TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 "تۇرا قۇشىقى" توغرىسىدا

مەن "دېڭىز ئۇنچىلىرى"دىگەن كىتاپنى كۈرۈۋېتىپ، قۇغۇرسۇر ئالتۇن نامىدىكى "تۇرا قۇشىقى" دىگەن مەزمۇننى ئۇچۇرتۇپ قالدىم. كىتاپتا مۇنداق دىيىلگەن:

قۇغۇرسۇر ئالتۇن مىلادىنىڭ 478_567 – يىللىرى ئارلىقىدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى. ئۇ ھۈكۈمىران تەبىقىگە مەنسۇپ بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بۇلۇپ، سىيانپى ۋە باشقا تۈركى قەبىلىلەر بىرلىشىپ قۇرغان شىمالى چى خانلىقىدا (550-577 يىللار) مەشھۇر دۆلەت ئەربابى بولغان. ھەربى، سىياسى، دىپلوماتىيە جەھەتتە داڭقى چىققان. قوغۇرسۇر ئالتۇننىڭ بىزگە يىتىپ كەلگەن بىردىن-بىر ئەسىرى "تۇرا قۇشىقى" بۇلۇپ، ئۇنىڭدا شۇ دەۋىرلەردىكى شەرىقى ئۇيغۇرلارنىڭ چۇغاي تاغلىرى ئەتراپىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ۋە ئوردۇس يايلىقىنىڭ گۈزەل تەبىئى مەنزىرىسى چۇڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ تەسۋىرلەنگەن. شۇڭا بۇ شىئېرنى "تۇرا قۇشىقى" دىگەندىن كۈرە، "ئۇيغۇر قۇشىقى" دەپ ئاتىسىمۇ بۇلىۋېرىدۇ.



چۇغاينىڭ تاغلىرى ئاستىدا ئاقار،

تۇرالار دەرياسى ئويناپ-دولقۇنلاپ.

ئاسماننىڭ گۈمبىزى بارگاھسىمان،

تۇرىدۇ جىمىكى دالىنى قاپلاپ.



شۇنچە كەڭ غۇبارسىز ساماۋى ئاسمان،

دالىلار بىپايان، كۈرۈنمەيدۇ قاش.

كۈرۈنۈپ قالىدۇ سانسىز چارۋا مال،

شاماللا  يەلپۈسە، ئوتلار ئەگسە باش.

شائىرنىڭ ئىسمى ئالتۇن بۇلۇپ، فامىلىسى قۇغۇرسۇر ئىدى. قۇغۇرسۇر ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى توققۇز ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قەبىلىسى تەركىۋىدە ئىدى. شائىر ئۈزۈنىڭ قايسى قەبىلىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئاتا-بۇۋىسىنى فامىلە قىلىپ كەلگەن ئۆز ئۇرۇقىنىڭ نامىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئۈزىنى قۇغۇرسۇر ئالتۇن دەپ ئاتىغان. تارىخى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، شائىر "تۇرا قۇشىقى" نى شىمالى چى خانلىقىنىڭ پادىشاھى گاۋخىڭ ئاغرىپ قالغاندا تۈركى تىلدا يازغان ئىكەن.

دىمەكچى بولغۇنۇم: "تۇرا قۇشىقى" بارمۇ – يوق؟ بولسا قانچىلىك؟ قۇغۇرسۇر ئالتۇننىڭ تەپسىلى تارىخىچۇ؟ بۇ ھەقتە بىرەر ئۇچۇرغا ئىگە بولغان بولساڭلار ، ھەممىمىز ئورتاق بەھرىمان بولغان بولساق
نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2007-11-19 12:44 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » تاغدىن - باغدىن

Total 0.047592(s) query 3, Time now is:01-11 01:53, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation