بۇ بەتتىكى يازما : ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Ertoghrul
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە
پەرھات جىلان
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مىلادى 844-يىلى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا يېڭى بىر دەۋىر باشلاندى.ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىرنەچچە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچۈپ،ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ،گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە ئىدىقۇت خانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىجتىمائىي تۈركۈمنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى .ئۈچىنچى بىر تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بولسا،قاراخانىيلار سۇلالىسىنى تىكلىدى.
     بۇ ئۈچ خانلىق ئىچىدە مەۋجۇت ۋاختى ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئىبارەت  بولۇپ،ئۇنىڭ سەلتەنەت دەۋرى مىلادى 860-يىلدىن 1369-يىلغىچە بولغان 500 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
     بۇ خانلىقنىڭ 5 ئەسىرلىك تارىخى جەريانىدا چېگرا-پاسىللىرى ئۆزگىرىپ تۇرغان.ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ زىمىن دائىرىسى  تېز كېڭىيىشكە باشلىغان ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكى شەرقتە قۇمۇلنى،غەربتە ئىلى رايونى،جەنۇپتا كۇچا ۋە ئاقسۇنى،شىمالدا ئىمىل دەريا ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.لېكىن چېگرىنىڭ بۇنداق ھالىتى ئۇزاق داۋاملاشمىدى.ئەڭ ئالدى بىلەن ئىدىقۇت خانلىقى تەۋەلىكىدىن كۇچا ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى يەرلەر بۆلۈنۈپ چىقىپ،قاراخانىلار تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ كەتتى. رۇس تارىخچىسى ئا.مالياۋكىن ئۆزىنىڭ《 9-10ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى 》ناملىق ئەسىرىدە :《تۇرپان (ئىدىقۇت) خانلىقى كۇچا رايونىنى ئانچە ئۇزاققىچە تۇتۇپ تۇرالمىدى ...كۇچانىڭ قولدىن كېتىشى،ئېھتىمال،بۇ رايوندا ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇملاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك 》دەپ كۆرسىتىدۇ.
     ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ 《تۈركىي تىللار دىۋانى》دا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ بەش شەھىرى بار ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ،بۇ بەش شەھەر_قۇجۇ،سۇلمى،بەشبالىق،چانبالىق،ياڭىبالىق دەپ كۆرسىتىلىدۇ.《قۇجۇ》دىيىلگىنى ھازىرقى تۇرپاننىڭ ئورنىدابولغان. 《سۇلمى》دىگىنى ھازىرقى قارا شەھەر ناھىيىسىنىڭ ئورنىدا بولغان دەپ  پەرەز قىلىنماقتا. 《بەشبالىق》شەھىرى ھازىرقى جىمسار ناھىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. 《چانبالىق》شەھىرى ھازىرقى سانجى شەھىرىنىڭ ئورنىدا دەپ قارالماقتا.ۋەھالەنكى،《ياڭىبالىق》شەھىرىنىڭ ئورنى ئىلىم ساھەسىدە ھازىرغىچە نامەلۇم بولۇپ تۇرماقتا.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن،بۇ شەھەر كۇچا ئەمەس،چۈنكى كۇچا تارىختا ئىزچىل تۈردە كۈسەن،كۇچار دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.
     《تۈركىي تىللار دىۋانى》دا يەنە كۇچا ئەتراپىدىكى جايلاردا دىنىي ماجرالارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا ھىچنىمە دىيىلمىگەن. شۇنىڭدىن قارىغاندا،كۇچا دىيارىنىڭ ئىسلاملىشىپ،قاراخانىلار تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ كېتىشى نىسبەتەن تىنىچ يول بىلەن ئەمەلىيلەشكەن بولسا كېرەك.
     بۇنىڭ ئەكسىچە ،مەھمۇد قەشقىرى ئۆز ئەسىرىدە ئىلى ۋە ئىمىل دەريالىرى ۋادىلىرىدا مۇسۇلمانلار  بىلەن غەيرى دىندىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا بولغان جەڭلەر تېما قىلىنغان بىرمۇنچە قوشاقلار خاتىرىلەنگەن.ئەنە شۇ جەڭلەر نەتىجىسىدا ئىلى ۋە ئىمىل رايونلىرىمۇ قاراخانىلار تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزىۋېلىنغان ۋە ئىسلاملاشتۇرۇلغان.
     11-ئەسىردە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ چېگرىسى جەۇپتا كۇچا بىلەن قاراشەھەرنىڭ ئارىلىقىدا،غەرب ۋە شىمالدا ئىلى ۋە ئىمىل ۋادىلىرىغا يەتمىگەن يەرلەردە بولغان  دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.
     بۇ چېگرىلار تاكى 1369-يىل ئىدىقۇت خانلىقى موغۇلىستان خانلىقى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغانغا قەدەر ساقلانغان دىيىش مۇمكىن.13-ئەسىرنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى چىڭگىزخان رەھبەرلىكىدىكى مۇڭغۇللار بىلەن ئىتىپاقلاشقانىدى.مۇڭغۇللار گەرچە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ،ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زىمىن پۈتۈنلىكىگە دەخلى- تەرۇز يەتكۈزمىگەنىدى.ئەتراپتىكى باشقا خانلىقلارمۇ چىڭگىزخانغا بېقىنىپ،ئىدىقۇت خانلىقنىڭ چېگرىلىرىغا تەھدىت سالالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى،چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردە ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ۋە ئومۇمەن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى نىسبەتەن مۇقىم بولۇپ،خەلقنىڭ تۇرمۇشى بىرقەدەر تىنچ ئۆتتى.مۇڭغۇل خانلىرى باشتىن-ئاياغ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يەرلىرىنى بېسىۋېلىش نىيىتىدە بولمىغان.دىمەك مۇڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئۇزاق بىر تارىخىي دەۋىردە ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ چېگرىلىرى ئۆزگەرمىگەن دىيىشكە بولىدۇ.
     13-14-ئەسىرلەردىكى ئاسىيا تارىخىدا ئۇيغۇرلار خېلى كۆرىنەرلىك رول ئوينىدى.چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى بېسىپ ئۆتكەن يوللاردا  ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىزلىرى بار.چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئورنىتىلغان يېڭى تەرتىپتە ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللاردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولغانىدى.چىڭگىزخان ئۆز قول ئاستىدىكى يەرلەرنى تۆت ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بېرىش بىلەن بىللە ئىدىقۇت خان بارچۇق ئارت تېگىننى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قانۇنىي خاقانى دەپ ئېتىراپ قىلدى.ئۇيغۇر زېمىنىلىرىغا مۇڭغۇل قوشۇنى ۋە نازارەتچى ئەمەلدارلىرى كىرمىدى.
     مىلادى 1209-يىلى چىڭگىزخان بىلەن ئىدىقۇت خان ئۆز ئارا ئەلچىلەر ئەۋەتىشىپ،رەسمىي  يوسۇندا ئىتىپاقلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى.1211-يىلى چىڭگىزخان ئۆز قىزىنى ئۇنىڭغا نىكاھلاپ بېرىدىغانلىغىنى جاكارلىدى.
     بۇ مۇناسىۋەتنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈزشى قانداق ئىدى؟نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللار بىلەن ئىتتىپاقلاشتى؟ 12-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ قىتانلارنىڭ شەرقتىن غەرپكە كۆچۈش ھەركىتى باشلاندى.12-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا،شەرقتىكى تاڭغۇت خانلىقى باشتىن-ئاياغ ئۇيغۇرلار بىلەن دۈشمەنلىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى.ئىدىقۇت خانلىقى قارا قىتانلار ۋە تاڭغۇتلاردىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىككى خانلىقنىڭ ئوتۇرىسىدا سىقىلىپ قېلىپ،سىياسىي،ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىنتايىن پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانىدى.شۇڭا،قارا قىتانلاردىن قۇتۇلۇش ۋە تاڭغۇتلارغا تاقابىل تۇرۇش ئارزۇسى ئىدىقۇت خانلىرىنى بىر كۈچلۈك ئىتىپاقداشنىڭ تېپىلىشىغا تەققەززا قىلاتتى.
     ئۇيغۇرلار چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.
1)  ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت تارقىتىش رولىنى ئوينىدى.مۇڭغۇللار ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا زور يېڭىلىق ۋە ئىلگىرىلەش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.ئىلگىرى مۇڭغۇل خانلىرىنىڭ ئەمىر –پەرمانلىرى ئەئەنىۋى ئادەت بويىچە قوشاق ئېيتىش شەكلى بىلەن ئېغىزچە يەتكۈزىلەتتى.تاتاتۇڭا (ئۇيغۇر ،دۆلەت ئۇستازى) كېيىن تامغا بېسىلغان مەكتۈپ شەكلى بىلەن يەتكۈزىلىدىغان قىلدى.ئۇنىڭدىن باشقا باج-سېلىق ۋە تۈرلۈك ھاكىمىيەت ئىشلىرىمۇ يېزىق بىلەن خاتىرىلىنىدىغان بولدى.مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىگە يېزىق ئۈگىتىلىپ،مائارىپ ئىشلىرى يولغا قويۇلدى.ئۇلار مۇڭغۇل تىلىنى ئۇۇيغۇرۇ يېزىقى بىلەن يېزىپ ۋە كېيىنچە بۇيېزىقنى ئىسلاھ قىلىپ،مۇڭغۇل يېزىقىنى بارلىققا كەلتۈردى.
2)  ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى.تاتاتۇڭا چىڭگىزخان تەرىپىدىن دۆلەت ئۇستازى قىلىپ تەيىنلەنگەندىن تارتىپ،قۇبلايخان قۇرغان يۇەن سۇلالىسىنىڭ تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئىش ئىزلىرى خاتىرىلىنىپ قالغان.1271-يىلى يۇەن سۇلالىسى تىكلىنىپ،پۈتۈن جۇڭگو زىمىنى يېڭىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن قۇبلايخان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى ئىچكى جايلارغا كۆچۈرۈپ ئاپارغان.شۇ دەۋىردە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نامى ئۇيغۇرچە《خانىبالىق》(خان تۇرىدىغان شەھەر)دەپ ئۆزگەرتىلگەن.بىر مۇنچە ئۇيغۇرلار مۇڭغۇل خانلىرىنىڭ ئوردىسىدا مەسلەھەتچى،تەرجىمان،ئوقۇتقۇچى،باجگىر بولۇپ خىزمەت قىلغان.
3)  ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللارنىڭ ھەربىي ئىشلىرىدا كۆرىنەرلىك رول ئوينىدى. ئىدىقۇت ئۇغۇرلىرى چىڭگىزخاننىڭ غەرپكە يۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى كەنت،خارەزىم،سەمەرقەند،بۇخارا ۋە ئېراندىكى مەرۋى،نىشاپۇر شەھەرلىرىنى ئېلىشتا ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېگىننىڭ بىۋاستە قوماندانلىقىدىكى ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغان.چىڭگىزخان ئۇلارنى《ئىتىزامى ئىنتايىن كۈچلۈك،تەڭدىشى يوق بىر قوشۇن بولۇپ،بىزگە ناھايىتى زور تۆپە قوشتى 》دىگەنىدى.ئىدىقۇت قۇماندانلىرىدىن ئالابارس يېتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر قوشۇنى 1219-يىلى قەشقەر،خوتەن قاتارلىق جايلاردا نايمانلارغا قارشى ئۇرۇشلارغا قاتناشقان.ئۇيغۇر قوماندانلاردىن يولۇن تەمۈر،بولۇق،گەسمەرى قاتارلىقلار چىڭگىزخاننىڭ قوماندانلىق شىتابىدا ئىشلىگەن.
     قۇبلايخاننىڭ جۇڭگونى بىرلىككا كەلتۈرۈپ،يۇەن سۇلالىسىنى تىكلەش ۋە بۇ سۇلالىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىچكى ئۆلكىلەردە ھەم شىزاڭ رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەبىي ھەركەتلىرىدە باشتىن-ئاياغ ئۇيغۇر قوشۇنلىرى مۇڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرغان.ئۇيغۇر قوشۇنلىرى كېيىن يەنە ھىندىچىن يېرىم ئارىلىغىچە بېرىپ ۋېيتنامنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشلىغىمۇ قاتناشقان.
     شىنجاڭ تارىخى ۋە بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا شۇ دەۋلەردىكى ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن مۇڭغۇللار قۇرغان ھەرقايسى ھاكىمىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر،خۇسۇسەن يۇەن سۇلالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە ئوينىغان رولى يېتەرلىك دەرىجىدە تولۇق ۋە مەخسۇس يورۇتۇلۇشى كېرەك.ئۇنداق بولمىغاندا،شىنجاڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇر تارىخىدا كەمتۈكلۈك پەيدا بولىدۇ.
مەنبە:شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى 1997-يىل 2-سان  
bilqut
Posted: 2008-03-10 03:33 | [ئاپتور]
TarimDadxah
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

قاراخانىيلار بىلەن ئىدىقۇت بۈيۈك ئۇيغۇر ئىلىنىڭ خان جەمەتى بىر ئۇرۇقتىن ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ماتېرىياللارنى " ھودۇدۇل ئالەم " دىن ئۇچراتتىم ، شۇغۇنىسى ئابلەت نۇردۇن ئۇ كىتابنى بەك پالاكەت تەرجىمە قىپ قويغان ئىكەن !
1som
بىلىشىنى بىلىدىغان ئادەمگە  ئەگەش ، بىلىشىنى بىلمىگەننى  ئاگاھلاندۇر ، بىلگەننى بىلمىگەنگە بىلدۈر ، بىلمەيدىغىنىنى  بىلمەيدىغاندىن  قاچ !
Posted: 2008-03-19 15:29 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » شانلىق مەدەنىيەت دەۋرى

Total 0.087805(s) query 4, Time now is:03-21 08:56, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation