مەن كوپ يىل ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بارلىق تۇرك خەلقى ئورتاق ئىشلەتسە بولىدىغان تۇرك يېزىغىنىڭ 7 خىل لاھىيەسىنى تۇزەپ چىقتىم.تورداشلارنىڭ تەپسىلى ۋە ئەتراپلىق پكىرلىرىنى ،كوز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بىقىشىنى تىلەيمەن.شۇنداقلا سىز ياقتۇرغان ،سىز ئەڭ ياخشى لاھىيە دەپ قارىغان بىر لاھىيەنى تاللىشىڭىزنى،تاللاش سەۋەبىنى دەپ بىقىشىڭىزنى تىلەيمەن.شۇ ئارقىلىق بىر مۇنازىرە قىلىپ باقساق.قەنى تەلىيىڭىزنى سىناپ كورۇڭ.....ئە ياخشى لاھىيە سىزنىڭچە قايسىدۇر؟ سەۋەبىچۇ؟
ئورتاق تۇرك ئىلىپەسى نىڭ 1 -لاھىيەسى
بۇ لاھىيە بەلگىسىز ھەرىپلەردىن تۇزەلگەن.ئىشلىتىشكە ئەڭ قولايلىق.ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھالدا ئورتاق تۇرك يېزىغى دىيىشكە بولىدۇ.بۇ لاھىيەدە ئىككى ھەرىپ ئورخۇن تۇرك يېزىغىدىن ئىلىنغان.يەنى "ڭ"ھەرىپى بىلەن "ش"ھەرىپى ئورنىدىكى ھەرىپلەر.بىر ھەرىپ ئەرەپ يېزىغى ئاساسىدىكى ئورتاق تۇرك ئىلىپەسىدىن ئىلىنغان."غ"نىڭ ئورنىدىكى ھەرىپ،پەقەت چىكىتى ئىلىۋىتىلگەن.يەنە بىر ھەرىپ يەنى "ژ "نىڭ ئورنىدىكى ھەرىپ خەلىقئارا تاۋۇشتىن ئىلىنغان.بۇ لاھىيە 5 ئاسان بولۇش ئالاھىدىلىگىگە ئىگە.سىز بۇ لاھىيە بويىچە 2-3 بەت خەت يېزىپ كورۇپ بىقىڭ ئاندىن بۇ لاھىيەنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى بىلىسىز.
ئورتاق تۇرك ئىلىپەسى نىڭ 2 -لاھىيەسى
بۇ لاھىيەنىڭ ئالاھىدىلىكى 1- لاھىيە بىلەن ئوخشاش
ئورتاق تۇرك ئىلىپەسى نىڭ 3 -لاھىيەسى
ئورتاق تۇرك ئىلىپەسى نىڭ 4 -لاھىيەسى
ئورتاق تۇرك ئىلىپەسى نىڭ 5-لاھىيەسى
بۇ لاھىيە دولەت ۋە ئۇغۇر ئاپتونۇم رايونى ئىيتىراپ قىلغان ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى نىڭ دەل ئوزى شۇ
ئورتاق تۇرك ئىلىپەسى نىڭ 6-لاھىيەسى
بۇ لاھىيە ھازىر تۇركىيە تۇركلەرى ئىشلىتىۋاتقان لاھىيە شۇ.لىكىن ئىككى ھەرىپتا پەرىق بار
ئورتاق تۇرك ئىلىپەسى نىڭ 7-لاھىيەسى يەنى ھەممە باپ تۇرك ئورتاق ئىلىپەسى
يۇقارقى لاھىيە بىلەن توۋەندىكى لاھىيە قوشۇلۇپ،بىر لاھىيە شەكلىدە ئىشلىتىلدۇ.
مىنىڭچە يۇقارقى 7-خىل لاھىيە بارلىق تۇرك قەۋىملىرىگە ئومۇمىيۇزلۇك ماس كىلىدۇ. بۇ لاھىيە يۇقارقى 6 خىل لاھىيەنىڭ ئومۇملاشتۇرىلىشى بولۇپ بۇ لاھىيەدە جەمى 78 ھەرىپ بار.ھەر بىر ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىغىنى ئۇگۇنىشى ئۇچۇن 124 ھەرىپ ئۇگۇنىشى شەرىت،لىكىن ھەمما باپ ترك ئورتاق ئىلىپەسىنى ئۇگۇنۇش ئۇچۇن 78 ھەرىپ ئۇگەنسىلا بولىدۇ.مىنىڭچە 7-خىل لاھىيە ئەڭ كوڭۇلدىكى لاھىيە ھىساپلىنىدۇ.سىزنىڭ قارشىڭىز قانداق؟