niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئېمىل دەرياسى ۋە ئېمىل شەھىرى

ئېمىل دەرياسى ۋە ئېمىل شەھىرى

تاھىر تاشبايېف


( تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تەزكىرە ئىشخانىسىدىن )


  
چۆچەك شەھىرىنىڭ 57  كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان دۆربىلجىن ناھىيىسى تارىخى ئۇزۇن، بىر نەچچە مىللەت ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان ناھىيە.ئېمىل دەرياسى ئۆز مۇساپىسىدە تۇنجى بولۇپ، دۆربىلجىن ناھىيىسىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ ناھىيە خەنزۇ تىلىدا " ئېمىن "(额 敏) دېيىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن بىر ناھىيىگە يەرلىك مىللەتلەر تىلىدا بىر خىل، خەنزۇ تىلىدا يەنە بىر خىل نام قويۇلىدۇ؟. خەنزۇچە " ئېمىن " سۆزى دۆربىلجىن ناھىيىسىنىڭ تارىختىكى نامى " ئېمىن " سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، سۆزنىڭ ئەسلى تېگىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. تارىختىكى ئېمىل شەھىرى ئۆزىنىڭ نەچچە يۈز يىللىق گۈللىنىش دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىدا خاراب بولغاندىن كېيىن، يەنى ⅩⅧ ئەسىردە موڭغۇللار بۇ خارابىنى " تۆت چاسا " دېگەن مەنىدە دۆربىلجىن دەپ ئاتىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ئېمىل دېگەن تارىخىي نامى ئۇنتۇلۇپ، دۆربىلجىن  نامى سىڭىپ قالغان. ئەمما خەنزۇچە ماتېرىياللاردا بۇ نام ئىزچىل ھالدا "也 密 里 "،叶 密 力"  "،也 门 勒" دەپ خاتىرىلىنىپ كەلگەچكە، 1918 - يىلى مىنگو ھۆكۈمىتى ھازىرقى دۆربىلجىن ناھىيىسىنى چۆچەك شەھىرىدىن ئايرىپ چىقىپ، ناھىيە تەسىس قىلغاندا، خەنزۇچە مەنبەلەردىكى ئاھاڭ تەرجىمىسىنى تەلەپپۇزغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ " ئېمىن "(额 敏) دېگەن ئىككى خەتكە مۇقىملاشتۇرغان. ئەمما يەرلىك خەلق تىلىدا موڭغۇلچە دۆربىلجىن نامى داۋاملىق ئىشلىتىلگەن. نەتىجىدە بۇ ناھىيە نامىنى ئىككى خىل ئاتاش ھادىسىسى شەكىللەنگەن. مەن مۇشۇ خىل ھادىسە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەھلىل يۈرگۈزۈپ، يەر ناملىرىدىكى مۇنداق ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان، بىر بىرىگە زىت كېلىدىغان ئەھۋالغا خاتىمە بېرىپ، تارىخىي پاكىتقا ھۈرمەت قىلىش ئۈچۈن خەنزۇچە" ئېمىن " سۆزىنىڭ ئەسلى تېگى ھېسابلانغان " ئېمىل " دېگەن نامنى"دۆربىلجىن" نامىنىڭ ئورنىغا قايتا دەسسىتىپ، بۇ جاينىڭ ھەقىقىي تارىخىي جۇغراپىيىۋى نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىمەن. شۇڭا تۆۋەندە مەن " ئېمىل " نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۆزگىرىش جەريانى، مەنىسى ۋە بۇ نام بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، مەزكۇر ۋادىدا بولۇپ ئۆتكەن تارىخىي ۋەقەلىكلەر توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش نەتىجىلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنماقچىمەن.
" ئېمىل " نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىئىلىم ساھەسىدە  " ئېمىل " سۆزى ئۇزۇندىن بېرى موڭغۇلچە "ئىگەر" مەنىسىدىكى "ئېمالى" دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان دەپ قارىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ كونا تۈركىي تىلىدىكى "ئېمىكلى، ئېمىكلىك" سۆزىدىن كېلىپ چىققان، چۈنكى بۇ جايدا ئەڭ دەسلەپ تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ياشىغان. "تۈركىي تىللار دىۋانى" نىڭ 1- توم 99 - بېتىدە "ئېمىك" دېگەن سۆزگە "ئەمچەك، ئەرلەرنىڭ ئەمچىكىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ"دەپ؛ 702 - بەتتە "ئېمىكلىك: ئېمىكلىك ئىشلەر - بالا ئېمىتىدىغان خوتۇن" دەپ ئىزاھ بېرىلگەن. 2 - توم 04 - بەتتىن 29 - بەتكىچە "قائىدىلەر، پېئىللارنىڭ تۈرلىنىشى ۋە سۈپۈتلەرنىڭ بايانى ھەم ئۇلارنىڭ تەدبىقلىنىشى" دېگەن تېمىدا "ئىشلىگۈچىنىڭ بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۈپەت... بۇنداق سۈپەتلەر ئىزافەتلىك مەستەرلەردىن ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزى مەستەر بولسىمۇ، لېكىن Li/Li قوشۇلۇش بىلەن سۈپەتكە ئايلىنىدۇ... تەركىبىدە k,g كەلگەن سۆزلەرگە مىسال ئالساق: Ol manga tawar bárgáli ol-)ئۇ ماڭا تاۋار بەرگىلىۋاتىدۇ( دېگەن سۆزلەرگە ئوخشاش" دېيىلگەن. مۇشۇ قائىدە بويىچە"ئېمىك" سۆزىگە ئىش - ھەرىكەتنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكىنى بىلدۈرۈدىغان قوشۇمچە "لى" نى قوشساق "ئېمىكلى" بولۇپ، ئانا يەرنىڭ چىڭقىلىپ تۇرغان ئەمچىكىنى بارلىق جان - جانىۋار، ئۆسۈملۈك، مەخلۇقاتلارغا ئېمىتكىلىۋاتقان ھالىتى شەكىللىنىدۇ. "تۈركىي تىللار دىۋانى" نىڭ 1 -توم، 366- 566 - بەتلىرىدە "بىر نەرسىنىڭ ئۈنگەن، ئۆسكەن جايىنى ياكى بىر نەرسىنىڭ جايلاشقان ئورنىنى بىلدۈرۈدىغان سۆزلەرگە، سۆزلەرنىڭ ئاخىرى گ، ك بىلەن تۈزۈلگەنلىرىگە ياكى ئومۇمەن يۇمشاق سۆزلەرگە lik قوشۇلىدۇ، بۇ ھەممە تۈركىي تىللار ئۈچۈن ئورتاق ئۆزگەرمەس قائىدىدۇر" دېيىلگەن.تەتقىقاتچى چيەن بوچۇەن :"ئۆز ۋاقتىدا ياللۇغ تاشىن ئېمىل دەرياسى بويىغا سالدۇرغان شەھەرنى يەرلىك تۈركىي خەلقلەر yemeklik  دەپ ئاتىغان. موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى بۇ يەرگە جايلاشقاندىن كېيىن، ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش قىسقارتىلىپ، yemeliياكى yemili بولۇپ قالغان. شۇڭا خەنزۇچىغا"叶 密 力،也 密 里" دەپ ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىنغان. غەربىي يۇرتتىكى خەلقلەر تىلىدا E,Y تاۋۇشلىرى بىر بىرىگە يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بولغاچقا Emil دەپ خاتىرىلەنگەن. ئېمىل خارابىسى ھازىرقى دۆربىلجىن ناھىيىسىدىن ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتا، كۆلىمى ناھايىتى چوڭ" دەپ يازغان.دېمەك، "ئېمىل" سۆزى ئەسلى "ئېمالى" دېگەن سۆزدىن ئەمەس، بەلكى كونا تۈركىي تىلدىكى "ئېمىك" ياكى "ئېمىكلى" دېگەن سۆزنىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى مۇنازىرىسىز جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ئېمىل شەھرى ۋە ئېمىل دەرياسى ۋادىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار "دۆربىلجىن" نامىدا ئەمەس بەلكى "ئېمىل" نامىدا تارىخىي خاتىرىلەردە تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە.ئەجداتلىرىمىز باشقا دەريالارغا ئەمەس، نېمە ئۈچۈن پەقەت مۇشۇ دەرياغىلا "ئېمىل" دەپ نام بېرىدۇ؟. بۇ دەريا تارباغاتاي تېغىنىڭ جەنۇبى، ئورقاچار تېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى، جايىر، مايىلى تاغلىرىنىڭ شىمالى ھەمدە بارلىق تېغىنىڭ جەنۇب - شىمالىدىن ئېقىپ چىققان سانسىزلىغان چوڭ - كىچىك دەريا سۇلىرى ۋە بۇلاق سۇلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. بۇ تاغلار پەس، پاسىل تاغلار بولۇپ، يازدا قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرمايدۇ. ئۇلاردىن چىقىدىغان سۇلار قىشتىكى قارنىڭ ئەتىيازدا ئېرىپ، سىڭىشىدىن، يازدىكى يامغۇر سۈيىنىڭ سىڭىشىدىن ھاسىل بولغان يەر ئاستى سۇلىرى تاغ باغرى ۋە تۈزلەڭلىكتە يەر يۈزىگە بۇلاق بولۇپ ئېتىلىپ چىقىپ، دەريا سۈيىنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا ئەجداتلىرىمىز يەر يۈزىگە ئېتىلىپ چىققان سانسىز بۇلاقلارنى ئانا زېمىننىڭ كۆكسىگە ئوخشىتىپ "ئېمىكلىك دەريا" دەپ ئاتىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.ئېمىل دەرياسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى 220 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 21 مىڭ 50 كۋادرات كىلومېتىر. بۇ دۆربىلجىن ناھىيىسىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، چۆچەك، تولى، چاغانتوقاي ناھىيىلىرىنىڭ پاسىلى بولغان قۇلستاي ئويمانلىقىدىن ئۆتۈپ، غەربىي جەنۇبقا بۇرۇلۇپ، قازاقىستاننىڭ ئالاي كۆلىگە قۇيۇلىدۇ.ئېمىل دەرياسىنىڭ مۇساپىسى قىسقا، ۋادا كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن بوران - چاپقۇنلۇق تارىخنىڭ شاھىدى بولغان.ئېمىل شەھىرىنىڭ بىنا قىلىنىشى تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە،ئېمىل دەرياسى ۋادىسىدا ئەڭ دەسلەپ تۈرك قەبىلىلىرىدىن تېلېلار ياشىغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قارلۇقلار ئېمىل ۋادىسى ۋە سايرام كۆلى ئەتراپىغا توپلىشىپ، بولات، جۈز(ساپەك)، تاشلىق قەبىلىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىتتىپاقنى قۇرۇپ كۈچەيتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تاشلىق قەبىلىسى تارباغاتاي تېغىنى ماكان قىلغان. بۇ قەبىلىلەر ئىتتىپاقى كۆك تۈرك خانلىقى شەرق، غەرب دەپ ئىككى خانلىققا بۆلۈنگەندە ئىككى خانلىقنىڭ ئارىلىق پاسىلىدا تۇرغاچقا، قايسى تەرەپ كۈچەيسە شۇنىڭغا بېقىنىپ كەلگەن. ئۇلار ھالسىرىغاندا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشقان. "كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى" دا "كۆلتېكىن 27 ياشتا ئىدى. قارلۇقلار مۇستەقىل بولۇپ،بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى. بىز ئۇلار بىلەن تاماغ دېگەن ھىكمەتلىك چوققىدا(تاغدا) ئۇرۇشتۇق" دېيىلگەن. بۇ دەل 715 - ۋە 716 - يىللىرى تارباغاتاي تېغىدا تۈركلەرنىڭ قارلۇقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشى ئىدى. قارلۇقلار كېيىنكى مەزگىللەردە توققۇز ئوغۇز، ئون ئوغۇزلار(ئۇيغۇرلار) ۋە باسمىللار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، شەرقىي تۈرك خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 754 - يىلدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇشقا كۈچ چىقاردى. كېيىن يەنە كۈچىيىشكە باشلاپ، ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا قارشى چىققانلىقتىن 757 - يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەتتىسۇ تەرەپكە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ چاغدا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تازا كۈچىيىپ، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى شەرقتە ھىنگان تېغىنىڭ شەرقىگە قەدەر، شىمالدا بايقال كۆلى ۋە يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قەدەر، غەربتە كاسپىي دېڭىزىغا قەدەر، جەنۇبتا 757 - يىلىدىن كېيىن تارىم ۋادىسىغا قەدەر كېڭەيتكەنىدى. بۇ چاغدا ئېمىل ۋادىسى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەركىزىي رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى. ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندە بۇ جاي ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا قالدى. "قاراخانىيلار خانلىقى كۈچەيگەندىن كېيىن بۇ جاينى ئۆز تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزدى. شەرقىي شىمالىي جۇڭگو رايونىدا قۇرۇلغان قىتان خانلىقى ھىجىرىيە 401 - يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ 11 - كۈنى مىلادىيە 1013 - يىل 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ياللۇغ خۇاگې باشچىلىقىدا 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىپ، موڭغۇل يايلاقلىرى، ئالتاي تېغى ۋە يەتتىسۇ رايونىنى ئىگىلىدى. ئۇلارنىڭ قوشۇنى بالاساغۇن شەھىرىگە يەنە يەتتە كۈن ماڭسىلا يېتىپ باراتتى. بۇ چاغدا توغانخان زور قوشۇن باشلاپ چىقىپ، قىتان قوشۇنلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭلەرنى قىلدى ۋە ئاخىرىدا قارا قىتانلارنى ئېمىل دەرياسى ۋادىسىدا مەغلۇب قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەسىرگە ئالدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 10 مىڭ كىشىنى مۇسۇلمان قىلىپ، ئۇلارنى ئېرتىش ۋە ئېمىل دەريا ۋادىلىرىغا ئورۇنلاشتۇردى". 1115 - يىلى قىتانلار جۇرجىتلار تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىندى. 1122 - يىلى خان ئەۋلادى ياللۇغ تاشىن    200 دىن كۆپرەك ئادىمىنى باشلاپ، غەربىي شىمالغا قاراپ قېچىپ، يەنسەي دەرياسى ۋادىسىغا بېرىپ قىرغىزلارنى بويسۇندۇرماقچى بولغاندا، قىرغىزلار ئۇنى قوغلاپ چىقاردى. ئۇ مىلادى 1017 - 1018 - يىللىرى قاراخانىيلار سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇشقا كېلىپ، تۇتقۇن قىلىنىپ ئېمىل دەريا ۋادىسىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان قىتانلارنىڭ يېنىغا كەلدى. بۇ چاغدا بۇ يەردە تەخمىنەن 40 مىڭدىن ئارتۇق قىتان ياشايتتى. بۇ يەردە ئۇ 18 قەبىلە كېڭىشىنى چاقىرىپ، ئېمىل شەھىرىدە قىتان خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە شەرققە يۈرۈش قىلىپ، جۇرجىتلارنى بويسۇندۇرماقچى بولدى. لېكىن ياللۇغ تاشىن 1125 - يىلى قىتان خانى ياللۇغ يەنشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، قىتان خانلىقىنىڭ تامامەن يوقالغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇ ئويىدىن ۋاز كەچتى.قارا قىتان خانلىقى قۇرۇلغان چاغدا ئېمىل ۋادىسىدا ياشاۋاتقان قىتانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. ياللۇغ تاشىن بۇ يەردە قىتان خانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن، قىتان ئادىتى بويىچە ئېمىل دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا ئېمىل شەھىرىنى بەرپا قىلدى.ياللۇغ تاشىن بىر نەچچە يىل ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقىدىكى قوزغىلاڭچى قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئالدى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقىنى يوقىتىش، ئادىن بۇ يەردىكى كۈچلەرنىڭ ياردىمى بىلەن جۇرجىتلاردىن قىساس ئېلىش پىلانىنى تۈزدى. ئۇ مۇشۇ پىلان بويىچە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا ئۆز دوستلۇقىنى ئىزھار قىلىپ، خەت يازدى. بىلگە قاغان ياللۇغ تاشىننى ئۆز پايتەختىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۈچ كۈن داغدۇغىلىق زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، 600 ئات، 100 تۆگە، 3000 قوي تەقدىم قىلدى. چۈنكى بۇ چاغدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن زىددىيەت بار ئىدى. شۇڭا ئىدىقۇت خانلىقى ياللۇغ تاشىننىڭ قاراخانىيلار خانلىقىغا قارشى ئۇرۇشىنى قوللىدى.1130 - يىلى ياللۇغ تاشىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قوللىشىدا قوشۇنىنى ئىككى يولغا بۆلۈپ، غەربكە يۈرۈش قىلدى. ئۇنىڭ جەنۇبىي يۆنىلىش قوشۇنى قەشقەر، يەكەن، خوتەنگە قاراپ يۈرۈش قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قاراخانىيلار قوشۇنى تەرىپىدىن ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ياللۇغ تاشىن بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان شىمالىي قوشۇنى بالاساغۇنغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. بۇ چاغدا يەتتىسۇ ۋە تالاس رايونىدىكى قاڭلى ۋە قارلۇق قەبىلىلىرى قاراخانىيلار خانلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنىدى. شۇڭلاشقا بالساغۇندا تۇرۇشلۇق ئەخمەت بۇغراخان سانى (ئىبراھىم بىننى ئەخمەت) ياللۇغ تاشىننىڭ كۈچىگە تايىنىپ، بۇ قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇش نىيىتىدە قىتان قوشۇنلىرىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ بالاساغۇنغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ياللۇغ تاشىن ئۆز كۈچىنى زورايتىپ، 1131 - يىلى ئۆزىنى گۆرخان دەپ ئاتاپ، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ غەربىي قىسمىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالدى. مانا بۇ جۇڭگو تارىخىدىكى "غەربىي لياۋ خانلقى" ئىدى.ئېمىل شەھىرى دەسلەپ بىنا قىلىنىشىدا قارا قىتان خانلىقىنىڭ پايتەختى بولۇپ خىزمەت قىلغان بولسا، كېيىنكى نەچچە يۈز يىللىق تارىخ جەريانىدىمۇ باشقا خانلىقلارنىڭ مەركىزى سۈپىتىدە مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلدى.موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئېمىل شەھرى ⅩⅢ ئەسىردە موڭغۇللار كۈچىيىپ، قۇدرەتلىك موڭغۇل ئىمپېرىيىسى جاھان سورىدى. چىڭگىزخان بويسۇندۇرغان زېمىنلىرىنى تۆت ئوغلىغا بۆلۈپ بەردى. 3 - ئوغلى ئوكتايغا ئالتۇنتاغنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبى، تەڭرىتاغنىڭ شىمالى، بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى جايلارنى جۈملىدىن ئېرتىش ۋە ئېمىل دەريا ۋادىلىرىنى بەردى. ئوكتاي ئۆزىگە بېرىلگەن زېمىندا ئوكتاي خانلىقىنى قۇرۇپ، ئېمىل شەھىرىنى پايتەخت قىلدى. ئوكتاي چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى ۋەسىيىتى بويىچە، 1229 - يىلى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ خانى بولدى. ئۇ تەختكە ئولتۇرۇپ 7 - يىلى ئورخۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا قاراقۇرۇم شەھىرىنى سالدۇردى. ئېمىل دەريا ۋادىسىنى ئوغلى كۈيۈككە بەردى. "تارىخى رەشىدى" ۋە "قۇبلايخان" قاتارلىق كىتابلاردا يېزىلىشىچە، ئوكتاي خاقان بولغاندىن كېيىنمۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا يەنىلا ئېمىل شەھىرىدە تۇرۇپ، ئەيشى - ئىشرەت قىلىشنى ياخشى كۆرەتتىكەن.1241 - يىلى ئوكتايخان بىلەن چاغاتايخانلار كەينى - كەينىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. ئوكتاينىڭ 6 - خوتۇنى نامىلجى بەش يىل ھوقۇق تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۆز ئوغلى كۈيۈكنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ خانلىقىغا تىكلىدى. بۇ قۇرۇلتايغا باتۇخان قىر كۆرسىتىپ قاتناشماي قويدى. بۇنىڭدىن گۇمانلانغان كۈيۈك 1248 - يىلى ئېمىل دەرياسى بويىدا دەم ئالىمەن دېگەن باھانە بىلەن ئېمىل شەھىرىگە كېلىپ كۈچ توپلاپ، باتۇخانغا يۈرۈش قىلدى، بىراق ئۇ قۇمسىڭىر دېگەن جايغا كەلگەندە كېسەل بولۇپ ئۆلدى. 1249 - يىلى باتۇخاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئالاكۆلنىڭ شەرقىدىكى ئالىكتاغ دېگەن جايدا(ھازىرقى بارلىق تېغى) قۇرۇلتاي چاقىرىلىپ تولىنىڭ ئوغلى مۆڭكۈ خان قىلىپ تىكلەندى. مۆڭكۈ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئوكتاينىڭ زېمىنلىرىنى پارچىلاپ ئوكتاينىڭ ئەۋلادلىرىغا بۆلۈپ بەردى. ئوكتاينىڭ نەۋرىسى توقتونى ئېمىل شەھىرىدە تۇرۇپ ئېمىل دەريا ۋادىسىنى باشقۇرۇشقا قويدى.1259 - يىلى مۆڭكۈخان جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى يوقىتىش يۈرۈشىنى باشلاپ، شۇ يىلى سىچۇەندىكى بىر جەڭدە ئۆلدى. 1260 - يىلى ئۇنىڭ ئۇكىسى قۇبلاي كەيپىڭدا خان بولغانلىقىنى جاكارلىدى.  يۇەن سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ھېسابلانغان مانا مۇشۇ قۇبلايخان 1215 - يىلى ئېمىل شەھىرىدە تۇغۇلغانىدى. 1219 - يىلى چىڭگىزخان پۈتۈن كۈچىنى توپلاپ  غەربكە يۈرۈش قىلغاندا قۇبلايخان ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەنىدى. بىر پارس تارىخشۇناسىنىڭ مۇشۇ مەزگىل ھەققىدە يازغان ئەسىرىدە:" 1225  - يىلى ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى قۇچۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىۋاتقان چىڭگىزخاننى ئېمىل دەرياسى بويىدا قارشى ئالغان قۇبلاي ئېسىنى بىلگەندىن بېرى ئۆز بوۋىسىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەنىدى. 11 ياشتىكى قۇبلاي بىلەن توققۇز ياشتىكى ئىنىسى ھۇلاكۇ ئىككىسى ئوۋلىغان توشقانلىرى بىلەن بۇغىلىرىنى غانجۇغىلىرىغا باغلاپ كەلگەندە دۇنيانى بېقىندۇرغان پادىشاھ ئۆز قولى بىلەن ئىككى نەۋرىسىنىڭ ئوتتۇرا بارمىقىنى باغلاپ قويغانىدى" دەپ يازغان. ئۇلار توققۇز ئوغۇل، بىر قىز بولۇپ، جەمئىي 10 بالا ئانىسى سۇرخۇكتانىڭ تەربىيىسىدە چىڭگىزخان ئىگىلىگەن زېمىنلار ئىچىدىكى ئەڭ ھاۋالىق جاي ئېمىل دەرياسى بويىدا باشقىلارنىڭ نەزەرىدىن خالىي ئۆسۈپ يېتىلدى.1266 - يىلىغا كەلگەندە ئوكتاينىڭ نەۋرىسى قايدۇ موڭغۇل خانلىرىنىڭ "سەھرادا تۇرۇۋېرىمىز، شەھەرگە قەدەم باسمايمىز" دېگەن قارارى بويىچە ئېمىل، تالاس، چۇ دەريالىرىنى بازا قىلغان ھالدا، ئۇزۇندىن بۇيان توپلىغان كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، قۇبلاي بىلەن ئۇرۇشۇپ جەڭدە غەلىبە قىلدى. 1275 - يىلى قارا قۇرۇمنى بېسىۋالدى.1277 - يىلى قۇبلاي ئالمىلىقنى ئىشغال قىلىشقا ئەۋەتكەن قوشۇنلارنىڭ سەردارلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك قايدۇغا تۇتقۇن بولدى. 1278 - يىلىغا كەلگەندە بۇ ئىسيان شەرقىي موڭغۇلىيىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئۇكىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى نايىننىڭ باشچىلىقىدا قايدۇ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. گەرچە قايدۇ 30 نەچچە يىل قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، يۇەن سۇلالىسى شىنجاڭدا مۇستەھكەم قوغدىنىش چارىلىرىنى قوللانغانلىقتىن مەقسىدىگە يېتەلمىدى. 1302- يىلى يۇەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى قايدۇنى مەغلۇب قىلدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قايدۇ ئۆلدى. 1306 - يىلى قايدۇنىڭ ئوغلى جەبە ئېمىل شەھىرىدە يۇەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا تەسلىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئوكتاي خانلىقى تەلتۆكۈس يىمىرىلىپ، چاغاتاي خانلىقىغا قوشۇۋېتىلدى. ئېمىل شەھىرى چاغاتاي خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتتى.جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدىكى ئېمىل شەھىرى ⅩⅤ ئەسىرگە كەلگەندە ئويرات موڭغۇللىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. ئۇۋەيسخان ئۆز قەبىلىلىرىنى باشلاپ، ئىلى دەريا ۋادىسىغا بېرىپ ماكانلاشتى. جۇراس، بارىن قەبىلىلىرىنىڭ ئەمىرلىرى ئويراتلارغا تەسلىم بولدى. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئېمىل دەريا ۋادىسى پۈتۈنلەي ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىگە كىرىپ كەتتى.بۇ دەۋردىكى ئېمىل دەريا ۋادىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشىگە نەزەر سالساق، 1462 - يىلى يەتتىسۇنى مەركەز قىلغان قازاق خانلىقى قۇرۇلدى. بۇ خانلىق ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇقىم زېمىن ۋە بازارنىڭ بولۇشىغا تەقەززا ئىدى. شۇڭا دائىم ئويراتلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ تۇردى. ئۇلار مۇنبەت ئېمىل ۋادىسىغا كۆز تىككەنىدى. خالخا موڭغۇللىرى ئويراتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھامىيلىقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشىنى خالىمايتتى. شۇڭا 1562 - يىلى ۋە 1587 - يىللىرى ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كېلىپ زور قوشۇن بىلەن ئويراتلارغا ھۇجۇم قىلدى. بىرىنچى قېتىم غەلىبە قىلغان ۋە سۇبۇتاينى ھۆكۈمران قىلىپ تىكلىگەن بولسىمۇ، ئىككىنچى قېتىمدا 80 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن كېلىپ ئېمىل دەرياسى بويىدا مەغلۇب بولۇپ، سەردارى ئوباش خۇنتەيجىنىڭ كاللىسى ئېلىندى. گەرچە بۇ چاغدا ئويراتلار بىر پۈتۈن خانلىق بولۇپ شەكىللەنمىگەن بولسىمۇ، جۇراس قەبىلىسىدىن چىققان خوتۇخوچىڭ بىلەن خوشۇت قەبىلىسىنىڭ باشلىقى بايباغىس قەبىلىلەرنى ئورتاق باشقۇراتتى. بايباغىس ئېمىل ۋادىسىغا جايلاشقاندىن كېيىن، ئېمىل دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا بىر قورغان بىنا قىلدى. بۇ قورغان ئۇنىڭ قول ئاستىدا دائىملىق زاپاس ساقلايدىغان 16 مىڭ ئەسكەرنى سىغدۇرالايتتى. شۇڭا ئۇ خاراب بولغان ئېمىل شەھىرى بىلەن كارى بولمىدى. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئويراتلار مۇقىم تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ھەر خىل زىددىيەتلەر تۈپەيلىدىن تۇرغۇتلار خارلۇكنىڭ باشچىلىقىدا ۋولگا دەريا بويلىرىغا، خوشۇتلار تۇربايغۇنىڭ باشچىلىقىدا كۆكنۇرغا كۆچتى. 1635 - يىلى باتۇر تايشى جۇڭغار خانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزىنى باتۇر خۇنتەيجى دەپ ئاتىدى ھەمدە بايباغىس بىنا قىلغان ئېمىل شەھىرىنى مەركەز قىلدى. ئۇ خانلىقنى تىكلىگەندىن كېيىن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ شەھەر بىنا قىلىشقا كىرىشتى. 1646 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىن ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ كېلىپ ئېمىل، قوبۇق، كۆلقارائۇسۇ(شىخۇ) قاتارلىق جايلاردا شەھەر بىنا قىلدى. دېھقانلارنى كۆچۈرۈپ كېلىپ تېرىقچىلىق قىلدۇردى. مىس، تۆمۈر تاۋلاش، قورال - ياراق ياساشتەك ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىمۇ بارلىققا كەلدى. نەتىجىدە ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلاندى، سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە بولدى. شۇڭا باتۇر خۇنتەيجى تەرەپ - تەرەپكە پىتراپ كەتكەن ئويرات قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، شەرقتىكى خالخا موڭغۇللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلىماقچى بولدى. ۋولگا بويىدىكى تۇرغۇتلارنى يۇرتىغا قايتىپ كېلىشكە ئۈندەپ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، شۇ چاغدىكى تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەمەلگە ئاشمىدى. ئۇ 1640 - يىلى 9 - ئاينىڭ بېشىدا ئېمىل دەرياسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىكى قىرىق ئوچاق دېگەن جايدا تۆت ئويرات قەبىلىسى بىلەن خالخا موڭغۇللىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن 44 كىشى قاتناشقان قۇرۇلتاينى ئېچىپ، دۇنياغا داڭلىق"ئويرات قانۇنى" نى ماقۇللىدى.باتۇر خۇنتەيجىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن چوڭ لاما زايابەندىدا ئېمىل شەھىرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى موڭغۇل يېزىقىغا ماسلاشمايدىغان ھەرپلەرنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە تولۇقلاپ، ھازىرقى موڭغۇل يېزىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالدى. "زايابەندىدا تەزكىرىسى" دە بايان قىلىنىشىچە، بۇ زات پۈتكۈل ھاياتىنى ئويراتلار بىلەن خالخا موڭغۇللىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە لاما دىنىغا بېغىشلاپ، شەرقىي موڭغۇلىيە، كۆكنۇر(چىڭخەي)، ئېمىل، ۋولگا ئارىلىقلىرىدا كېزىپ يۈرگەن. 1653 - يىلى باتۇر خۇنتەيجى ئۆلدى. كېيىنچە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تەخت ۋە زېمىن تالىشىپ جىق ئۇرۇشلارنى قىلدى.  ئەڭ قاتتىق ئۇرۇشلار 1657 -، 1660 - ۋە 1661 - يىللىرى ئېمىل شەھىرىنى تالىشىش تۈپەيلىدىن ئېلىپ بېرىلدى. ئاخىرىدا ھوقۇق سىۋان ئارابدانغا مەركەزلەشتى.ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جۇڭغار خانلىقى كۈچىيىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا، نىڭشيا، چىڭخەي ۋە خالخا موڭغۇللىرىنىڭ زېمىنلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. مۇشۇ جەرياندا ئېمىل شەھىرى ۋە ئېمىل ۋادىسىدىكى رايونلار ئارقا سەپ تەمىنات بازىسى بولدى. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سىۋان ئارابدان يەكەن، قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە سېلىق تۆلەشكە قىستىدى. ھەمدە بۇ يەلەردىكى بەگ، بايلارنى ئېلىپ كېتىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا سالدى. كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى جەريانىدا ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى ۋە بېقىندۇرۇلغان رايونلاردىكى پۇقرالارنى ئېمىل ۋادىسىغا يۆتكىدى. روسىيە دىپلوماتى ئۇنكوۋىسكى 1734 - يىلى روسىيىگە قايتقاندىن كېيىن، پادىشاھقا يازغان دوكلاتىدا :"ھازىر ئۇلار تېرىقچىلىقنى بارغانسېرى كېڭەيتىۋاتىدۇ، پەقەت بۇخارالىقلار(ئۇيغۇرلار) لا تېرىقچىلىق قىلىپ قالماستىن، قالماقلارمۇ تېرىقچىلىق قىلىدىغان بولدى. چۈنكى خۇنتەيجى بۇ توغرىدا يارلىق چۈشۈرگەنىكەن. ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرى ئوخشىغان. بۇغداي، تېرىق، ئارپا قاتارلىقلار بار. يەرلىرىنىڭ شور تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، كۆكتاتلارمۇ ياخشى ئوخشاپتۇ. خۇنتەيجى بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا قورال - ياساق ياساشقا كىرىشكەنىكەن. ئاڭلىشىمىزچە ئۇلارنىڭ يېرىدىن مىس، تۆمۈر چىقىدىكەن... ھازىر تېرىدىن رەخت ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپتۇ، ھازىرقى ۋاقىتتا قەغەز ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ" دەپ يازغان. ئۇنىڭ بىلەن سەپەرداش بولغان تۇبولىسكىلىق كىنەز ئەيدىگىروف ئۆز خاتىرىسىدە:"بىز ئوتلاقتىن ئۆتتۇق، خۇنتەيجىنىڭ يېرىدە بۇخارالىقلار بىلەن قالماقلارنىڭ ئېتىزلىقى بار ئىكەن... بىز چاغانسۇ دەرياسىنىڭ ئوڭ قانىتىدىكى بۇخارالىقلارنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ يېنىدىن مېڭىپ ئۆتتۇق" دەپ يازغان. بۇ يەردە دېيىلگەن"چاغانسۇ" دەل ئېمىل دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان ئاقسۇنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەر ئېمىل شەھىرىنىڭ ئالتە كىلومېتىر جەنۇبىدا.ⅩⅧ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، جۇڭغار خانلىقى زاۋاللىققا يۈزلەندى. 1757 - يىلى چىڭ سۇلالىسى زور قوشۇن چىقىرىپ، ئامۇرسانانىڭ كۈچلۈك قوشۇنىنى تەل - تۆكۈس تارمار قىلىپ، ئېمىل دەريا ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زېمىننى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. 1764 - يىلى چىڭ سۇلالىسى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئورجار ناھىيىسى تەۋەسىگە قورغان سالدۇرۇپ، مەسلىھەتچى ئامبال قويدى. بۇ قورغان يەرلىك كىشىلەر "ئېبى" دەيدىغان شامال ئۆتىڭىگە توغرا كېلىپ قالغاچقا، ئامبال ھاۋارايىغا كۆنەلمەي، چىڭ ئوردىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن 1766 - يىلى ھازىرقى چۆچەك شەھىرىگە بىر قورغان سالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئېمىل دەرياسى بويىغا سېلىنغان ئېمىل شەھىرى خارابلىشىپ كەتتى.  كېيىن كىشىلەر بۇ قورغان خارابىسىنى موڭغۇلچە دۆربىلجىن دەپ ئاتاشتى.  ھازىر، يېقىنقى زاماندىكى بىر شەھەر خارابىسىغا قويۇلغان دۆربىلجىن دېگەن بۇنام يەرلىك مىللەتلەر تىلىدا پۈتكۈل بىر ناھىيىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق خەنزۇچە يەنىلا دەسلەپكى نامى ئاساسىدا "ئېمىن" دەپ قوللىنىلماقتا. شۇڭا مەن ئەڭ ئاخىرىدا يەنە دۆربىلجىن دېگەن بۇ نامنى مەزكۇر ناھىيىنىڭ تارىختىكى ھەقىقىي قەدىمىي نامى بولغان "ئېمىل" غا قايتۇرۇشنى تەكرار ئۈمىد قىلىمەن.
 
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. "شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى" خەنزۇچە 1999 - يىللىق 2 -سان.
2. "شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى" قازاقچە، 1 - قىسىم.
3. مىرزا ھەيدەر"تارىخى رەشىدى" خەنزۇچە 1- توم.
4. باكلوۋىچ زىلاتكىن:"جۇڭغار خانلىقى تارىخى" خەنزۇچە.
5. "موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى" خەنزۇچە.
6. ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق:"شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى" ئۇيغۇرچە

7. "قازاق سوۋېت ئېنسىكلوپېدىيىسى" 6-،7-، 10 - توملىرى، قازاقچە.
8. م. جولداسبېكوف، ب. كېنجىبايېف:"ئاسىل ئارنالار" 1990 - يىل قازاقچە نەشرى.
9. ئوتاگى ماتسۇئو:"قۇبلايخان" قازاقچە.
10. زېڭ ۋېنۋۇ:"جۇڭگونىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تارىخى" خەنزۇچە. تەھرىرلىگۈچى: ئەخمەت روزى

مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2001 - يىللىق 4 - سان
bilqut
Posted: 2008-01-08 22:49 | [ئاپتور]
kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

قوللايمەن. بولسا مۇشۇ تىمىنى بىرقانچە چوڭ ئۇنۋىرسال مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويغان بولساق تىخىمۇ ياخشى ئۇنۇم بىرەتتى. ھىچ بولمىغاندا تىخىمۇ كۆپ ئادەم دۆربىلجىننىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچە نامىنى بىلىۋالالايتى.
1som
Posted: 2008-01-10 17:53 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » يەر ــ جاي ناملىرىمىز

Total 0.061926(s) query 4, Time now is:03-21 08:55, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation