شۇنداق نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى بىز روسلاردىن ئەكىرگەن، بىراق.....
بۇ بىلىكتىكى قېرىندىشىمىزنىڭ ئىنكاسى پايدىلىنىپ كۆرەيلى:
توغرىسى ھىتلېر (Hitler)،بىزگە روسچىدىن(گىتلېر) Гитлерكىرگەن،توردا لۇغەتلەردىن ئىزدەپ باقتىم لاتىن يېزىق سېستمىسىدىكى تىللارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشلا Hitlerيازىدىكەن،ھەتتا ئەرەپلەرمۇ هتلر دەيدىكەن.روسلاردا ھ تاۋۇشى بولمىغاچ، چەتتىللاردىكى hبىلەن باشلانغان سۆزلەرنى گ تاۋۇشۇغا ئۆزگەرتىپ ئوقۇيدۇ. مەسىلەن :ھارمۇنىك دىگەننى گارمونىك، ھىدرولوگىيە دىگەننى گىدرولوگىيە دىگەندەك. بۇندىن باشقا تىللاردىكى bتاۋۇشىنى ۋ دەپ ئوقۇيدۇ.مەسىلەن : سىمبول (سىمۋول دەپ قوبۇل قىلدۇق)symbol ، بەلكىم بىز ۋەلسىپىت دەپ ئاتىۋالغان ئەسۋاپ ئىسمىمۇ بەلكىم رۇسچىداвелосипед(ۋېلوسىپېد) سۆزى bicycleسۆزىنىڭ بىرىنجى تاۋۇشىنىڭ ۋ ئۇقۇلۇشىدىن ئۆزگىرىشىپ ياساپ پەيدا بولغان بولىشى مۈمكىن.ھازىر بىرقىسىم لۇغەتلەردە ھارمونىك ،ھىدرولوگىيەدەپ ئېلىنىۋاتىدۇ،ياكى بىز ئوقۇتۇشتا شۇنداق قوللانغان،مېنىڭچە بۇ بىر ياخشى باشلىنىش.
بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى بىزدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ۋە ئوتتۇرلىرىدىكى پەننىي ۋە يېڭى ئاتالغۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى روس تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان.چۈنكى بىزنىڭ يېڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىش يولىمىزدىن پەقەت شۇ بىرىلا بارتى،ھەم كۆپ قىسىم زىيالىيلىرىمىز بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا رۇس تىلىدىكى ۋە رۇس تىلىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ماتېرىياللار بىلەن ئۇچراشقان،ۋە شۇ خىل تەرنىيەنى قوبول قىلغان.باشقا چەتتىللار بىلەن ئۇچرىشىش مۈمكىنچىلىكى كۆپ بولمىغان،ۋەبۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئەسلى مەنبەسىنىڭ نەدىلىكى توغرىسىدا ئىزدىنىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن بولىشى،شۇنداقلا ئورتا ئاسىيادىكى خەلقلەر بىلەن ئاتالغۇلاردىكى ئورتاقلىقنى ساقلاش ئېھتىياجىنىمۇ ئويلاشقان بولسا كېرەك.
بۇندىن باشقا ئىزچىل خاتا ئوقۇلىۋاتقان سۆز ھۇنگىرىيە، ئادەمنىڭ بەكلا كۈلگىسىنى كەلتۈرىدۇ،مىللىتىنى ھۇن دەيمىز ،لېكىن دۆلىتىنى ۋېنگىرىيە دەيمىز.ئېنگىلىزچە ۋە باشقا تىللارداhungaryدەپ يېزىلىدۇ،ياكى ئوقۇلىدۇ.ھەتتا خەنزۇچىدىمۇ ئېنىق قىلىپ 匈牙利مەنا تەرجىمىسى ۋە ئاھەڭ تەرجىمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قوللانغان،يەنىhun ھۇن ئاندىن يالى يەنى aryنى ئوقۇغان.(ۋېنگرىيا)Венгрияرۇسچىدىلا مۇشۇنداق ئاتايدىكەن.
بولسا بۇندىن كېيىن ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغاندا بولسا ئەسلى ئىگىسى قانداق ئاتىسا شۇنداق ئاتىساق،چۈنكى بىزنىڭ تىلىمىز ھەرقانداق تىلنى ئىپادىلەش جەھەتتە چەكلىمىگە ئىگە ئەمەس
مەنبە:
http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=16354