ئورخۇن مۇنبىرىگە تەكلىپ
ئەسسالامۇئەلەيكۈم ! ئورخۇن مۇنبىرىنىڭ جاپاكەش قۇرغۇچىلىرى ، باشقۇرغۇچىلىرى !
ئەسسالامۇئەلەيكۈم ! ئورخۇن مۇنبىرىنىڭ مول - ھوسۇللۇق ، كۆپ قىرلىق يازارمەنلىرى !
ئالدى بىلەن مۇشۇنداق خاسلىققا ئىگە مۇنبەرنى جاپالىق قان - تەر بەدىلىگە قۇرۇپ چىقىپ ھەر ساھە زىيالىيلارنى مۇشۇ كۆزنەككە جەلپ قىلىپ مۇشۇ كىچىككىنە روجەك ئارقىلىق مەنىۋىيىتىمىزدىكى گادايلىققا خاتىمە بىرىش بىلەن بىرگە ئۆزلۈكىمىزنى تونۇش ۋە ئۆزگىلەرنى چۈشىنىش ۋەزىپىسىنى بەلگىلىك ئۈستىگە ئىلىپ ، مۇئەييەن تور خەلقنى توغرا جامائەت پىكىرى يۆلىنىشى بىلەن يىتەكلەپ كىلىۋاتقان ئۇشبۇ تور مۇنبىرىمىزگە ئەزالىق نامىم بىلەن چىن دىلىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن !
مەن ئۇزۇندىن بۇيان بىر قېسىم مۇنبەرلەرنى پەقەتلا زىيارەتچى سالاھىيىتىم بىلەن ئارىلاپ كەلدىم . مەزكۇر مۇنبەرگە قەدەم قويغىنىمغا ئۇزۇن بولمىسىمۇ بىراق تەپسىلىرەك تونۇشۇپ چىقىش نىيىتىدە ئەزا بولدۇم ھەم ئەزا بولغاندىن بۇيان ھەممە سەھىپىلىرى بىلەن بىر قۇر تونۇشۇپ چىقتىم ھەم بىر قېسىم يازمىلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈپ چىقتىم . مىنىڭچە بۇ مۇنبەرنىڭ تەرەققيات يوشۇرۇن كۈچى بار ئىكەن . بۇنىڭغا مەن ۋە مەنسىمانلار شۈبھىلەيمەيدۇ .
ئەمدىكى گەپ بۇ مۇنبەرنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ رەڭدار قىلىش ، شۇنداقلا مەغلۇبىيەتكە يۈز تۇتقان قىرىنداش مۇنبەرلەرنىڭ تەجىربىلىرىنى خۇلاسىلەپ ، ئۇنىڭدىكى مەغلۇبىيەتكە يۈز تۇتۇشتىكى سەۋەبلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىش ھەم تېخىمۇ ياخشى چىقىش يولى ئۈستىدە ئويلىنىپ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىش نۆۋەتتىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا .
ئورخۇن مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆزگىچە يول تۇتۇپ سەركە مۇنبەرلەرگە ئايلىنىش ئارزۇسىغا قاراپ داغدام يوللارنى ئالدى . ئەلۋەتتە بۇ يولدا ماڭدامدا بىر قۇرام تاشلارغا دۇچ كىلىشى تەبىئى . مۇھىمى ئەگىپ ئۆتۈپ كىتىش كېرەكمۇ ياكى ھالقىپ ئۆتۈپ كىتىش كېرەكمۇ دىگەن نوقتىنەزەرنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشتا . بۇنى تەپەككۇر ئەزالىرى ھۆرلىككە چىققان ھەر بىر تور ساھىبى چوقۇم سۈكۈت ئىچىدە ئايدىڭلاشتۇرىۋالالايدۇ . بۇنىڭغا يازارمەن ئىشىنىدۇ .
ئەلۋەتتە ، دۇنيادا مۇكەممەل شەيئى بولمىغىنىدەك ئورخۇن مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى مۇشۇ قىسقىغىنە مەزگىلدە بەزى بىر نوقسانلارنى خالىي بولالمىدى ياكى مەلۇم جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىمىدى ، دەپ قارايمەن . ئۇشبۇ خۇسۇسىيىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويۇپ كەڭ تور ئىشتىراكچىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ بىقىش نىيىتىدە سۇندۇم تورداشلارنىڭ ئىلمى كۆز قاراشلىرى بىلەن كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققياتى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىنى چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن :
1. قىسمەن سەھىپىلىرىنى تەڭشەش كېرەك .
مۇنبىرىمىز باشقا مۇنبەرلەردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى شۇنداقلا ئالدىنقى قاتاردا مىڭىشى ئۈچۈن خاسلىققا ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىرگە يېڭىلىق يارتىش يولىدا مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن تەۋرەنمەي تۇرۇشى لازىم . شۇڭا مۇنبەر سەھىپىلىرىنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىش تولىمۇ زۆرۈر . مەسىلەن : مۇنبەرگە بولغان تەكلىپ - پىكىرلەرنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا < ئورخۇن مۇنبىرىگە تەكلىپ - پىكىرلەر> دىگەنگە ئوخشاش سەھىپىلەرنى قوشۇش كېرەك ، دەپ قارايمەن . مۇشۇنداق بولغاندا مۇشۇ مۇنبەرگە تەكلىپ - پىكىر بىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان پىقىرغا ئوخشاشلارنىڭ قايسى سەھىپىگە يىزىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
2. خەۋەر سەھىپىسىنى تەسىس قىلىش زۆرۈر .
ھەممىمىزگە مەلۇمكى خەۋەر تىز بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە . تور مۇنبەرلىرى دەل مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىك گەۋدىلىنىدىغان سورۇن . بۇندىن كىيىنكى تەرەققيات ئەھۋالىدىن قارىغاندىمۇ تور مۇنبەرلىرىنىڭ گىزىت - ژورناللارنىڭ ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ ئورنىنى ئىلىشى مۇنازىرە تەرەل قىلمايدىغان پاكىتقا ئايلىنىۋاتقانلىقى چوڭ مىڭىسى تەرەققى قىلغان تورداشلارغا ئايدىڭ .
يازارمەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئاخبارات خەۋەرلىرى ياكى خەلقئارا ، قىزىق نوقتا خەۋەرلىرىنى دىمەكچى ئەمەس . ئەلۋەتتە ، يېقىندىن بۇيان بىر قېسىم (دىيارىم ) قاتارلىق ئۇنۋېرسال مۇنبەرلەر ئۆزىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى قىزىپ چىقىرىپ بىر قىسىم نوپۇزلۇق تور بىكەتلەردىكى خەۋەرلەرنى تور يۈزىدىلا تەرجىمە قىلىپ تور خەلقىگە سۇندى . بۇ شۇ مۇنبەرلەرنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇردى . ھەم كۆرۈش نىسپىتىنىمۇ بەلگىلىك نىسپەتتە ئاشۇرۇپ كەلدى .
ئورخۇن مۇنبىرى قانداق خەۋەرلەرگە مۇھتاج ؟ يازارمەننىڭ قارىشىچە ئورخۇن مۇنبىرى تارىخ ، ئارخېلوگىيە قاتارلىق ئۆز خاسلىقى مۇناسىپ بولغان خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارغا مۇھتاج . مەسىلەن : خەلقئارادىكى ياكى دۆلەت ئىچىدىكى ئارخرلوگىيىلىك ، تارىخشۇناسلىق يېڭىلىقلىرى ، قىزىق نوقتىلىرى ياكى رايونىمىزدىكى مۇشۇنىڭغا مۇناسىپ بولغان خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارغا تولىمۇ مۇھتاج . ئورخۇن مۇنبىرى ھەرگىزمۇ پەقەتلا ئىلمى ماقالىلەر ياكى تارىخشۇناسلىق ، ئارخېلوگىيەشۇناسلىق بىلىملىرىنى تەكىتلەپ ، تارېخشۇناسلىق ، ئارخېلوگىيەشۇناسلىق ئۇنۋېرسال ئۇچۇرلىرىغا بولغان يوشۇرۇن «بازار» نى ئىچىشقا سەل قارىماسلىقى لازىم . بۇ يەرگە ئارخېلوگىيە ۋە تارىخشۇناسلىققا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شۇنداقلا مۇشۇ ساھەگە قىزىقىدىغانلار ئىشتىراك قىلغان ئىكەن ، ئۇلارغا خەلقئارادىكى ۋە دۆلەت ئىچى رايونىمىزدىكى ئارخولوگىيە ۋە تارىخشۇناسلىققا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ بىرىش نۆۋەتتىكى مۇھىم تەخىرسىز مەسىلىلەرگە ئايلانماقتا . مەسىلەن : ھازىرقى خەلقئارا مۇشۇ كۈنى ، مۇشۇ ھەپتىدە ، مۇشۇ ئايدا ياكى مۇشۇ يىلدا قانداق ئارخېلوگىيىلىك بايقاشلار بولۇۋاتىدۇ ، تارىخشۇناسلىق بىلىملىرىدە قانداق يىڭىلىنىش ۋە يېڭىلىنىشلار بولۇۋاتىدۇ ؟ دۆلىتىمىزدىچۇ ؟ رايونىمىزدىچۇ ؟
مۇنبىرىمىز خاس تارىخشۇناسلار ۋە ئارخېلوگىيەشۇناسلارغا سورۇن ھازىرلاپ بىرىشلا ۋەزىپىسىدىن باشقا مۇشۇ ساھەگە قىزىقىدىغانلارنى ئەڭ يىڭى تارىخشۇناسلار ۋە ئارخېلوگىيەشۇناسلىق جەھەتتىكى ئۇچۇرلار ۋە خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلەپ بىرىشى زۆرۈر ، دەپ قارايمەن . چۈنكى دەۋېر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىمىگەن كىشىلەر ياكى كىشىلەر توپى مەڭگۈ يوقۇلۇش گىرداۋىدىلا ھاڭۋىقىپ يۈرۈيدۇ !
شۇڭا يازارمەننىڭ قارىشىچە ، مۇنبىرىمىز چوقۇم مۇشۇ مەسىلىنى سوغۇققانلىق بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ بىقىشى ، شارائىتى بار بولسا تالانتى بار كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ مۇشۇ ساھەدىكى يېڭىلىقلارنى مۇشۇ روجەك ئارقىلىق تورداشلارغا بىلدۈرۈش تولىمۇ زۆرۈر .
3. تەشۋىقاتقا يەنىمۇ ئەھمىيەت بىرىش لازىم .
ئورخۇن مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان بەلگىلىك تەشۋىقات رولىنى نامايەن قىلىپ قىسمەن تەشۋىقاتلارنى ئىلىپ باردى . يازارمەننىڭ قارىشىچە بۇ تېخى يىتەرلىك ئەمەس . ھازىرچە مەلۇم گىزىت - ژورناللارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ياكى مەلۇم چىقىم كەتسىمۇ (ئەلۋەتتە مادارنىڭ يىتىشىچە)بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئىلىپ بىرىش زۆرۈر . تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە مۇشۇنداق بىر سورۇننىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ، ئۇلارنى مۇشۇ سورۇنغا سۆرۈپ كىلىپ مۇشۇ سورۇندا ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىشقا دەۋەت قىلىش لازىم . شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نادىر يازمىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەر قوشۇنىنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ . بۇ بىر تەخىرسىز مۇھىم مەسىلە .
ھەممە بىر نىيەتتە ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىگە ئەھمىيەت بىرىپ ، ئۇنى كۈچىنىڭ يىتىشىچە قوللاپ كەلسىلە ئىشەنچىمىز كامىلكى ، كىيىنكى ئەۋلادلارغا بىر تالاي تور ئەخلەتلىرى ئەمەس ، بىر قېسىم تور جەۋھەرلىرى ۋە نادىر تور مەدەنىيىتى قالدۇرۇپ كىتىشىمىزدىن ئۈمىد بار .
يۇقارقىلار مىنىڭ ئاددىي ، يۈزەكى كۆز قاراشلىرىم . دۇنيادا مۇكەممەل شەيئى يارىتىلمىغىنىدەك ، مۇكەممەل بولمىغان بەندىنىڭ يازمىسىدىمۇ قىسمەن نوقسانلارنىڭ بولغانلىقى تەبىئى ، تورداشلارنىڭ يازمامغا قارىغا تەنقىدى پىكىر بىرىپ تۈزىتىۋىلىشىمغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن . چۈنكى ھەممىمىز بىر ئائىلىنىڭ كىشىلىرى ئەمەسمۇ ؟!