niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 كۆك تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى

كۆك تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى


يامادا نوبۇئو( ياپونىيە )


    ئىلىم ساھەسىدە كۆك تۈركلەرنىڭ ئەسلى يۇرتىنىڭ ئالتاي تېغىغا يېقىن بىر جايدا ئىكەنلىكى قوبۇل قىلىنغان. بۇ ماقالىدە مەن بۇ يەرنى تېخىمۇ كەسكىن بىر رەۋىشتە مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تىرىشىمەن. نۇرغۇن قەبىلە ئەپسانىلىرى بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى " تۈرك " سۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن خەنزۇچە خەتنىڭ " 突 " ئىكەنلىكىنى ۋە خەنزۇچە مەنبەلەرنىڭ بۇ قەۋمگە مۇناسىۋەتلىك بايانلار بىلەن تولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مانا مۇشۇ بايانلارنىڭ ئىككىسى " سۈينامە " ( 84 – جىلد ) ۋە " جۇنامە " ( 50 – جىلد ) لەرگە جۇغلانغان بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خاتىرىگە ئېلىنغان①. " سۈينامە " دە ئىككى مۇھىم بايان بار. ئۇنىڭ بىرى تۆۋەندىكىچە:تۈركلەرنىڭ ئەجدادى پىڭلياڭ ( گەنسۇ ئۆلكىسىدە ) ياشايدىغان ئاشنا قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئارىلاشما ياۋايىلار ئىدى. 439 - يىلى ۋېي پادىشاھى تەيۋۇدى يات تائىپە - قۇتقۇلار②نى يوقاتقاندىن كېيىن، ئاشنا قەبىلىسى 500 چېدىرلىق ئادەمنى باشلاپ، ئالتاي تېغىدىكى روران بارگاھىغا قېچىپ كەتتى. ئۇلار ئۇ يەردە كۆپىيىپ، تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنى ئىجات قىلدى. بۇ تاغ خۇددى تۆمۈت قالپاق ( ساۋۇت ) قا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن، خەنزۇلار ئۇلارنى " تۇجۆ " دەپ ئاتاشتى.بۇنىڭدىن باشقا، تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ كاسپىي دېڭىزى بويىدا ياشىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلىدۇ: يامان بىر تەلەيسىزلىك تۈپەيلىدىن قوشنا بىر قەبىلە تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلايدۇ، دۈشمەن پەقەت بىر ئوغۇل بالىنىلا ھايات قالدۇرۇپ، پۇت - قوللىرىنى كېسىپ تاشلاپ، سازلىققا تاشلىۋېتىدۇ. بۇ يەرگە بىر چىشى بۆرە كېلىپ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. بالا چىشى بۆرە ئېلىپ كەلگەن گۆشلەرنى يەپ ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. كېيىن بالا بۆرە بىلەن جۈپلىشىپ، بۆرە بوغاز بولىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ھېلىقى قوشنا دۆلەت بالىنىڭ تېخىچە ھاياتلىقىنى ئۇقۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتىدۇ. لېكىن بۆرە بالىنى جان - جەھلى بىلەن قوغدايدۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەنلەر بۆرىنىڭ ئىچىگە جىن كىرىپتۇ، دېيىشىدۇ. بالىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغان بۆرە كاسپىي دېڭىزىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، قوچۇنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر تاغ ئېتىكىگە كەپتۇ، ھەمدە 200 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق ئوتلىقى بار بىر غار ئىچىگە ئورۇنلىشىپتۇ. بۆرە بۇ غاردا 10 ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئەقىللىقى بولغان ئاشنا ئۇلارغا باش بوپتۇ. ئۇلار ئۆز ئانىسىنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ئۆزلىرى تۇرغان يەرنىڭ دەرۋازىسىغا ھەر دائىم بۆرە بېشى سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تۇغ تىكىشىدىغان بوپتۇ. كېيىنكى مەزگىللەردە ئاشنا ئۆز قەۋمىنى باشلاپ، غاردىن چىقىپ رورانلارنىڭ قېشىغا كەپتۇ." جۇنامە " دە تۈركلەرنىڭ ۋەتىنىگە ئالاقىدار ئىككى ئەپسانە بار. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى بۆرە ئەپسانىسى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئاشنا قەبىلىسىنىڭ رورانلارنىڭ كەينىدىن ئالتاي تېغىغا كەتكەنلىكى يېزىلىدۇ. " جۇنامە " دىكى ئىككىنچى ئەپسانە يۇقىرىقىلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ شۇ دۆلىتىدىن كەلگەنلىكى يېزىلىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئەسلى يۇرتى ھۇنلارنىڭ شىمالىدىكى زېمىنلار ئىدى. باشلىقى ئاپام بىرۇك ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ 17 قېرىندىشى بار ئىدى. بۇلاردىن بىرىنىڭ ئىسمى ئېركىن نىشىدۇ بولۇپ، بۆرىدىن تۇغۇلغانىدى. ئاپام بىرۇك ۋە ئۇنىڭ قەۋمى تۇغۇلىشىدىنلا پاراسەتسىز بولغاچقا،  دۆلىتى مۇنقەرز بوپتۇ. ئېركىن نىشىدۇنىڭ مىجەز - خاراكتېرى تۇغۇلىشىدىنلا ئۆزگىچە ئىكەن. ھەتتا بوران، يامغۇرنىمۇ چاقىرىپ كېلەلەيدىكەن. ئۇ ئىككى خوتۇن ئاپتۇ. بىرى ياز تەڭرىسىنىڭ، يەنە بىرى قىش تەڭرىسىنىڭ قىزى ئىكەن. ئۇلارنىڭ بىرى ھامىلدار بولۇپ، تۆت ئوغۇل تۇغۇپتۇ، ئوغۇللارنىڭ بىرى چىرايلىق ئاققۇغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ، بىرى ئاپار دەرياسى بىلەن كەم دەرياسى ئارىلىقىدا دۆلەت قۇرۇپ، نامىنى قىرغىز دەپ ئاتاپتۇ. يەنە بىرى كۆك دەرياسى بويىدا دۆلەت قۇرۇپتۇ، بىرى كۆك يىش تېغىغا③ ماكانلىشىپتۇ. بۇ تاغنى ماكان قىلغانلار نىشىدۇنىڭ چوڭ ئوغلى تۇغلۇق شات ئىكەن. بۇ تاغدا يەنىلا ئاپام بىرۇكنىڭ قەۋمى ياشايدىكەن. بۇ جايدا يەنە دائىم قىراۋ ئۈششۈكى پەيدا بولۇپ تۇرىدىكەن. چوڭ ئوغۇل ئۇلارغا ئوت كەشپ قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىشتىن ئامان - ئېسەن ئۆتۈۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپتۇ. مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن كۆپچىلىك ئۇنى ئۆزلىرىگە باشلىق قىلىپ سايلاپ، ئۆزلىرىنى تۈرك دەپ ئاتىشىپتۇ. تۇغلۇق ئۆلگەندە ئۇنىڭ 10 خوتۇنىدىن بولغان ئوغۇللار ئۆزلىرى ئىچىدىن بىرسىنى باشلىق سايلىماقچى بولۇپ، ھەممىسى بىر تۈپ چوڭ دەرەخنىڭ ئاستىغا يىغىلىپتۇ. ئاندىن ئۇلار: كىمدەكىم مۇشۇ دەرەخنىڭ بويىنى بويلاپ ئەڭ ئېگىزگە سەكرىيەلىسە شۇ باش بولسۇن، دەپ كېلىشىپتۇ. ئاشنانىڭ ئوغلى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ھەممىدىن ئېگىزگە سەكرەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى ئوغۇللار ئۇنى ئۆزلىرىگە باشلىق قىلىپ سايلاپ، ئۇنى ئاشەن شات دەپ ئاتىشىپتۇ.بۇ ئەپسانىنىڭ كۆپ قىسمى ئالدىنقى ئەپسانىلەردىن پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن بۆرە ئورتاق مەنبەدۇر. بۇ ئەپسانىلەر تۈركلەرنىڭ سىياسىي مەركىزىنى تەشكىل قىلغان ئاشنا ئۇرۇقى ئارىسىدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن. لېكىن يەنە ئاشنا ئۇرۇقى بىلەن ئوخشاش ئابرويغا ئىگە ئاشىد ئۇرۇقى ئارىسىدا تارقالغان يۇقىرىقىلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئەپسانىلەرمۇ بار.  بۇ دۇەن چېڭشىنىڭ " يۈياڭ خاتىرىلىرى " ④ دە بايان قىلىنغان ئەپسانە بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:تۈركلەرنىڭ ئەجدادى شېموشېلى بولۇپ، ئاشىدلار تۇرىدىغان غارنىڭ غەربىدىكى دېڭىزدا بىر تەڭرى ياشايدىكەن. دېڭىز تەڭرىسىنىڭ بىر قىزى بولۇپ، ئۇ ھەر كۈنى ئاخشىمى بىر ئاق بۇغىنى شېمونى دېڭىزغا باشلاپ كىرىشكە ئەۋەتىدىكەن، تاڭ يورۇغاندا شېمونى ئۇزىتىپ قويىدىكەن. مۇشۇ تەرىقىدە نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، شېمونىڭ قەبىلىلىرى چوڭ بىر ئوۋغا تەييارلىنىپتۇ. دېڭىز تەڭرىسىنىڭ قىزى شېموغا: ئەتە سىز ئوۋ ئوۋلاۋاتقان چاغدا، ئاتا - بوۋىلىرىڭىز ياشىغان غاردىن بىر ئالتۇن مۈڭگۈزلۈك ئاق بۇغا چىقىدۇ، ناۋادا بۇ بۇغىنى ئاتالىسىڭىز مەن بىلەن داۋاملىق كۆرۈشەلەيسىز، ئاتالمىسىڭىز ئالاقىمىز ئۈزۈلىدۇ، دەپتۇ. تاڭ سۈزۈلگەندە، دەرۋەقە ئالتۇن مۈڭگۈزلۈك بىر ئاق بۇغا غاردىن سىرتقا چىقىپتۇ. شېمو ئادەملىرىنى بۇغىنى قورشاشقا بۇيرۇپتۇ. ئۈركۈپ كەتكەن بۇغا ئادەملەرنىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇپتۇ، ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئادەملەر ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ، بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن شېمو ئاجى ئىسىملىك بىر قومانداننىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ، ھەمدە ئادەملىرىگە قاراپ " بۇغىنى ئۆلتۈرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ، بۇندىن كېيىن تەڭرىگە ئاتاپ ئادەم قۇربانلىق قىلىمەن " دەپ قەسەم ئىچىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىش تۈركلەر ئارىسىدا بىر ئەنئەنىگە ئايلىنىپتۇ. تۈركلەر ئادەم قۇربانلىق قىلىشتا دائىم ئاجىنىڭ قەبىلىسىدىكىلەردىن بىر ئادەمنى تاللايدىغان بوپتۇ. شېمو ئاجىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، كەچتە دېڭىزغا قايتىپتۇ.دېڭىز تەڭرىسىنىڭ قىزى ئۇنىڭغا ئۆز قولۇڭ بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئۇزايىڭدىن قان ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا سەندىن مۇناسىۋەتنى ئۈزدۈم، دەپتۇ.يۇقىرىقى تۆت مەنبە ئەپسانە بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ئۈچىدە ئورتاقلىق بار. ئىككىنچى ۋە تۆتىنچى ئەپسانىدە تۈركلەرنىڭ پەيدا بولغان يېرى بىر غارغا مەركەزلەشكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەپسانىلەردە غەربىي دېڭىز دېگەن بىر ئورتاق مەنبە بار. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى خىل ئەپسانىدا دېڭىز تەڭرىسىنىڭ قىزىغا مۇناسىۋەتلىك ئورتاقلىق بار. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەپسانىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەپسانىلەردىكى ئورتاقلىقلار مۇنداق:1. قەبىلىلەر بۆرە نەسلىدىن تۆرىلىدۇ.2. ئەسلىدىكى قەبىلە يوقىتىلىپ، ساق قالغانلارنىڭ ئىچىدىن ئاشنا باشچىلىقىدىكى 10 ئۇرۇق شەكىللىنىدۇ.3. ئاشنا قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. باشقا جەھەتتە بۇ ئىككى ئەپسانە ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرقلەرمۇ بار.تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ ۋەتىنى ئىككىنچى ئەپسانىدە غەربتە، ئۈچىنچى ئەپسانىدە شىمالدا ( ياكى شەرقتە ) دەپ كۆرسىتىلىدۇ.ئىككىنچى ئەپسانىدە، تۈركلەرنىڭ ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندا، بۇ ئىتتىپاقتىكى قەبىلىلەرنىڭ ئورنى كۆرسىتىلىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى ئەپسانىدە بۇ كۆرسىتىلمەيدۇ.ئىككىنچى ئەپسانىنىڭ مەزمۇنى ئاددى ھەم ئوچۇق، لېكىن ئۈچىنچى ئەپسانىنىڭ مەزمۇنى تۇتۇق ۋە مۇرەككەپ.كېيىنكى ئۈچ ئەپسانە ئالتاي سېلىشتۇرما ئەپسانىشۇنالىقى ئۈچۈن باھاسىز ماتېرىيال بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتىكى ئانالىز تەتقىقاتنىڭ سىرتىدا تۇرماقتا. بۇ ئەپسانىلەردىكى مۇھىم نۇقتىلار تۈركلەرنىڭ مەنبەسىنىڭ قوچۇنىڭ شىمالى ۋە شەرقىي تەڭرىتاغلىرىدا بولۇشىدۇر. بۇ ئەپسانىلەر ئىچىدە  " سۈينامە " دە خاتىرىلەنگەن بىرىنچى مەنبەلا رېئال تارىختىن دالالەت بېرىدۇ.»سۈينامە« 629 - ۋە 636 - يىللار ئارىلىقىدا يېزىلغان. تۈركلەر ئۇزاقتىن بېرى خەنزۇلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ كەلگەچكە، بۇ خاتىرىلەرنى يازغان تارىخچىنىڭ تۈركلەر ھەققىدە بىلىدىغانلىرى كۆپ ئىدى. 542 - يىلدىن ئىلگىرى تۈركلەر جۇڭگو مەنبەلىرىدە شىمالدىن كەلگەن بىر تاجاۋۇزچى دەپ قارىلاتتى⑤. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئايرىم قەبىلىلەر يەرلىك ئولتۇراق خەلق بىلەن سودا قىلىشنىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. 545 - يىلى غەربىي ۋېي سۇلالىسى تۈركلەرگە تۇنجى قېتىم ئەلچى ئەۋەتتى. تۈركلەر ئىككىنچى يىلى بۇنىڭغا جاۋابەن ئەلچى ئەۋەتتى. بۇ بېرىش - كېلىشلەر ئاساسەن سودا - سېتىقنى ئاساسىي مەقسەت قىلغانىدى. " سۈينامە " دە بايان قىلىنغانلار تۈركلەرنىڭ رورانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا كۈچىيىۋاتقانلىقىغا بېرىلگەن بىشارەت ئىدى. بۇ تەرەققىيات تەيۋۇدى قۇتقۇ قەبىلىسىنى بويسۇندۇرۇپ، شىمالدىكى سۇلالىلەرگە خاتىمە بېرىشتىن 100 يىل كېيىن بارلىققا كەلگەنىدى. يۇقىرىقى ئەپسانىلەردە تىلغا ئېلىنغان ئىشلار تۈركلەرنىڭ يازما خاتىرىلەر دە تىلغا ئېلىنىشتىن بۇرۇنقى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئالاقىدار بولسا كېرەك. مانا مۇشۇلاردىن تۈركلەرنىڭ Ⅴ ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئاشنا ئۇرۇقى تەرىپىدىن بىر سىياسىي كۈچ بولۇپ ئۇيۇشقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.ئەمدىكى مەسىلە، تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتىنىڭ نەق ئورنى  مەسىلىسى. " سۈينامە " دە تۈركلەرنىڭ ئەلمىساقتىن بېرى ئالتاي تاغلىرىدا ياشىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.پەقەت " شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى " نىڭ 99 - جىلدىدىلا تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر رايوندا ياشىغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە. بۇ مەلۇمات باشقا خاتىرىلەر تەرىپىدىنمۇ توغرا تېپىلماقتا. مۇشۇنىڭغا قارىغاندا، تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى ئالتاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ياكى غەربىي جەنۇبىدىكى بىر جاي ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. بۇ جاينىڭ كونكرېت ئورنىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن  داڭلىق ئالىم پروفېسسور ماتسۇدا خىسائو بۇ ھەقتە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىي ئۇچىدا، يەنى قارا ئېرتىش بىلەن ئۇرۇنغۇ دەرياسى ئارىلىقىدىكى ھاۋزىدا دەپ مۇقىملاشتۇرغان ھەمدە ئۇلار شىمالىي جۇڭغارىيىدىن شەرققە ۋە غەربكە قاراپ يېيىلغان دەپ كۆرسەتكەنىدى⑥. بىراق مەن Ⅴ ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن Ⅵ ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغا قەدەر بۇ رايوندا يۈز بەرگەن زور سىياسىي توقۇنۇشلار تۈپەيلىدىن، بۇ زېمىننىڭ ئۇنچىۋالا يىراقتا ( شىمالدا ) بولۇشىنى  قوبۇل قىلالمايمەن. ئاشنا قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان رورانلار جەنۇبىي موڭغۇلىيىدىن كەلگەن. تەخمىنەن 450 - يىلدىن 500 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا رورانلار غەربكە سۈرۈلۈپ، شەرقىي تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئىشغال قىلغان.بۇ چاغدا قاڭقىل قەبىلىلىرى بولسا غەربىي جەنۇبىي ئالتاي تاغلىرىدىن تەڭرىتاغقا تۇتاشقان مەزكۇر رايون ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇشلىرى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. 540 - يىلى رورانلار قاڭقىللارنى باستۇردى. نەتىجىدە ئاشنا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى تۈمەن روران قاغانى بىلەن بىرلىشىپ جەڭدە زور غەلىبىگە ئېرىشتى. مۇشۇنىڭغا قارىغاندا، ئاشنا قەبىلىسىگە مەنسۇپ تۈركلەر شىمالىي جۇڭغارىيىدە ئەمەس، بەلكى جۇڭغارىيىنىڭ جەنۇبىدا ياشايتتى.بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ قايىل قىلارلىق كۆزقاراش س. گ. كلياشتورنىيغا تەئەللۇقتۇر. ئۇ جىنشەندىكى بىر قىسىم تۈركىي قەبىلىلەر ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا قەدەر يېيىلغان⑦، دەپ ئىزاھلايدۇ. بۇ رورانلار بىلەن قاڭقىللار ئۇرۇشقان ئەسلى جەڭگاھنىڭ  قۇمۇلنىڭ شىمالىدىكى باركۆل ئەتراپى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئەسكە سالىدۇ. شۇنداق بولغاندا، رورانلار بىلەن ئۇلارغا تەۋە قەبىلىلەرنىڭ يۇرتلىرى بۇ جەڭگاھنىڭ شەرقىدە بولغان بولىدۇ. ئەگەر جىنشەن ئالتاي تېغىنى كۆرسەتسە، ئۇھالدا تۈركلەرنىڭ يۇرتى گوبى ئالتاي بىلەن موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى گاشۇن نورنىڭ شىمالىدىكى بايان خونگور ساھەلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.  بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان " ئالتاي تېغى " ئالتاي تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ ھالدا بۇ، ئىككىنچى تۈرك ئەپسانىسىنىڭ مەزمۇنىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ.مۇنداق چۈشەندۈرۈش تۈركلەرنىڭ شىمالىي ۋېي خانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ يورۇتۇپ بېرىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىك بولغاندىلا تۈركلەر بىلەن رورانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ.551 - يىلى 6 - ئايدا تۈركلەرنىڭ قاغانى تۈمەن غەربىي ۋېي پادىشاھىنىڭ مەلىكىسى چاڭ لېبىلەن توي قىلدى. 552 - يىلى يانۋاردا ئەسكەرلىرىنى توپلاپ روران قاغانىغا ھۇجۇم قىلدى. بىر ئاي ئىچىدە تۈمەننىڭ غالىب ئارمىيىسى دۈشمەننى موڭغۇلىيىنىڭ جەنۇبى ۋە سەددىچىنغا يېقىن جايلاردا تارمار قىلدى. تۈمەن ئۆزىنى ئىلىگ قاغان دەپ ئاتاپ تۈرك دۆلىتىنى بەرپا قىلدى. 555 - يىلى مۇقان قاغان رورانلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقىتىش ئىشىنى غەلىبىلىك تۈگەتتى. خەنزۇچە مەنبەلەر تۈركلەرنىڭ كەينى - كەينىدىن قىلغان ھەربىي يۈرۈشلىرىنىڭ لىنىيەلىرىنى ئېنىقلاپ بەرمەكتە ۋە ئۇلارنىڭ كۆچمە قارارگاھلىرىنىڭ يەنىلا ئەسلى يۇرتلىرىدا ئىكەنلىكىنى ئەسلەتمەكتە. يەنە مۇشۇ مەنبەلەرگە قارىغاندا، تۈركلەرنىڭ بىر قىسمى قاڭقىللارغا تەۋە ھەرقايسى قەبىلىلەرنى تىزگىنلەش ئۈچۈن تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە كەتكەن.خەنزۇ تارىخچىلىرى تۈركلەرنىڭ مۇقان قاغاننىڭ باشچىلىقىدا كەڭ كۆلەملىك كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلغانىدى. بۇ كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىغا مۇقان قاغان بىۋاسىتە ئارىلاشمىغانىدى. مەسىلەن: غەربتىكى ئېفتالىتلارغا قىلىنغان يۈرۈشكە مۇقاننىڭ تاغىسى ئىستەمى قوماندانلىق قىلغانىدى. شەرقىي موڭغۇلىيىدىكى كۈچلەرنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىغا مۇقان قاغاننىڭ ئىنىسى قوماندانلىق قىلغانىدى. بۇ ۋاقىتتا مۇقان قاغان خېشى كارىدورىدىكى تۇيغۇنلارنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا ئىدى⑧. 557 - يىلى شىمالىي جۇ خانلىقى غەربىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ ئورنىنى ئالغاندا، تۈركلەر شىمالىي جۇ خانلىقى بىلەن شەرقتىكى شىمالىي چى خانلىقى ئارىسىدىكى رىقابەتكە ئارىلاشتى. قىسقىسى، تۈركلەر ۋاقتىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خانلىقلار بىلەن بولغان ھەربىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتنى تىزگىنلەش بىلەن ئۆتكۈزدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەسلى قەبىلە بازىسى يەنىلا ئىلگىرىكى يۇرتلىرىدا قالدى. مۇقان قاغان 572 - يىلى ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ئوردىسىنى موڭغۇلىيىنىڭ شىمالىدىكى ئۆتۈكەنگە كۆچۈردى. تۈركلەرنىڭ تۇنجى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدا بارلىققا كەلدى. بۇ يەر ئۇلارنىڭ ئانا يۇرتى ئىدى. كۆك تۈرك خانلىقى قۇرۇلۇپ زېمىنى كېڭەيگەندىن كېيىنمۇ، نۇرغۇن تۈركلەر يەنىلا ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى يۇرتلىرىدا قالدى. كېيىنكى مەزگىللەردە بۇلار غەربىي تۈرك خانلىقىغا تەۋە بولدى. يۇقىرىدا توختالغان ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەپسانىدىكى مۈجمەللىكلەرنىڭ بەلكىم ئۆزىگە چۇشلۇق تارىخى باردۇر. تۈركلەر بىلەن غەربىي تۈركلەر ئارىسىدىكى پەرقلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى كەلگۈسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە باغلىقتۇر.
 
ئىزاھلار:①" شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى " دىكى تۈركلەرگە دائىر مەلۇماتلار " سۈينامە " بىلەن " جۇنامە " دىن كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، بەزى خەتلەرلا پەرقلىنىدۇ. ليۇ ماۋسەي :" شەرقىي تۈرك تارىخىغا دائىر خەنزۇچە مەلۇماتلار " ، 1958 - يىلى ۋېسبادىن نېمىسچە نەشرى.
② قۇتقۇلار Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى شىمالىي لياڭ دۆلىتىنى قۇرغان ھۇنلارنىڭ بىر تارمىقى.
③بۇ جاينىڭ ئېنىق ئورنىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرقانچە تىرىشقان بىلەنمۇ ئېنىق بىر نەتىجىگە ئېرىشىش تەس.
④ دۇەن چېڭشى: " يۈياڭ خاتىرىلىرى " 4- جىلد.
⑤سېن جۇڭميەن:" تۈرك تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى " ، 1958- يىل بېيجىڭ نەشرى، 1- توم 15 - بەت.
⑥ ماتسۇدا خىسائو ( ياپونىيە ) :" قەدىمكى تەڭرىتاغنىڭ تارىخ - جۇغراپىيىسى ھەققىدە تەتقىقات " ، 1972 - يىلى توكيو 2 - قېتىملىق بېسىلىشى، ياپونچە 250 - بەت.
⑦ س. گ. كلياشتورنىي: " قەدىمكى تۈرك - رۇنىڭ يېزىقىدىكى ئابىدىلەر " ، 1964 - يىلى موسكۋا رۇسچە نەشرى، 110 - 111 - بەتلەر.⑧ " جۇنامە " 28 - جىلد " شى نىڭنىڭ تەرجىمىھالى " ." تۈركىي خەلقلەر تەتقىقاتى " ( تۈركچە )  نىڭ 1996 - يىل 105 - سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇرېشىت جېلىل

مەنبە : شىجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2001 - يىلى 4 - سانى
bilqut
Posted: 2008-01-10 15:31 | [ئاپتور]
kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئالتاينىڭ جەنۇبى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا ئاشۇلارغا ئوخشاش  جەڭگىۋار قەبىلىلىلىرىمىز داۋاملىق ساقلىنىپ قالغان  بولسا، يىقىنقى زامان تارىخىمىز بەلكىم باشقىچە يىزىلىشى مۇمكىنتى. بەزىدە ئۇلار نىمىشقىمۇ ھەممىسى دىھقانچىلىق ئىگىلىكىگە كىرىپ كەتكەن بولغۇيتى دەپ ئويلاپ قالىمەن. تەڭرىتاغلىرىغا چىقىپ ئوينىغان ۋاقىتلىرىمىزدا چارۋىچى قازاق قىرىنداشلارنى كۆرۇپ مۇشۇ يەرلەردە ياشىغان قەدىمقى ئەجدادلىرىمىزنى ئىختىيارسىز كۆز ئالدىمغا كەلتۇرىمەن.
1som
Posted: 2008-01-10 16:18 | 1 -قەۋەت
pidayi
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 11
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-10

 

بىزنى تېخىمۇ مول تارىخى بىلىملەر بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
Posted: 2008-01-11 19:22 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار

Total 0.057551(s) query 4, Time now is:03-21 08:55, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation