تۇغۇم كۈنى خاتىرىلىرى
--------------------
ئاكۇتاگاۋا ريۇنوسۇكې 芥川龙之介
( 1892 - 1927 )
ياپونىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى ئاكۇتاگاۋا ريۇنوسۇكې 1892-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى توكيودا تۇغۇلدى. ئاتىسى سۈت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئانىسى روھى كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقتىن، ريۇنوسۇكې توغۇلۇپ 9 ئايلىق بولغاندا، ئۇنى ئانا تەرەپ ھاممىسىغا بېقىشقا بېرىۋەتكەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنياۋىي مەشھۇر يازغۇچى بولۇپ تونۇلغان تەگئاتى ئاكۇتاگاۋا (芥川) ئۇنىڭ ئانا تەرەپ جەمەتىنىڭ فامىلىسى ئىدى.
1910-يىلى ئاكۇتاگاۋا ريۇنوسۇكې ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تۈگەتكەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش مەقسىتىدە كەسپىي مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقىدى. بۇ ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئوقۇش جەريانىدا بىر قانچە ئەدىب دوستلىرى بىلەن «سىنشىتيو» (新思潮) ناملىق ژۇرنالنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىدۇ. بۇ ژۇرنال ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ.
ئەدەبىي ئىجادىيەتكە 1915-يىلى كىرىشكەن بولۇپ، دەسلەپكى ۋەكىللىكق ئەسەرلىرى «راسيومون دەرۋازىسى» ۋە (罗生门)، «بۇرۇن» (鼻子) نى يېزىپ ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىدۇ. 1916-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىتە ئىنگلىز تىلى مۇئەللىملىكىگە تەيىنلەندى ۋە ئۇزاققا بارمايلا ئىستىپا بەردى. 1919-يىلى «ئوساكا ماينىتى شىنبۇن» گېزىتى (大阪每日新闻社) گە خىزمەتكە ئورۇنلاشتى.
ئاكۇتاگاۋانىڭ 1917-يىلدىن 1923-يىلغىچە بولغان ئىجادىيىتى ئاساسەن قىسقا ھىكايىلەرنى يېزىش بىلەن خارەكقتىرلەندى. بۇ دەۋردە يازغان ئەسىرىدىن «تاماكا ۋە ئالۋاستى» (烟草与魔鬼) ۋە «جۇلىيانو كىتىسكې» قاتارلىقلاردا خىرىستيانلارنىڭ ياپونىيىدىكى پائالىيەتلىرى تەسۋىرلەندى. ئۇ دەسلەپ تارىخي تېمىلار يارقىن گەۋدىلەندۈرۈشتىن باشلاپ، كېيىنرەك «مېيجى(明治)يېڭىلىقى» تېمىلىرىغا كۆچتى.
1927-يىلى يازغان بەزى ئەسەرلىرىدە ياپونىيە مىللىتارىزم ۋە كاپىتالىزم تۈزىمىنى رەزىل تەرەپلىرىنى ئۆتكۈر قامچىلىدى. ئاكۇتاگاۋا 1927-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى دوستلىرى ۋە يېقىنلىرىنى قايغۇغا سالغان بولسىمۇ، ئۇلار ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن ھادىسە ھېساپلانمىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ھىچكىم بىلمەيتتى.
1935-يىلى ئۇنىڭ دوستى يازغۇچى كىكۇتى كان تەرىپىدىن ئۇنىڭ نامىغا «ئاكۇتاگاۋا ريۇنوسۇكې مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنىپ، ھەر يىلى ياپونىيىنىڭ ياش ئەدىبلىرى تارتۇقلىنىدۇ. بەدىئىي ئەدەبىيات ساھەسىدە ئەسەرلىرى چەت ئەل تىلىغا ئەڭ كۆپ تەرجىمە قىلىنغان ياپون يازغۇچىلىرى ئىچىدە ئاكۇتاگاۋا ريۇنوسۇكې بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ.
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: نازىمى
... داۋامى بار ...
[ بۇ يازما Nazimi تەرىپىدىن 2008-03-01 18:29 دە قايت ]