بۇ بەتتىكى يازما : بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Ghunche
دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 2
يوللىغان تېما : 166
شۆھرىتى: 171 نومۇر
پۇلى: 1700 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 142(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-14

 بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى

            «بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتقا قىلىنغان ساياھەت خاتىرسى» 

    
 «بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتقا قىلىنغان ساياھەت خاتىرسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ساياھەت خاتىرىسى»دەپ ئېلىنغان) ئېلىمىزنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان مەشھۇر تارىخى، جۇغراپىيىۋى ئەسەر. بۇ ئەسەردە مىلادى 7-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى غەربىي يۇرتنىڭ كونكرېت ئەھۋالى خاتىرلەنگەن. بۇ ئەسرنى شۇەنجاڭنىڭ ئاغزاكى بايانىغا ئاساسەن بىيەن جى يېزىپ چىققان.
    شۇەنجۇاڭ ئاتاقلىق راھىب، ساياھەتچى، ئالىم ۋە تەرجىمان ئىدى. ئۇ ھىندىستانغا بېرىپ بۇددا تەلىماتىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، مىلادى 627-يىلى چاڭئەندىن يولغا چىقىپ مەشھۇر «يىپەك يولى»نى بويلاپ غەربكە سەپەر قىلغان، سەپەر ئۈستىدە قاتمۇقات قىيىنچىلىق ۋە خەتەرلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا بارغان، كېيىن جەنۇبقا بۇرۇلۇپ، ھازىرقى پاكىستان ۋە ھىندىستانغا بارغان، ماگادىخا دۆلىتىنىڭ ناراندا ئىبادەتخانىسىدا بۇددا تەلىماتىنى ئۆگەنگەن ۋە ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلغان. ئۇ مىلادى 645-يىلى نۇرغۇن بۇددا نوملىرى ۋە سوۋغىلارنى ئېلىپ چاڭئەنگە قايتىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن. شۇەنجۇاڭ 646-يىلى بىيەن جىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ساياھەت جەريانىدا بېسىپ ئۆتكەن غەربىي يۇرتىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ ئەھۋالى ۋە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى يېزىپ رەتلەپ، 12 جىلىدلىق مەشھۇر ئەسەر « بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتقا قىلىنغان ساياھەت خاتىرسى»نى پۈتتۈرگەن. شۈەنجۇاڭنىڭ سەپىرى ئۈچۈن جەمئىي 19 يىل ۋاقىت كەتكەن، سەپەرگە-بېرىش قايتىش جەريانىدا 50 مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق يول باسقان، ئۇنىڭ سەپىرى مەملىكىتىمىزنىڭ ئاسىيادىكى نۇرغۇنلىغان ئەللەر بىلەن دىن، ئىلىم ۋە مەدەنيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.
     «ساياھەت خاتىرىسى»دە، تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرتتىكى 138 پادىشاھلىق، شەھەر ۋە رايوننىڭ ئەھۋالى خاتىرلەنگەن، بۇ جايلار مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى. ئافغانىستان، ئىران، پاكىستان، ھىندىستان، سېرلانكا، نېپال ۋە بىنگال قاتارلىق توققۇز دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسەردە بايان قىلىنغان مەزمۇنلار ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر قايسى جايلارنىڭ تاغ-دەريالىرى، يەر شارائىتى، قاتناش يوللىرى، مىللەتلىرى، ئاھالىسى، تارىختىكى تىلى، دىنىي ئېتىقادى، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، يۈرۈش-تۇرۇشلىرى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، يادىكارلىقلىرى، تۈزۈملىرى، ھاۋا كېلىماتى، مەھسۇلاتى بۇددا نومىدىكى ھېكايىلەر خاتىرلەنگەن. ئۇنىڭدىكى ماتېرىياللار مۇكەممەل، بايانلار رەتلىك-ئېنىق، سۆز-جۈملىلىرى ئىخچام، راۋان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلمىي ۋە ئەدەبىي جەھەتتىكى قىممىتىگە دۇنيا ئالىملىرى بۇرۇنلا يۇقىرى باھا بەرگەن.
     «ساياھەت خاتىرىسى» قەدىمكى دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تارىخى ۋە ئارخېئولوگىيسىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەسەر. مەسىلەن: قەدىمكى ھىندىستاننىڭ كۆپلىگەن شەھەر-بازارلىرى ۋە ئىبادەتخانىلىرىنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى، تارىخى ئەھۋالى، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ۋە جايلارنىڭ سىياسىي ئەھۋالى، باج-سېلىق ئەھۋالى، سانسىكرىت تىلىنىڭ گىراماتىكا ئالىمى پاننى، ۋىيروداكا، ئاسۇكا كانشىككا، قاتارلىق پادىشاھلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا بۇ ئەسەر بىزنى قىممەتلىك تارىخى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ بولۇپمۇ، بۇ ئەسەردە بايان قىلىنغان ھىندىستان بۇددا دىنىي تارىخىدىكى بىر نەچچە قېتىملىق مەشھۇر يىغىلىشلار، ھەر خىل دىنىي كۈچلەر ۋە ھىنايانا، ماھايانا مەزھەپلىرىنىڭ تارقىلىش ۋ ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرى، بەزى مەشھۇر بۇددا ئالىملىرىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى قاتارلىقلارغا دائىر بايانلار ھىندىستان بۇددا تەلىماتىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئارخېئولوگلار بۇ ئەسەردىك مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستاندىكى نۇرغۇنلىغان تارىخىي خارابىلار ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قېزىپ ۋە باھالاپ چىقتى. مەسلەن: ھىندىستاندىكى داڭلىق ناراندا ئىبادەتخانىسى، «ساياھەت خاتىرىسى»دىكى بايانلارغا ئاساسەن قېزىپ چىقىلغان ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
     «ساياھەت خاتىرىسى»نىڭ 1- ۋە 12-جىلىدىدا شىنجاڭ رويونىنىڭ تارىخىغا ئائىت كۆپلىگەن خاتىرىلەر بار، بۇ خاتىرىلەرمۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشىمىزدا قىممەتلىك ماتېرىياللاردۇر. مەسلەن: 12-جىلدىدا «شەرق ئېلى»نىڭ دوستانە(ئۇدۇن يەنى خوتەن) خانىغا ياتلىق قىلىنغان مەلىكىسىنىڭ پىلە ئۇرۇقىنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ھېكايە قىلىنغان. بۇ ئېلىمىز يىپەكچىلىكىنىڭ غەربىي يۇرتقا تارقالغانلىقى توغرىسىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرە بولۇپ، ھېكايە سىتەينىڭ غەربىي رايوندىن تاپقان بىر يازما ماتېرىيالى ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. (سىتەيىن:«غەربىي يۇرت ئارخېئولوگىيە خاتىرىسى»، شياڭدا تەرجىمىسى، 45-بەت). تىبەت يېزىقىدا يېزىلغان «ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ قەدىمكى تارىخى»دىمۇ پىلە قۇرتىنىڭ غەربىي يۇرتقا تارقالغانلىقى توغرىسىدا يۇقىرقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان خاتىرە بار. ئېلىمىزنىڭ ئاتاقىلىق ئالىمى پىروفېسور جى شيەنلىن بۇ ئەسەردىكى بايانلارنى «يېڭى تاڭنامە»، «سۇڭ تارىخى»دىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «خوتەننىڭ قەدىمكى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتا پىلە بېقىپ يىپەكچىلىك قىلغان بىردىنبىر جاي ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئەنئەنىنىڭ ھازىرغىچە ئۈزۈلمەستىن داۋاملىشىپ كەلگەن»لىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. («جۇڭگو-ھىندىستان مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت ماقالىلەر»، 147-بەت) مانا بۇ تارىخى ماتېرىياللاردىن تاڭ دەۋرىدىن ئىلگىرىلا، شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسىمىدىكى رويونلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.
      يېقىنقى يىللاردىن بېرى، جۇڭگو ۋە چەتئەل تارىخشۇناسلىرى ۋە ئارخېئولوگلىرى «ساياھەت خاتىرىسى» ئۈستىدە نۇرغۇن تەتقىقات ئېلىپ باردى. ئەسەردىكى ئادەم ئىسىمى، يەر ئىسىمى، تارىخى ۋەقەلەر، دىنىي ھېكايىلەر، تىل، مىللەت مەسىلىلىرى ۋ ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپسىلىي مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. لېكىن پۈتۈن ئەسەردە ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ، مەسلەن: ھىندىستاننىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى مەسىلىسى، بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ تىلى مەسىلىسى، ئىرق مەسىلىسى، دىنىي مەزھەپلەرنىڭ ئۆزگىرىشى، مىللەتلەرنىڭ كۆچۈش ۋە قوشۇلۇپ كېتىش مەسىلىسى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
1som
Posted: 2008-02-13 14:43 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » تاغدىن - باغدىن

Total 0.047624(s) query 3, Time now is:02-15 08:15, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation