جۇڭگو ۋە ئولىمپىك ھەرىكىتى
1894-يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قۇرۇلغان.
1896-يىلى 1-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى گېرىتسىيە پايتەختى ئافىنا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندىن ئىلگىرى، چىڭ ھۆكۈمىتى تەكلىپ تاپشۇرىۋالغان، لېكىن جاۋاب بەرمىگەن.
1912-يىلى مەملىكىتىمىز فېلىپپىن، ياپونىيە بىلەن بىرلىشىپ يىراق شەرق تەنتەربىيە جەمئىيىتىنى قۇرغان.
1920-يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى يىراق شەرق تەنتەربىيە جەمئىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان.
1922-يىلى ۋاڭ جىيەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. بۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن 1- قېتىم مۇناسىۋەت ئورنىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
1924-يىلى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئيىتى قۇرۇلغان. 8-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى فىرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چاغدا، مەملىكىتىمىزنىڭ ئۈچ نەپەر چويلا توپ ماھىرى غەيرى مۇسابىقە خاراكتېرىلىك ماھارەت كۆرسەتكەن.
1928-يىلى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە جەمئىيىتى سۇڭ رۇخەينى گوللاندىيىنىڭ ئامىستىردام شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 9-قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتكەن.
1931-يىلى خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنى جۇڭگونىڭ ئولىمپىك كومىتېتى دەپ ئېتىراپ قىلغان.
1932-يىلى 10-قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژېلېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكىتىمىز ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇسابىقىسىغا تۇنجى قېتىم رەسمىي قاتناشقان. ليۇچاڭچۈن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىغە قاتناشقان بىردىنبىر تەنھەرىكەتچى بولۇپ، سۇڭ جۈنفۇ ترېنېرى، شىن چىلياڭ يېتەكچىسى ئىدى.
1936-يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ خېلى كۆپ تەنھەرىكەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى چامباشچىلىق ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىدى ۋە تەكشۈرۈش ئۆمىكى گېرمانىيەنىڭ بىرلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 11-قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان.
1948-يىلى مەملىكىتىمىز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 14-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان.
1949-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى قۇرۇلغان
1952-يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى فېنلاندىيىنىڭ خېلىسنىكى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 15-قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان. بۇ يېڭى جۇڭگونىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىناتتى. لېكىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىكى مەلۇم كىشلەرنىڭ توسقۇنلىقى تۈپەيلىدىن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ماھىرلىرىمىز رەسمىي مۇسابىقىغە چۈشۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەن.
1954-يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان. لېكىن تەيۋەننىڭ ئاتالمىش جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئاۋۋالقىدەكلا ساقلاپ قېلىنغان.
1951-يىلى 16-قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئاۋىستىرالىيىنىڭ موربىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چاغدا، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەلۇم ئادەملەرنىڭ چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشى بىلەن، داۋاملىق «ئىككى جۇڭگو» پەيدا قىلغان. ئېلىمىز بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرگەن ھەمدە يىغىنغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
1958-يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىكى مەلۇم ئادەملەر خاتا قىلمىشلىرىدىن ۋاز كېچىشتىن باش تارتقاچقا، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتى بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن.
1979-يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىكى قانۇنىي ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
1980-يىلى مەملىكىتىمىز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئامېرىكىنىڭ پورەيسىت كۆلىدە ئۆتكۈزۈلگەن 13-قېتىملىق قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشتى. مەملىكىتىمىز ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەر سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلگەن 22-قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشمىدى.
19 84-يىلى مەملىكىتىمىز يۇگۇسلاۋىيىنىڭ سالاروۋۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 14-قېتىملىق قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقانىدى. بۇ قېتىم چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىمىز ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژېلېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 23-قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشتى.