TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 قەدىمىي شەھەر پومپېينىڭ سىرى





بۇنىڭدىن 1900 يىل ئىلگىرى رىمنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپىدە پومپېي دېگەن قەدىمىي شەھەر بولغان. بۇ شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپى سۈيى كۆپ-كۆك بولغان ناپلېس بوغۇزىغا، شىمالىي تەرىپى قىيالىرى پەلەككە ياندىشىدىغان ۋىزۇۋېي يانار تېغىغا تۇتاشقان بولۇپ ، ئۇ يەردە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ياشىغان.

مىلادىيە 79- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى پومپېي شەھىرىگە ۋەيران قىلغۇچ خاراكتېرىدىكى ئاپەت كېلىدۇ . شۇ كۈنى چۈشتە سائەت بىردىن ئۆتكەندە، شەھەرگە ئالاھازەل 10 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋىزۇۋېي يانار تېغى تۇيۇقسىز پارتلايدۇ. قويۇق ئىس-تۈتەك ۋە سانسىز ئوت ئۇچقۇنلىرى تاغ چوققىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ، قاتتىق پارتلاش ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ، شۇ ھامان يەر-جاھاننى قاراڭغۇلۇق بېسىپ، زېمىن تىترەپ، ناپلىس بوغىزىدىمۇ قاتتىق دولقۇنلار كۆتۈرۈلىدۇ. ئوت ئۇچقۇنى بولۇپ پەلەككە كۆتۈرۈلگەن ماگمىلار يەرگە تاش بولۇپ چۈشىدۇ. كۆپلىگەن تاش ۋە ۋولقان ئۇچقۇندىلىرى يانار تاغ ئەتراپىدىكى يەرلەرنى پۈتۈنلەي كۆمۈپ تاشلايدۇ. ئارقىدىنلا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن كېلىدۇ . كەلكۈن سانسىزلىغان تاش ۋە ۋولقان ئۇچقۇندىلىرىنى ئېقىتىپ كېلىپ، غايەت زور لاي دولقۇنى ھاسىل قىلىپ، تاغدىن شىددەت بىلەن ئېقىپ چۈشىدۇ. شۇنداق قىلىپ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 6- ئەسىردە بىنا قىلىنغان پومپېي دېگەن بۇ قەدىمىي شەھەر ۋەيران بولىدۇ ..........

ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كېتىدۇ، پومپېي شەھرىمۇ كىشىلەرنىڭ ئەسلىرىدىن چىقىپ كېتىدۇ. تارىخ تەتقىق قىلغۇچى ئالىملار رىمنىڭ قەدىمىي كىتابلىرىنى ئوقۇغاندا پومپېي دېگەن شەھەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى بىر سىر بولۇپ كېلىدۇ .

18- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىتالىيىلىك دېھقانلار ۋىزوۋېي يانار تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئۆستەڭ چېپىۋېتىپ، قەدىمىي رىمنىڭ بەزى پۇللىرىنى، شۇنىڭدەك سىلىقلانغان مەرمەر تاش پارچىلىرىنى كولاپ تېپىۋالىدۇ. 1748- يىلى كىشىلەر يەنە شۇ ئەتراپتىن «پومپېي» دېگەن خەت ئۇيۇلغان بىر پارچە تاش تېپىۋالىدۇ. بۇ شەھەر ئەسلىدە مۇشۇ جايدا ئىكەن! شۇنىڭ بىلەن قەدىمىي شەھەر پومپېينىڭ سىرى ئاخىر يېشىلگەن.

1860- يىلدىن باشلاپ كىشىلەر پومپېي شەھىرىنى پىلانلىق قېزىش ئىشىنى باشلىۋەتكەن. 200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە قەرەلسىز قېزىش ئارقىسىدا، رىمنىڭ يەر ئاستىدا مىڭ يىللاپ كۆمۈلۈپ ياتقان قەدىمىي شەھەرنىڭ كۆپ قىسمى تېپىلغان. ھازىر كىشىلەر ئۆز زامانىسىدىكى كىشىلەر پومپېي شەھىرىگە كىرىپ چىققانغا ئوخشاش، كەڭ تەكشى يوللاردا سەيلە قىلىپ، بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىدىغان بولغان.

پومپېي شەھىرىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن بىر كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، تۆت ئەتراپى تاش سېپىل بىلەن ئورالغان بولۇپ ، شەھەرنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولغان. شەھەر ئىچىدە ئۇزۇنىسىغا ۋە توغرىسىغا كەتكەن تۈپ-تۈز تۆت چوڭ كۇچا بولۇپ ، پۈتۈن شەھەر 井 ھەرپى شەكلىدە كۆرۈنىدىكەن . شەھەر 9 رايونغا ئايرىلغان بولۇپ ، ھەر بىر رايوننىڭ كىچىك كوچىلىرى بولغان. چوڭ كوچىغا ئون مېتىر كەڭلىكتە تاش لاي ياتقۇزۇلغان بولۇپ ، ئىككى ياقىسى ئادەم ماڭىدىغان يول قىلىپ ئايرىلغان. ھەر بىر تۆت كوچا ئېغىزىدا بىردىن كۆلچەك بولغان. كۆلچەكلەرنىڭ ھەممىسى تاشتىن ياسالغان بولۇپ ، ئۈستىگە چىرايلىق ھەيكەللەر ئورنىتىلغان. كۆلچەكتە سۈپ-سۈزۈك بۇلاق سۈيى بار بولغان بولۇپ ، بۇ بۇلاق سۈيىنىڭ كەلتۈرۈلۈشى ئوڭايغا توختىمىغان. بۇلاق سۈيى تۈز يەرگە تۇرغۇزۇلغان جازا ئۈستىگە نو ئورنۇتۇلۇپ، شەھەر سىرتىدىكى بىر تاغدىن شەھەر ئىچىدىكى ئېگىز جايغا سېلىنغان سۇ مۇنارىغا كەلتۈرۈلگەن. ئاندىن كىيىن بۇ سۇ ھەرقايسى جامائەت كۆلچەكلىرىگە ۋە بايلارنىڭ ھويلىلىرىدىكى فونتان كۆلچەكلەرگە ئېقىپ چۈشكەن.

شەھەردىكى ئەڭ كاتتا ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تۆت چاسا مەيداننىڭ ئەتراپىغا توپلانغان. بۇ جاي پومپېينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە دىنىي مەركىزى بولغان. مەيداننىڭ شەرقى جەنۇبىي تەرىپىگە پومپېي شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى جايلاشقان بولۇپ ، ھوقۇقدارلار شۇ يەردە ئىشلىگەن ۋە مەسلىھەت ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى سوت مەھكىمىسى بولغان. بۇ ئىككى قەۋەتلىك چاسا بىنا بولۇپ ، سودىگەرلەرمۇ شۇ يەردە سودا توختاملىرىنى تۈزۈشكەن. شۇ جايدا ئىشلەنگەن ئۈزۈم ھارىقى، تىۋىت ۋە ئەينەك بۇيۇملىرى، شۇنىڭدەك شەرقنىڭ خۇشپۇراق ماتېرىياللىرى ، مەرۋايىتلىرى، جۇڭگونىڭ يىپەك-تاۋارلىرى، ئافرىقا پىل چىشلىرى ئۈستىدە مۇشۇ جايدا سودا توختاملىرى بولغان.

مەيداننىڭ شەرقىي شىمال تەرىپى سودا سارايلىرى بولغان. قېزىلمىلاردىن قارىغاندا، ئۆز زامانىسىدا بۇ يەردىكى قاتار-قاتار سودا دۇكانلىرىدا تاۋارلار تولۇپ كەتكەن بولۇپ ، تىجارەت  ئىشلىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. قېزىش ۋاقتىدا بىر مېۋە -چېۋە دۇكىنىنىڭ مال جاھازلىرىدا ئۆرۈك ، كاشتان، ئەنجۈر ، ياڭاق، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋە -چىۋىلەرنىڭ لىق ئىكەنلىكى بايقالغان. بۇ نەرسىلەر گەرچە مىڭ نەچچە يۈز يىلدىن ئىلگىرىكى نەرسىلەر بولسىمۇ، لېكىن شەكلىدىن يەنىلا پەرق ئەتكىلى بولغان. بىر دورا دۇكىنىنىڭ پۈكىيىدىن بىر قۇتا كۇمىلاچ دورا تېپىلغان بولۇپ ، ئۇ ئۇۋۇلۇپ ئۇن بولۇپ كەتكەن. دورا يېنىدا بىر دورا قەغىزى بولغان. ناھايىتى رۇششەنكى، دورىگەر دورىنى كۇمىلاچ قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئاپەت كېلىپ قېلىپ، يىغىشتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن. ئۇ زامانلاردا دۇكانلار ھەم سودا دۇكىنى، ھەم ھۈنەر دۇكىنى بولغان. بىر بولكا دۇكىنىنىڭ دوخۇپكىسىدىن پىشقان بىر بولكا تېپىلغان. بۇ بولكا ئەسلى شەكلىنى ساقلاپ قالغان بولماستىن بەلكى ئۈستىگە بېسىلغان بولكا سودىگىرىنىڭ ئىسمىمۇ شۇ پېتى ئېنىق تۇرغان.

پومپېي شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي بۇرجىكىدە ئىككى كاتتا جامائەت بىناسى – ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانى بىلەن تىياتىرخانا بولغان. ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانى پومپېي شەھىرى كۆمۈلۈپ كېتىشتىن 9 يىل بۇرۇن سېلىنغان بولۇپ ، ئۇنىڭغا ئالاھازەل 20 مىڭ ئادەم(پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك) سىغىدىكەن.

پومپېي شەھرىدە نۇرغۇن بايلارنىڭ تۇرار جايلىرى بار بولغان بولۇپ ، بۇ ئىمارەتلەرنىڭ دەرۋازىلىرىغا كۆپىنچە چوڭ مەرمەر تاش تۈۋرۈك تۇرغۇزۇلغان ۋە ۋە ياسىداق دەرۋازا ئۆيلىرى ياسالغان. كارىدور ۋە ھويلىلارنىڭ ھەممىلا يېرىگە ئىلاھ ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھەيكەللىرى تۇرغۇزۇلغان. ساراي، تاماقخانا ۋە ياتاقخانىلار كەڭ، يورۇق ، ھەشەمەتلىك بولۇپ ، تۆت تەرىپى كۈمۈش ۋە مىستىن نەپىس قىلىپ ياسالغان قىممەتلىك بۇيۇملار بىلەن زىننەتلەنگەن. تاملارغا رەسىملەر چۈشۈرۈلگەن. پولغا چىرايلىق قوندۇرما رەسىملەر چۈشۈرۈلگەن. بىر باينىڭ ئۆيىدىن بىر قوندۇرما رەسىم (ماكېدونىيە پادىشاھى ئالىكساندىرنىڭ پىرىسسىيىلىك دارىئوس III بىلەن جەڭ قىلغان خەرىتىسى) تېپىلغان. بۇنىڭدا مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 333- يىلدىكى ئىسوس جېڭىنىڭ بىر كۆرۈنىشى جانلىق سۈرەتلەنگەن. بۇ رەسىمنىڭ كەڭلىكى 6.5 مېتىر ، ئېگىزلىكى 3.8 مېتىر بولۇپ ، بىر مىليون 500 مىڭ ساپال ۋە مەرمەردىن قوندۇرۇپ ياسالغان.

پومپېي شەھىرىنى قېزىش ۋاقتىدا پاجىئە ۋە ئازاب ئوقۇبەت چېكىۋاتقان كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن گەج ھەيكەللىرى تېپىلغان. يانار تاغ پارتىلىغان چاغدا شەھەر ئىچىدە ئىككى مىڭ ئادەمنىڭ تۇرار جايىدا ئۆزىنى دالدىغا ئالغۇدەك ئورۇن بولغاچقا ئۇلار دەرھال ئۆلمىگەن. بىراق چاڭ-توزاندىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئادەم جەسىتى چىرىپ تۈگىگەن. ۋولقان چاڭ-توزانلىرى بولسا ئادەم تېنى شەكلىدە قېلىپ بولۇپ قالغان. ئارخىئولوگلار گەجنى بۇ قېلىپلارغا قۇيغاندىن كىيىن ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى ھەر خىل قىياپەتلىرى ئايان بولغان. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇلى بىلەن يۈزىنى يېپىۋالغانلىقى، بىر ئانىنىڭ يىغلاۋاتقان بالىسىنى باغرىغا چىڭ بېسىۋالغانلىقى، بىرمۇنچە ئادەملەرنىڭ تاغ تۈۋىدە تۆشۈك ئېچىۋاتقانلىقى، يەنە بىر توپ ئادەمنىڭ زەنجىرلەنگەن گىلادىئاتور قۇللار ئىكەنلىكى ئايان بولغان..........

قەدىمىي پومپېي شەھىرىنىڭ سىرىنىڭ يىشىلىشى كىشىلەرنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1- ئەسىردىكى رىم ئىمپېرىيىسى شەھەرلىرىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.



مەنبە: «دۇنيانىڭ بەش مىڭ يىلى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى



نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2007-11-19 12:37 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيا تارىخى

Total 0.066648(s) query 3, Time now is:01-11 01:53, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation