شىنجاڭدىكى مۇزىيخانىلار 3 - ئايدا سىناق تەرىقىسىدە ھەقسىز ئىچىۋىتىلىدىكەن
شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ، ئوبلاستلىرىغا جايلاشقان 30 دىن ئارتۇق مۇزىيخانىلار 3 - ئاي ئىچىدە سىناق تەرىقىسىدە شەھەر پۇقرالىرىغا ئىچىۋىتىلىدىكەن . كونكېرت ۋاقتى تېخى بىكىتىلمەپتۇ . تۈنۈگۈن (3-مارت) مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مۇزىيخانىلىرىدىن ئىگىلىشىچە ، ھەقسىز ئىچىۋىتىلگەندىن باشلاپ ، مۇزىيخانىلار ئادەم سانىغا قارىتا چەك قويۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ كۆرگەزمە بويۇملىرى ۋە ئىكىسكۇرسىيىچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن .