بۇ بەتتىكى يازما : قاراقاشتا 1949 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلغان ئەنئەنىۋى مائارىپ بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 قاراقاشتا 1949 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلغان ئەنئەنىۋى مائارىپ

قاراقاشتا 1949 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلغان ئەنئەنىۋى مائارىپ


مەمتىمىن نۇرى

( قاراقاش ناھىيە تۇزلۇقئوتاغ ئوتتۇرا مەكتىپىدىن )


مەن ئەقلىمگە كەلسەمە، ناھىيىمىز قاراقاش بازىرى، بازار ئەتراپى ۋە يېقىن - يىراق يېزا - كەنتلەردە 30 دەك چوڭ - كىچىك مەدرىسە - مەكتەپ بار ئىكەن. بۇ مەدرىسە - مەكتەپلەر ئوخشىمىغان دەۋرلەردە، مۇئەييەن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي گۇرۇھقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئايرىم شەخسلەر تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان بولۇپ، كۆرۈنۈشىدىن خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى، پەقەت ناھىيە بازىرى ئىچىدىلا 20 دىن ئارتۇق مەدرىسە بار ئىدى. بۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ھەر خىل ھەر شەكىلدە بولۇپ، تولاراقى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل ئۇسلۇبىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. ئېگىز تاملىرى كۆك خىشتىن قوپۇرۇلغان، ئاسمانغا سوزۇلغان ھەيۋەتلىك پەشتاق مۇنارلىرى ئۈستىگە قوندۇرۇلغان ساپ كۈمۈشتىن ياسالغان ئاي - يۇلتۇز قۇياشنىڭ ئۆتكۈر نۇرىدا پارقىراپ - جۇلالىنىپ يىراقتىنلا كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.مەدرىسىنىڭ ئىچكى قۇرۇلۇشى — ئازادە سېلىنغان بىر قانچە يۈرۈش ئاخۇنلۇق ( مۇدەررىسكە مەخسۇس ) ئۆي، تالىپلار يېتىپ - قوپىدىغان بىر قانچە ئېغىز قاتار ھوجرا، مەدرىسنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان مەسچىت، مەسچىتكە يانداشتۇرۇپ سېلىنغان چادىر( دەرسخانا ) ، ئۆز زامانىسىنىڭ ياش تالىپلىرى بىلەن جانلانغان قاينام - تاشقىن ئىلمىي مۇھىت كىشىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى ئىختىيارسىز قوزغايتتى.مۇدەررىسلەرنىڭ تەمىناتى مەدرىسنىڭ ئەسلى بىنا قىلغۇچىلىرى تەرىپىدىن ۋەخپە قىلىنغان نۇرغۇن يەر - زېمىن، بىرنەچچە تاش تۈگمەن ۋە باشقا ماددىي ئەشيالاردىن كەلگەن كىرىمدىن تەمىنلىنەتتى. مەدرىسىنىڭ بىنا قىلغۇچىلىرى ۋە باشقا مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتلىك بايلارنىڭ خالىسانە ھىممىتى بىلەن ۋەخپە قىلىنغان بىر قىسىم يەر- زېمىن ۋە باشقا ماددىي ئەشيالار بولۇپ، بۇ " خانەندىلىك ۋەخپە " دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پارسچە سۆز بولۇپ، " ئوقۇش ئۈچۈن " دېگەن لېكسىكىلىق مەنىگە ئىگە، كۆچمە مەنىسى: تۇرمۇشتا تايانچسىز، نامرات تالىپلارنىڭ تەمىناتى ئۈچۈن قىلىنغان ۋەخپە دېگەندىن ئىبارەت.بۇ خىل ۋەخپە يەرلەرنى يېزا - كەنتلەردىكى يېرى يوق ياكى يېرى ئاز دېھقانلار يىللىق ئىجارىگە ئېلىپ، ھەر خىل زىرائەتلەرنى تېرىپ پايدىلىناتتى. مۇدەررىس ئالىم - ئۆلىمالارمۇ ئۆزىگە تەئەللۇق ۋەخپە يەرلەرنى دېھقانلارغا ناھايىتى ئەرزان باھادا سېتىپ بېرەتتى. دېھقانلارمۇ ئىجارە ھەققىنى يىلمۇ يىل ئۆز قەرەلىدە مۇدەررىس ئاخۇنۇملارغا تۆلەپ تۇراتتى. مۆتىۋەللىلەر( مەدرىسىنى بىنا قىلغۇچىلارنىڭ ۋارىسلىرى ) دىن بىر ياكى ئىككى كىشى ۋاكالىتەن خانەندىلىك ۋەخپە يەرلەرنى باشقۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كەلگەن پۇل ۋە ئاشلىقلارنى ۋاقتى - ۋاقتىدا نامرات تالىپلارغا مۇۋاپىق تەقسىملەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئوقۇپ، ئىلىم تەھسىل قىلىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرەتتى.قاراقاش بازىرىدا ئوقۇغۇچى - تالىپلارنىڭ نىسبەتەن كۆپلۈكى، دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە ئىلىم تەھسىلاتىنىڭ كۈندىن - كۈنگە روناق تېپىشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن شۆھرەت قازىنىپ، جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە خۇددى ماگىنىتتەك تارتقان نۇقتىلىق مەدرىسىلەر بار ئىدى. بۇ مەدرىسىلەرنى تۆۋەندە قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن:
1. ئويباغ مەدرىسە. بۇ قوش مەدرىسە بولۇپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە دەرۋازىلىرى بىر بىرىگە ئۇدۇل قاراپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك مەدرىسىلەر ئىدى. مەدرىسىنىڭ مۇدەررىسى ئەللامە ھەزرەت − نىسارى مەسئۇتخان داموللا ھەزرەت ئەينى زامانلاردا بۇخارادىكى ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇپ، ئالىي سەنەد ( دىپلوم ) بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دەرس ئۆتۈشكە باشلىغان.ئۇ زامانلاردا ( 1910 – يىللاردا ) ئويباغ مەدرىسىسى ئىلىم - مەرىپەتنىڭ ئوچىقىغا ئايلىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىلا ئەمەس، شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن تۈركۈم - تۈركۈملەپ تالىپلار كېلىپ بەس- بەستە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا باشلىغان. داموللا ھەزرەت كۆزىنىڭ ئەمالىقىغا قارىماي، پۈتۈن ھاياتىنى دەرس ئۆتۈشكە بېغىشلاپ، سانسىزلىغان ئالىم - ئۆلىمالارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ، پۈتكۈل يۇرتقا ئىلىم نۇرىنى چاچقان. مۇھەممەتئىمىن بۇغرامۇ مانا مۇشۇ ئويباغ مەدرىسىسىدە، داموللا ھەزرەتتە ئوقۇغانىدى.مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ئانىسى سەكىينە بانۇ خوتەن شەھەر ئىچى خەلىپىلىك ھويلا دېگەن مەھەللىدە مەرىپەتپەرۋەر ھاللىق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن لوپ ناھىيە يۇرۇڭقاشتىكى ئېگىز ئېرىق قازانچى مەھەللىسىدىكى پراۋۇدۇنئاخۇن خەلپىتىم بىلەن نىكاھلىنىپ ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولغان. بۇلار بەش پەرزەنت ( تۆت ئوغۇل، بىر قىز ) كۆرگەن، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى مۇھەممەتئىمىن ئاخۇن، ئىككىنچىسى بۈۋى مەريەمخان ( ئابدۇلئەھەت مەخسۇمنىڭ ئانىسى ) ، ئۈچىنچىسى مۇھەممەت شېرىپ ئاخۇن ( كەسپىي تېۋىپ ) ، تۆتىنچىسى ئابدۇللائاخۇن ( شاھ مەنسۇر ) ، ئەڭ كىچىكى نۇرەخمەت ئاخۇن ( ئىمىر ساھىپ ) لار ئىدى. بۈۋى مەريەمخان ئاكىسى مۇھەممەت ئىمىن ئاخۇن بىلەن بىللە ئويباغ مەدرىسىدە بىلىم ئالغان، " قۇرئان كەرىم " نى بىمالال تەپسىر قىلالايدىغان، ئۆز زامانىغا يارىشا زىيالى ئايال ئىدى. مۇھەممەت شېرىپ ئاخۇن بولسا خېلى بۇرۇنلا تىبابەتچىلىك كەسپى بىلەن كورلىغا بېرىپ يەرلىشىپ، شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتكەن.مۇھەممەت ئىمىن ئاخۇن 1915 - يىلدىن 1918 - يىلغىچە ئويباغ مەدرىسىسىدە ئوقۇپ، ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قولىغا شاھادەتنامە ئالىدۇ ۋە خوتەن شەھەر ئىچى خەلىپىلىك ھويلىدىكى مەدرىسىگە مۇدەررىس بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. بۇ چاغدا مۇھەممەت ئىمىن ئاخۇن بىر قانچە ئەسىرلەردىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن ئوقۇش - ئوقۇتۇش جەھەتتىكى قالاق - قاتمال ئۇسۇلنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوقۇتۇشتا تالىپلارغا پايدىلىق ۋە قولاي بولغان يېڭىچە تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلايدۇ، ئىسلاھات يولىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن، بىر گۇرۇھ مۇتەئەسسىپ موللىلار قارشى چىقىپ، مۇھەممەت ئىمىن ئۈستىدە ھەر خىل ئۆسەك- ئىغۋالارنى تارقىتىدۇ. مۇھەممەت ئىمىن ئاخۇن كېيىن مۇھەممەتنىياز ئەلەم ئاخۇننىڭ تەشەببۇسى بىلەن قاراقاشقا يۆتكىلىپ كېلىپ، ئاۋۋال داۋاكۆلبېشى مەدرىسىسىگە، كېيىن كونا ئۆتەڭ بازىرى مەدرىسىسىگە مۇدەررىس بولىدۇ.
 2. كونا ئۆتەڭ بازىرىدىكى مەدرىسە. مۇھەممەت ئىمىن بۇ مەدرىسىگە يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن، تالىپلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا يېڭى، ياخشى نەتىجىلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلايدۇ.1930 - يىللاردا خوتەندە پارتلىغان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بۆشۈكى مانا مۇشۇ مەدرىسە ئىدى.
3. " ئاق مەدرىسە " . بۇ مەدرىسە شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخس — ئەپرۇزخان گۇڭنىڭ تەشەببۇسى ۋە خىراجىتى بىلەن بىنا قىلىنغان. 1930 - يىللارنىڭ بېشىدىن تاكى 1949 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە دادام نۇراخۇنۇم مەزكۇر گۇڭ - خوجىلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن مۇدەررىسلىك قىلىپ كەلگەن. يۇقىرىدىكى ئىككى مەدرىسىدىن قالسا، مەزكۇر مەدرىسىدە ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق تالىپلار كۆپ ئىدى. دادام نۇراخۇنمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئويباغ مەدرىسىسىنىڭ 2 - قارار تالىپلىرىدىن ئىكەن. داموللا ھەزرەت ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، 2 - ۋە 3 - قارار تالىپلار ئۇستاز داموللا ھەزرەتنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن مۇھەممەت ئىمىن ئاخۇن داموللىدا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ شاھادەتنامە ئالغانىكەن.
4 . جۇۋا مەدرىسە. بۇ مەدرىسىمۇ گۇڭ- خوجىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، ئەينى يىللاردا بۇخارايى شېرىپتىكى نۇقتىلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ كەلگەن قاراسايلىق ئۆلىما ئالىم داموللام مەزكۇر مەدرىسىگە باش مۇدەررىس، قاراقاش ناھىيىسىگە ئەلەم ئىدى.ھەر قايسى مەدرىسىلەردىكى بىلىمى يۇقىرى، پېشقەدەم تالىپلار ئۆز ئۇستازىدىن دەرس ئۆگەنگەندىن سىرت، ئالىم داموللامنى پەخرىي ئۇستاز دەپ قاراپ، ئۇنىڭدىمۇ قوشۇمچە دەرس ئاڭلايتتى. بۇنىڭغا ئۆز ئۇستازلىرىمۇ ئىجازەت بېرەتتى.
5. يېڭى مەدرىسە ياكى ئەھمەت ھاجى بايۋەچچىنىڭ مەدرىسىسى. بۇ مەدرىسە زامانغا خاس ئۆزگىچە مىللىي ئۇسلۇبتا سېلىنغان بولۇپ، ئاخۇنلۇق ( مۇدەررىسلىك ) ئۆي، مەسچىت، چادىر، ھوجرىلىرى ئازادە ھەم مەدەنىي ئىدى.مەزكۇر مەدرىسىلەرنىڭ بىرىگە ئابدۇللا داموللا، يەنە بىرىگە سەدىردىن ئاخۇنۇم مۇدەررىسلىك قىلاتتى، 40 - يىللاردىن بۇرۇن كىملەرنىڭ مۇدەررىس بولغانلىقىنى بىلمەيمەن.خەتمە تويى ( ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى )كىچىك ۋاقتىمدا دادامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، مەدرىسىلەردە 1930 - يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا، بىلىمى مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەن بەش − ئون، يىگىرمە، ئوتتۇز ھەتتا 40 تەك تالىپنىڭ خەتمە تويى يەنى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلەتتى. مۇراسىم باھار ياكى ياز پەسلىنىڭ مەمۇرچىلىق ۋاقتىغا توغرىلىنىپ، شەھەر ئىچى ياكى سىرتىدىكى ساپ ھاۋالىق، كاتتا، گۈزەل باغلاردا تولۇق بىر كۈن، مۇدەررىس - ئۇستازلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلاتتى، بۇ مۇراسىمغا شەھەر ۋە يېزا - قىشلاقلاردىن ئۆلىمالار، مەھكىمە شەرئى ئاخۇنلىرى ( ئەلەم، مۇپتى، قازى كالانلار ) ، يۇرت چوڭلىرى، مۆتىۋەر زاتلار كېلىپ قاتناشقاندىن سىرت، خەتمەكەردە ( ئوقۇش پۈتتۈرگۈچى ) تالىپلارنىڭ ئاتا - ئانا، جەددى - جەمەتى، قولۇم - قوشنىلىرى ئەھۋالىغا يارىشا، تاپقىنىچە سوۋغا — سالام ئېلىپ كېلىپ مۇراسىمغا قاتنىشاتتى، يىراق — يېقىندىن ئۆزلۈكىدىن كەلگەن دېھقانلارمۇ قىزغىن مۇلازىمەت قىلاتتى. ھەر خىل مېۋە كۆچەتلىرى قويۇق سايە تاشلاپ تۇرغان، كەڭ - ئازادە - پاكىز سەيناغا يېيىلغان رەڭدار زىلچا - گىلەم، گۈللۈك كېگىزلەر ئۈستىگە سېلىنغان كەڭ داستىخان خىلمۇخىل لەززەتلىك ئېسىل تائاملار ۋە تاتلىق - تۇرۇم مېۋىلەر بىلەن تولاتتى، بەرىكەت، توقچىلىق ھۆكۈم سۈرۈپ، ھەممە كىشىگە خۇشاللىق ئاتا قىلاتتى. مۇراسىمنىڭ ئاخىرىدا مەھكىمە شەرئى ۋە مۇدەررىس تەرىپىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن تالىپلارغا شاھادەتنامە تارقىتىلاتتى. ئاندىن يۇرت چوڭلىرى ئەدەب بىلەن پەگاغا چۈشۈپ قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ: " بىز پالانى خەلپىتىمنى يۇرتىمىزنىڭ جامائەتلىرىگە ۋاكالىتەن تىلەيمىز، ئىلتىجايىمىزنى قوبۇل قىلغايلا " دەپ تەلەپ قىلاتتى، ئىجازەت بېرىلگەندىن كېيىن، جامائەت ئېلىپ كەلگەن مەخسۇس سەللە، ئېسىل تون، مەسە - كالاچلارنى تىلىۋالغان خەلپىتىمگە كىيگۈزۈپ، ئىگەر - جابدۇقلۇق ياخشى ئاتقا مىندۈرۈپ، ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ ماڭاتتى. گۇرۇھ - گۇرۇھ جامائەت ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن داغدۇغا، چۇقان - سۈرەن بىلەن ئەگىشىپ ماڭاتتى، تاكى يۇرتىغايېتىپ بارغانغا قەدەر ھاپىزلار نۆۋەتلىشىپ مۇڭلۇق ئاھاڭدا تەلقىن - ھۆكمەت ئېيتاتتى، ئۇنىڭغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسسۇلچىلار ساما سالاتتى. خەلق خەلىپىتىمنى مانا مۇشۇنداق تولۇپ - تاشقان ئىززەت - ئىكرام بىلەن يۇرتقا ئېلىپ چىقاتتى... شاھادەتنامە تېكىستى ئاشۇ زامانلاردا خوتەن قەغىزىگە خۇش خەت بىلەن يېزىلىپ، مەھكىمە شەرئى ئاخۇنلىرىنىڭ كۈمۈش مۆھۈرلىرى بېسىلاتتى.مېنىڭ دادام نۇراخۇنمۇ ئەينى زاماندا 40 نەچچە ساۋاقدىشى بىلەن بىللە مۇھەممەت ئىمىن داموللىنىڭ قولىدا ئوقۇغانىكەن.
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىسى 2004 – يىلى 2 – سان
1som
Posted: 2008-02-12 12:49 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردا مائارىپ

Total 0.047306(s) query 3, Time now is:02-15 08:20, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation