تولۇق يورتۇپ بەرگىلى بولمايدۇ.
تارىختىكى شانلىق مەدنىيەتلەرنى ئاپىرىدە قىلغۇچى مىللەتلەر قاتارىدا تۇرۇپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىمۇ تارىختا ئۆزىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغان جۇغراپىيلىك شارائىتىغا ماسلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئادىتى، ئېستېتىك قاراشلىرىغا ئاساسەن جانلىق، جانسىز ھەر خىل نەرسە ۋە ھادىسلەرنى ئۆزىنىڭ ئىتىقاد ئوبىكتى قىلغان.
ئۇيغۇرلانىڭ كۆك بۆرىنى ئۆزىنىڭ ئىتىقاد ئوبىكتى قىلغان تائىبىسىنىڭ سەركەردىسى ئوغۇزخان ئوتتۇرا ئاسىيا دالىلىرىدىن شەرقىي روم گىرۋەكلىرىگىچە سوزۇلغان بىپايان زىمىندا ئۆز ئالدىغا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ھەرقايسى ئۇرۇق، قەبىلىلەرنى بۆرە بېشى چۈشۈرۈلگەن بايراق ئاستىغا توپلاشتىن بۇرۇن ئوخشىمىغان جۇغراپىيلىك مۇھىتتىكى قەبىلىلەر ئۆز ئالدىغا بۆرە، ئەجدىھا، شۇڭقار، كىيىك، ئارسىلان، ئۆكۈز، ئاقئات، كاككۇك، تاغ، دەرەخ، ئاق قاشتېشى... قاتارلىق جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىتىقاد ئوبىكتى قىلغان بولۇپ، بۇ ئىتىقاد ئوبىكتلىرى ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجدىمائىي تۇرمۇش ئادەتلىرىنى، ئىستېتىك ئېڭىنى ئەڭ جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. لېكىن، بىز ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا زور رول ئوينىغان ئاق قاشتېشى ئىتىقادچىلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىپ كۆرمىدۇق.
مەيلى يازما مەنبەلەردىكى مەلۇماتلاردا بولسۇن، مەيلى ئارخېئولوگىيەلىك مەنبەلەردە بولسۇن قاشتېشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا زور رول ئوينىغانلىقى مەلۇم.
ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ قاشتېشىدىن پايدىلىنىشى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن بۇرۇن باشلانغان. شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدى (تەخمىنەم مىلادىدىن بۇرۇن XVIئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى XIئەسىرگىچە)گە كەلگەندە قاشتېشى ھۈنەر سەنئىتى نىسبەتەن يۇقۇرى سەۋيىگە يېتىپ، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن قاشتېشىدىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەن①.ئۇيغۇرلارنىڭ سودا-سېتىقنى ئاساس قىلغان دەسلەپكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە يەنىلا قاشتېشى مۇھىم رول ئوينىغان. «جوڭگۇنىڭ يىن، جۇ سۇلالىرىدىن تارتىپ، ئالتە سۇلالە دەۋرىگە قەدەر بولغان قەبىرلەردىن نۇرغۇن قاشتېشى بۇيۇملىرى قېزىۋىلىنغان، بۇ قاشتېشى بۇيۇملىرىنىڭ چىقىدىغان ئورنىغا ئاسالىنىپ، ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ خوتەن رايۇنىدىن كەلتۈرۈلگەنلىگىنى جەزمىلەشتۈرۈش مۈمكىن.
مۇشۇ مەنىدىن ئىيىتقاندا بەزىلەر يېپەك يولىنى <قاشتېشى يولى>دەپ ئاتاشقان»②. ياپونىيلىك چاڭزى خېجۈننىڭ نۇرغۇنلىغان يازما ۋە قىزىلما مەنبەلەرگە ئاساسەن يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرغا قويغان بۇ خۇلاسسىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدا قاشتېشىنىڭ ناھاىتى زور رول ئوينىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ.
دەرۋەقە ئىپتىدائىي تاش قۇراللار دەۋرىدە خوتەن دىيارىدىكى خەلقلەر يۇنۇش، چوقۇشقا ئەپلىك بولغان پارقىراق، سىلىق، قاتتىق، رەڭدار بولغان قاشتېشىدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ قاشتېشى پالتا، پىچاق، ئەينەك ياساپ پايدىلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قاشتېشى بىر ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسىلا بولماستىن ئۆزىنىڭ سىلىقلىقى، پاقىراقلىقى، رەڭدار، چىداملىق بولۇش ئالاھىدىلىكى قاشتېشى ئىتىساد ئالماشتۇرۇش جەھەتتىكى «خان تېشى»، «دۆلەت گۆھىرى»لىك قىممىتىدىن بەكرەك ئىستىتىك قىممىتىگە ماس ھالدا گۈزەللىك قارىشىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ خىل قاراش بارا-بارا قاشتېشى ئىتىقادچىلىقىغا ھامىلە بولغان.
ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئىجتىمائىي ئاڭنى بەلگىللەيدۇ، ئىتىقاد ئىجتىمائىي ئاڭنىڭ ھاسىلاتى. ئەينى دەۋىردىكى خەلقلەر ئۆز تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىتىقاد ئوبىكتى قىلىپ تاللاپ ئالغان. يازما مەنبەلەردىكى قاشتېشىنىڭ ئانا ماكانى خوتەن ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت پاكىتلاردىن بىز شۇنى قىياس قىلالايمىزكى، ئەينى دەۋىردىكى خوتەن بوستانلىقىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قاشتېشىنى ئۆزىنىڭ ئىتىقاد ئوبىكتى قىلىپ تاللىغان.
ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»(3-توم، 208-بەت)دا قاشتېشىغا مۇنداق ئىزاھات بېرىدۇ: «بۇ بىر خىل سۈزۈك تاش بولۇپ ئاق ۋە قارا رەڭلەردە كۆرلىدۇ. بۇنى ئېقىنى گۈلدۈرمامىدىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ۋە چاقماق چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈزۈككە كۆز قىلىدۇ.
قاش ئۆگۈز. خوتەن شەھرىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئاقىدىغان ئىككى دەريا. بىرى يورۇڭقاش دەرياسى دىيىلىدۇ. بۇ يەردىن سۈزۈك ئاق تاش چىققاچقا، دەريامۇ شۇ نام بىلەن ئاتالغان. يەنە بىرى قارىقاش دەرياسى دىيىلىدۇ. بۇ يەردىن سۈزۈك قارا تاش چىقىدۇ. بۇ تاشلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن چىقمايدۇ، پەقەت مۇشۇ يەردىلا چىقىدۇ». ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەتقىقاتچىلار تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارنى بىرىدۇ. « خوتەن، يەكەن ۋە قەشقەرلەردە زەرگەرچىلىك تەرەققىي قىلغان ۋە زەرگەرنىڭ داڭقى چىققانىدى. جەنۇبىي قەشقەرىيىنىڭ قول ھۆنەرۋەنلىرى ھەر خىل زىننەت بۇيۇملىرىنى بېزەش ئۈچۈن خوتەن قاشتېشى ئۈستىدە ئىشلەيتتى. خوتەن –قاشتېشى چىقىدىغان رايۇنلارنىڭ بىرى ئىدى. غەربىي يۇرت، ئوتتۇرا ۋە ئالدىنقى ئاسىيا خەلقلىرىدە قاشتېشىدا بىر خىل سېھرىي كۈچ بار دەيدىغان ئېتىقاد بار ئىدى. بۇ توغرۇلۇق ئەل بىرۇنى تۆۋەندىكىلەرنى يازغانىدى: <...قاشتېشىنى ياكى ئۇنىڭ بىر تۈرىنى غەلبە تېشى دەپ ئاتايدۇ، غەلبە قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ قىلىچ-شەمشەر، ئىگەر-توقۇم(395)ياكى كەمەرلىرىنى قاشتېشى بىلەن بېزەيدۇ، كىيىن باشقا خەلقلەرمۇ تۈركلەردىن ئۆگىنىپ، مۇشۇنداق قىلىدىغان بولدى. شۇ مەقسەتتە قاشتېشىدىن ئۈزۈك ياسايدۇ، پىچاق ۋە خەنجەر ساپلىرىنى ياسايدۇ>»③.
بۇ بايانلاردا كۆرۈنەپ تۇرغىنىدەك، قەدىمقى خەلقلەر ئۆزلىرىگە ئىتىقاد ئوبىكتى قىلىپ تاللىغان نەرسلەرگە ئىلاھى تۈس بىرىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ غايەت زور شەپقەتچىسى، قۇتقازغۇچى نىجاتكارى دەپ قارىغان.
بىز، بىزگە خۇددى «ئوغۇزنامە» ئېپوسىنى كۆرىۋاتقاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلىدىغان بۆكەخان ھەققىدىكى رىۋايەتكە نەزىرمىزنى ئاغدۇرساق بۇ نۇقتىنى رۇشەن چۈشۈنۈپ ئالالايمىز. «كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بوكۇ خان كېچىسى ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە ئاق چاپانلىق، ئاق ھاسا تۇتقان بىر بوۋاي بىر پارچە قاشتېشىنى بوكۇخانغا بىرىپ:<سەن مۇشۇ تاشنى مەڭگۈ ساقلىساڭ، پۈتۈن دۇنيا ساڭا باش ئېگىدۇ>دەپتۇ. »④ دەرۋەقە، بوكۇخان ئاق قاشتېشىنىڭ (ئۇيغۇرلاردىكى شامانىستىك ۋە مانخەيزملىق قاراشلار بويىچە ئاق رەڭگە بولغان ئالاھىدە ئىستىتىك قاراشلىرىدىن بوكۇخانغا بېرىلگەن قاشتېشىنى ئاق قاشتېشى دەپ پەرەز قىلىش بەلكىم خاتا بولمىسا كېرەك؟) خاسىيىتى بىلەن ئۆز تىرتورىيەسىنى كۈن چىقىشتىن كۈن پىتىشقىچە بولغان بىپايان زىمىنلارغىچە كېڭھەيتىدۇ.
«تۈركلەردە كىمنىڭ يېنىدا قاش تېشى بولسا، ئۇنىڭغا چاقماق تەگمەيدۇ، دېگەن بىر ھىكىمەتلىك سۆز بار. قاش تېشى ئاق، سۈزۈك بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى ئۈزۈك قىلىپ سالىدۇ. بۇ ئۈزۈكنى سېلىۋالغان كىشىگە چاقماق تەگمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ تەبئىتى شۇنداق، بۇ تاشنى بوزگە ئوراپ ئوتقا تاشلىغاندا، بوزمۇ، تاشمۇ كۆيمەيدۇ. بۇ سىنالغان. ئۇسسىغان ئادەم بۇنى ئاغزىغا سالسا، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ. » «تۈركىي تىللار دىۋانى» (3-توم، 26-بەت)دا خاتىرلەنگەن بۇ ئىزاھاتلاردىمۇ ئاق قاشتېشىغا ئىلاھلىق تۈس بەرىلگەن.
تامىممۇ ئۆز ساياھەت خاتىرسىدە قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا مۇنداق ئادەتلەرنىڭ بارلىقىدىن مەلۇمات بىرىدۇ: «ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئۇلارنىڭ قولىدا غەلىتە تاشلار بار ئىكەن، ئۇلار مۇشۇ تاشلار ئارقىلىق ئۆزى خالىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ، قار-يامغۇر ياغدۇرالايدۇ، سوغۇق ھاۋا پەيدا قىلالايدۇ. ئۇلاردا مۇشۇنداق تاشلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ ھېكايىنىڭ تارقىلىش دائىرسى كەڭ... ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تاشلار ئۇيغۇر خاقانلىرىدىلا بولىدۇ»⑤. تامىمنىڭ « بۇ ھېكايىنىڭ تارقىلىش دائىرسى كەڭ» دېگەن پىكىرنى ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىمۇ ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. مەسلەن «خاسىيەتلىك تاش» نامىلىق چۆچەكتە بەختىنىڭ دادىسى ئوغلىغا: «جېنى تېنىدىن چىقمىغان ھەرقانداق كىسەلگە مۇشۇ تاشنى چايقاپ سۈيىنى ئىچكۈزسە، سەللىمازا ساقىيىدۇ» دەپ بەرگەن خاسىيەتلىك تاشنى بىز يۇقۇرقى بىرقاتار دەلىللەردىن، شۇنداقلا خوتەن قاشتېشى ئىچىدە قوي يېغىدەك ئاق بولغىنىنىڭ قىممىتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرىقى  بولۇشىدەك پاكىتتىن ئاق قاشتېشى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا ھەقلىقمىز.
غەيرەتجان ئوسمان «قاشتېشى ھەققىدە بىر قانچە ئېنىقلىما»نامىلىق ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ بىۋاستە تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىگەنلىرىگە ئاساسەن خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھازىرغىچە قاشتېشىغا نىسپەتەن ئالاھىدە ھىسسىياتتا قارايدىغانلىقى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر بېرىدۇ:  «ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش ئەمەلىيتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاشتېشىغا نىسبەتەن بىر خىل سۆيۈنۈش-ئېتىقاد چۈشەنچى بارلىققا كەلگەن. كىشىلەر ئارىسىدا قاشتېشىغا تۈكۈرمەسلىك، ئۇنى قاتتىق تەپمەسلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلماسلىق، ئۇ بار يەردە ۋە ئۆيدە ناشايان ئىشلارنى قىلماسلىق، قاشتېشى بار ئۆيگە جىن-ئالۋاستى كىرمەيدۇ، پىشكەللىككە يولۇقمايدۇ، دەپ قاراش، كىچىك بالىلار ئۇخلاپ قالغاندا تەكيىنىڭ ئاستىغا قاشتېشى قويۇپ قويسا قارا باسمايدۇ، قاشتېشىنى تۇمار قىلىپ ئېسىۋالسا كېسەل، كۆز، جىن تەگمەيدۇ، سەپەرگە چىققاندا قاشتېشىنى ھەمرا قىلىۋالسا كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقمايدۇ، ئىلىم-بېرىم، سودا ئىشلىرى يۈرىشىدۇ دېگەندەك چۈشەنچىلەر تارالغان»⑥.
ئۇيغۇرلادىكى ئاق قاشتېشى ئىتىقادچىلىقىنى ئۇلارنىڭ دەپىنە قىلىش ئادەتلىردىنمۇ روشەن كۆرۈپ ئالالايمىز. چۈنكى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئىتىقادىنىڭ ئوخشاش بولماسلىق سەۋەبلىك دەپىنە قىلىش ئادەتلىرىمۇ ئوخشاشمايدۇ. شۇنداقلا، ھەممىمىزگە مەلۇم بولىغىنىدەك بىر مىللەتنىڭ تارىختىكى ئىتىقاد ئوبىكىتلىرى ۋە ئىتىقاد شەكىلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى دەپىنە قىلىش قائىدە يوسۇنلىرىمۇ پەرقلىق بولىدۇ.
قەدىمقى قەبىلە ۋە ئۇرۇقلار ئۆزلىرى ئىتىقاد قىلغان نەرسىلەردە ئىلاھىي روھ بار دەپ قاراش بىلەن بىرگە روھ مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ دەپ قارىغان. شۇڭا ئۇلار ئۆلگۈچى روھىنىڭ يالغۇز قالماسلىقى، قورۇنۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرى ئىتىقاد قىلغان نەرسىلەرنى بىرگە قوشۇپ دەپىنە قىلىش ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ھازىرقى قىسمەن رايۇنلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلگۈچىنىڭ ھاياتلىق مەزگىلىدە كۆپ ئىشلەتكەن ياكى ئەڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى بىرگە دەپىنە قىلىش ئادىتى بەلكىم ئاشۇ خىل قاراشلارنىڭ يوشۇرۇن ئاڭدىكى ئىزناسى بولسا كېرەك.
1979-يىلى ئارخېئولوگىيە خادىملىرى كۆنچى دەرياسى ۋادىسىدىكى قەبىرلەردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى بىر ئايالنىڭ قۇرۇق جەسسىتى بىلەن بىرگە ئاق قاشتېشىدىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن نەپىس ياسالغان بىر قاشتېشى پالتىمۇ تاپقان⑦.
بىز يۇقارقىلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى خوتەن بوستانلىقىنى مەركەز قىلىپ ياشىغان قەۋىملىرىنىڭ ئاق قاشتېشىنى ئىلاھنىڭ مۇجەسسىمى، مۇقەددەس قۇتقازغۇچى، گۈزەللىكنىڭ يارقىن سىمۋۇلى سۈپىتىدە  ئىتىقاد قىلغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئادىتى، ئىستېتىك قاراشلىرى ۋە نەپىس سەنئەت تەراققىياتىنى، دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورنىنى بەلگىلىك دەرىجىدە كۆرۈپ ئالالايمىز. بۇنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارخىنى تەتقىق قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم.
bilqut
Posted: 2008-01-05 10:58 | [ئاپتور]
Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئىزاھات ئۇچۇرلىرىنىمۇ يېزىپ قويسىڭىز بوپتىكەن
1som
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
Posted: 2008-01-05 16:24 | 1 -قەۋەت
ordam
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 5
شۆھرىتى: 6 نومۇر
پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-23

 

باشقىلارنىڭ قانۇنسىز پايدىلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىزاھات ۋە ئىستاستىكىلار بىرىلمىگەننىدى...
Posted: 2008-02-20 13:43 | 2 -قەۋەت
ordam
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 5
شۆھرىتى: 6 نومۇر
پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-23

 

باشقىلارنىڭ قانۇنسىز پايدىلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىزاھات ۋە ئىستاستىكىلار بىرىلمىگەننىدى...
Posted: 2008-02-20 13:43 | 3 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 250
شۆھرىتى: 253 نومۇر
پۇلى: 2520 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

Quote:
3 - قەۋەتتىكى ordam 2008-02-20 13:43 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
باشقىلارنىڭ قانۇنسىز پايدىلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىزاھات ۋە ئىستاستىكىلار بىرىلمىگەننىدى...



بىلدىم ،بۇ ماقالە تېخى ژورنالدا ئېلان قىلىنمىغان ، شۇنداقمۇ؟ بۇ ئىش پۈتكەندە ئىزاھاتنى بېرىپ قويارسىز.
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-02-20 15:29 | 4 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردا دىن

Total 0.078064(s) query 4, Time now is:03-07 19:58, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation