" ئۇچ " دىگەن يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا
خوجا نىياز، مۇھەممەتجان مۆمىن
«ئۇچ» — قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى. «تاڭنامە. جۇغراپىيە تەزكىرىسى»، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىك »، شۇنداقلا «تارىخىي رەشىدى»، «تارىخىي رەشىدى - زەيلى»، «تارىخى ھەمىدى» قاتارلىق ئەسەرلەردە «ئۇچ» قا دائىر مەلۇماتلار قالدۇرۇلغان.
ھازىرقى ئۇچتۇرپان، ئاقچى ۋە ئونسۇنىڭ غەربىي شىمالىدىكى جايلار قەدىمدە «ئۇچ»دەپ ئاتىلاتتى. بۇ جايلارنىڭ قەدىمدە «ئۇچ» دەپ ئاتالغانلىقى توغرىسىدا، 11 - ئەسىردە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، جاھان تۈركشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە تۆۋەندىكىدەك مەلۇماتلارنبى ئۇچرىتىمىز:
«ئۇچ ― uq- مەشھۇر بىر شەھەرنىڭ نامى» (1 – توم، 49 - بەتكە قاراڭ)، «توشقان دەرياسى ― ئۇچ شەھرىگە ئاقىدىغان بىر دەريانىڭ نامى» (1 – توم، 666 - بەتكە قاراڭ)، «چاغلا ― ئۇچ شەھىرىنىڭ چېتىدىكى يايلاقنىڭ ئېتى» (1 – توم، 561 - بەتكە قاراڭ)، «بەدەلئارىت ― ئۇچ بىلەن بارىسغان ئوتتۇرىسىدىكى بىر داۋان» (1 – توم، 510 - بەتكە قاراڭ)، «باي ― باي يىغاچ. ئۇچ بىلەن كۇچا ئارىسىدىكى ئۇچقا يېقىن بىر جاينىڭ ئېتى» (3 – توم، 216 - بەتكە قاراڭ)، «ئايكۆل ― ئۇچقا يېقىن بىر جاينىڭ ئېتى» (3 – توم، 186 - بەتكە قاراڭ).
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك»داستانىنىڭ 1594 – غەزىلىدە: «نە دەيدۇ ئۇچ ئوردۇبېگى ئاڭلىغىل، بىلىپ سۆزلىمىش سۆز، ئىشلىتىپ ئەقىل» دەپ يېزىلغان بولسا، 3815 – غەزىلىدە: «نېمە دەر ئىشىتكىن ئۇچ ئوردۇخانى، ئۇنىڭ ئەلگە مەشھۇر دۇرۇس سۆزىنى» دەپ بايان قىلىنغان.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، ھازىرقى ئۇچتۇرپان 10 - ئەسىردىن ئىلگىرى «ئۇچ»، «ئۇچبالىق» (ئۇچ شەھىرى) «ئۇچ ئوردۇ» دەپ ئاتالغان، ھەتتا «ئۇچ ئوردۇ»دا «ئۇچ ئوردۇ بېگى» ۋە «ئۇچ ئوردۇ خانى» تۇرغان.
مەھمۇد قەشقەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىنىڭ تارىخىي قىممىتى شۇ يەردىكى، ئۇچتۇرپان بۇنىڭدىن 1400 نەچچە يىل ئىلگىرىلا يەنى كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرى (مىلادىيە 552 — 745- يىللار) ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى (مىلادىيە 605 - 846 - يىللار)دە «ئۇچ» دەپ ئاتالغان. بولمىسا مەھمۇد قەشقەرى ئۇنى «ئۇچ» مەشھۇر بىر شەھەرنىڭ نامى دەپ ئاتىمىغان بولار ئىدى. دەلىل شۇكى، تاڭ سۇلالىسى مىلادىيە 630 - يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا غەربىي تۈرك خانلىقىنى يوقىتىشقا كىرىشىپ، 648 - يىلىغا كەلگەندە غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ يۇلتۇز ۋادىسىدىكى ئوردىسىنى گۇمران قىلدى، كۇچا تاڭ قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى. «ئارقىدىنلا تاڭ قوشۇنلىرى ئۇچ تەۋەسىگە يېتىپ كېلىپ، ئونسۇ ئايمىقى (温肃州) نى تەسىس قىلدى. ئونسۇ ئايمىقى تۇرۇشلۇق ئورۇن چوڭ تاشبالىق (大石成 تاشكەنىت) دەپ ئاتالغان، ئۇ ‹ئۇچ› (乌赤) ئىدى» . بۇ مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۇچتۇرپان مىلادىيە 600 - يىللىرى ئەتراپىدا «ئۇچ» دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار دەۋرى (مىلادىيە 1000 - يىللار)گىچە بولغان ئارىلىقتا تەرەققىي قىلىپ «ئۇچ» مەشھۇر بىر شەھەرگە ئايلانغان. «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا«ئۇچ ئوردۇ بېگى»، «ئۇچ ئوردۇ خانى» دېگەن سۆزنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىغا قارىغاندا، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرى (مىلادىيە 850 يىلىدىن- 1212 - يىلغىچە)دە ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى «ئۇچ» شەھىرى ― ئۇيغۇر بەگلىرى، ئۇيغۇر خانلىرى تۇرىدىغان ياكى مەركىزى خانلىققا ۋاكالىتەن كىچىك خانلاردىن بىرى ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغان شەھەر بولغان.
ھازىر ئاقچى ناھىيىسىدىكى بىر يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىمۇ «ئۇچ» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ «ئۇچ» ھازىر ئاقچى ناھىيە تەۋەسىدە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قەدىمكى چاغلاردا «ئۇچ ئوردۇ خانلىقى» تەۋەسىدىكى زېمىن ئىدى (ھازىر بۇ جايدا قەدىمكى شەھەر ۋە تۇرخارابە ئىزى بار). ئىلگىرى ئاقچى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە تەۋە جاي بولۇپ، 1944- يىلى ئايرىم ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغان.
«توشقان دەرياسى» ― ھازىرمۇ ئۇچتۇرپاننىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ (شەھەر يېنى بىلەن) ئۆتۈپ ئاقسۇ دەرياسىغا قويۇلىدۇ. لېكىن قاراخانىيلار دەۋرىدىكى شەھەر ئورنى ھازىرقىدەك توشقان دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا بولماستىن، بەلكى شىمالىدا ئىدى.
«چاغلا» ― ھازىر «چاغراق» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار ھازىر ئونسۇ ناھىيىسىگە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن 1902 - يىلى ئاقسۇ كونىشەھەر ناھىيىسى (ھازىرقى ئىسمى ئونسۇ ناھىيىسى) قۇرۇلغانغا قەدەر ئارال، چاغراق، تۇمشۇق ئەتراپىدىكى جايلار ئۇچقا تەۋە زېمىن ئىدى. ئاقسۇدىن ئۇچقا ماڭغان كىشىلەر ئارال، چاغراق، تۇمشۇق يوللىرى ئارقىلىق مەھەللە ئارىلاپ مېڭىپ ئۇچقا يېتىپ باراتتى. ئۇچ شەھىرى ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ يېڭىئاۋاد يېزىسىدىن 30 كىلومېتىر غەربتىكى غۇڭرات مەھەللىسىدىكى توشقان دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئورنى ھازىرقى ئونسۇنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە ئۇدۇل كېلەتتى. ھازىر بۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ سەلتەنەتلىك بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، ئايلانمىسى ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان سېپىل بىلەن قورشالغان شەھەر خارابىسى ۋە مازارلىق (مازاردىكى قەبرىلەرنى بەزىلەر: ئىسلام دىنى تۈسىدە دېسە، يەنە بەزىلەر: بۇ ئىسلام دىنى تۈسىدىكى قۇرۇلۇشقا ئوخشىمايدۇ. بۇ، تۇرپان تۇيۇقتىكى يارداڭلىق لېۋىدىكى بۇددا قۇببە - گۈمبەزلىرى شەكلىگە ئوخشايدۇ دەپ قارايدۇ - ئاپتورلادىن) قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نامى ھازىرغىچە «قەدىمكى شەھەر» دەپ ئاتىلىپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلمەكتە.
«بەدەلئارىت» ― ھازىرمۇ «بەدەلئارىت» دېگەن نامى بىلەن مەشھۇر، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۇچ شەھىرىدىن بارىسغان (ئىسسىقكۆلنىڭ شەرقىي جەنۇبىي بويىغا جايلاشقان، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، يەتتىسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى ئىدى)غا ۋە بالا ساغۇنغا بېرىشتىكى يول ئۈستىدىكى بىرداۋان ئىدى. قەدىمدىن بۇيان ئۇچ (ئۇچتۇرپان) خەلقى جۈملىدىن جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە قىسمەن شىمالىي شىنجاڭ خەلقى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن 1950 - يىللارغا قەدەر مۇشۇ «بەدەلئارىت» يولى بىلەن سودا - قاتناش ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرى قىلىپ كەلگەن.
«باي ― باي يىغاچ». بۇ سۆزدىكى «يىغاچ» سۆزى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن باي ناھىيىسى ھازىرغىچە «باي» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
«ئايكۆل» ― ھازىرمۇ «ئايكۆل»نامى بىلەن ئۇچتۇرپاننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا، ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق بىر يېزا نامى بىلەن مەۋجۇت.
دېمەك، مەھمۇد قەشقەرى «ئۇچ» ھەققىدە ناھايىتى پاكىتلىق مەلۇمالارنى ئوتتۇرغا قويغان ھەم «ئۇچ»نىڭ دائىرىسى، قوشنىلىرىنىمۇ بىر - بىرلەپ كۆرسەتكەن، شۇنداقلا «ئۇچ» شەھىرىنىڭ قاراخانىيلار خانلىقى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ھەم قۇرۇلغاندىن كېيىنكى دەۋرلەردە تۇتقان ئورنىنى ناھايىتى يۇقىرى باھالىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، مەھمۇد قەشقەرى «ئۇچ» خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى، «ئۇچ تىلى» توغرىسىدىمۇ ناھايىتى قىممەتلىك مەلۇماتلارنى قالدۇرغان. مەسىلەن، «ئىلرۇك - قۇۋا، سۇزاپ. ئۇچ تىلىدا» (1 – توم، 142 - بەتكە قاراڭ)، «ساسىق – تەشتەك، ساپال قاچا. ئۇچ ۋە ئۇنىڭ نېرىقى تەرىپىدە تۇرىدىغانلارنىڭ تىلىدا» (1 – توم، 495 - بەتكە قاراڭ). «كەستەر - تەشتەك. ئۇچ تىلىدا» (1 – توم، 597 - بەتكە قاراڭ)، «شاپ - ئۆشلەڭگە ئوخشايدىغان بىر خىل ئوت، ئۇچتا ئۇنىڭ بىلەن كىيىم يۇيۇلىدۇ» (3 – توم، 212 - بەتكە قاراڭ)، بۇ ئۆسۈملۈكتىن ھازىرمۇ شاخار ئېلىنىدۇ. «تانا. تانەكچە - دانەكچە. يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، ئۇچ ۋە ئارغۇ تىللىرىدا» (3 – توم، 324 - بەتكە قاراڭ)، «يېزىخ - يېزىغۇت – ئادىراسمان، قەشقەر تىلىدا، ئۇچ ۋە بارىسغان تىللىرىدا ‹ئەلدۈرۈك› دېيىلىدۇ» (3 – توم، 14 - بەتكە قاراڭ).
ئۇنداق بولسا «ئۇچ» دېگەن بۇ نام قانداق بارلىققا كەلگەن؟ نېمە مەنىسى بار؟
بۇ يەر نامى توغرىسىدا ئەل ئارىسىدا ھەر خىل چۈشەنچە ۋە تەبىرلەر بار بولسىمۇ، ئەمما كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، «ھۇدۇدۇل ئالەم» ، برونىنىڭ «ئەلقانۇن مەسئۇدى»، ئەل ئىدرسنىڭ «نۇزھەت ئەل مۇشتاك» قاتارلىق ئەسەرلەردە «ئۇچ» قا دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما «ئۇچ» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئۇچۇقلىما بېرىلمىگەن. پەقەت ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقەرى 11 - ئەسىردە تۈركىي تىللىق قوۋملەر ياشىغان جايلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ ئۇلار توغرىسىدا ئىشەنچىلىك مەلۇمات قالدۇرغان بولغاچقا، ئۇنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «ئۇچ» ھەققىدە بېرىلگەن بايانلىرى «ئۇچ» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى بىردىن - بىر ئاساس بولالايدۇ دەپ قارايمىز. مەسىلەن، 1 - توم 49 - بەتتىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرگە قاراڭ:
1) اج üq ئۈچ. ئۇچ يارماق (ساناق سان).
2) اخ uq ئۇچ. مەشھۇر بىر شەھەرنىڭ نامى.
3) اج oq ئوچ. تاغدا ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخ. تۈركلەر قەلەمنى شۇنىڭدىن ياسايدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە يىك، ھاسا قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ ياسايدۇ.
يەنە 2 - توم 62 – بەتتىكى تۆۋەندىكى قۇرلارغا قاراڭ:
1) اوج uq ئۇچ. نەرسىلەرنىڭ ئۇچى، پۇ تاق، شاخ نۇچى.
2) اوج uq ئۇچ. چېگرا، چېگرادىكى ئەل.
3) اوج uq ئۇچ . بىرەر نەرسىنىڭ تۈگەپ كېتىشى. يەنە تۆۋەندىكى بايانلارغا قاراڭ:
«بەدەلئارىت – اج - ئۇچ بىلەن بارىسغان ئوتتۇرىسىدىكى بىر داۋان» (1 – توم، 510 - بەتكە قاراڭ).
«چاغلا – اج - ئۇچ شەھىرىنىڭ چېتىدىكى يايلاقنىڭ ئېتى» (1 – توم، 561 - بەتكە قاراڭ).
«توشقان دەرياسى – اج - ئۇچ شەھىرىگە ئاقىدىغان بىر دەريانىڭ نامى» (1 – توم، 666 - بەتكە قاراڭ).
«ئايكۆل – اج ئۇچقا يېقىن بىر جاينىڭ ئېتى» (3 – توم، 186 - بەتكە قاراڭ).
«باي - باي يىغاچ . ئۇچ بىلەن كۇچا ئارىسىدىكى ئۇچقا يېقىن بىر جاينىڭ ئېتى» (3 – توم، 216 - بەت).
يۇقىرىقى پاكىتلارغا قارىغاندا، ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمكى نامى بولغان «ئۇچ» دېگەن بۇ نام:
بىرىنچىدىن، يۇرتنىڭ ئۇچى - چېتى، چېگرا، چېگراغا جايلاشقان ئەل مەنىسىدىكى «ئۇچ» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان.
ئىككىنچىدىن، تاغدا ئۆسىدىغان «ئۇچ»دېگەن دەرەخ نامىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ.
لېكىن بىز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە كۆرسىتىلگەن «ئۇچ»قا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، يېزىلىشى، ئىملاسىغا زەڭ قويۇپ قارىساق، شەھەر نامىنى كۆرسىتىدىغان «ئۇچ»نىڭ ئىملاسى «اج» دەپ، «چېگرا، چېگرادىكى ئەل» دېگەندىكى «ئۇچ»نىڭ ئىملاسى «اوج» دەپ پەرقلەندۈرۈلۈپ يېزىلغانلىقىنى بايقايمىز.
بۇ پاكىتقا قارىغاندا، «ئۇچ» دېگەن بۇ يەر نامىنى «يۇرتنىڭ ئۇچى - چېتى، چېگرا، چېگراغا جايلاشقان ئەل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ئۇچ» (اوج) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراشنى چۈشەندۈرمەك تەستەك قىلىدۇ.
شۇڭا، بىز «ئۇچ» دېگەن بۇ يەر نامى تاغدا ئۆسىدىغان ئۇچ (اج) دېگەن دەرەخ نامىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايمىز. بۇ، خۇددىي «ئاتۇش»دېگەن يەر نامى «تاغ، داۋان، ئېگىزلىك» دېگەن مەنىدىكى «ئارىت» سۆزى بىلەن تاغدا ئۆسىدىغان «ئۇچ» دېگەن دەرەخ نامىنىڭ قۇشۇلۇشىدىن كېلىپ چىققىنىغا ئوخشاش.
مەھمۇد قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى» دا (1 – توم، 49 – بەتتە)، اج uq- مەشھۇر بىر شەھەرىنىڭ نامى (ئىزاھاتتا ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمكى نامى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن)، اج oq ئوچ -تاغدا ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخ. تۈركلەر قەلەمنى شۇنىڭدىن ياسايدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە يىك، ھاسا قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ ياسايدۇ دەپ كۆرسىتىدۇ.
«ھۇدۇدۇل ئالەم» دېگەن ئەسەردە بولسا «ئۇچ» تاغدا ئۆسىدۇ، دېيىلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، «ئۇچ»نىڭ تاغدا ئۆسىدىغان دەرەخ ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق، اج خېتى uq ئۇچ ھەم ئوچ (oq) دەپمۇ ئوقۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇچتۇرپاندا «كۆكلەم ئۇچ» دەيدىغان بىر قەدىمىي جاي بار. ئۇچتۇرپان تاغلىرىدا «ئۇچ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دەرەخ بار. خەلقىمىز 1980 - يىللارغا قەدەر ئۇنىڭدىن ھاسا، چوت دەستىسى (ساپ)، پاختا ئىگىرىدىغان يىك، پاختا ئىگىرىدىغان، چىگىت ئايرىيدىغان چىغىرىق ئوقى، تۈز كالتەك قاتارلىق ھەر خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساپ بازارلاردا ساتاتتى ياكى ئائىلىلەردە ئىشلىتەتتى. «ئۇچ» دېگەن بۇ خىل دەرەخ قارىماققا «شىلۋى» دېگەن تاغدا ئۆسىدىغان دەرەخكە ئوخشاپمۇ قالىدۇ، لېكىن ئۇ «شىلۋى» ئەمەس. «شىلۋى» ئاق پوستلۇق بولىدۇ، «ئۇچ» دېگەن دەرەخ بولسا قارا پوستلۇق (قارا قوۋزاقلىق)، خۇددى «بىيە» دېگەن مېۋىلىك دەرەخ قوۋزىقىغا ئوخشايدۇ ھەم تۈز، ناھايىتى قاتتىق بولىدۇ.