Xojaniyaz
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 باي نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا

باي نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا

خوجانىياز

«باي»-ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى باي ناھىيىسىنىڭ نامى ، شۇنداقلا قۇمۇلنىڭ ئاراتۈرۈك ناھىيىسىدىمۇ «باي»دەپ ئاتىلىدىغان يەر بار .
باي ناھىيىسى– ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شةرقىي شىمال تةرىپىگة جايلاشقان ، شةرىق تةرىپى كۇچا ناھىيىسى بىلةن ،شىمال تةرىپى تةڭرىتېغى ئارقىلىق تېكةس ،مۇڭغۇلكۈرة ناھىيىلىرى بىلةن ،غةرىپ تةرىپى مۇز ئارت دةرياسى ئارقىلىق ئونسۇ ناھىيىسى بىلةن ،جةنۇپ تةرىپى چۆلتاغ ئارقىلىق توقسۇ ناھىيىسى بىلةن ،شةرىق شىمال تةرىپى خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ بايىنبۇلاق يايلىقى بىلةن چېگىرلىنىدۇ.

باي باھىيىسىنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 184كىلومېتىر ،جەنۇبتىن شىمالغا بولغان كەڭىلىكى 105 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 19مىڭ كۋادرات كىلۇمېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى 179مىڭ 905نەپەردىن ئارتۇق(-1995)،بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەتلەر 150مىڭ 200نەپەردىن كۆپرەك بولۇپ،ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %92ىنى ئىگىلەيدۇ.
باي ناھىيىسى قەدىمكى دەۋىردە غەربىي يۇرتتىكى 36بەگلىكنىڭ بىرى بولغان كۆسەن بەگلىكىنىڭ تەۋەسىدىكى زېمىن ئىدى. «تارىخىي خاتىرىلەر»ۋە«خەننامە»دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا،مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176-يىلى ھۇن تەڭرىقۇتى باتۇر(مودۇن)نىڭ خەن سۇلالىسى پادىشاھى خەن ۋېندىغا يازغان خېتىدە، ھونلارنىڭ غەربىي يۇرتتىكى 36بەگلىكىنى ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئالغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا،قەدىمكى باي تەۋەسى كۆسەن بەگلىكى تەركىبىدە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176-يىلى ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى تەركىبىگە كىرگەن. [1] بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ھۇن قەبىلە،قوۋۇملىرى غەربىي يۇرتتا جۈملىدىن كۇچا،باي تەۋەسىدە يەرلىك كىشلەر بىلەن بىرگە پائالىيەت ئېلىپ بارغان .
كۈسەن بەگلىكى ھەققىدە،«خاننامە.غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە:«كۈسەن بەگلىكىنىڭ مەركىزىي شەھىرى –يام،ئاھالىسى 6970تۈتۈن ، جان سانى 81مىڭ 317كىشى، ئەسكەرلىككە يارايدىغىنى 21مىڭ 76نەپەر،... مېتال قۇيمىچىلىقىنى بىلىدۇ، قوغۇشۇن چىقىرىدۇ » [2]دېيىلگەن.«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخىي » دا :«كۇچانىڭ شىمالىدىكى تاغقا جايلاشقان، كۆمۈر كانلىرىدا ھەمىشە (كېچە-كۈندۈز)ئوت چاقناپ يېنىپ تۇراتتى،خەلق شۇ كۆمۈر بىلەن پولات تاۋلاپ قورال سايمان ياسايتتى ۋە ھەر قايسى جايلارغا ئاپىرىپ ساتاتتى» [3] دېيىلگەن.شيانەينىڭ «جۇڭگودىن تېپىلغان ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىگە ئائىت كۈمۈش پۇللار ھەققىدە بايان»ناملىق ماقالىسىدە ؛«كۈسەن بەگلىكىنىڭ سودا-سېتىقى شۇنداق تەرەققىي قىلىپ جانلانغانكى ،قوشنا ئەل خەلىقلىرىمىۇ بۇ يەرگە كېلىپ سودا -سېتىق قىلغان. تۇرپان، خوتەن، كۇچا، ئۇلۇغچات قاتارلىق جايلاردىن ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىگە مەنسۇپ نۇرغۇم كۈمۈش پۇللار ،ۋىزانتىيىگە مەنسۇپ بىر قىسىم ئالتۇن پۇللار(تىللا) تېپىلدى،[4]دەپ يېزىلغان.
مىلادىيدىن بۇرۇنقى 176-يىلدىن مىلادىيە 592-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا غەربىي يۇرتتا ، جۈملىدىن كۇچا،باي تەۋەسىدە ھۇنلار،ھۇنلارنىڭ تارمىقى بولغان كۇەيخۇ،ياپبانلار،ئېفتالىت(ئاق ھۇن)ۋە توخرى(ياۋچىلار)،جۇرجان (ئاۋارلار) ، قاڭقىڭ(قەدىمكى ئۇيغۇرلار)...قەبىلە،قۇۋۇملار پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
مىلادىيە4-،5-ئەسىرلەردە يەنە كۆپلىگەن تۈرك، ئۇيغۇر قەبىلە،قوۋۇملىرە غەربىي يۇرتتا پائالىيەت ئېلىپ بارغان.بۇ ھەقتە«شىمالىي سۇلالىلەر تارىخي.تېلىلار ھەققىدە قىسسە»دە:«قۇمۇلنىڭ غەربىي ،كىنگىت(قارا شەھەر)نىڭ شىمالىي ۋە ئاقتاغ(تەڭرىتاغ) ئىتەكلىرىدە چۆبە،بۇلاغ،دېسۇباناغ(بۇ نام كېيىن - دولانگىت،تۆلەنغۇ دەپمۇ ئاتالغان)، ئوغۇز (ئۇيغۇر)،خاككاس،ئىكدىر، يۇنىغۇرقاتارلىق قوۋملەربولۇپ،20مىڭ لەشكىرى بار؛ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىداسىر-تاردۇش، دېلىر،زاباندىر،داچى قارارلىق قوۋۇملار بولۇپ،بىر تۈمەندىن ئارتۇق لەشكىرى بار»دىيىلگەن.
«ۋېينامە» دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىيە 487-يىلى 8-ئايدا مۇڭغۇل چۆللۈكىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى قاڭقىل دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلانىڭ بورىكلى () قەبىلىسىنىڭ يولباشچىسى ئاي ئۇجرۇ () ئاۋارخانى تۇلۇنخانىڭ شىمالىي ۋېي (توبا) خانلىقى (مىلادىيە 386-534-يىللىرى)غا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى خالىماي ئېسىيان كۆتۈرۈپ ،بىر نەۋرە ئىنىسى چوڭچى (كۈنچى)بىلەن بىرلىكتە مۇڭغۇل دالاسىدىكى شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ 12 ئۇرۇقىدىن 100نەچچە مىڭ تۈتۈن500مىڭ كىشى (بەزى ماتىرىياللاردا12مىڭ تۈتۈن 600مىڭ كىشى دەپمۇ كۆرسىتىلگەن)نى باشلاپ، ماناس، ئۈرۈمچى،بېشبالىق ،تەڭرىخان تاغ (بوغدا) ئەتراپلىرىغا ماكانلاشقان ۋە ئارقىدىن قوغلاپ كەلگەن ئاۋارخانى تۇلۇنخان Ⅱنىڭ نۇرغۇن قۇشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ ،ئۈرۈمچى ئەتراپىدا «ئېگىز ھارۋىلىقلار خانلىقى»( دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر خانلىقى)نى قۇرۇپ چىققان.بۇ خانلىق 487-يىلدىن 546-يىلغىچە مەۋجۇت بۇلۇپ، ئاي ئۇجرۇ خانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ساقلاشقا ، ئىنىسى چوڭچى قارا شەھەردە تۇرۇپ خانلىقنىڭ غەربىي جەنۇپ تەرىپنى ساقلاشقا مەسئۇل بولغان.
تارىخي خاتىرىلەدە ئېفتالىتلار«قاڭقىلارنىڭ بىر تۈرى»دېيىلەن، دېمەك ئۇلارمۇ تۇركىي تىللىق مىللەت بۇلۇپ،ئەسلىدە(غەربكە كۆچۇشتىن بۇرۇن) ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.[5]
دېمەك،مىلادىيە 200-يىلىدىن 552-يىلغىچە غەربىي يۇرتتىكى ئاساسىي يۈزلىنىش- مىللەتلەر ئارىسىدىكى بىر قېتىملىق تەبىئي چوڭ قۇشۇلۇشقا ۋە مەلۇم دەرىجىدىكى ئاسمىيلاتسىيىلىشىشقا سەۋەپ بولدى. غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەرنىڭ بۇ مەزگىلدە قۇشۇلۇشى ۋە ئاسمىيلاتسىيىلىشىشى ئېنىق تېلىلىشىش تۈسىنى ئالغان.بۇدەۋردە تېلى (ئۇيغۇرلار)غا يېقىن كېلىدىغان قانداش،تىلداش ۋە ئۆرۇپ –ئادەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولغان مىللەتلەر ،مەسلەن:ھۇن، جۇرجان، ياپبان، كۇەيخۇ، ئېفتالىتلار ئاساسىي جەھەتتىن تېلىلار (ئۇيغۇرلار)غا سىڭىپ(قوشۇلۇپ) كەتكەن.شۇنداقلا ،سوغدى،ئۇيسۇن،توخرى ۋە قىسمەن خەنزۇلارمۇ پەيدىنپەي تېلىلار (ئۇيغۇرلار)غا ئاسمىيلاتسىيە بولۇپ كەتكەن.[6]
كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدە (مىلادىيە 552-745- يىللىرى)دە، كۇچانىڭ شىمالىدىكى يۇلتۇز ۋادىسى،غەربىي تۈركلەرنىڭ ئوردىسى ئىدى.شۇ چاغدا غەربىي يۇرتتىكى كۇچا،باي ئەتراپلىرىدا غەربىي تۈركلەرنىڭ كۆپلىگەن قەبىلىلىرى پائالىيەت ئېلىپ بارغان.«كۆمۈر قېزىپ، پولات تاۋلاپ،ھەر خىل ئەسۋاپ،ئۇرۇش قوراللىرىنى ياساش بىلەن داڭ چىقارغان تۈركلەر»،غەربىي يۇرتنىڭ ئىجتىمائىي ئىگلىكىنىڭ گۈللىنىشى ۋە سودا-سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى(مىلادىيە 605 -يىلدىن 846-يىلغىچە )دە ئادالەت قۇچقان قاغان() غەربىي يۇرتقا قاراتقان ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ،بېشبالىق (جىمسار)تا 10مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قۇشۇن،كۇچادا 10مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قۇشۇن ،بارسىغان ۋە بالاساغۇندا 20مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قۇشۇن تۇرغۇزغان. [7] بۇھال،شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ غەربىي يۇرتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئارىسىغا كۆچۈپ كېلىپ ،غەربىي يۇرتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان.
840-يىلى شەرقىي ئۇيغۇر خانلىقى (ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى )گۇمران بولۇپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى غەربىتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئارىسىغا كۆچۈپ كەلدى ۋە ناھايىتى تېز قەد كۆتۈتۈپ ،848-يىلى پان تېكىن باشچىلىقىدىكى قوچۇ(ئىدىقۇت)ئۇيغۇر خانلىقى (مىلادىيە 848-1335-يىللىرى)نى قۇردى.866-يىلغا كەلگەندە بۇقا تېكىن باشچىلىقىدىكى تىبەتلەرنى تارىم ۋادىسىدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقاردى .شۇ چاغدا،كۇچا،باي تەۋەسى قۇچۇ(ئىدىقۇت)ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە زېمىن ئىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋىرلەردە ،بۇ زېمىندا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە، چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە (مىلادىيە 1225-1514-يىللىرى )مۇڭغۇللار ،چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مانجۇ،خەنزۇ، خۇيزۇ،قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر پائالىيەت ئېلىپ باردى.
1882-يىلى باي ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، ئۇنسۇ بىۋاستە قاراشلىق ئايمىقى بولدى.شۇ چاغدا باي ناھىيىسىدە 8618تۈتۈن،47639نوپۇس بار ئىدى.
ئۇنداق بولسا باي ناھىيىسى تارىختا قايسى مىللەت تىلىدا قانداق ناملار بىلەن ئاتالغان؟
ھازىرغىچە باي ناھىيىسىنىڭ قەدىمكى دەۋىردە نېمە دەپ ئاتالغانلىقى توغرىسدا قولىمىزدا ئىشەنچىلىكرەك بىرەر تارىخىي ماتىرىيال يوق.پەقەت تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن گۇدەن (مىلادىيە785-805-يىللار)نىڭ«ئەتراپتىكى يات قوۋۇملارنىڭ جۇڭگوغا كىرىش مۇساپىسى»دېگەن خاتىرىسىدە ؛«ئەنشى(كۇچا)دىن چىقىپ غەربكە ماڭغاندا ئاقئات دەرياسى (كۇچادىن 60چاقىرىم يىراقلىقتا )دىن ئۆتىمىز، ئۇنىڭدىن غەربكە 180چاقىرىم ماڭغاندا جۈپىلوچى(-قىزىل؟)غا بارىمىز ،ئاندىن ئاچچىققۇدۇقتىن ئۆتۈپ چاقىرىم ماڭغاندا 120 جۈپىلوچېڭ ( -سايرام؟)غا بارىمىز ،ئۇ يەردىن60 چاقىرىم يول ماڭغاندا ئاشىيەنچېڭ( -باي؟)غا بارىمىز، ئۇ يەردىن، 600 چاقىرىم يول ماڭغاندا بارخانبالىق ( -قەدىمكى قۇم ئاقسۇ بەگلىكى)غا بارىمىز. بۇ، ۋېيرۇڭ قەلئەسى دەپ ئاتىلىدۇ»[8]دەپ كۆرسىتىلگەن.
بۇ يەردە،«باي بازىرى»(بايبالىق ؟)دېگەن يەر نامى خەنزۇچە«ئاشىيەنچېڭ»()دەپ يېزىلغان. بۇ نام غەربىي تۈركلەرنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقان بەش نۆشۆبېي قەبىلىسى- ئاشقىل( ياكى ،بەزىدە ئىسكىل ياكى ئاسكىل دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ)قەبىلىسىنىڭ نامى ياكى ئاشىيان،ئىشيان() قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
ئۇنداقتا، «باي»دېگەن يەر نامى قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ قوللىنىلغان؟ئۇنېمە مەنىنى بىلدۈردۇ؟ بۇھەقتىكى قاراشلار ھەر خىل.
1. قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى بىلگەن پالتاخۇن ئەۋلاخۇن بىرلىكتە يازغان «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى»ناملىق كىتابتا، «باي (باي)نامى-بۇلاق سۇلىرى مول، يەرلىرى مۇنبەت دېگەن مەنىنى بىلدۈردۇ»دەپ قارالغان.[9]
2.يەنە بەزىلەر :«<باي >نامى موڭغۇل تىلىدىكى <بايانغول >،< بايىنخۇشۇت >، <بايىنبۇلاق > دېگەن سۆزگە يېقىن كېلىدۇ. شۇڭا<باي> دېگەن موڭغۇل تىلىدىن كېلىپ چىققان بولسا كىرەك »دەپ قارايدۇ.
بىزنىڭچە ، بىرىنچى خىل قاراش ، يۈزەكى بولۇپ قالغان ، ئۇنداق ئىزاھلاش توغرا بولمىسا كىرەك .
ئۇيغۇر تىلىدا «باي »سۆزى _ «بۇلاق »، «سۇلىرى مول » ، «يەرلىرى مۇنبەت » دېگەن مەننى بىلدۈرمەيدۇ . ئىككىنىچى قاراشتىكى «باي » نامى موڭغۇل تىلىدىن كېلىپ چىققان ، دېگەن قىياسىي كۆز قاراشنىڭ ھېقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق . كېسىپ ئېيتىمىزكى ، «باي »نامى موڭغۇل تىلىدىكى «بايانغول »، «بايىنبۇلاق » ، «بايىنخۇشۇت» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەردىن كېلىپ چىققان ئەمەس . چۈنكى ، تارىخىمىزغا نەزەر سالساق ، چىڭگىزخان باچىلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى (تەركىبىدە ئويغۇر ،تۈرك ،تاتارقەبىلىرىمۇ بارئىدى ) 1216-يىلى غەربكە قاراقىتان خانى كۈچلۈكنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاتلانغاندا، دەسلەپكى موڭغۇللار ئاقسۇ تەۋەسىگە كەلگەن. 1514-يىلىدىن 1225 -يىلىغىچە چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدەيەنە بىر قىسىم موڭغۇللار غەربىي يۇرت تەۋەسىگە كەلگەن . ئەمما ، چاغاتاي خانلىقى دەۋرى –موڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل –يېزىقى ، ئۆرپ –ئادىتى ۋەمەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش دەۋرى ، شۇنداقلا دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئاستا – ئاستا ئۇيغۇرلىشىش دەۋرى بولغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ موڭغۇللار شۇ چاغدا سان جەھەتتىن يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئاز بولۇپ ، بىر قىسىم ئەمەلدارلارلاموڭغۇل ئىدى .
تارىخ نۇقتىسىدىن ئالغاندا ،موڭغۇللار بۇ زېمىنغا يېتىپ كېلىشتىن خېلى بۇرۇنلا ، باي _«باي يىغاچ »دېگەن نام بىلەن ئاتالغان .شۇڭا ئۆتمۈش تارىخىمىزنى ئوبدان ئۆگەنمەي تۇرۇپ ، يەڭگللىك بىلەن «باي »نامى موڭغۇل تىلىدىن كېلىپ چىققان دېيىشىمىزنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق . چۈنكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ئالىمى ، تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»ناملىق ئەسىرىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ :«باي . باي يىغاچ _ كۇچا بىلەن uq-ئۇچ ئارىسىدا، ئۇچقا يېقىن بىر يەرنىڭ ئېتى »[10]دەپ كۆرسەتكەن . دېمەك ، مەھمۇد كاشغەرى ياشىغان دەۋردە «باي »ياكى «باي يىغاچ »دېگەن يەر نامى ئاللىقاچان بار ئىدى . كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ،«يىغاچ »(ياغاچ )سۆزى چۈشۈپ قېلىپ، «باي »دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.
دېمەك ، «باي»دېگەن يەر نامى ساپ ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ ،«بايلىقى كۆپ ، يەر بايلىقى مول ، بايلىققا تولغان ، باشايات زېمىن »دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
باي تارىخىغانەزەر سالساق ، 2000يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتىتىن بۇيان ، بۇ زېمىندىن كۆمۈر ، تۆمۈر ، ئالتۇن ،مىس، قوغۇشۇن ، تۇز ، مانگان ، كالىي چىرىمتالى ، فىتور شىپاتى ، سۈرمە ، ھاك تېشى ، ياقۇت ، قاشتېشى ، سىڭىر تاش قاتارلىقلار چىققان .كان بايلىقلىرىمۇ بەك مول، ئۇنىڭدىن باشقا، نېفىت ،تەبىئىي گاز ۋەكۆمۈر  زاپىسىمۇ بەك مول ،بۇلۇپ دېڭىز بۇيى ئۆلكىلەرنى ،ۋەرايۇنىمىزنىتەمىنلەپكەلمەكتە. ياغلىق دان ۋە چارۋا ماللىرىمۇ كۆپ . دېمەك ، «باي »ھەقىقەتەن ئىسمى –جىسمىغا لايىق بايلىققاتولغان زېمىندۇر.
[ئىزاھاتلار]:
[1] «قەدىمكى كۈسەن بەگلىكى تارىخى»،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىرىياتى 1992-يىلى خەنزۇچە نەشىرى،13-بەت.
[2] بەنگۇ:«خەننامە،غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»96-جىلد،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ئۇيغۇرچە نەشىرى،917-بەت.
[3]«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»1-قىسىم،ئۇيغۇرچە نەشىرى،118-بەت.
[4] شىيانەي:«جۇڭگودىن تېپىلغان ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىگە ئائىت كۈمۈش پۇللار ھەققىدە بايان»، «ئارخېئولوگىيە خەۋەرلىرى»ژورنىلى1947-يىللىق1-سان .
[5] چىيەن بوچۈەن:«ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋەئەجداتلىرىنىڭ غەربكەكۆچۈشى»،«شىنجاڭ ئىجتمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»ژورنىلى1996-يىللىق4-سان 62-بەت.
[6] «شىنجاڭ يەرلىك تارىخى».2001-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى،94-بەت.
[7] چىيەن بوچۈەن «شىنجاڭ مىللەتلەر تارىخى»،1989- يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى،223-بەت.
[8] «يېڭى تاڭنامە.جۇغراپىيە تەزكىرسى»،2-كىتاپ، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى خەنزۇچە نەشىرى، 1149-بەت.«جۇڭگو ئىسلام تارىخغا ئائىت ماتېرىياللار»،نىڭشيا خەلق نەشىرىياتى 1982-يىلى خەنزۇچە نەشىرى،4-بەت.
[9] قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى،پالتاخۇن ئەۋلاخۇن: «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى»،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىرىياتى 2001-يىلى يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى،23-بەت.
[10] مەھمۇد كاشغەرى:«تۈركى تىللار دىۋانى»،3-توم شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى1984-يىلى يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى،216-بەت.

[ئىزاھاتلار]:
[1] «قەدىمكى كۈسەن بەگلىكى تارىخى»،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىرىياتى 1992-يىلى خەنزۇچە نەشىرى،13-بەت.
[2] بەنگۇ:«خەننامە،غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»96-جىلد،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ئۇيغۇرچە نەشىرى،917-بەت.
[3]«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»1-قىسىم،ئۇيغۇرچە نەشىرى،118-بەت.
[4] شىيانەي:«جۇڭگودىن تېپىلغان ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىگە ئائىت كۈمۈش پۇللار ھەققىدە بايان»، «ئارخېئولوگىيە خەۋەرلىرى»ژورنىلى1947-يىللىق1-سان .
[5] چىيەن بوچۈەن:«ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋەئەجداتلىرىنىڭ غەربكەكۆچۈشى»،«شىنجاڭ ئىجتمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»ژورنىلى1996-يىللىق4-سان 62-بەت.
[6] «شىنجاڭ يەرلىك تارىخى».2001-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى،94-بەت.
[7] چىيەن بوچۈەن «شىنجاڭ مىللەتلەر تارىخى»،1989- يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى،223-بەت.
[8] «يېڭى تاڭنامە.جۇغراپىيە تەزكىرسى»،2-كىتاپ، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى خەنزۇچە نەشىرى، 1149-بەت.«جۇڭگو ئىسلام تارىخغا ئائىت ماتېرىياللار»،نىڭشيا خەلق نەشىرىياتى 1982-يىلى خەنزۇچە نەشىرى،4-بەت.
[9] قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى،پالتاخۇن ئەۋلاخۇن: «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى»،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىرىياتى 2001-يىلى يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى،23-بەت.
[10] مەھمۇد كاشغەرى:«تۈركى تىللار دىۋانى»،3-توم شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى1984-يىلى يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى،216-بەت.



[ بۇ يازما Xojaniyaz تەرىپىدىن 2008-03-05 11:29 دە ق ]
bilqut
Posted: 2008-03-04 13:50 | [ئاپتور]
Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە، مەن زادى بىلمەيدىكەنمەن، كۆپ رەھمەت ......
بىلىشىمچە باينىڭ كۆمۈرى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچۈن 50يلغا يېقىن يېتىدىكەن....
1som
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2008-03-04 14:35 | 1 -قەۋەت
TarimDadxah
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

2006-يىلىدىكى نوپۇس 210 مىڭ ! ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى 192 مىڭ !
بىلىشىنى بىلىدىغان ئادەمگە  ئەگەش ، بىلىشىنى بىلمىگەننى  ئاگاھلاندۇر ، بىلگەننى بىلمىگەنگە بىلدۈر ، بىلمەيدىغىنىنى  بىلمەيدىغاندىن  قاچ !
Posted: 2008-03-04 15:03 | 2 -قەۋەت
TarimDadxah
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

بۇ نام قانداق قويۇلغان بولغىيدى -ھە ! يۇرتىمىزدىكى ناملار ئىچىدە  ئەڭ جەلبكار ، مەنىسى ئەڭ ئوچۇق يەر نامى ئاقسۇ بىلەن باي بولسا كېرەك.
بىلىشىنى بىلىدىغان ئادەمگە  ئەگەش ، بىلىشىنى بىلمىگەننى  ئاگاھلاندۇر ، بىلگەننى بىلمىگەنگە بىلدۈر ، بىلمەيدىغىنىنى  بىلمەيدىغاندىن  قاچ !
Posted: 2008-03-04 15:17 | 3 -قەۋەت
palwan
دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 46
شۆھرىتى: 47 نومۇر
پۇلى: 460 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

باي دىگەن نامنىڭ كىلىپ چىقىش توغرىسىدا ياخشى مەلۇماتقا ئىگە بولىۋالدۇق ، كۆپ رەخمەت.
  ئەمدى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جاي ناملىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، مۇشۇ ساھەدە تەر تۆكۈپ ئىزدىنىۋاتقانلارنى قوللاش تازا يېتەرلىك بولماي كېتىۋاتىدۇ. مەيلى ھۆكۈمەت تەرەپتىن بولسۇن ياكى ئائىلە مۇھىتى تەرەپتى بولسۇن بۇخىل تەتقىقات يۇرتتىن ئائىلىدىن ئايرىلىپ نەق مەيداننى بىۋاستە كۆرۈش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغاچقا، بۇ تەتقىقاتچىدىن پەقەت ئۈچۇق بولغان ئوي-پىكىر، زېھنى كۈچتىن باشقا ئىقتىساتنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا بۇ ھال يەر-جاي ناملىرى ئىزدەنگۇچىلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنىڭ بىر توسالغۇسىمىكىن دەپ ئويلۇدۇم.
  ئاقسۇ شەھرىگە قاراشلىق قۇمباش يېزىسىنىڭ پەلەيچى، تاغارچى،سولىخاي دەيدىغان يەرلىرى، ئاي كۆل يېزىسى بار بۇ ناملار قانداق كېلىپ چىققاندۇ دەپ قىزىققان بولساممۇ لېكىن ئىزدىنىشكە مۇشۇ كەمگىچە جۇرئەت قىلىپ باقمىدىم. بۇمۇ مەندىكى ھورۇنلۇق بولسا كېرەك.
  يېقىنقى يىللارغىچە ئاقسۇنىڭ بىر ناھىيىسىنى (ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىن ھىساپلىغاندا 12 كىلومىتىر كېلىدۇ) كونا شەھەر (كونىشە)دەپ ئاتاپ كەلگەنىدۇق. 98-يىلىدىن باشلاپ ئونسۇ ناھىيىسى دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىمىز، بۇ يەر نامىنى كىم قانداق مەسلىھەت، نىمە مەقسەتتە ئۆزگەرتكىنىنى بىلمىسەممۇ، يەنە بىرنەچچە ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن بۇ جاي نامىنىڭ بۇرۇن نىمە دىيىلگىنىنىى، كېيىن نىمە دېيىلگىنىنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا بىلدۇرۇش مۇشۇ دەۋىر كىشىلىرىنىڭ بۇرچى دەپ قارايمەن.
  بىزدىكى ئىزنالار يازما ماتىريالنىڭ كاملىقىدىن ئۆچۇپ كېتىپ بارىدۇ، 3-ئاي يولداش لېيفىڭدىن ئۆگۇنىش ئېيى، يولداش لېيفىڭمۇ ھايات چېغىدا قىلغان ھەر بىر ياخشى ئىشىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭغان(بولمىسا بىز ئۇنىڭ شۇنچىلىك ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغىنىنى نەدىنمۇ بىلەتتۇق). بىز يولداش لېيفىڭدىن ئۆگەنگەندە ئۇنىڭ ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىش روھىدىن ئۆگۈنىشنىمۇ ئۇنتۇم قالماسلىقىمىز لازىم. ئاز -ئازدىن قالدۇرغان يازمىڭىز كىم بىلىدۇ بىر كۈنلەردە تارىخنىڭ شاھىدىغا ئايلىنىپ قالامدۇ، سىز مەشھۇر تارىخچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالامسىز....
Posted: 2008-03-04 16:26 | 4 -قەۋەت
Bozqir
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﺍ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻤﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻼﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ.

ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ<< ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﻣﻮﻝ ، ﺑﺎﻱ-ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ >> ﺑﺎﻱ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺑﺎﻱ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.

ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻐﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ<< ﺳﯩﻠﻪ ﻧﻪﺩﻩ ﺋﺎﺩﺍﺵ >> ﺩﯦﺴﻪﻡ << ﻣﻪﻥ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﺪﻩ >> ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻡ ﺑﺎﻱ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ، ﺧﻪﻟﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﺑﺎﻱ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ << ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﻰ>> ﮔﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﯨﺘﺴﻪ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﺶ.

ئويلاپ باقسام بۇنىڭمۇ ئاساسى يوق ئەمەستەك قىلىدۇ.
intil kompiyuter bilimliri dunyasi
Posted: 2008-03-06 07:46 | 5 -قەۋەت
palwan
دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 46
شۆھرىتى: 47 نومۇر
پۇلى: 460 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

Quote:
5 - قەۋەتتىكى Bozqir 2008-03-06 07:46 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﺍ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻤﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻼﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ.

ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ<< ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﻣﻮﻝ ، ﺑﺎﻱ-ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ >> ﺑﺎﻱ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺑﺎﻱ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.

ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻐﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ<< ﺳﯩﻠﻪ ﻧﻪﺩﻩ ﺋﺎﺩﺍﺵ >> ﺩﯦﺴﻪﻡ << ﻣﻪﻥ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﺪﻩ >> ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻡ ﺑﺎﻱ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ، ﺧﻪﻟﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﺑﺎﻱ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ << ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﻰ>> ﮔﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﯨﺘﺴﻪ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﺶ.
.......

ئۇنچىلىك دەپكەتمەيلى يۇرتىمىز باي ناھىيىسى يەنىلا بايلىقنىڭ كانى، كۆمۇرنىڭ ماكانى، مايلىق دان قىچى، زىغىرنىڭ خام ئەشيا بازىسى، بۇنىڭغا ئىشەنمىسىڭىز بۇ يىل مەمىلكىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كۆڭۇل بۆلىشى ، ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ئارقىسىدا بايغا تۇتىشىدىغان تۆمۇر يول قۇرىلىشىغا ئىش باشلاش روياپقا چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ دەل باي ناھىيىمىزنىڭ كۆمۇرىنى ئىمتىسادىي مەنبە قىلىپ تەرەققى تاپقان ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تۇشۇش پىلانىنىڭ باشلانغانلىقى ئىپادىسى بۇ ئارقىلىق يېقىن كەلگۇسىدە باي يەنىلا ئىسمى جىسىمىغا لايىق ناھىيىلەر قاتارىغا ئۆتىشىدە گەپ يوق .
  باي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىش پۇرسىتى مانا ئەمدى كەلدى، پويۇز كەلدى ھەممە كەلدى دىگەن گەپ، يولداشلا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيلى . ۋاقتىڭ كەتتى، بەختىڭ كەتتى. بۇ قېتىم يەنە نىمىلەر كىتىپ قالىدۇ ئوبدان ئويلىنايلى؟؟؟؟
bilik munbiri
Posted: 2008-03-06 12:24 | 6 -قەۋەت
Xojaniyaz
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

پاۋان ئەپەندى يۇقىردا ياخشى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز ،شۇنىڭغا ئاساسەن مەن <قۇم>،يەنى قەدىمكى ئاقسۇنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى،1300-يىللاردىن باشلاپ <ئاقسۇ>ئاتىلىشقا باشلىغانلىقى،1883-يىلى خەنچە ۋېنسۇ دەپ ئاتالسىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى توغرا قىلىپ <ئاقسۇ >دەپ ئاتاپ كەلگەنلىكى،ئەمما1998-يىلىغا كەلگەندە ئايرىم كىشىلەرنىڭ خەنچە <ۋېنسۇ> دېگەن نامغا ئاساسەن ئاقسۇ كونا شەھەرنى <ئونسۇ> دەپ ئاتىساق دەپ تەشۋىقات يۈرگۈزىشى بىلەن خاتا ھالدا شانى شۆۋكەتلىك ئاقسۇ كوناشەھەرنى ئونسۇ دەپ ئاتاپ قويغانلىقىغا دائىر پاكىتلارنى ئورخۇن تورىغا 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چىقىرىپ قويدۇم .ئەسلى ئەسەر 1998-يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنېلى 4-ساندا ئېلان قىلىنغان ئىدى.پىكىر تەلەپلىرىڭىز بولسا يەنە بىرەرسىز؟
Posted: 2008-03-06 13:09 | 7 -قەۋەت
Bozqir
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

Quote:
6 - قەۋەتتىكى palwan 2008-03-06 12:24 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :

ئۇنچىلىك دەپكەتمەيلى يۇرتىمىز باي ناھىيىسى يەنىلا بايلىقنىڭ كانى، كۆمۇرنىڭ ماكانى، مايلىق دان قىچى، زىغىرنىڭ خام ئەشيا بازىسى، بۇنىڭغا ئىشەنمىسىڭىز بۇ يىل مەمىلكىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كۆڭۇل بۆلىشى ، ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ئارقىسىدا بايغا تۇتىشىدىغان تۆمۇر يول قۇرىلىشىغا ئىش باشلاش روياپقا چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ دەل باي ناھىيىمىزنىڭ كۆمۇرىنى ئىمتىسادىي مەنبە قىلىپ تەرەققى تاپقان ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تۇشۇش پىلانىنىڭ باشلانغانلىقى ئىپادىسى بۇ ئارقىلىق يېقىن كەلگۇسىدە باي يەنىلا ئىسمى جىسىمىغا لايىق ناھىيىلەر قاتارىغا ئۆتىشىدە گەپ يوق .
  باي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىش پۇرسىتى مانا ئەمدى كەلدى، پويۇز كەلدى ھەممە كەلدى دىگەن گەپ، يولداشلا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيلى . ۋاقتىڭ كەتتى، بەختىڭ كەتتى. بۇ قېتىم يەنە نىمىلەر كىتىپ قالىدۇ ئوبدان ئويلىنايلى؟؟؟؟


مۇنداق دەڭ پالۋان ئەپەندى، پويىز كەلسە ھەممە ياخشى بولۇپ كېتىدىكەن-دە..  مەن بايلىق بولغاچقا دائىم بايغا بېرىپ تۇرىمەن. بىر ئۆمۈر ئىشلەپمۇ چاپىنى تىزىدىن ئاشمىغان يۇرىتداشلىرىمنى ، كۆمۈر ماكانىدا ياشاپمۇ كۆمۈرسىز قېلىپ تىترەپ قىشنى چىقىرىدىغان تۇغقانلىرىمنى ، ئاشلىق كانىدا تۇرۇپمۇ  ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى<<ئاچ ۋەقەسى>> دە قىرىلىپ كەتكەن نەچچە مىڭلىغان  بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمنى ئويلاپ تېنىم جۇغۇلداپ كېتىدۇ. پالۋان ئەپەندىنىڭ گېپى بويىچە ئېيىتقاندا مېنىڭ كۆزۈمدە ياكى تۇيغۇمدا چاتاق بار ئوخشايدۇ.

باي ئىسمى -جىسمىغا لايىق مول بايلىققا ئىگە زېمىن بولسىمۇ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە كەينىدىن سانىغاندا ئاران 3- ئورۇندا تۇرىدىغۇ دەيمەن.
بايغا كېلىدىغان پويىز بايغا پۇل توشۇپ ئەكىلىشى ناتايىن. ئۇ بايدىكى فوكۇسلاشقان كۆمۈرنى مەخسۇس خەلقئارا بازارغا توشۇش ئۈچۈنلا ياسالغان بولۇشى مۇمكىن.
Posted: 2008-03-06 19:39 | 8 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » يەر ــ جاي ناملىرىمىز

Total 0.054198(s) query 4, Time now is:03-07 14:27, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation