niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 سوقا


                                      سوقا
                                توختى داۋۇت
 ) ش ئۇ ئا ر خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن )
 سوقىنىڭ قاچان كىم تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق يازما مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئەمما ئەجدادلىرىمىز ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەنلىكى ھەممىگە مەلۇم.سوقا ياغاچتىن تۆت پاي قىلىپ ياسىلىپ، سۇنىڭ بېسىمى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىپ شال ئاقلايدىغان بىر خىل ئەنئەنىۋى قورال. ئۇ شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىغا كەڭ تارقالغان. ئۇ ياغاچ تور، تېكى ياغاچ، ئوق، چاقپېلەك قانىتى، ئوق پالىقى، كىچىك نور، بوي ياغاچ، غالتەكسىمان تېكى، تۇمشۇق، چاناق قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ بۆلەكلەر بىر - بىرىگە باغلىنىشلىق ھەم ئۆز ئالدىغا مۇئەييەن رول ئوينايدۇ. سوقا ئادەتتە سۇ مەنبەسى مول بولغان جايلارغا ياسىلىدۇ. ئالدى بىلەن ئۇزۇن، چوڭ ياغاچلاردىن سوقا گەۋدىسى (ئۆي) ياسىلىدۇ. بۇ يەردە شال - گۈرۈچلەر ساقلىنىدۇ، شال ئاقلىنىدۇ. ياغاچ نور تەخمىنەن ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يوغان ياغاچتىن ۋە تېكى ياغاچنىڭ ئوقنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان قىسمىغا ئورنىتىلغان پولات(تۆمۈر) تاختا ئوق بېشى ۋە تېكى ياغاچنىڭ ئۇپرىشىنى ئاستىلىتىدۇ، ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ. شۇنداقلا ئۇ سىلىق بولغاچقا چاقپېلەك ئوقى تېز ئايلىنىپ، سۇ ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەنلەيدۇ. چاقپېلەك ئوقىنىڭ ئۈستىدىكى كىچىك نوردىن ئوقنىڭ ئىككى بېشىغا ئېقىپ چۈشكەن سۇ ئوقنى سوۋۇتۇپ بېرىدۇ. سۇ چۈشىدىغان نورنىڭ ئۇدۇلىغا، ئوق بېشىنىڭ بىر تەرىپىگە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 120 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 50 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى بەش سانتىمېتىر ئۈچ تال تاختاي ئوققا " + " شەكلىدە ئورنىتىلىدۇ. بۇ ئادەتتە چاقپېلەك قانىتى دەپ ئاتىلىدۇ. چاقپېلەك قانىتى يېنىدىن ئوقنىڭ يەنە بىر بېشىغىچە 70 سانتىمېتىردىن ئارىلىق قالدۇرۇپ، تۆت دانە، ئۇزۇنلۇقى 60 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 15 سانتېمېتىر كېلىدىغان پالاق ئوقنىڭ تۆت تەرىپىگە ئورنىتىلىدۇ. سڭقا گەۋدىسىنىڭ ئىچىگە قارىتىپ، ئوق پالىقىغا ئۇدۇل قىلىپ تۆت مېتىر ئۇزۇنلۇقتا، مۇۋاپىق چوڭلۇقتىكى بوي ياغاچ ئورنىتىلىدۇ. بوي ياغاچنىڭ چاقپېلەك ئوقى تەرىپىدىكى قىسمىغا توغرىسىغا قىلىپ غالتەكسىمان بىر تال ياغاچ ئورنىتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىغا مۇۋاپىق چوڭلۇقتىكى تېكى ياغاچ قويۇلىدۇ، بۇ غالتەكسىمان ياغاچنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بوي ياغاچنىڭ سوقا ئىچىگە قارىتىلغان قىسمىغا تۆشۈك تېشىلىپ، سۆگەت ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 120 سانتېمېتىر، دىئامېتىرى 15 سانتېمېتىر بولغان قوزۇق شەكىللىك بىر تال ياغاچ ئورنىتىلىدۇ. بۇ ئادەتتە تۇمشۇق دەپ ئاتىلىپ، چاناققا قويۇلغان شالنى سوقۇپ ئاقلايدۇ. ياغاچ نوردىن كۈچلۈك بېسىم بىلەن چۈشكەن چاقپېلەكنى ئايلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوق پالىقىمۇ تەڭ ئايلىنىپ، بوي ياغاچنىڭ سىرتىغا قارىتىلغان ئۇچىنى بېسىپ بوي ياغاچنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ، بىرىنچى پاي سوقا بوي ياغىچى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، ئوق پالىقىدىن ئايرىلغاندا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۇمشۇق شال قۇيۇلغان چاناققا »گۇپ« قىلىپ چۈشىدۇ، ئارقىدىنلا 2 - پاي سوقا بوي ياغىچى ئوق پالىقى بىلەن ئۇچرىشىپ ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، پالاقتىن ئايرىلغاندىن كېيىن چاناققا چۈشىدۇ، مۇشۇ تەرىقىدە نۆۋەت بىلەن ياغاچلار كۆتۈرۈلۈپ، چۈشۈپ، تۇمشۇق چاناقتىكى شالنى قاسرىقىدىن ئايرىيدۇ. شال %50 ئاقلانغاندىن كېيىن، سوقىچى ( ياكى شال ئاقلىغۇچى ) بوي ياغاچ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەندە ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن ئۇنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، گۈرجەك سېپى چوڭلۇقىدىكى 1.5 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تاياقچىنىڭ بىر ئۇچىنى چاناقنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كاۋاكچىغا، يەنە بىر ئۇچىنى بوي ياغاچنىڭ كاۋاكچىسىغا كىرگۈزۈپ تىرەپ قويۇپ، بىر پاي سوقىنى توختىتىدۇ. قالغان ئۈچ پاي سوقا توختىماي مېڭىۋېرىدۇ. توختىتىلغان سوقىنىڭ چانىقىدىكى %50 ئاقلانغان شال ئەگرى گۈرجەك بىلەن چىقىرىۋېلىنىپ، بورانچىغا قۇيۇلىدۇ. بورانچى چوڭ ساندۇق شەكلىدە ياسىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە نېپىز تاختايدىن چاقپېلەكلىك شامالدۇرغۇچ ئورنىتىلغان. ئاقلانغان شال بورانچىنىڭ ئۈستىدىكى ساندۇقىغا قۇيۇلۇپ، شامالدۇرغۇچنىڭ تۆمۈر ئوقى قول بىلەن تېز ئايلاندۇرىلىدۇ. ساندۇقنىڭ يېرىقچىسىدىن چۈشكەن شالنىڭ قوغانى بورانچىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۇچۇپ چۈشۈپ، گۈرۈچ بورانچىنىڭ ئاستىغا چۈشىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە ھەر بىر پاي سوقا توختىتىلىپ، ئېلىنغان يېرىم ئاقلانغان شال بورانچىدا سورۇلۇپ، قايتا - قايتا سوقىغا سېلىپ سوقۇپ، سورۇش ئارقىلىق پاكىز گۈرۈچ ئايرىۋېلىنىدۇ.بۇ خىل سوقىلار توختىماي ھەرىكەتلەنسە بىر سوتكىدا تەخمىنەن 1000 كىلوگرام شالنى ئاقلاشقا بولىدۇ. 100 كىلوگرام شالدىن 60 كىلوگرام گۈرۈچ ئالغىلى بولىدۇ. سوقىنىڭ تۈزۈلۈشى ئاددىي بولسىمۇ، ھەرىكىتى قوپال، ئاسان كاشىلا چىقىپ، بۇزۇلۇپ تۇرىدىغان، خەتىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭدا تېنى ئاجىز كىشىلەر، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ مەشغۇلات قىلىشى چەكلىنىدۇ. سوقىنىڭ سۇ ئېنېرگىيە سەرپىياتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغاچقا، سۇنىڭ پەسىيىش پەرقى 2 − 3 مېتىر، ئېقىم مىقدارى 0.8 كۇب مېتىردىن بىر كۇب مېتىرغىچە بولغان ئۆستەڭلەردىلا سوقا چۆرىگىلى بولىدۇ.خەلقىمىز ئازادلىقتىن كېيىنمۇ خېلى بىر مەزگىلگىچە مۇشۇنداق سۇ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان سوقىلارنى ئىشلىتىپ كەلگەن. سۇ قىس جايلاردا ئادەم كۈچى ( پۇت بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ) ياكى ئات - ئۇلاغ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان كىچىك ياغاچ سوقىلارنىمۇ ياساپ ئىشلەتكەن، ئەينى ۋاقىتتا سوقا خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. ئىلگىرى سوقا شەخسلەرنىڭ ئىلكىدە بولاتتى. 1954 - يىلى يېزىلاردا كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن كوللېكتىپنىڭ ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىندى. 60 - يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە تەدرىجىي ھالدا دىزېل ماتورلۇق ۋە ئېلېكتر ماتورلۇق پولات سوقىلار بىلەن شال ئاقلىنىدىغان بولدى. ئەنئەنىۋى ياغاچ سوقىلار ئىشلىتىلىشتىن قالدى.
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ژورنىلى 2004 – يىللىق 1 – سان


bilqut
Posted: 2008-02-28 20:02 | [ئاپتور]
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 250
شۆھرىتى: 253 نومۇر
پۇلى: 2520 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

ھەي.......... مەن سوقا-ساپانلارنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قوياتتىم. ھەممىسىنى يەر تېرىيدىغانغا ئىشلىتىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.
ھەيرانمەن: " سوقا-سەندەلدەك بەستى بار" دېگەن گەپ نەدىن پەيدا بولغاندۇ؟ سوقىنىڭ رەسىمى بولغان بولسا كۆرگەن بولساق تولىمۇ ياخشى بولاتتى.
1som
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-03-01 02:16 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ھۈنەر - كەسپ

Total 0.068035(s) query 4, Time now is:03-07 19:55, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation