بۇ بەتتىكى يازما : قىتان دۆلىتىدىكى ئۇيغۇر خانىشى ــــــ شۇلۇ يولىدۇ بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Ertoghrul
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 قىتان دۆلىتىدىكى ئۇيغۇر خانىشى ــــــ شۇلۇ يولىدۇ

قىتان دۆلىتىدىكى ئۇيغۇر خانىشى ـــــــــ شۇلۇ يولىدۇ


قىتانلار ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا ئاپىرىدە بولغان ۋە شەكىللەنگەن قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار شەرقى غۇزلارنىڭ ئەۋلادى بەزىلەر توڭغۇس تىپىدىكى خەلق دېسە، بەزىلەر موڭغۇل تىپىدىكى، يەنە بەزىلەر تۈركى تىپتىكى قەبىلە دەپ قارايدۇ.

مىلادىيە6-ئەسىردە مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى خۇاڭخې (سامورىن دەرياسى) ۋە توخې دەرياسى (لوخا دەرياسى) ۋادىلىرىدا قىتانلار بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. قىتانلار تۈرك خانلىقى (552-744) كۈچەيگەن چاغلاردا ئۇلارغا بېقىنغان. تاشقى موڭغۇلىيىنى ئاساسى بازا قىلىپ ئۇيغۇر خانلىقى (744-840) قۇرۇلغاندا قىتانلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا 100يىلغىچە ياشىغان. شۇ چاغدا ئۇيغۇر خانلىقى رۇسى دېگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارنى قىتانلارغا ھۆكۈمران قىلىپ ئەۋەتكەن.840-يىلى ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن قەبىلىلەر تەرەپ -تەرەپكە پىتىراپ كەتكەن. قىتانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى ئاغدۇرۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار موڭغۇلىيىدىكى ئورخۇن دەرياسى ساھىلىغا قايتىپ كەتمەي، ئاۋۋالقىدەكلا قىتانلار يېرىدە قىلىپ، قىتانلار ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغان. بىر مەزگىللىك ياشاش ۋە تىرىكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىر قەبىلە بولۇپ زورايغان ۋە بىر قانچە جەمەتكە بۆلۈنگەن.

بىر جەمەتنىڭ ئىسمى ئىدى. ئۇلار قىتانلارنىڭ خان جەمەتى بىلەن قۇدا -باجا بولۇشالايدىغان يۇقىرى ئىمتىيازنى مۇستەھكەملىگەن. شۇلۇ يولىدۇ خانىشنىڭ ئوغلى قىتانلارنىڭ تۇيزۇڭ خانى بولمىش ياللۇغ دىگۇاڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ "خانىش (ئانىسى شۇلۇ يولىدۇنى دېمەكچى) نىڭ جەمەتى چوڭ قىرى ئارچىنىڭ يىلتىزىغا ئوخشايدۇ، يۆتكەش مۇمكىن ئەمەس"(ئومۇمى ئۆرنەك 286-جىلد كېيىنكى خەن سۇلالىسغا ئائىت خاتىرىلەرنىڭ بىرىنچىسى) دېگەن.

"لياۋ سۇلالىسى تارىخى، خانىشلار تەزكىرىسى" دە مۇنداق دېيىلگەن: " تەيزۇڭنىڭ چۈنچىن خانىشى شۇلۇ ئۇرۇقىدىن، يوشۇرۇن ئىسمى پىڭ، ئەركىلەتمە ئىسمى يولىدۇ. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مۇنۇلار. ئۇيغۇر رۇسى ۋەي نىڭ شېلىنى تاپقان، ۋېينىڭ (شېلى) جىنسى مېيلىنى تاپقان، جېنسى(مېيلى) پوگۇمېيلىنى تاپقان، پۇگۇ (مېيلى) يۇندى جىياۋاڭ (لياۋ تەيزۇ ياللۇغ ئاباگىنىڭ بوۋىسى يۇندىشى ــــــــ نەقىلچىدىن) نىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن. ئۇلار قىتانلارنىڭ ئوڭ تەرەپ قەبىلىسىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۆگۈنىڭ ئىسمى يۈەن بولۇپ، ياۋلىيەن ئۇرۇقىنىڭ ئاقساقىلى بولغان. دېمەك، شۇلۇ يولىدۇ مىلادىيە 879-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا -بوۋىلىرىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان بولساق، رۇسى ئۇنىڭ چوڭ چوڭ بوۋىلىرى، يەنى تۆتىنچى بوۋىسى بولۇپ، ئارىلىقتا ئۈچ ئەۋلاد ئۆتكەن. ھەر بىر ئەۋلاد 30يىلدىن ھېسابلىغاندا، بۇنىڭغا تەخمىنەن 100يىل بولغان. يەنە بۇنىڭغا رۇسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈپ، يۆتكىلىپ ماكانلاشقانلىقىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا ـــــ ئومۇمەن شۇلۇ يولىدۇ خانىشنىڭ ئەجدادى قىتانلارغا بېرىپ ماكانلاشقان ۋاقتى 750-760-يىللار ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ۋاقىت ئورخۇن-ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەڭ كۈچەيگەن چاغلىرى ئىدى. شۇلۇ يولىدۇ قىتانلارنىڭ دۆلەت قۇرغۇچى خانى ياللۇغ ئاباگىغا ياتلىق بولغان. دادىسى يۈەن ياۋلىيەن قەبىلىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئازاگىزىسى (ئەمەل نامى-ئاتامان بولسا كېرەك) بولغان. ياللۇغ ئاباگى 907-يىلى خان دەپ ئاتالغاندا، ئۇ "زېمىن خانىشى" دەپ ئاتالغان. شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەرنى توپلاپ، ھەربىي تەييارلىقلارنى ئىشلىگەن.913-يىلى 3-ئايدا ئىنىسى لاگى ئاناگىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن. ئىسيانچىلار بىر قانچە قەبىلىلەرنى ئەگەشتۈرۈۋالغان بولغاچقا كۈچىمۇ خېلى زور ئىدى. بۇ ھالقىلىق پەيتتە ئاباگى ئالدىن يۈرەر قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ، لاگى قاتارلىقلارنى قوغلاش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلىنىدۇ. شولۇ يولىدۇ ئوردا مۇھاپىزەت لەشكەرلىرىگە قوماندانلىق قىلىپ، يىندىشى باشچىلىقىدىكى ئىسيانچىلارنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. يەنە ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىپ ئىسيانچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ئاباگى خانلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان تۇغ -سۇتۇقنى ۋە ئاباگىنىڭ ئاتا -بوۋىلىرىدىن مىراس بولۇپ كېلىۋاتقان قۇتلۇق چېدىرنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ.916-يىلى ئاباگى (لياۋ تەيزۇ) قىتان قۇلدارلىرىنىڭ باش رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى خانلىق تىكلەيدۇ. پادىشاھلىق نامىنى قوللىنىپ، ئۆزىنى تەڭرى خان دەپ ئاتايدۇ. خوتۇنى شۇلۇ يولىدۇغا "لاياقەتلىك زېمىن خانىشى" دېگەن ئۇنۋاننى بېرىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ قىتان خانلىقىنىڭ ھەربىي دۆلەت ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلارغا شۇلۇ خانىش قاتنىشىدىغان بولغان ۋە سىياسەت -تەدبىر بەلگىلىگەن.

ئۇ ئەقىللىق، باتۇر، لەشكىرى ئىشلارغا پىششىق بولغاچقا، يېڭىدىن تىكلەنگەن ئاباگى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۇچۇن، ئالدى بىلەن لەشكىرى تەييارلىقلارنى پۇختىلىغان. ئەينى چاغلاردا قىتانلارنىڭ لەشكىرى تۈزۈمى روشەن مىللىي ئالاھىدىلىكلەرنى ساقلىغان. قەبىلىلەر ئاۋۋالقىدەكلا ھەربىي تەشكىلى تۇزۇمنى ئاساس قىلغان. قىتان ئارمىيىسىنىڭ غوللۇق قىسمى پادىشاھنىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى زەربىدار قوشۇندىن ئىبارەت بولۇپ، ئاباگى بۇ قوشۇننى "پىشى قوشۇن" (قىتانچە قەيسەر، باتۇر دېگەن مەنىدە) ۋە "خاس قوشۇن"دېگەن قىسىملارغا بۆلگەن. پىشى قوشۇن مىڭ چەۋەندازدىن تەشكىل تاپقان. "خاس" ئەتىۋارلىق دېگەن مەنىدە بولۇپ، شۇلۇ خانىش تەرىپىدىن تاللانغان20مىڭ چەۋەندازدىن تەشكىللەنگەن. ئەمەلىيەتتە "خاس قوشۇن" شۇلۇ خانىشنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا بولاتتى.

شۇلۇ يولىدۇ ئاساسى قوشۇننى كونترول قىلىپ تۇرغانلىقتىن، لياۋ تەيزۇ ئاباگى داڭشىياڭ قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلغان، بۇ چاغدا سېرۋىيلارنىڭ خۇاڭ تۇ (سېرىق باشلار) چوپۇ ئىككى ئۇرۇقى مەخپى پىلان تۈزۈپ قىتانلارنىڭ خان ئوردىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇلۇ خانىش خەۋەرنى تاپشۇرۇۋېلىپلا دەرھال قوشۇنلارنى تەرتىپكە سېلىپ، قەھرىمانلىق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۇشمەن قوشۇنىنى تارمار كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كەڭ قەبىلىداشلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.

شۇلۇ يولىدۇنىڭ قىتان خانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۇچۇن ئىشلىگەن خىزمەتلىرى سان-ساناقسىز. بۇنىڭ ئىچىدە 925-يىلى قىتانلارنىڭ شەرقى بوخەيگە يۈرۈش قىلىشىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. شۇ يىلى قىتان خانى ئاباگى، خانىش شۇلۇ يولىدۇ، شاھزادە بېي، ئىككىنچى ئوغلى دىگۇاڭ قاتارلىقلار بىرگە بارغان. بۇ ئۇرۇش دەھشەتلىك بولۇپ، بۇ ئۇرۇشقا قىتانلار پۈتۈن ئەسكىرى كۈچىنى توپلىغان، ئاخىرى قىتان قوشۇنى غەلىبە قىلغان. خانىش بۇ ئۇرۇشتا كۆپ ئەقىل كۆرسەتكەن.

926- يىلى 7- ئايدا لياۋ تەيزۇ ئاباگى بوخەيلىكلەرنى مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن فۇيۇ دىيارىدا ئۆلىدۇ. ئاباگى ئۆلگەندىن كېيىن خانىش شۇلۇ يولىدۇ نائىپ خان بولۇپ، خانلىقنىڭ ھەربىي، مەمۇرى ئىشلىرىنى ئۇز قولىدا تۇتىدۇ.927-يىلى 11-ئايدا ھەربىي ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرغان ياللۇغ دىگۇاڭ خانىش شۇلۇ يولىدۇنىڭ قوللىشى ئاستىدا خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. خانىش شۇلۇ يولىدۇ 953-يىلى 75يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى پۈتۈن ئوي -پىكرى قىتانلارنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئارىلىشىپ، ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىش، ھالقىلىق پەيتلەردە تەدبىر بەلگىلەش بولىدۇ.

لياۋ ئىمپېرىيىسى ئاباگى خان دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا شۇلۇ خانىشنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقىنىڭ پاكىتى يەنە مۇنداق: جۇڭگو ئومۇمى تارىخى6- توم 98- بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن." خانىشنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئايماق-ناھىيىلىرى بولاتتى. خانىش شۇلۇ كۈنچىقىشتىكى جايلارنى ئىستىلا قىلغاندا، ئەسىر ئالغان قۇللارغا يىكۇن ئايمىقىنىڭ گۇاڭيى ناھىيىسىنى قۇرۇپ بەرگەن(ئەسلى ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يايلىقى ئىدى). بۇ ئەسىرلەر شۇلۇ خانىشنىڭ خۇسۇسى قۇللىرىغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى. پادىشاھ ۋە خانىشنىڭمۇ قول ئاستىدىكى قىتان ئاقىسۆڭەكلىرىنىڭمۇ قارام قۇللىرى بولاتتى.

پروفېسسور سۇ بېيخەي خانىشقا مۇنداق دەپ باھا بەرگەنىدى: "بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆھپىدۇر، ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئۇ ئۇنتۇلمايدىغان مۇھىم ئايال سىياسىيون، ھەربىيشۇناس، بىر ئەۋلاد مەشھۇر ئاياللار سەھىپىسىنى ئاچقۇسى

غەيرەتجان ئوسماننىڭ« ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەرپتە» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى
كونا مۇنبەردىن يۆتكەلدى
bilqut
Posted: 2008-02-12 04:36 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.047202(s) query 3, Time now is:02-15 08:24, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation