ماجۇڭيىڭ ۋەقەسىنىڭ باشلىنىشى ۋە
ئاخىرلىشىشى
كىرىش سۆز
30-يىللاردا جۇڭگو يەنىلا مىلتارىسىتلار پارچە-پارچە ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ھالەتتە تۇراتتى، جياڭ جيېشى گەرچە شۇ ۋاقىتتىكى مەركىزىي ھاكىميەتنى تارتىۋالغان بولسىمۇ، شىمالدا جاڭ زولىن، يەن شىسەن، فىڭ يۈيشىياڭلار ئۆز ئالدىغا ئىدى، جەنۇپ تەرەپتىمۇ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن گۇرۇھلاردىكى مىللىتارىستلار مەۋجۇت تۇراتتى. بولۇپمۇ غەربىي شىمالدا فىڭ يۇيشياڭ قوماندانلىغىدىكى دولەت ئارمىيسى ئاساسى جەھەتتىن سۇييۇەن، نىڭشىيا، گەنسۇلاردا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن تاشقىرى، گەنسۇ، چىڭخەيدە ئۆز-ئارا بېقىنمايدىغان يەرلىك مىللىتارىستلار مەۋجۇت ئىدى. شىنجاڭ تەرەپتە 1928-يىلى ياڭ زىڭشىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن جىن شۇرېن ھەربىي-مەمۇرى ھوقۇقنى ئىگەللىدى. شىڭ شىسەينىڭ قانات قۇيرىغى تېخى تەڭشەلمىگەن بولسىمۇ، يەنىلا زور دەرىجىدە بولۇنۇش ۋەزىيىتىدە تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۇستىگە گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشىيا ئولكىلىرىنىڭ يەر شارائىتى غەربتە بولغىنى، قاتناش قىيىن، مىللەتلەر مۇرەككەپ، خەنزۇ، مۇسۇلمان، زاڭزۇ مىللەتلىرى ئوتتۇرسىدا تارىختىن بۇيان چوڭقۇر زىددىيەتلەر مەۋجۇت بولۇپ ئىتتىپاق بولالمىغاننىڭ ئۇستىگە يەنە يەرلىك مىللىتارستلارنىڭ ئوتتۇرىغا زىددىيەت سېلىشى تۇپەيلى، دائىم دېگۈدەك ئوز-ئارا قىرغىنچىلىق ۋە ئۆچمەنلىك مەۋجۇت ئىدى. شۇڭا، غەربىي شىمالدىكى 4 ئولكە، بولۇپمۇ ئوتتۇرىدىكى گەنسۇ ئولكىسىدە چوڭ-كىچىك مىللىتارىستلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمرانلىق يۇرگۈزۈشى ۋە دەھشەتلىك ئىزىشى ئارقىسىدا يېرى قاقاس، ئادىمى ئاز بۇ رايوندا خەلق ھاياتى بالايى-ئاپەتلەر ئىچىدە قالغان ئىدى.
نەدە زولۇم بولىدىكەن شۇ يەردە قارشىلىق بولىدۇ. بۇ تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر قانۇنى، چوڭ-كىچىك مىللىتارىستلارنىڭ مەيلى قايسىسى بولسۇن ئېغىزدا « چېگرا رايونلارنى راۋاجلارندۇرۇپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايمىز» دەپ چىرايلىق سۆزلىسىمۇ، ئۇلار ھاكىمىيەتنى ئىگەللىۋالسىلا، ئوز كۈچىنى-ھەربى كۈچىنى كېڭەيتەتتى. ھەربى كۈچى بولغاندىن كېيىنلا، ئەسكەر ئېلىش ئالۋاڭ سېلىش، پۇل توپلاش ئىشلىرىنى قىلىپ خەلىقنىڭ مەجبۇرىيتىنى ئېغىرلىتاتتى، فىڭ يۇيشىياڭ غەربىي شىمالدا تۇرغاندىن كېيىن خېلى ئىشلارنى قىلماقچى بولسىمۇ، لېكىن تارىخ چاقىنى توسىيالماي ئاخىرى مەغلۇپ بولدى.
ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدار ليۇيۇفىڭ گەنسۇ ھاكىمىيىتىگە ئىگە بولۇپ، يەرلىك كۈچلەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن زور دەرىجىدە ئەسكەر كوپەيتىپ، پۇقرالارنىڭ قان-تەرىنى شۇراشقا باشلىدى. گەنسۇدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر تېخىمۇ چوڭقۇت ئازاب ئوقۇبەتلەر ئىچىدە قالغانلىقتىن، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قارشىلىغىنى قوزغىدى. ماجۇڭيىڭ دەل شۇ قارشىلىق كۆرسۇتۇپ ئوتتۇرىغا چىققانلارنىڭ بىرسى ئىدى. ئۇ، مىللىتارىستلىق نەسەپ «سايىسى» ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتلەردىن پايدىلنىپ، پۇرسەت كەلسىلا كۈچ توپلاپ، قوزغىلاڭ كۆتۇرۇش نامى بىلەن ئامما ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، كۈچ توپلاپ مەلۇم بىر جاينى ئۆز ئالدىغا بولىۋېلىپ، ئاتاقلىق قەھىرىمان بولۇشنى كۆزلەيتتى، ماجۇڭيىڭ قورقماس يۈرەكلىك بولغىنى ئۈچۈن جىياڭ جيېشى ئۇنىڭغا 36-دىۋىزىينىڭ سىجاڭلىغىنى بېرىپ، بۇ ئارقىلىق فىڭ يۇيشىياڭنى تىزگىنلەپ پۈتۈن مەمىلىكەتنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسدىگە يەتمەكچى بولدى. ئەمما ماجۇڭيىڭنىڭ كۈچى جۇڭيۇەن تەرەپكە ئاجىزلىق قىلاتتى، شۇڭا ئۇ شىنجاڭ خەلقىنىڭ چىن شۇرېن ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا كەلدى ۋە سەددىچىنىڭ سىرتىدا «مەڭگۇ ئۆچمەس» بىر ئىش قىلماقچى بولدى. كېيىن ئۇ، تۈرلۈك چىگىشلەشكەن ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن، گەرچە ئىدىيىدە ئوزگۈرۈش ھاسىل قىلىپ ھەققىي ئىنقىلاب يولىغا ماڭماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن قول ئاستىدىكىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمىدى.
ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالماي، پەقەتلا بىر تارىخى ئەسلىمە قالدۇردى. خالاس، خۇددى قەدىمقىلارنىڭ «چاپسان كەلگەن ئامەت چاپسان توزۇيدۇ» دېگىنىدەك بىر ئىش بولدى، نەتىجىدە ئۇ، يەنىلا مىللىتارىستلىق يولدىن باشقىچە يول تاپالمىدى. قىسقىغىنە 7 يىل ئىچىدە غەربي شىمالدىكى 4 ئولكىنى جىق مالىمان قىلدى. كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇقەرەر سەۋەبلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى تۈپەيلىدىن ماجۇڭيىڭنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى، بالايى-ئاپەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئاساسى سەۋەپ ھېسابلىنىدۇ.
بىر مەزگىل غەربىي شىمالدىكى مىللەتلەر ئۇنى «گا سىلىڭ» دەپ ئاتاپ ئاجايىپ قەھرىمان ھېسابلىغان بولسىمۇ، ئاخىرى ئۇ ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىدى. ئۇنىڭ تەغدىرىمۇ باشقا مىلتارىستلارنىڭ ھالاكەت تەقدىرىدىن باشقىچە بولمىدى. ماجۇڭيىڭ ئىشلىرىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاقىۋىتىنى خاتىرىلەپ قويۇش، غەربىي شىمالدىكى ئۆلكىلەردە، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە، نەچچە يىلدىن بۇيان گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشىيا ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدا تارىخ ماتېرىياللىرىنى توپلاش جەريانىدا، ماجۇڭيىڭ توغرىسىدىكى تارىخىي ماتېرىياللار خېلى كۆپ ئېلان قىلىندى. مەن بۇ ماقالىنى سىياسىي كېڭەش ئۇرۇنلىرىنىڭ توپلىغان تارىخ ماتېرىياللىرى ۋە باشقا ماجۇڭيىڭ توغرىسىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ يېزىپ چىقتىم. تولۇق بولمىغان جايلىرى بار، بۇ ھەقتە پىششىغىراق مەلۇماتقا ئىگە يولداشلارنىڭ تولۇقلاپ تۈزىتىش بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
مەنبە : " شىنجاڭ تارىخ ماتېرياللىرى " نىڭ 5- سانىدىن ئېلىندى
شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1982- يىل 1- ئاي 1- نەشىرى
1982- يىل 2- ئاي 1- بېسىلىشى