بۇ بەتتىكى يازما : يالتا يىغىنىدا تىلغا ئېلىنغان شىنجاڭ مەسىلىسى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 يالتا يىغىنىدا تىلغا ئېلىنغان شىنجاڭ مەسىلىسى


1945- يىلى 9- ئاينىڭ باشلىرىدا مىللىي ئارمىيە ئاساسى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، جىڭ ۋە شىخو جېڭىنى قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئايروپىلان ، بىرونېۋىكلىرى ۋە زەمبىرەكچى قىسمىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا، 8- سېنتەبىر ئايرىم-ئايرىم ھالدا جىڭ ۋە شىخو شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. ئىلگىر-كىيىن بولۇپ گومىنداڭنىڭ بۇ ئىككى شەھەرنى قوغداپ ياتقان 6000 دىن كۆپرەك ئەسكىرىنى يۇقۇتۇپ، نۇرغۇن قۇرال-ياراق، ئوق-دورىلارنى ئولجا ئالغان. بىر نەچچە كۈندىن كىيىن، مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىگە ئارانلا 150 كىلومېتىر كېلىدىغان ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا قىستاپ كېلىپ، گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن دەريانى پاسىل قىلىپ تىركىشىپ تۇرغان. ئەينى چاغدا، گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچىدە ئاران ئالتە يىڭلا ئەسكىرىي كۈچى بولغاچقا، ئۇلار ئامالسىز «بۈيۈك ئۈرۈمچىنى قاتتىق قوغداش» (ئۈرۈمچىدىن شەرقتە قۇمۇلغىچە، جەنۇبتا قارا شەھەرگىچە، غەربتە ماناس ناھىيىسىگىچە بولغان دائىرىنى كۆرسىتىدۇ) تىن ئىبارەت جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. ھالبۇكى بۇ چاغدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاراتقان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىغان.

1945- يىلى 2- ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى يالتادا يىغىن ئېچىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەخپىي مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە تايانغاندا ياپونىيىنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر يېرىم يىل ۋاقىت كېتىدۇ؛ ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى «سوۋېت ئىتتىپاقى – ياپونىيە بىتەرەپلىك شەرتنامىسى» تىن ۋاز كېچىپ، ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلسا ياپونىيىنى مۇددەتتىن بۇرۇن مەغلۇپ قىلغىلى بولىدۇ ، ئامېرىكا تەرەپتىن ئۇرۇشتا يارلىنىدىغان، ئۆلۈدىغانلارمۇ زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ، دەپ قارايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگوغا تەۋە تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ ھازىرقى «مۇستەقىل » ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشى ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشنىڭ بىر شەرتى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئامېرىكا بۇنى قوللايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى ئارقىسىدا، جياڭ جېشى ئامالسىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلىدۇ . لېكىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئالماشتۇرۇشنىڭ بىرىنچى شەرتى سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ زېمىنىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي ھوقۇقىغا ھەمدە «شىنجاڭ توپىلىڭى» (ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى كۆرسىتىدۇ) غا ئەمدى ھەرقانداق ياردەم بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشىنى، شۇنىڭدىلا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. 1945- يىلى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى، جۇڭگو تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا رەسمىي تۈردە: سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئەگەر جۇڭگونىڭ «شىنجاڭ توپىلىڭى» نى تىنجىتىشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ۋەدە بەرسە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە يول قۇيىدۇ، ستالىن: مەيلى يەنئەن، شىنجاڭ بولسۇن بىردەك ۋېييۇەنجاڭ جياڭ جېشىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بايانات ئېلان قىلىشقا بولىدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈرىدۇ ھەمدە جۇڭگو تەرەپنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا «ئوغرىلىقچە » قۇرال يۆتكىشىنى توسۇش توغرىسىدىكى تەلىپىگە ماقۇل بولىدۇ . بۇ چاغدا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە يول قويۇشىغا مەجبۇرلىشىدىكى پىچكىنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. رۇسىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشى بويىچە ، تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىل بۇلىشىغا يول قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەت: «شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلغان ھەمدە شىنجاڭنىڭ جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ، ستالىن شەرقىي تۈركۈستاننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى قوللاشنى توختاتقان». 8- ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان، ئارقىدىنلا ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولۇپ ، 2- دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى دوستلۇق-ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغان، سوۋېت ئىتتىپاقى شەرتنامىنىڭ قۇشۇمچە نۇسخىسىدا: «شىنجاڭدا يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شۇنى تەكىتلەيدۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقى دوستلۇق- ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسىنىڭ 5- ماددىسىدا دىيىلگەندەك، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلغان.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلگىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىيەت ئېھتىياجلىق بولسىلا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلىيەلەيتى ۋە تەڭشىيەلەيتى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇ نۇقتىغا چوڭقۇر ئىشىنەتتى،شۇڭا شەرتنامىنى ئىمزالاپ بولۇپلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن شۇ يىلى 10-ئاي مەزگىلىدە سىياسىي يول ئارقىلىق ئىلىنى«قايتۇرىۋېلىش» قا تەييارلىق كۆرگەنىدى. 9- ئاينىڭ 17- كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پېتروۋ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا مۇنۇلارنى ئۇقتۇرغان: يېقىندا مۇسۇلمانلاردىن بىر نەچچە كىشى ئۆزلىرىنى شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭچى خەلقنىڭ ۋەكىلى دەپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ ۋاستىچى بولۇپ ، ئۆزلىرى بىلەن جۇڭگو دائىرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشىنى ياراشتۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئاستىرتتىن بىلدۈرگەن. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ياردەملىشىشنى خالىسا، ھۆكۈمىتىمىز بۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدار بولىدۇ . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن، ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىگە ۋەكىل ئەۋەتىپ، سىياسىي بۆلۈم باشلىقى جاڭ جىجوڭ بىلەن كۈرۈشىشىنى ئۇقتۇرۇپ قويسا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مولوتوف گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ شىجيې بىلەن «شىنجاڭ غۇلجا ۋەقەسى» توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەندە: «ئۇنداق ۋەقەنىڭ بۇلىشى ۋاقىتلىق ھادىسە، ئۇزۇن ئۆتمەي بېسىقىدۇ» دېگەن . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاراتقان سىياسىتى مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاشتىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ زېمىنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، مۇستەقىل «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۆزگەرگەن.

نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2007-11-19 12:05 | [ئاپتور]
aytoldi311
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 16
شۆھرىتى: 17 نومۇر
پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-10

 

ماقالىنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتكەن !!!!
مېىنىڭچە << رەقىپلەر ۋە ئىتتپاقداشلار >> دېگەن كىتاپنى بىر قېتىم ئوقۇپ قۇيۇشقا ئەرزىيدۇ
Posted: 2008-01-09 21:31 | 1 -قەۋەت
TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

Quote:
1 - قەۋەتتىكى aytoldi311 2008-01-09 21:31 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ماقالىنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتكەن !!!!
مېىنىڭچە << رەقىپلەر ۋە ئىتتپاقداشلار >> دېگەن كىتاپنى بىر قېتىم ئوقۇپ قۇيۇشقا ئەرزىيدۇ


ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى: <جۇڭگۇ شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى> ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2006 - يىل 4 - ئاي 1- نەشىرى.
نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2008-01-10 00:00 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى

Total 0.048553(s) query 4, Time now is:01-11 01:53, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation