بۇ بەتتىكى يازما : ئامېرىكىنىڭ گۇاڭداۋ ئارىلىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىشىنىڭ سەۋەبى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئامېرىكىنىڭ گۇاڭداۋ ئارىلىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىشىنىڭ سەۋەبى



ئامېرىكىنىڭ گۇاڭداۋ (ياپونىيىنىڭ ) ئارىلىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىشى جامائەت پىكىرىدىكى خاتالىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياپونىيىنىڭ مەغلۇبىيىتى جەزىملىشىپ قالغان ئىدى. 1945- يىلى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى «پوتسىدام باياناتى» ئېلان قىلىنغان. ياپونىيە دائىرىلىرى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان «پوتسىدام باياناتى» دىكى تەسلىم بولۇش شەرتلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئويلىغاندىنمۇ كۆپ كەڭرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ، قاتتىق خوش بولۇپ كەتكەن. ھەم باياناتنى ھەرقايسى گېزىت -ژۇرناللاردا ئېلان قىلىشنى قارار قىلغان. 28- كۈنى باش ۋەزىر ئاخبارات ساھەسىدىكى ئەربابلارنى قوبۇل قىلغاندا، «پوتسىدام باياناتى» غا قارىتا ۋاقتىنچە «سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىش» سىياسىتىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئەسلىدە ئىچكى كابىنېت باياناتقا ۋاقتىنچە باھا بەرمەي تۇرىدۇ دېگەن مەنىدىكى گەپ ئىكەن. ئەپسۇس، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئاگېنتلىقى «سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىش» دېگەن سۆزنى « پىسەنت قىلماسلىق» دەپ خاتا تەرجىمە قىلىپ قويغان. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ئامېرىكا تەرەپ ياپونىيە «پوتسىدام باياناتى» دىكى تەلەپلەرنى رەت قىلغان ئوخشايدۇ دەپ قاراپ، ياپونىيىنى جازالاشنى قارار قىلغان. 8- ئاينىڭ 6- كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى گۇاڭداۋ ئارىلىغا غايەت زور قۇدرەتلىك بىر ئاتوم بومبىسىنى تاشلىغان. مانا مۇشۇ بالايى-ئاپەت خەرەكتىرلىك خاتا تەرجىمە مىليونلىغان جانلىقلارنىڭ كۈلگە ئايلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ خاتالىق بايقالغاندىن كىيىن ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى لىڭ مۇنىڭ سۆزنى جايىدا ئىشلەتمىگەنلىكى، ئىتپاقداش دۆلەتلەر ئاگېنتلىقىنىڭ خاتا تەرجىمە قىلغانلىقىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن. ئەمما بۇ خەۋەر پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ كەتكەنلىكتىن ئېغىر ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇمكىن بولمىغان.

نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2007-11-19 12:39 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيا تارىخى

Total 0.052916(s) query 3, Time now is:01-11 01:53, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation