Xojaniyaz
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 تۈركىي خەلق - گاگائۇزلار

تۈركىي خەلق - گاگائۇزلار
خۇجانىياز

گاگائۇزلار قەدىمكى چاغدىكى ئۇيغۇر - ئۇغۇزلارنىڭ نەسلى نەسەبىدىن بۇلۇپ، مىلادى5- 6- ئەسرلەردە ئالتاي تاغلىرى ئەتراپى، مۇڭغۇليە ئەتراپلىرىدىن غەرپكە سۇرۇلۇپ، ئۇرال ۋە ئېتىل(ۋولگا)ئارقىلىق بىر قىسمى شەرقىي ياۋرۇپاغا، يەنە بىر قىسمى قارا دېڭىز ئەتراپلىرغا كۆچكەن. مىلادى 1000 - يىلاردا «دۇبرۇجا» 1دېگەن يەرگە ئۇلتۇراقلاشقان. 1224 - يىلى مۇڭغۇللار رۈسلارنى يەڭگەندىن كىيىن، گاگائۇزلار تۇنا دەرياسىدىن ئىككنىچى قېتىم ئۈتۇپ، سىلستىرې ۋە ۋاما دېگەن يەرگە جايلاشقان. يەنە بىر قىسم گاگائۇزلار بولسا بالقان يۇلى بىلەن ئادالارا، ئانادۇلۇغا يەرلەشكەن.
گاگائۇزلار تۇركىي تىلى(ئۇغۇز تىللىرى گۇرۇپىسنىڭ ئۇغۇز - بۇلغار تارماق گۇرۇپىسى) دا سۆزلىشىدىغان ، خىرستىيان دىنىنڭ پىراۇسلاۋىيە مەزھىپىگە ئىتقاد قىلىدىغان بىر خەلقتۇر .
«گاگائۇز» دېگەن بۇ نام ئاتاق ھەققىدە بەزىلەر« گاگائۇز » ئەسلى «ئۇغۇز» دېگەن سۆزنىڭ يەنە بىر خىل ۋارىيانىتى دىسە يەنە بەزىلەر، ئۇ « كۆك ئۇغۇز » دېگەن سۆزدىن كىلىپ چىققان. چۈنكى گاگاۋۇز مىللىتىنىڭ چېچى سېرىق، كۇزى كۆك بولغاچقا « كۆك ئۇغۇز » دەپمۇ ئاتالغان دەيدۇ.
گاگائۇزلار 11 - ئەسىردە بىزانىس دانچىلىرىنىڭ زورى بىلەن خىرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان، 13 - ئەسىردە شىمال ۋە شەرىقتىكى بالقاندا (يۇگۇسلاۋىيە، ئالبانىيە، بۇلغارىيە، رۇمانىيە، گىرىتسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا) ئولتۇراقلىشىپ قالغان.
13 - ئەسىردە تۇنجى قېتىم يەنى 1263 - يىلدىن1383 - يىلغچە120 يىل مەۋجۇت بولغان مۇستەقىل گاگائۇز دۆلىتى قۇرغان، ئۇلارنىڭ بايرىقى قىزىل رەڭلىك يەرشارنىڭ ئۈستىگە ئاق رەڭلىك بىر خۇرازنىڭ سۈرتى چۇشۇرۇلگەن بايراق بولغان.
دوبرۇجادا ئوسمان تۈرۈك ئىمپىرىيسى ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلاردا گاگائۇزلار ئۆزىنىڭ تۈركى مىللەت بولۇشىغا قارىماي، خىرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئوسمان تۈرۈك ئىمپىرىيسى ئىسلام دىنىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈركى مىللەت بولغان گاگائوزلارغا ئەھمىيەت بەرمىگەن. گاگائۇزلارنىڭ بىر قىسمى مۇسۇلمان 1770 - يىلى مولداۋىيەدە تۈنجى قېتىم چېدىر، ئورغاق دېگەن ئىككى يېزىنى قۇرۇپ چىققان. 1768 - يىلىدىن 1774 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تۈرك، رۇس ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن «بۇخارىست» كېلىشىمىگە ئاساسەن تاتار مۇسۇلمانلىرى رۇسلار تەرىپىدىن بوجاك ناھىيسىدىن قوغلانغاندىن كېيىن، پىراۋۇسلاۋىيە مەزھىپىدە بولغان گاگائۇزلار رۇسلارنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن تاتارلار ئىلاجىسىز تاشلاپ كەتكەن بېسارابىيىگە (ئوكرائىنانىڭ بۇرۇنقى ئىسمى) 1806 - يىلدىن 1812 - يىلىغىچە كۆچۈپ كەلگەن. 18 - ئەسرىنىڭ ئاخىرى، 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دوبرۇجادىن بېسارابىيىگە، يەنە ئوكرائىنىيەگە كۆچۈپ بارغان گاگائۇزلارنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. 1818 - يىلىغا كەلگەندە چېدىرلىق گاگائۇزلار «چاتىر»، ئورغانلىق گاگائۇزلار بولسا «ئاۋدارما» دېگەن يېزىلارنى قۇرۇپ چىققان. گاگائۇزلارنىڭ بىر بۆلىكى 1990 -، 1910 - يىللىرى تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ كېلىپ، تورغاي رايونىغا، 1925 - يىللىرى تاشكەنىت تەۋەسىگە جايلىشىپ قالغان.
ھازىر گاگائۇزلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مولداۋىيەدىكى گاگائۇز جۇمھۇرىيتى تەۋەسىدە ياشايدۇ. 1979 - يىلىدىكى نوپۇسى 193 مىڭ بولغان بولسا، ھازىر 2000 - يىلى 200 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇنىڭدىن باشقا ئوكرائىنىيە (قىرمىدا )، رومانىيەدە، بۇلغارىيە، گېرىتسيە، تۈركىيە، قازاقىستان، ئۆزبىكىستان ۋە رۇسىيە فېدىراتسىيەدىكى قابارداي - بالقار جۇمھۇرىىتى، داغىستان ئاپتونۇم جۇمھۇرىيتى تەۋەسىدە 300 مىڭدىن كۆپ ساندا ياشايدۇ.2 يەنە 1930 - يىلى ئىقتىسادى بۆھراندىن قېچىپ بىر بۆلەك گاگائۇزلار ئەرجاندىن بىرازىلىيە ۋە كاناداغا كۆچۈپ يەرلەشكەن.
ھازىر مولداۋا جۇمھۇرىيتىدە تۈركى تىلدا گەپلىشىدىغانلار 550 مىڭ كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 350 مىڭى تاتارچە، 200 مىڭ كىشى گاگائۇزچە گەپلىشىدۇ. بۇلار «بېسارابىيە گاگا ئۇزلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، رومانىيەدە 320 مىڭ كىشى تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار دوبرۇجادا ياشايدۇ، بۇنىڭ 20 مىڭى گاگائۇزچە گەپلىشىدۇ. 3 ئوكرائىنىيەدە 500 مىڭ كىشى تۈركى تىلدا گەپلىشىدىغان بولۇپ، بۇلار ئىسمايىل ۋىلايتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بۇلاردىن 460 مىڭ كىشى تاتارچە، 40 مىڭ كىشى گاگائۇزچە گەپلىشىدۇ. 4 بۇلغارىيەدە تۈرك (تۈركىيە تۈركلىرى) ۋە گاگائۇزلار بولۇپ 1 مىليۇن 72 مىڭ كىشى (1984 - يىلى ) تۈركى تىلدا گەپلىشىدۇ. 5 2004 - يىلىدىكى مەلۇماتقا 1 مىليۇن 200 مىڭ كىشى تۈركى تىلدا گەپلىشىدۇ دىيلگەن 6 باشقا مەنبەلەردە ھازىر بۇلغارىيەدە 3 مىليۇندىن ئارتۇق تۈركى خەلىقلەر ياشايدۇ. بۇ بۇلغارىيە نوپۇسىنىڭ %30 تىنى تەشكىل قىلىدۇ دەپ كۆرسىتلگەن . 7 گېرىتسىيەدە تۈركىيە تۈركلىرى ۋە گاگائۇزلار تۈرۈكلىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 800 مىڭ كىشى (1984 - يىلى ) تۈركى تىلدا گەپلىشىدۇ 8.
گاگائۇزلار تارىختا شانلىق ئىزلارنى قالدۇرغان مىللەت بۇ ھەقتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق تارىخ تەتقىقاتچى ئالىمى گۇمىليىۋ «كۆك تۈركلەر» ناملىق ئەسىرىنىڭ «كۆك ئوغۇز» قىسمىدا مەخسۇس توختالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل خانلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كۈرەش تارىخى بايان قىلىپ كۆرستىىلگەن. كېيىنكى تەرەققىيات جەريانىدا، گاگائۇزلار تۈرلۈك سەۋەپلەرگە كۆرە بىر دۆلەت بولۇپ ئۇيۇشالماي سىياسىي ھەم تېرىتورىيە (تۇپراق) جەھەتىتىن بىر قانچە گۇرۇپىلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيسى دەۋرىدە مولداۋىيە ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيسى تەۋەلىكىدە بولۇپ كەلگەن. 1912 - يىلى تۈركىيە تەۋەلىكىدىكى مولداۋىيە رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىپ ئېلىنغان. 1919 - يىلى رومانىيەگە بۆلۈپ بېرىلگەن، 1940 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى رومانىيەدىن ئېلىۋېلىنىپ، 1940 - يىلى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى مولداۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيتى بولۇپ قۇرۇلغان.
1980 - يىلىدىكى دۇنيا ۋەزىيتىدىكى ئۆزگىرىش «ھەر مىللەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش، ھەر مىللەت ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆزلىرى تاللاش» ئېقىمى - شۇئارى تۈرۈتكىسىدە مولداۋا جۇمھۇرىيتىدىكى گاگائۇزلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ئۈچۈن ھەركەتلىنىشكە باشلىغان. 1987 - يىلى «گاگائۇز خەلىقى ئۇيۇشايلى» ئاتلىق خەلق ھەرىكىتىنى باشلىغان. 1989 - يىلى 5 - ئايدا دەسلەپكى خەلق يىغىنى (كونگىرىس)ئېچىلغان يىغىندا: گاگائۇز خەلق ھەرىكىتى جەنۇبى مولداۋىيەدىكى كومرات شەھرىنى ئۆزلىرىگە باش مەركىزىي شەھەر - باش كەنىت قىلىپ بەلگىلەش. مولداۋا جۇمھۇرىيتى تۇپراق پۈتۈنلىكى ئىچىدە گاگائۇز ئاپتونۇم سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيتىنى قۇرۇش، ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش، مولداۋاغا قاراشلىق بىر رەھبەرلىك (باشقارما) ئورگىنى قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق مەسىللەر ماقۇللانغان. گاگائۇزلار 1990 - يىلى 21 - ئاۋغۇست كۈنى چوڭ يىغىنىدا گاگائۇز ئاپتونۇم سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانلىقىنى جەنۇپتىكى گاگائۇزلار ئەڭ كۆپ ياشايدىغان كومىرات شەھرىدە ئېلان قىلغان. بۇ مولداۋا ئالىي سوۋېت تەرىپىدىن رەت قىلىنغان، 1990 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى گاگائۇز خەلىقى ئىتتىپاقى يەنە چوڭ يىغىن ئۆتكۈزۈپ گاگائۇز جۇمھۇرىيتىنى قۇرۇش چوڭ سايلىمىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ مولداۋا مىللەتچىلىرى ۋە رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ قارشىلىقى ۋە قورشاۋىدا قالغان بولسىمۇ قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىپ، گاگائۇز خەلق قۇرۇلتىيىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان. 1990 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كومىرات شەھرىدە يېڭى بىر گاگائۇز ئالىي سوۋېت قۇرۇپ چىقىلغان، سېتىپان توپال مىنىستىر قىلىپ سايلانغان. 1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مولداۋىيە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت بولغانلىقىنى جاكارلىغان شۇنىڭدىن كېيىن 1994 - يىلى 23 - دېكابىر مولداۋا جۇمھۇرىيتى قارار ماقۇللاپ، گاگائۇز ئاپتونۇم جۇمھۇرىيتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان ھەمدە گاگائۇزىيە - گاگائۇزىستاننىڭ مەخسۇس ھوقۇقى، ھوقۇق دائىرىسى قاتارلىقلار قانۇن قىلىپ چىقىرىلغان. قانۇنغا كۆرە، گاگائۇزلارغا مولداۋا ئاساسىي قانۇنىغا تەسىر كۆرسەتمەسلىك شەرتى بىلەن تۈرلۈك شەھەرلەردە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلگەن. ئۇنىڭدا : گاگائۇزىيە - گاگائۇزىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ ئالىي رەھبىرى (باش رەھبەرلىك ئورنى ) - رەئىس - باش مىنىستىرى بولىدۇ. گاگائۇزىيەنىڭ ھەممە باشلىقلىرى رەئىسكە ( باش مىنىستىرگە) قاراشلىق بولىدۇ. گاگائۇزىيەنىڭ رەسمى تىلى گاگائۇز تىلى، مولداۋا تىلى، رۇس تىلى بولىدۇ دېيىلگەن. گاگائۇز خەلىقى مەدەنىيەت، بىلىم، ئۇقۇل (ئوقۇتۇش- مائارىپ)، ئىقتىساد (مال-مۈلۈك)، پۇل-مالىيە، ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەرلىك ھۆكۈمەت خىزمەتلىرى، سەھىيە، تەنتەربىيە، مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردە مولداۋىيە ئانا قانۇنىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئاساسىدا قانۇن - پەرمان ئېلان قىلغان ○9.
گاگائۇزىيەنىڭ يەر كۆلىمى 831. 1 كوۋادىرات كىلومېىتر بولۇپ، 2000 - يىلىدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا نوپۇسى 200 مىڭدىن كۆپ. باش كەنتى - مەركىزى كومرات، قوشنىلىرى شىمالدا ئوكرائىنا، غەرىپتە رومانىيە، جەنۇبىي غەرىبىدە بۇلغارىستان بىلەن چېگىرلىنىدۇ.
ئاساسلىق شەھەرلىرى: كومرات، چادىر، لونگا، ۋۇلكانشىتى دۇر.
تىل يېزىق جەھەتتە: گاگائۇزلار ئۇزاق تارىخى شارائىتتا، تۈرلىك سەۋەپلەرگە كۆرە ئوسمان تۈركچىسى، ئەرەپچە، پارىسچە سۆزلەرنى ئازراق، يۇنان، بۇلغار، رومان، مولداۋا ۋە رۇسلار بىلەن ئارىلىشپ ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىللىرىدىن كۆپرەك سۆز، ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغان. بۈگۈنكى گاگائۇز تۈركچىسى ئەدەبىي تىلدا كۆپ ساندا سىلاۋيان ئەسلى سۆزلىرى بولماقتا.
گاگائۇزلار ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيسى دەۋرىدە ئوسمان تۈركچىسىدىكى ئېلىپبەنى، ئوسمان تۈركچىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن زامان كىرىل ئېلىپبەسى بىلەن يېىزىلغان كىتاپلارنى ئوقۇغان. ھەرقايسى شارائىتلاردا رۇمچە، بۇلغارچە، رۇسچە ۋە رومانچە ئۆگۈنۈش ۋە بۇ تىللارنىڭ ئېلىپبەلىرىنى قوللانماق زورلىشىدا قالغان. 1918 - يىلىدىن 1932 - يىلىغا قەدەر كىرىل ئېلىپبەسىنى، 1932 - يىلىدىن 1957 - يىلىغا قەدەر لاتىن ئېلىپبەسىنى قوللانغان. 1957 - يىلىغا قەدەر گاگائۇزلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېلىپبەسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، 1957 - يىلىدا مولداۋا سوۋېت سوتىسيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى ئالي سوۋېتى قارار چىقىرىپ، رۇس ئېلىپبەسىدىكى بىر قانچە ھەرىپلەرنى ئاساس قىلىپ، كىرىل گاگائۇز ئېلىپبەسىنى ياراتقان. 1957 - يىلىدىن 1996- يىلىغا قەدەر تەكرار كىرىل ئېلىپبەسىنى، 1996 - يىلىدىن كېيىن لاتىن ئېلىپبەسىنى قوللۇنۇشقا باشلىغان.
گاگائۇز تۈركچىسى مورفولوگىيە، فونتىكا ۋە سېنتاكىس قاتارلىق تەرەپلەردە سىلاۋيان تەسىرىگە ئۇچرىغان. گاگائۇز تۈركلىرىنىڭ ئىككى دىيالىكتى بار، بىرسى مەركىزى دىيالىكتى - كومرات ۋە چادىر دىيالىكتى، يەنە بىرى جەنۇپ - ۋولكانىش دىيالىكتىدۇر.
قانۇنلارغا كۆرە «گاگائۇز يېرى» (گاگائۇز ئاپتونۇم جۇمھۇرىيتى) نىڭ رەسمى تىلى «گاگائۇزچە، رۇسچە، رومانچە» دەپ بەلگىلەنگەن. ھەرھالدا گاگائۇزلار «ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت» نامىدا كېتىۋاتقاچقا، ئانا تىللىرىنى قوللىنىش ئىمكانىيتى تۇغۇلغان. گاگائۇزلار بىرقانچە دۆلەت ياكى رايونلاردا بۆلۈنۈپ ياشىغانلىقى ( بىر دۆلەت بولۇپ ئۇيۇشالمىغانلىقى) ئۈچۈن بىر-بىرىدىن پەرىقلىق ئېلىپبەلەر قوللىنىش زورلىقىدا (ئاسسىمىلاتسىيەسى ) قالغان بولسىمۇ گاگائۇزلار ياشىغان دۆلەت ياكى رايون ئېلىپبەسى بويىچە گاگائۇز تۈركچىسىچە كىتاپلار يايىن (نەشىر) قىلغان، ئەمما ئۆز تىلىنى ساقلاپ قالغان.
بېسارابىيدە گاگائۇزلارنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى مېخائىل چاكىر گاگائۇزلار ھەققىدە نۇرغۇن كىتاپلار يازغان. گاگائۇز ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۇ بۈيۈك رول ئوينىغان. چۈنكى مېخائىل چاكىر ئەڭ دەسلەپ 1904 - يىلىدا گاگائۇز تۈركچىسى بىلەن ئىككى گېزىت چىقارغان ۋە بۇ تىلنىڭ گاگائۇز ئەدەبى تىل ھالىغا كېلىش ئۈچۈن ئوت ياققان. 1934 - يىلىدا گاگائۇز تۈركچىسى بىلەن «بېسارابىيەلىك گاگائۇزلارنىڭ تارىخى» ئاتلىق كىتاپ چىقارغان،بۇ كىتاپ بىر گاگائۇز تەرپىدىن يېزىلغان دەسلەپكى «گاگائۇز تارىخى» دۇر. يەنە مېخائىل چاكىر 1939 - يىلىدا «گاگائۇزچە، رومانچە سۆزلۈك» نى نەشىر (ياين) قىلدۇرغان ۋە «ئىنجىل» نى ئانا تىلى- گاگائۇزچىغا تەرجىمە قىلىغان. 1957 - يىلىدىن كۈنىمىزگە قەدەر گاگائۇز تۈركچىسى بىلەن 25-30 پارچە ئەدەبى ئەسەر يايىن (نەشىر ) قىلدۇرغان10.
ئوقۇتۇش تەربىيە جەھەتتە: 1986 - يىلىدىن بۇرۇن بېسىم ئېغىر بولغاچقا گاگائۇز تىلى ۋە مەەنىيتىنى قوللايدىغانلار ئاز بولغان، گاگائۇزلار رۇسچە ئوقۇل (مەكتەپ) لاردا ئوقۇشقا زورلانغاچقا ئۇلار ئىككى تىللىق بولغان. موسكىۋادا ياشايدىغان مىللەتلەر ئىچىدە رۇسچىنى ئىككنچى تىل قىلىپ قوللىنىدىغانلار ئارىسىدا ئەڭ يۈقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان گورۇپ گاگائۇزلار بولۇپ، گاگائۇزلارنىڭ % 74 تى رۇسچە ئوقۇغان.
1986 - يىلىدىن باشلاپ يېزىقلىرى (كىرىل گاگائۇز ئېلىپبەسى) ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، نەشىرىيات ئورۇنلىرى قۇرۇلۇپ، كۈنىگە 15 مىنۇتلۇق رادىئو ئاڭلىتىش باشلانغان. 1991 - يىلى 8- ئاينىڭ 27 - كۈنى مولداۋىيەمۇستەقىل بولغاندىن كېيىن 1994 - يىلى گاگائۇزلار «گاگائۇز يېرى» (جەنۇبى شەرىقي مولداۋىيە) دە مولداۋا ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن مولداۋا تۇپراق پۈتۈنلىكىدە تۇرۇش ئاساسىدا «گاگائۇزىستان»نى قۇرۇپ چىققان. ئوقۇللار (مەكتەپلەر) دە 1996 - يىلىلاردىن باشلاپ لاتىن ئېلىپبەسى قوللىنىشقا باشلاپ گاگائۇزچە يايىنلاردىن«گاگائۇز ئاۋازى» ۋە «ئانا سۆزى» ناملىق گېزىتلەر چىقىرىلىشقا باشلىغان. يەنە« سابا يىلىتىزى» ئاتلىق ژورنال (دەرگى) چىقىرىلىشقا باشلىغان. گېزىتلەرنىڭ سەرلەۋھىسىگە ئانا سۆزى بىلەن « ئوزغۇزلار ياشىسىۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان. ھازىر مولداۋادىكى گاگائۇزلاردىن تۈرلى ئىلىم ساھەسى بويىچە كۆپلىگەن ئالىملار يېتىشىپ چىققان. كومرات ئۇنۋېرسىتىدا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ كېلىپ ئوقۇيدۇ، گاگائۇز تىلىنى ئۆگۈنىدۇ.
باشقۇرۇش جەھەتتە: گاگائۇز يېرى - گاگائۇزسىتاننىڭ ئەڭ يۈقىرى باشقۇرغۇچى رەھبىرى - باش مىنىستىر دەپ ئاتىلىدۇ. گاگائۇزىيە قانۇنىنىڭ 6 - ماددىسىغا كۆرە پۈتۈن گاگائۇزىيە تەۋەسىدىكى يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى - مۈلۈكلىرى گاگائۇزىيىگە تەۋە دەپ كۆرسىتىلگەن. گاگائۇزىيەنىڭ مولداۋا جۇمھۇرىيتى بايرىقى يېنىدا بۆرى بېشى چۈشۈرۈلگەن كۆك بايرىقى لەپىلدەپ تۇرىدۇ. ئۇلار تارىختىكى كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ بايرىقىنى ئۆزىنىڭ بايرىقى قىلىپ بېكىتكەن. سەۋەبى تارىختا تۈركى قەۋمىلەر بۆرىنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس سىموۋلى دەپ قاراپ كەلگەن. «ئوغۇزنامە» داستانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمان خاقانى بولغان ئوغۇزخان «كۆك بۆرە بولسۇن بىزگە ئۇران» دېگەن. شۇڭا ھازىر گاگائۇزلار بۆرە بېشى چۈشۈرۈلگەن كۆك بايراقنى تۈرك قەۋمىلەرنىڭ مۇقەددەس سىموۋلى دەپ تونۇيدۇ.
ھېيىت-بايرام ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتتە: گاگائۇزلار 1054- يىلىدىن ئىلگىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ كېيىنچە خىرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغان. 1990 - يىللاردىن بۇيان ئۇلار باشقا تۈركى خەلىقلەر قاتارىدا تۇرۇش ئۈچۈن ئەسلىگە قايتىپ، ئاتا-بوۋىلىرى ئېتىقاد قىلغان ئىسلام دىنىغا كىرگەنلەر كۆپىيىپ بارماقتا. گەرچە كۆپچىلىكى خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلسىمۇ لېكىن يەنىلا ھەج-تاۋاپ قىلىش، قۇربانلىق قىلىش ئۇلارنىڭ ئەن-ئەنىۋى ئادتىدۇر. گاگائۇزلار قارىماققا تىپىك مۇسۇلمانغا ئوخشايدۇ. ئاغزىدىن « ئاللاھ، پەيغەمبەر، جەننەت، جەھەننەم، گۇناھ» دېگەن سۆزلەر چۈشمەيدۇ. ئەمما ئۇلار مۇسۇلمان ئەمەس، بۇ سۆزلەر ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئادەت قالغان ئىكەن.
ئۇلار ھەر يىلى ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ئادەت بويىچە تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ مۇقەددەس سىموۋولى بولغان بۆرىنى خاتىرلەپ بۆرە بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ. بۆرە بېشى چۈشۈرۈلگەن كۆك بايراقنى تۈرك قەۋمىلىرىنىڭ مۇقەددەس سىموۋلى دەپ قاراپ، تۈرلۈك شەكىلدىك خاتىرلەش، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.
1994 - يىلى 8 - ئايدا مولداۋىيەدە 1 - قېتىملىق «خەلقئارا گاگائۇز تۈركلىرى مەدەنىيتى» ئىلىمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىن مەزگىلىدە يەنە « گاگائۇز تىلى بايرىمى» بولغان، «ئۈزۈمچىلىك» بىلەن نام چىقارغان گاگائۇزلار «ئۈزۈم» دېگەن مەيدان ئوتتۇرسىغا گاگائۇزلارنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى مېخائىل چاكىرنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان بولۇپ، ھەيكەلنىڭ ئاستىغا چاكىرنىڭ «ئۈمۈتۋار بول، گاگائۇز مەدەنىيتىى تەرەققىي قىلدۇ»، «ۋەتىنىم، ئانا تىلىم - ھاياتىم مېنىڭ » دېگەن سۆزلىرى يېزىلغان.
ئۆرۈپ-ئادەتلىرى، ئۆي ياساشلىرى تۈركى خەلىقلەرگە ئوخشايدۇ، ئۆي تۇتۇشلىرى، ئۆي بېزەكلىرى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ، ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە كىرگەندەك ھېس قىلىسىز، سۇپۇنىڭ ئۈستىگە تاماق ئۈستىلى قويۇشلىرى، نان، قايماق، قېتىق، قاتلىمىلار بىلەن چاي ئىچىشلىرى خۇددى بىز ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ. بېشىغا ياغلىق چىگىشلىرى، بويىنىغا مارجان ئېسىشلىرى، تاملىرىغا گېلەم ئېسىشلىرى، رىشىلىيە پەردىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلاردەك ئاتنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى بىلەن گاگائۇز تىلىنىڭ ئوخشاشلىقى جەھەتتە:
گەرچە ئۇيغۇرلار بىلەن گاگائۇزلارنىڭ ئارىلىقى خېلىلا يىراق، ئايرىلىپ تۇرغان ۋاقتى ناھايتى ئۇزۇن بولسىمۇ لېكىن نەسىلى، نەسەبىدىن قەدىمدە بىر خەلق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى بىلەن گاگائۇز تىلىدا ئوخشاشلىققا ئىگە سۆزلەر خېلى كۆپ. ئۇيغۇرلار تۈركىيە تۈركلىرىگە قارىغاندا گاگائۇز تۈركلىرى بىلەن بىمالال سۆزلىشەلەيدۇ. ئاي، كۈن ۋە دۆلەت ناملىرىنى بىز ئۇيغۇرلاردەك ئاتايدۇ، بەزى سۆزلىرى ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش. مەسىلەن: بوران، جۇۋاپ، مەخسۇس، كۆز، چەينەك، ئەجەل، ھال (ھالرەڭ)، ھالۋا، دوست، مالاي، مايىل، ناماز، سېمىز (تۈركيە تۈركلىرى بولسا سېمىز سوزىنى ھايۋانلىرىغا ئىشلىتىدۇ)،توي،جانابىڭىز، ئۈزۈك، يىراق، زال، زىندان، زۇلۇم، قارا كۆز، قاراقاش، قىرقى نەزىر، قالاق، شان-شەرەپ، تالانت، قىز، ئېشەك، بۇغداي، سۇ، ئۆلۈش، يىقىلىش، سۇپۇر، يېمەكلىك، بۈيۈك، سىيىر، ئالتۇن، كەتمەك قاتارلىقلار 11.
ئادەم ئىسىملىرىدا دىلبەر، ئابدۇللا، ئارۇپ، قەمبەر، قاسىم، نەزەر، ئوسمان، سالامەت، سۇلتان، ئايگۈل، ئايدىن، گۈلپاتىمە، زۇمرەت، ھەيدەر قاتارلىق ئىسىملىرى بار بۇ جەھەتتىمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاشلىقى بار. گاگائۇزلار ئاتاقلىق تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرى(قەشقەرى)نى تۈرك مىللىتىدىن چىققان ئالىم ئۇ بىز گاگائۇزلارنىڭمۇ ئالىمى ۋە پەخىرى دەپ قاراپ ناھايتى يۈقىرى ھۆرمەت بىلدۇرىدۇ. «تۈركى تىللار دىۋانى»نى بىزنىڭ قەدىمكى زامان تۈرك تىلىمىزنى ئۇرخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدىن كېيىن ساقلاپ قالغان، تۈركى قەۋىم ۋە ئۇلارنىڭ ھايات شان - شەرىپىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان يېگانە ئەسەر دەپ بەكمۇ قەدىرلەيدۇ. ئۇلار مەھمۇد كاشغەرىگە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۇرۇش ئۈچۈن مولداۋىيەنىڭ كومرات شەھرىدىكى كومرات ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىر زالىغا «مەھمۇد كاشغەرى» زالى دەپ نام بېرىپ، ئۇلۇغ ئۇيغۇر تىلشۇناسى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاسقان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەت يىغلىشلىرىنى شۇ جايدا ئۆتكۈزىدۇ.
ئىقتىساد، تېرىم، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك جەھەتتە:
كىرىمنىڭ % 40تى دېگۈدەك سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن كېلىدۇ. گاگائۇزلار تېرىم (دېھقانچىلىق) باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، گىلەمچىلىك قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شوغۇللىنىدۇ. يىلىغا 400 مىڭ توننا ئۈزۈم ئىشلەپ چىقىرىدۇ، 12 ئۈزۈم پىششقلاش زاۋۇتى، بىر دانە گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، ئىككى دانە ياغ زاۋۇتى، بىر دانە تاماكا(تۈتۈن) زاۋۇتى، ئىككى دانە گېلەم توقۇش فابرىكىسى قاتارلىقلار بار. ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپ چىقىرىشتا دۇنيادا داڭلىق بولغان گاگائۇزلار ئۈزۈم يېتىشتۈرۈشتىن باشقا يەنە دانلىق زىرائەت، پۇرچاق ۋە سەۋزە تېرىيدۇ، مېۋە-چىۋە يېتىشتۈرىدۇ.
ئەدەبىيات - سەنئەت جەھەتتە: ھەرخىل سەھنە ئەسەرلىرى، ناخشىلىرى، چۆچەكلىرى، رىۋايەتلىرى ۋە داڭلىق ھېكايىلىرى بار.
ئىزاھاتلار:
1. «دوبرۇجا» - دېگەن بۇ جاي قارا دېڭىز ئەتىراپىدىكى ئەكىرەنە ناھىيسىدىن تونا دەرياسىنىڭ تورتۇكا ناھىيسىگىچە بولغان ئارىلىق بىلەن تونا دەرياسىنىڭ قارا دېڭىز قويۇلىدىغان جايلار ئەتىراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. « دوبرۇجا» دېگەن بۇ نام قارا دېڭىز ئەتىراپىدا ياشىغان ئوغۇز تۈركلىرى بېگىنىڭ نامىدىن كەلگەن. 
2. 7.  «تۈركلەر ھەققىدە ئومۇمىي مەلۇمات» 2001 - يىلى ئەنقەرە تۈركچە نەشىرى، 482 - ۋە 506 - بەتكە قاراڭ. 
3. 4. 5.  يېلىماز ئۆز تۇنا (تۈركيە): «دۆلەتلەر ۋە خانىدانلار» 4 - جىلت، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى قىسىمى، 1991 - يىلى ئەنقەرە تۈركچە نەشىرى 72-،230-،37- بەتلەرگە قاراڭ.
6. « بۇلغارىستاندا ياشاۋاتقان تۈركلەر» 2004 - يىلى تۈركچە تور نۇسقىسى. 
8.  «يۇنانىستاندا ياشاۋاتقان تۈركلەر»2004 - يىلى تۈركچە تور بېتى ۋە 2- ئىزاھات يۇقىرىقى ئەسەر 26 - بەتكە قاراڭ.
9. «گاگائۇز جۇمھۇرىيتى» 2003 - يىلى تۈركچە تور بېتىگە قاراڭ. 
10. «گاگائۇز يېرى» 2004 - يىلى تۈركچە تور بېتىگە قاراڭ. 
11. «بۇلاق» ژورنىلى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، ئۇيغۇرچە، 2004 - يىللىق 2 - سان 112 - بەتكە ۋە.ن. ئا. باسكاكوۋ:«تۈركى تىللار »، 1986 - يىلى، بېيجىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى، 250-، 251 - بەتلەرگە قاراڭ.

ئاپتورى: ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى دوتسېنتى
تېلېفون: 13899233754، ئۆي: 2624197، ئىشخانا: 2632123
突厥语民族 - 嘎嘎乌孜
阿克苏教育学院 胡加尼亚孜

ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى 2005 - يىلىلىق3- ساندىن ئېلىندى
خوجا نىياز نامىدىكى ماقالىلەرنىڭ توردىكى ھوقۇقى پەقەت ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تورىغىلا مەنسۇپ باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈش قارشى ئېلىنمايدۇ.
[ بۇ يازما Xojaniyaz تەرىپىدىن 2008-01-05 22:06 دە ق ]
bilqut
Posted: 2008-01-05 21:55 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » قېرىنداش مىللەتلەر

Total 0.096072(s) query 3, Time now is:03-21 08:54, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation