بۇ بەتتىكى يازما : ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى زاتى (ئېتنىك مەنبەسى) توغرىسىدا بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى زاتى (ئېتنىك مەنبەسى) توغرىسىدا

0



ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى توغرىسىدىكى مۇھاكىمە – شىنجاڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم، ئەھمىيەتلىك تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇ بىر مۇنچە تارىخى مەسىللەرگە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك تۈردە چېتىلىدۇ. تارىخشۇناسلار بۇ مەسىللەر ئۈستىدە ئۇزاقتىن بۇيان تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خېلى نۇرغۇن كىتاپلار نەشىر قىلىنغان، ئىلمى ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لىكىن ئىلىم ئەھلىلىرى ئورتاق ئىتىراپ قىلغان ئىلمى قاراش شەكىللەنگىنى يوق. مەسىلەن، بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى زاتى يەنى ئېتنىڭ مەنبەسى تەتقىق قىلىنغان كىتاپ-ژورناللارغا، گويىڭدى يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، فېڭ جياشېڭ، چېڭ شولو قاتارلىقلار تۈزگەن «ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ماتىرىياللاردىن قىسقىچە توپلام»، ليۇ يىتاڭ يازغان «ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات»، مەرھۇم ليۇ زىشياۋ يازغان «ئۇيغۇر تارىخى»، بى چاڭپۇ يازغان «قەدىمقى ئۇيغۇرلار»، خامىلتون يازغان «بەش دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتىرىياللار»، لىن گەن، گاۋ زېخۇ يازغان «قەدىمقى ئۇيغۇرلار تارىخى»، ۋە ياڭ شېڭمىن يازغان «قەدىمقى ئۇيغۇرلار» قاتارلىق ئىلمى ئەسەرلەر، ئۇندىن باشقا «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمى ژورنىلى» قاتارلىق ئىلمى ژورناللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى زاتى توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان ئىلمى ماقالىلەرنى كۆرسىتىپ ئۈتۈشكە بۇلىدۇ.

1980- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېچىلغان « ئۇيغۇرلارنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئوقۇلغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان «شىنجاڭ گىزىتى» نىڭ 1981- يىلى 30- ئىيولدىكى سانىغا بېسىلغان ماقالىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك كۆز قاراشلارنى ئالتە خىلغا يىغىنچاغلاشقا بۇلىدۇ. مەن ئەنە شۇ قاراشلاردىن، بىر-بىرىدىن روشەن پەرىقلىنىدىغان ئىككى خىلنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن:

بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر – ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئەجدادى مىلادى 840- يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى (744-840) قىرغىزلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن ئۇرۇش، كىسەللىك ۋە تەبىئى ئاپەت سەۋەۋىدىن غەرىپكە كۆچكەن دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراشتىكىلەر شىنجاڭدىكى يەنى تارىم ئويمانلىقىدا 840- يىلدىن ئىلگىرى ياشايدىغان خەلىقلەر تۈركى تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشەتتى، گەرچە غەرىپكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى يەرلىك خەلىقلەردىن ئاز بولسىمۇ تىل، ئۆرۈپ-ئادەت ۋە پىسخولوگىيىسى ئوخشىشىپ كەتكەچكە، ئۇلار يەرلىك خەلىقلەر بىلەن ئاسانلا قۇشۇلۇپ كەتكەن دەپ ھىساپلايدۇ.

ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر- ئۇيغۇرلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ ۋە  شىمالىدا 840- يىلدىن ئىلگىرى، ھەتتا مىلادىدىن ئىلگىرىلا ياشىغان ئەڭ قەدىمىي خەلىق دەپ قارايدۇ.بۇ خىل قاراشتىكىلەر ئالدىنقى ۋە كىيىنكى «خەننامە» نىڭ «غەرىبىي يۇرت تەزكىرىسى» دە تارىم ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ياقىلىرىدا ياشىغان خەلىقلەرنىڭ سانىنى ئۆز –ئارا سېلىشتۇرىدۇ. «تەزكىرە» دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان جايلاردىكى ئاھالىلارنىڭ سانى بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئىكەنلىكى مەلۇم. ھالبۇكى ئورخۇن ۋادىسىدىن كۈچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپ بولغاندىمۇ 100-200 مىڭ ئۆپچۆرىسىدە بولغان.بۇلار سان جەھەتتىمۇ مۇتلەق ئازچىلىقنى تەشكىل قىلغان بولسىمۇ، سان جەھەتتىن كۆپ بولغان يەرلىك خەلىقلەرنى ئاسسىمىلاسسىيە قىلىۋالغان دەيدىغان كۆز-قاراش پاكىتلارغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ ھىساپلايدۇ. بۇ خىل كۆز-قاراشقا «شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمى ژورنىلى» نىڭ خەنزۇچە نەشىرى 1981-يىل 1- سانىدىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى توغرىسىدىكى يېڭى مۇھاكىمە» دىگەن ماقالىسىنى، ئۇيغۇرچە نەشرى 1982- يىلى 2- ساندىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى كىلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەر» دىگەن ماقالىلەرنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بۇلىدۇ.

يۇقىرقى ئىككى خىل قاراشقا ئوخشىمايدىغان قاراشلارمۇ بار. مەسىلەن: تارىخچى گۇ باۋ ئەپەندى «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى» ۋە «جۇڭگۇ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلغان ئۈچ پارچە ئىلمى ماقالىسىدە: «مىلادى 3- ئەسىردە شىنجاڭدا ماكانلاشقان دىڭلىڭلار، مىلادى 5- ئەسىردە ياشىغان تېلېلار ئۇزاق تارىخى جەرياندا يەرلىك مىللەتلەر بىلەن قۇشۇلۇپ، كىيىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن»، «مىلادى 5- ئەسىردە دىڭلىڭلار يەنى قەدىمقى ئۇيغۇرلار كەڭ جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنىغا ھۈكۈمرانلىق قىلغان، جەنۇبى شىنجاڭدىكى خېلى كۆپ جايلار مۇشۇ مەزگىلدە تېلېلەشكەن» دەپ قارىغان. مۇ گۇاڭ ۋېن ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى زاتى ۋە ماكانى ھەققىدە مۇھاكىمە» نامىلىق ئىلمى ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن مىلادى 4- ئەسىرگىچە ياشىغان دىڭلىڭ ۋە ئۇغۇزلارنى ئېتنىك مەنبە قىلغان دەپ ھىساپلىغان. چىڭ شولو ئەپەندى بولسا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى زاتى ھەققىدە» ناملىق ئىلمى ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى زاتىغا دائىر رىۋايەتلەرنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئۇيغۇرلار دى(دىھار)-قىزىل دى-دىڭلىڭ-تېلې-ئۇيغۇر دىگەن تەرتىپ بۇيىچە كىلىپ چىققان دىگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىشىنى تەتقىق قىلىشتا ئالدى بىلەن ھونلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىبىتىنى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۈتۈشكە توغرا كىلىدۇ. ھازىر ئېلىمىز ۋە چەتئەل ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركى تىل سېستىمىسىدىكى مىللەت ئىكەنلىكىنى ئۇمۇميۈزلىك ئىتىراپ قىلىدۇ. ئەمما تۈرۈكلەر بىلەن ھونلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىبىتى ۋە تۈرۈكلەرنىڭ ئەجدادى مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. بەزى ئالىملار تۈرۈكلەرنى تىل (دى، دىڭلىڭ، تېلې) دىن كىلىپ چىققان دىسە، يەنە بەزىلەر، ھونلاردىن كىلىپ چىققان دەپ قارايدۇ. ئاز ساندىكى تەتقىقاتچىلار بولسا تۈرۈكلەرنى ساكلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان تىگىراخا ئۇدا(ئۇچلۇق قالپاقلىق ساكلار) بىلەن تېلې قەبىلىلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك قان ئارلىشىشىدىن تەدىرىجى شەكىللەنگەن دەپ ھىسابلايدۇ.

خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردە، ئۇيغۇرلار ئەجداتلىرىنىڭ نامى ھەرقايسى تارىخى دەۋىرلەردە تۈرلۈك ئاھاڭ تەرجىمىلىرى بۇيىچە ئاتالغان. مەسىلەن: ئالدىنقى چىن دەۋرىدە دى(狄)، خەن دەۋرىدە دىڭلىڭ (丁零 ئەينى چاغدا تىڭلىڭ دەپ ئۇقۇلغان)، سۈي، تاڭ دەۋىرلىرىدە تېلې(铁勒)، ۋېيخې، يۇەنخې؛ يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە خۇيخې، خۇيخۇ دىگەن ناملار داۋاملىق قوللۇنۇلغاندىن سىرت، يەنە ۋۇگۇ، ۋېي ۋۇ ئېر، ۋېي گۇئېر، ۋېي ۋۇ قاتارلىق ئون نەچچە خىل نام بىلەن؛ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە قوللىنىلغان ناملاردىن سىرت، خۇيخۇي دىگەن نام بىلەن؛ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە چەنتۇخۇي دىگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. ئەمىلىيەتتە بۇلارنى بىر خىل نامنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخى دەۋىرلەردىكى ھەرخىل تەلەپپۇز قىلىنىشى ياكى مەلۇم ئالاھىيدىلىككە ئاساسەن قۇيۇلغان نام دەپ قاراشقا بۇلىدۇ. ليۇ يىتاڭ يازغان «ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات» دىگەن كىتاۋىدا، قەدىمقى چاغدا خەنزۇچە خەتلەرنىڭ تەلەپپۇزىدا كۆپ ھاللاردا «ڭ» تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدىغانلىقى، مەسىلەن ئەينى چاغدا «丁» (ting) ئۇقۇلۇشقا تىگىشلىك خەتنىڭ «تى» (ti) دەپ؛ «轻» (king) خېتى «ki» دەپ؛ «龙» خېتى «Lu» دەپ تەلەپپۇز قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان؛ «تىل» دىگەن سۆز قەدىمقى تۈرۈكچىدىكى ئەتىل ياكى ئېتىل(دەريا) دىگەننىڭ يەنە بىر ۋاريانتى بۇلىش ئىھتىمالىغا ناھايىتى يېقىنلىقىنى ۋە «ت» بىلەن «دى» ئۆز-ئارا نۆۋەتلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان. بىز قەدىمقى تۈرۈك تىلىدىكى مەنسەپ نامى «شاد» ئۇقۇلۇشتا «شات» دەپ، ئەرەپ تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا كىرگەن «قەد»دىگەن سۆز «قەت» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى بىلەن يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىساق، «دى»، «دىڭلىڭ»، «تېلې» دىيىلگەن ناملارنىڭ «تىل» ياكى «دىل» دىگەن نامنىڭ باشقىچە تەلەپپۇزى ئىكەنلىكىنى چۈشۈنەلەيمىز. تەتقىقاتچى شۆ زۇڭجېڭمۇ «دىڭلىڭ» نىڭ قەدىمدە «دىل» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلى توختالغان.

دىللار ئېلىمىزنىڭ شىمالى ۋە غەرىبىدە ياشىغان قەدىمقى خەلىقلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ، خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردە ئۇلارنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى پائالىيەتلىرىگە دائىر مەلۇماتلار خاتىرلەنگەن. ئەمىنىيە(چۈن چيۇ) دەۋرىدە يېزىلغان «زۇجۇەن» تەزكىرىسىدە «جىن دۆلىتىنىڭ لەشكەر بېشى شۈن ۋۇنىڭ قۇشۇنى داچى دىگەن جايدا دى(دىلى) لارنى مەغلۇپ قىلدى» دىيىلگەن. داچى ھازىرقى تەييۈن رايۇنى بۇلۇپ، يۇقىرقى مەلۇماتتىن دىللارنىڭ ئېلىمىزنىڭ شىمالى تەرىپىدە ياشىغانلىقىنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ. سۇ بېيخەي يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدە يېڭى مۇلاھىزە» دىگەن ماقالىسىدا، بەش دەۋىر(بەش خۇ- غۇز)، 16 خانلىق(304-439) دەۋرىدىكى دىڭلىڭ قەبىلىلىرى ئارىسىدا «دى»(翟 بۇ خەت قەدىمقى چاغدا دى دەپ ئۇقۇلغان)، شيەن يۈ (鲜于)، لۇ (洛)، چۇ دەپ ئاتالغان ئۇرۇقتىكىلەرنىڭ سانى ھەممىدىن كۆپلۈكى ئۇتتۇرغا قۇيۇلغان ھەمدە بۇنىڭغا ئاساسەن دىل (دىڭلىڭ) دىگەن نام «دى» ئۇرۇقىنىڭ نامىنىڭ ئۆزگىرىشى دىگەن خۇلاسە چىقىرىلغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئەجداتلىرى بولغان دىل(دى، دىڭلىڭ) لار ئېدىرلىق، دالىلاردا كۆپىنچە ھارۋىلاردا يول يۈرۈشنى ياقتۇرغاچقا ھەمدە ھارۋىلىرىنىڭ چاقى ئىگىز، شادىلىرى كۆپ بولغاچقا، ئىگىز قاڭقىللار(ئىگىز ھارۋىلىقلار) دەپمۇ ئاتالغان. بىز بۇ تارىخى پاكىتنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانى «ئوغۇزنامە» دە ئېيتىلغان ئوغۇز خاقان جورجىت خاقانىنى مەغلۇپ قىلىپ نۇرغۇن غەنىيمەت ئالغانلىقى، ئۇلارنى تۇشۇشقا ئات، خېچىر، كالا ئازلىق قىلغاندا، ئوغۇزخان لەشكەرلىرىدىن بىر چىۋەر ياشانغان كىشى ئىگىز ھارۋا ياساپ، جانسىز غىنىمەتلەرنى قاچىلاپ، ھارۋىنىڭ ئالدىغا جانلىق غەنىمەتلەرنى قۇشۇپ تۇشىغانلىقى، ئوغۇزنىڭ نەۋكەرلىرى، ئەل جامائەتمۇ بۇنى كۈرۈپ ھەيران بولغانلىقى ۋە ۋە ئۇلارمۇ ھارۋا ياسىغانلىقى، ئىگىز ھارۋا ماڭغاندا «قانغا، قانغا» دىگەن ئاۋاز چىققاچقا، ئوغۇزخان ھارۋا ياسىغانلارغا قانغۇرلۇقلار(بەزى ماتىرىياللاردا قانغالۇقلا دەپمۇ ئېلىنىدۇ) يەنى قاڭقىللار دەپ نام بەرگەنلىكى ھەققىدىكى بايانلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىساق، ئىگىز قاڭقىللار يەنى دىڭلىڭلارنىڭ ناھايىتى قادىمى خەلق ئىكەنلىكىنى كۈرۈۋالالايمىز. سوۋېت ئارخىئولوگلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پاندىرىخ قەلئەسىدىن قەدىمقى ھارۋىنى تاپقانلىقى، 1983- يىلى 11- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي ناھىيىسىدىكى ئوتبۇلاق كەنتىدىكى قىيا تاش سۈرەتلىرى ئارىسىدىن بىر كالا ھارۋىسىنىڭ رەسىمى بايقالغانلىقى ۋە رەسىمنىڭ تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1500- يىللارغا تەئەللۇق ئىكەنلىكىنىڭ مۇقىملاشتۇرۇلغانلىقى شۇنداقلا شەرقى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ ياسالغان كۈسەن (كۈچا) دىكى بىزەكلىك غارلىرىدا ھارۋىدا ئولتۇرغان قۇياش ئىلاھىنىڭ سىزىلىشى، بىزنىڭ يۇقىرىقدىكى كۆز قارىشىمىزنى ئارخىئولوگىيە ۋە قىيا تاش رەسىمى ھەم تام سىزمىچىلىقى جەھەتتىن ۋاستىلىك پاكىت بىلەن تەمىن ئىتىپ بىرىدۇ.

«ۋېينامە. ئىگىز قاڭقىللا ھەققىدە قىسسە» دە مىلادى 487- يىلى ئىگىز قاڭقىللارنىڭ بىكقۇلۇ قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاۋۇزلو ۋە ئىنىسى چوڭچىلار جوجان قاغانى تولۇننىڭ كىڭىيمىچىلىك سىياسىتىگە نارازى بۇلۇپ ئىسيان كۈتۈرگەنلىكى، ئۇلار ئالدىنقى قانقىلنىڭ غىرىبىي شىمالىغا كۆچكەنلىكى، ئاۋۇزلو ئۈزىنى خان دەپ، دۆلىتىدىكىلەرنى بەگ دەپ ئاتىغانلىقى، چوڭچى كۈلبەگ دەپ ئاتالغانلىقى، جوجان خانى ئاۋۇزلونى قوغلاشقا قۇشۇن ئەۋەتكەن بولسىمۇ، نەتىجىسى چىقمىغانلىقى، ئاۋۇزلو قۇجۇ خانى كەن شۇگۇينى ئۆلتۈرۈپ، دۇنخۇاڭلىق جاڭ مىڭمىڭنى خان قىلغانلىقكى، ئۋۇزلو جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ، كىنگىت، پىشامشان، ئۇدۇنلارنى بويسۇندۇرۇپ ئۆز دائىرىسىنى كىڭەيتكەنلىكى خاتىرلەنگەن.

خەنزۇچە تارىخنامىلەردە، ئۇيغۇرلارنى ھونلارنىڭ ئەۋلادى دەيدىغان مەلۇماتلارمۇ بار. «شىمالى خانلىقلار تارىخى» 99- جىلىد «تېلېلار ھەققىدە قىسسە» دە: «تېلېلارنىڭ ئەجدادى – ھونلارنىڭ ئەۋلادى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇقلىرى كۆپ» دەپ خاتىرلەنگەن. «كونا تاڭنامە» 195- جىلىد «ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» دىمۇ: «ئۇيغۇر(خۇيخې) لارنىڭ ئەجدادى – ھونلارنىڭ ئەۋلادى، كىيىنكى ۋېي خانلىقى دەۋرىدە تېلې قەبىلىلىرى دەپ ئاتالدى» دىيىلگەن. بۇ خاتىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمكى ئەجدادلىرىنىڭ ھونلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ.

ھونلار - ئېلىمىزنىڭ شىمالى ۋە مۇڭغۇل ئىگىزلىكىدە ياشىغان قەدىمقى خەلىقلەرنىڭ بىرى، «كىيىنكى خەنناما» 89- جىلىد «جەنۇبى ھونلار ھەققىدە قىسسە» نىڭ ئىزاھاتىدا: «باتۇر(مۇدۇ) تەڭرىقۇت تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى، شيا خۇلارنىڭ ئەۋلادى. ئۇلارنىڭ ئەجدادى چۈن ۋېيدىن تۈمەنگىچە مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن» دەپ قەيىت قىلىنغان. ھونلار دەسلەپتە ئوردۇس يايلىقى ۋە يىن شەن (تەسكەي) تېغىنىڭ جەنۇبىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلغان. ئۇلار ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى خەنزۇچە تارىخنامىلەردە، يەنى جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە گۇيفاڭ، خۇنيى، شيەنيۈن، شۈنيۈ دەپ؛ چۈنچۇ دەۋرىدە روڭ ياكى دى دەپ؛ جيەن گو دەۋرى ۋە چىن، خەن سۇلالىرى دەۋرىدە خۇ ياكى «لۇ» (虏) دەپ ئاتالغان. باتۇر(مۇدۇ) تەڭرىقۇت دەۋرىدىن ئىلگىرى ھونلار شەرقى غۇزلارغا يەنى تۇڭغۇس ۋە تۇخرىلارغا بېقىنىپ، ئۇلارغا ئىسىل ئات ۋە ساھىپجامال قىزلارنى تارتۇقلاپ تۇرغان. تۈمەن تەڭرىقۇت دەۋرىگە كەلگەندە ئۇ ھون قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەدىرىجى قۇدىرەت تاپقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 209- يىلى تۈمەننىڭ چوڭ ئوغلى باتۇر ئاتىسىنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ، ھەربىي كۈچ ئارقىلىق قۇدىرەتلىك ھون ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان. ھون ئېمپىرىيىسى بوي سۇندۇرۇلغان نۇرغۇن قەبىلىلەر ۋە ئۇرۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا، خەلىقلەرنىڭ ئىتنىڭ تەركىبى ناھايىتى مۇرەككەپ ئىدى. ھون تىلىنىڭ ئالتاي تىل سېستىمىسىغا مەنسۇپلىقى ھەققىدە تىلشۇناسلار ۋە تارىخچىلار ئارىسىدا تالاش-تارتىش يوق. لىكىن ئۇنىڭ قايسى تىل گۇرۇپپىسىغا كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ھىلىمۇ ئىختىلاپ مەۋجۇت.

فىرانسىيىلىك دىمۇسار، كلاپروت قاتارلىقلار غەرىپكە كۆچكەن ھونلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ۋېنگىرلار(ھونگىرلار) دا ھازىرمۇ داستىخان، ئالما، تەڭنە، ئۇچاق قاتارلىق ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. «كىيىنكى خەننامە» 89- جىلىد «جەنۇبى ھونلار ھەققىدە قىسسە» دە «تەڭرىقۇتنىڭ ئەسلى ئىسمى فەنتاي ئىدى، ئۇنىڭ ئېلىدىكىلەر ئۇنى تەڭرىقۇت دەپ ئاتايتتى. ھونلار ئاسماننى تەڭرى، تەڭرىنىڭ ئوغلىنى قۇت دەپ ئاتايدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن. بىزدە ھازىرمۇ تەڭرى ۋە قۇت، قۇتلۇق دىگەن سۆزلەر بار. ئۇنىڭدىن باشقا ھونلار غەرىپكە كۆچكەندە قېرى-چۈرى، ياشانغانلىرى بىللە ماڭالماي كۈسەننىڭ شىمالى، كىنگىتنىڭ غەرىبىدىكى بايىنبۇلاق يايلىقىدا قېلىپ، نەچچە مىڭ چاقىرىم كەڭلىكتىكى زىمىنغا، ئىككى تۈمەندىن ئارتۇق ئاھالىگە ئىگە بولغان ياپبان دۆلىتىنى قۇرغان. «شىمالى سۇلالىلەر تارىخى. غەرىبى يۇرت تەزكىرىسى» دە، ئۇلارنىڭ تىلى، ئۆرۈپ-ئادىتىنىڭ ئىگىز قاڭقىللارغا ئوخشاش ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. يۇقىرىقى ئەھۋاللار ھونلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئەجداتلىرىنىڭ تىل ۋە ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتلەردە بەلگۈلۈك دەرىجىدە ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.

«كىيىنكى خەننامە. جەنۇبى ھونلار ھەققىدە قىسسە» گە ئاساسلانغاندا، ھۈكۈمرانلار گۇرىھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەنپەئەت، ھۇقۇق تالىشىش كۈرۈشى ۋە بوي سۇندۇرۇلغان خەلىقلەرنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلىدىن شىمالى ھونلار زەئىپلىشىپ ھالسىزلانغاچقا، جەنۇپتىكى قەبىلىلەر ھونلارغا ئالدى تەرەپتىن، دىڭلىڭلار ئارقا تەرەپتىن يۇشۇرۇنچە ھۈجۇم قىلغان، سىيانپىلار سول تەرەپتىن، غەرىبى يۇرتلۇقلار ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان. ھونلار تۆت تەرەپتىن كەلگەن زەربىگە تاقابىل تۇرالماي غەرىپكە-يىراق تامانغا كۆچكەن.

ھونلار غەرىپكە كۆچكەندىن كىيىن ئۇلار ئىگىلىگەن بىپايان چارۋىچىلىق رايۇنلىرى سىيانپىلار، تېلېلار ۋە جورجانلارنىڭ زىمىنلىرىغا ئايلانغان. سىيانپىلار شەرىقى غۇز(دوڭ خۇ) لارنىڭ بىر تارمىقى، شەرىقى غۇزلار باتۇر تەڭرىقۇت تەرىپىدىن تارمار قىلىنغاندىن كىيىن، بۇبىر تارماقشەرىقى غۇزلار چوڭ ھىنگان تېغى بويلىرىغا قېچىپ بارغان، كىيىن راۋلىي دەرياسى (سىرامولۇن دەرياسى) بويلىرىغا كۈچۈپ كەلگەن. 2- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سىيانپىلارنىڭ سەردارى تەن شىكۈي سىيانپى قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆتۈكۈن تېغى ئېتىكىدىكى چەن چيۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا بارگاھ تىكىپ، سىيانپى خانلىقىنى قۇرغان. ئۇ شىمالدا دىڭلىڭلارغا، غەرىپتە ئۇيسۇن (ئۇسۇن) لارغا زەربە بىرىپ،زىمىنىنى شەرىقتىن غەرىپكە مىڭ چاقىرىم كىڭەيتكەن. تەخمىنەن مىلادى 180- يىلى تەن شىكۈي ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن، ئوغۇللىرى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئىچكى ئۇرۇش قىلىشىپ ئۆز ئالدىغا باش-باشتاق بۇلىۋالغاچقا سىيانپى خانلىقى تەدىرىجى زەئىپلەشكەن. تېلېلار مىلادى 2- ئەسىردە سىيانپى خانلىقىغا، مىلادى 5- ئەسىردە جورجان خانلىقىغا بېقىنغان. مىلادى 509- يىلى جورجانلارنىڭ خانى جۇبۇت ئىگىز قاڭقىللار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن، بۇرۇن جورجان ھۈكۈمدارى ناگايغا بېقىندى بۇلۇپ كەلگەن قۇجۇ خانى چۈيجا ئىگىز قاڭقىللارغا تەۋە بولغان. جورجانلارنىڭ تەدىرىجى زەئىپلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىگىز قاڭقىللار تېخىمۇ قۇدىرەت تاپقان.

ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى – تېلېلارنىڭ تارقالغان ماكانىغا كەلسەك، بۇ ھەقتە «شىمالى خانلىقلار تارىخى. تېلېلار ھەققىدە قىسسە» دە ناھايىتى مۇھىم بىر ئابزاس خاتىرە بار: «.....تېلېلارنىڭ ئۇرۇق-قەبىلىلىرى ئەڭ كۆپ، ئۇلار غەرىبى دېڭىزنىڭ شەرقىدىن تارتىپ تاغ-جىلغىلارنى بويلاپ ئولتۇراقلاشقان. تۇغلا دەرياسى(ئورخۇن دەرياسىنىڭ تارمىقى) نىڭ شىمالىدا بۆكە، توڭرا، ئوپۇرغۇر(ۋېيخې)، بايىرقۇ، بوركلى، مىڭچىن، رورخ(تۇققۇز)، ئىزگىل، غون، قوغۇرسۇ قاتارلىق قەبىلىلەر بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ 20مىڭ ئەسكىرى بار. ئېۋىرغۇلنىڭ غەرىبى، كىنگىتنىڭ شىمالى ۋە ئاقتاغ، تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا چابىش(چۈبە)، بورج، ئىگە(ئازلار)، سۇبۇ(سىپتا)، ناخ(ناگە)، ئوغۇز، خېگو (كەنكۈن)، ئېرتوش(يىجان)، ئوتقۇ قەبىلىلىرى بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ 20 مىڭ ئەسكىرى بار.......گەرچە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-قەبىلىلىرى ئوخشىمىسىمۇ ھەممىسى تېلې دەپ ئاتىلاتتى». يۇقىرقى بىر ئابزاس مۇھىم باياندا، تېلې قەبىلىلىرى ئارىسىدا ئوپۇرغۇر، ئوغۇز دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى، بۇلۇپمۇ ئوغۇزلارنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا ماكانلاشقانلىقى ئېيتىلغان. «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» دە: «يۇەنخې(ئۇيغۇر)لار دەسلەپتە ئوغۇز (ۋۇخۇ) دەپ ئاتىلاتتى. سۈي سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئوپۇرغۇر((ۋېيخې) دەپ ئاتىلىدىغان بولدى» دەپ قەيىت قىلىنغان. «ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات» تا ئوغۇز(ۋۇخۇ)، ئوپۇرغۇر(ۋېيخې) دىگەن ناملار ئەمىلىيەتتە يۇەنخې (ئۇيغۇر) نىڭ خەنزۇچىدا باشقىچە تەلەپپۇز قىلىنىشى ئىكەنلىكى، تېلېلارنىڭ چابىش قەبىلىسىنىڭ قارا شەھەرنىڭ غەرىبى شىمالىغا يەنى يۇلتۇز دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقانلىقى، يۇەنخې ياكى خۇيخې دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېلى قەبىلىلىرى ئارىسىدا خېلى كۈچلۈك قەبىلە ئىكەنلىكى باياب قىلىنغان. بىز يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئىككى ئابزاس تارىخى باياننى «ئۇيغۇرلار سەققىدە تەتقىقات» تىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى يالغۇز مۇڭغۇل دالاسىنىڭ شىمالىدىلا ئەمەس، بەلكى ئېۋىرغۇلنىڭ غەرىبى، قارا شەھەرنىڭ غەرىبى شىمالى ۋە تەڭرىتاغ بويلىرىدىكى بوستانلىقلاردىمۇ ياشىغانلىقىنى چۈشۈنەلەيمىز.

ئېلىمىزنىڭ غەرىبى شىمالىدا ياشىغان كۆچمەن چارۋىچى خەلىقلەر قانداشلىق جەھەتتە بىر-بىرىگە يېقىن بولغان ئۇرۇق-قوۋملار بىر قەبىلە بولغان. تىلى، ئۆرۈپ-ئادىتى ئۆز-ئارا يېقىن بولغان ئۇرۇقلار بىر قەبىلە ئىتتىپاقىغا ئۇيۇشقان.قەبىلە ئىتتىپاقىدىكى قايسى بىر قەبىلە قۇرال كۈچى ياكى جەلىپ قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق باشقا قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرسە، شۇ قەبىلىنىڭ نامى قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق نامى دەپ ئىتىراپ قىلىنغان. بۇرۇن دىڭلىڭ ياكى تېلې دەپ ئاتالغان قەبىلىلەرنىڭ بىر قىسمى تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بىرلەشتۈرۈلۈپ «ئۇيغۇر» دىگەن ئورتاق نام بىلەن ئاتالغانلىقى ئىھتىمالغا ناھىيىتى يېقىن. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېلار ئىچىدە سان جەھەتتە كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەنلىكى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بىر قەدەر ئىلغار ئىكەنلىكى، غەرىپ بىلەن شەرىقنىڭ ئىقتىساد، مەدىنىيەت ئالماشتۇرىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان «يىپەك يۇلى» نىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى ئۇلارنىڭ باشقا قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان بۇلىشى مۇمكىن. «شىمالى خانلىقلار تارىخى. تېلېلار ھەققىدە قىسسە» دە: «تۈرۈك دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن، ئۇلار(تۈرۈكلەر) شەرىق ۋە غەرىپكە كىڭەيمىچىلىك قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلاندى.......ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىدىن پايدىلىنىپ، مۇڭغۇل دالاسىنىڭ شىمالىدا دەۋران سۈردى» دىيىلگەن. مىلادى 6- ئەسىردىن 8- ئەسىرگىچە مۇڭغۇل دالاسىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىغىچە بولغان جايلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ قۇرۇلغان چوڭ خاندانلىق- تۈرۈك خانلىقىنىڭ ئاساسى ھەربىي كۈچىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ۋە تۈرۈكلەر ئىقتىسادى جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا تايانغانلىقىنى كۈرۈۋېلىشقا بۇلىدۇ.

خەنزۇچە تارىخناملەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئۈزىنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش تارمىقى قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتلار بۇلۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارمۇ قالدۇرۇلغان. مەسىلەن: «شىمالى خانلىقلا تارىخى» ۋە «سۈينامە» لەرنىڭ «تېلېلار ھەققىدە قىسسە» لىرىدە: «ئۇلارنىڭ غەرىپ تەرەپكە جايلاشقانلىرى كۆپىنچە باغۋەنچىلىك، دېھقانچىلىق قىلاتتى. كالىسى كۆپ، يىلقىسى ئاز ئىدى» دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ يەردە ئېيتىلغان غەرىپ تەرەپ – مۇڭغۇل دالاسىنىڭ غەرىبىدىكى ھەزىرقى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئەجداتلىرىنىڭ خېلى بۇرۇنلا شىنجاڭ ۋە ئوتتىرا ئاسىيا رايۇنمىدا دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلىشكە بۇلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادى 840- يىلدىن ئىلگىرىلا شىنجاڭدا ياشىغانلىقىنى تۈۋەندىكى تارىخى مەلۇماتلار ئارقىلىقمۇ دەلىللەشكە بۇلىدۇ؛

1 مىلادى 2- ئەسىردە ئۆتكەن يۇنان تارىخچىسى پتولېمى ئۈزىنىڭ «جۇغراپىيە» ناملىق ئەسىرىدىكى سېرىس دۆلىتى(يىپەك دۆلىتى) بابىدا، ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىدىكى يەرلىك خەلىقنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، ئۇلار پىلە بېقىپ يىپىكتىن شايى ئەتلەس تۇقۇيدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

2 «تۈركى تىللا دىۋانى» نىڭ 1- تومىدىكى «ئۈگە»، «ئۇيغۇر» سۆزلىرىگە بىرىلگەن ئىزاھاتتا، تۈرۈك قۇشۇنلىرى ئالېكساندىر ماكىدونىسكىنىڭ قۇشۇنى بىلەن جەڭ قىلغان ئالتۇنقان تېغىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن ئىكەنلىكى، «ئۇيغۇر» دىگەن نام «خۇدخور» ئاتالغۇسىنىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بۇنىڭغا ئاساسەن «ئۇيغۇر» دىگەن نامنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3- ئەسىردىلا مەۋجۇتلۇقىنى پەرەز قىلىشقا بۇلىدۇ. دەرۋەقە مەھمۇت قەشقىرى «تۈركى تىللا دىۋانى» نى ئالېكساندىر ماكېدونىسكى شىنجاڭغا كەلگەن ۋاقىت – مىلادىدىن ئىلگىرىكى 329- يىلدىن ئالاھەزەل 1300 يىل كىيىن، يەنى1072-1074- يىللىرى ئىراقتا يازغان. ھەمدە «ئۇيغۇر» لارنىڭ «خۇزخۇرەند» ئاتالغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتنى مۇھەممەد چاقىر تۈنكە خاقاننىڭ ئوغلى ئىسراپىل توغان تېگىندىن ئاڭلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. شۇڭا بۇ رىۋايەت خەرەكتىرلىك مەلۇماتنى باشقا تارىخى ۋە ئارخىئولوگىيىلىك ماتىرىياللار ئاساسىدا ئىسپاتلاشقا توغرا كىلىدۇ.

3 «ئۈچ دۆلەت ھەققىدە تەپسىرات» تا دىڭلىڭلار ھونلارنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا ئۇچراپ تۇرغاچقا، مىلادى 1- ئەسىردە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ غەرىپكە كۈچۈپ كەتكەنلىكى قەيىت قىلىنغان.

4 «شىمالى سۇلالىلەر تارىخى. تېلېلار ھەققىدە قىسسە» دە: «ئاقتاغ يەنى تەڭرىتاغ ئەتراپىدا ماكانلاشقان تېلېلارنىڭ 20 مىڭ ئەسكىرى......»، «ئالتۇنتاغ يەنى ئالتاي تېغى ئەتراپىدا ماكانلاشقان تېلېلارنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار» دىيىلگەن. ئەگەر قېرىلار، ئاياللارنىڭ ئەسكەر بۇلالمايدىغانلىقىنى ھىساپقا ئېلىپ، ھەر تۆت كىشىدىن بىرسى ئەسكەر بولغان دەپ قىياس قىلساق، يۇقىرىدىكى ئىككى جايدىكى تېلېلارنىڭ سانى تەخمىنەن 120 مىڭدىن ئېشىپ كىتىدۇ. ھالبۇكى بۇ جەنۇبى شىنجاڭ ۋە تۇرپان ئويمانلىقىدا ياشىغان تېلېلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ۋاھالەنكى، «سوڭنامە» گە ئاساسلانغاندا، 840- يىلى ئۇيغۇرلاردىن تەخمىنەن 100 مىڭ كىشى غەرىپكە كۆچكەن.

5 «ۋېينامە. غەرىبى روڭلار ھەققىدە قىسسە» دە: «دىڭلىڭ ئېلى كانگىيەنىڭ شىمالىدا، 60 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار. خەلقى چارۋېچىلىق قىلىدۇ، ئۇ يەردىن چىقىدىغان تىيىن، ئاق بۇلغۇن، سۆسەر تىرىللىرى داڭلىق، ئارال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىمۇ دىڭلىڭلارنىڭ بارلىقى ئېنىق، ئەمما ئۇلار ئۇيسۇنلارنىڭ غەرىبىدىكى دىڭلىڭلاردىن ئەمەس» دىيىلگەن. بۇ ماتىرىيال مىلادى 4- ئەسىردە ھازىرقى شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىلىرىدا سانى خېلى كۆپ دىڭلىڭلارنىڭ چارۋىچىلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

6 «جەنۇبى چى سۇلالىسى تارىخى. جورجانلار ھەققىدە قىسسە» دە: «يىجۇ ئايمىقىنىڭ ۋالىسى ليۇ جۈن ئۈزىنىڭ قۇدىرەتلىك سەلتەنەتىنى تەرغىپ قىلىش ئۈچۈن دىڭلىڭلارغا جاڭ جىڭ شۈەننى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. ئەلچى پىشامشان، ئۇدۇنغا بارماقچى بولغان، ئەمما پىشامشاننى دىڭلىڭلار ئىشغال قىلىۋالغاچقا، خەلقى ئەتراپقا تارىلىپ كەتكەن. ئۇدۇنلۇقلار بۇددا دىنىغا ئىتىقات قىلىدىكەن. دىڭلىڭلار ئۆزلىرىنى تەڭرىقۇت دەپ ئاتايدىكەن. ئۇلار ئەلچى جاڭ جىڭشۈەننى قۇبۇل قىلىپ قايتىپ كىتىشنى تەۋسىيە قىلغان» دىيىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «جەنۇبى سۇلالىلەر تارىخى. غەرىبى يۇرت تەزكىرىسى» دە: «چەرچەن ئېلى شىمالى دىڭلىڭلارغا تەۋە» دىيىلگەن. بۇ تارىخى بايانلار دىڭلىڭلارنىڭ 5- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا جەنۇبى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كەڭ زىمىندا ئۆز ھۈكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.

7 «سوڭنامە. قۇجۇ تەزكىرىسى» دە: «قۇجۇ .... تاڭ سۇلالىسى جىنگۇەن يىللىرى(627-650) دا خۇجۈنجيې قۇجۇنى تىنىچلاندۇرغاندىن كىيىن، قۇجۇ ياكى شىجۇ دەپ ئاتالدى. ئەن لۇشەن-شى سىمىڭ توپىلىڭىدا قولدىن كىتىپ، كىيىن قۇجۇ ئېلى يەنە ئەسلىگە كەلگەن. قۇجۇ ئىگىز جاي دىگەن مەنىدىكى سۆز، ئۇ يەردە ئۇيغۇرلار كۆپ بولغاچقا ئۇ يەردىكىلەر قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى دەپمۇ ئاتالغان» دىيىلگەن. بىزگە مەلۇمكى ئەن لۇشەن-شى سىمىڭ توپىلىڭى مىلادى 753- يىلدىن 763- يىلغىچە بولغان. مانا بۇ خاتىرە 840- يىلدىن تەخمىنەن 80 يىل بۇرۇنلا قۇجۇدا ئۇيغۇرلار ھاكىمىيىتى مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.

8 «يۇەنخې يىللىرى(806-821) دىكى ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ تەپسىراتى» دا، پورى(ھازىرقى مورى، چىتەي، بارىكۆلدىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيىنىڭ دائىرىسىگە توغرا كىلىدۇ) نىڭ شەرقى شىمالىدىكى چەج (赤遮)، تۇز بۇلاق (盐泉镇) كەنىتلىرى ۋە تەرۇپ (特罗堡) قەلئەسى قاتارلىق جايلارنىڭ ئەينى چاغدىكى «ئۇيغۇرلار يېرىگە بارىدىغان» مۇھىم ئۆتكەل ئىكەنلىكى خاتىرلەنگەن. «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» دە: قارلۇقلار غەلىبىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلاردىن قاغانساي (佛图川) نى تارتىۋالدى» دىيىلگەن. بۇ ۋەقە 790- يىلى يۈز بەرگەن. بۇ پاكىتلار يۇقىرىقى جايلاردا خېلى بۇرۇندىنلا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

9 «ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات» تا، ئەرەپ تارىخچىسى مەسئۇدنىڭ: تېلېلار بىلان ئۇيغۇرلار بىر قەبىلە.....تاگاز گاز (كۆپلىگەن تارىخچىلار تاگاز گازلارنى ئەمىلىيەتتە توققۇز ئوغۇز دىگەننىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ دەپ ھىساپلايدۇ) لار تۈركى تىللىق خەلىقلەر ئىچىدىكى ئەڭ باتۇر، سانى ئەڭ كۆپ خەلىقلەردىن بۇلۇپ، ھۈكۈمرانلىق قىلىشقا ماھىر، ئۇلارنىڭ زىمىنى شەرىقتە چىن (ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك) دىن غىرىپتە خۇراسانغىچە ئىدى. ئۇلارنىڭ پايىتەختى گۇشان(كۇشان) بۇلۇپ، ئۇلاردا ئېلكخان دىگەن نام قوللۇنىلغان» دىگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. كۆپلىگەن ئالىملار مەسىلەن، دېمنارد قاتارلىقلار گۇشان شەھرىنى قۇجۇ دەپ ھىساپلىسا، رېنائۇد قاتارلىقلار كۇچا شەھىرى دەپ قارايدۇ. خۇراسان بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايۇننى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن ئەرەپ تارىخچىلىرى خاتىرلىگەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى دەۋىرلىرىدە شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىدا خېلى كۆپ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان دىگەن تارىخى بايان بىلەن خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردە خاتىرلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىر-بىرىگە ماس كىلىدىغانلىقىنى كۈرۈۋالالايمىز.

دىمەك يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە توققۇز تۈرلۈك پاكىتلارغا ئاساسەن، ئۇيغۇرلار دىل(دى، دىڭلىڭ) لارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يىراق ئەجدادلىرى مىلادى 840- يىلدىن بۇرۇنمۇ شىنجاڭدا ياشىغانلىقىنى، ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتى بۇلۇپ شەكىللەنگۈچە مۇرەككەپ، ئۇزاق تارىخى جەريانلارنى كەچۈرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بۇلىدۇ.





بۇ ئەسەر مۇنبىرىمىزگىلا خاس، ئوغرىلىقچە كۆچۈرمەڭ ۋە چاپلىماڭ، ئەگەر تەۋسىيە قىلغىڭىز بولسا ئۇلىنىش ئادرېسىنى قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.

باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەشمۇ گۈزەل ئەخلاق جۈملىسىدىن

نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2007-11-19 11:33 | [ئاپتور]
HALKQIL
ئابدۇخالىق  كامىل  بەگ
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئىسىل يازمىڭىزغا  كۆپ  رەخمەت .................
Posted: 2008-01-09 09:59 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » رىۋايەتلەردىكى تارىخ

Total 0.067142(s) query 4, Time now is:01-11 01:53, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation