"روھنامە"،تۈركمەنىستاندا نەشىر قىلىنغان،بۇ كىتابدا تۈركمەنلەرنىڭ ئۆتمىشى،بۈگۈنى ۋە كىلەچەگى سۆزلەنگەن بۇلۇپ،باشتىن -ئاخىر كۈچلۈك بىر مىللى روھ ----تۈركمەن روھى چاقىرىق قىلىنغان.مەن بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنلىرىنى تۈركمەنچىدىن ئامال بار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ،قېرىنداشلىرىمنىڭ نەزەرىگە سۇندۇم.بۇ كىتاب تېگىشلىك ئېتىبارغا ئېرىشىپ،چېچىلاڭغۇلۇق بۇرۇقتۇرمىچىلىقى ئىچىدە قالغان ئازغۇن روھىيىتىمىزدە بىر لىككە كەلگەن مىللى روھ----ئۇيغۇر روھىنى ئويغۇتىشقا ياردەمدە بۇلالىسا، ئۈزۈمنىڭ ئەمگىكىمدىن رازى بولغان بۇلار ئىدىم.
قېنى دوستۇم، مەرھەمەت.
روھنامە
(مەن "روھنامە"ئارقىلىق كەچمىشىمنى،بۈگۈنىمنى ۋە كېلەچەگىمنى بىر تىزىققا تىزدىم)
بىرىنچى بۆلۈم
تۈركمەن
بۈيۈك ئاللاھنىڭ ئاتى بىلەن
ئەزىز خەلقىم!
مېھرىبان مىللەتىم!
بۇ گۈزەل ئاجايىپ دۇنيانى ياراتقان قۇدرىتى چەكسىز ئاللاھنىڭ روھىمگە سالغان خىتابى(ئەمرى)بىلەن يېزىپ چىققان بۇ كىتاب--تۈركمەننىڭ روھنامىسىدۇر.
ئادەمزات تۈرەلگەندىن بېرى،بۈيۈك ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن تۈركمەن مىللەتى تارىخنىڭ تۈرلۈك -تۈمەن ئۆتكەللىرىدە تالاي تالاي سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى.مېنىڭ خەلقىم بۇ ئېغىر سىناقلاردىن ئۇڭۇشلۇق ئۆتتى.تۈركمەنلەرنىڭ تارىخى 5000يىل ئىلگىرىكى مىللەتباشىمىز ئوغۇزخان دەۋرىدىن باشلانغان..تۈركمەن خەلقى كۈنتۇغاردا ھىندىستان،كۈنپاتاردا ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ئارىلىقىدىكى كەڭ زىمىنلاردا نۇرغۇن ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى ياراتقان.تۈركمەن خەلقى ئۆز تۇپراغىدا،ھازىرغىچە ئەنۈۋ،ئالتۇندەپە،مارگۇش،پارفىيە،سالجۇقىلار ،كۆنئۆرگەنچ قاتارلىق جەمىئى 70 دىن كۆپرەك دۆلەتلەرنى قۇرغان.
تۈركمەنلەرنىڭ بۈيۈك تارىخى نوھ ئەلەيھىسسالامغا بېرىپ تۇتىشىدۇ.نوھ ئەلەيھىسسالام ئۆز ئوغۇللىرىدىن يافەس ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىغا كەڭ تۈركمەن ئىقلىمىنى يەر-يۇرت قىلىپ بېرىدۇ.
ئۇلۇغ ئاللاھ تۈركمەنلەرگە ئاسايىشلىق ئاتا قىلغاچقا،ئەۋلادلىرى تازا كۈپىيەدۇ.ئاللاھ تۈركمەنلەرگە ئىككى چوڭ خاسىيەت ئاتا قىلىدۇ: روھى پۈتۈنلۈك ۋە قورقۇمسىزلىق. قۇدرەتلىك ئاللاھ ئۇلارنىڭ يۇلىغا يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىپ ،يەنە روھى ئالىمىنى بېيىتىپ، ئۆز مەۋجۇدلىقىنى توغرا تۇنالايدىغان بىر كۈچلۈك مەنىۋىيەتكە ئىگە قىلىدۇ.شۇندىن كېيىن ئاللاھ بۇ بەندىلىرىگە "تۈركىمان"دېگەن بىر ئۇمۇمى نامنى ئىلتىپات قىلىدۇ.تۈركىمان دېگەن سۆز تۈرك-ئەسىل،ئىمان-نۇر دېگەن سۆزدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، "ئەسلى نۇردىن"(يەنى نۇردىن تۈرەلگەنلەر)دېگەن مەنانى بىلدۈرەدۇ.دۇنيادا تۈركمەن دېگەن ئات مانا مۇشۇنداق مەيدانغا كەلگەن.
[ بۇ يازما ulughbek تەرىپىدىن 2008-03-17 16:00 دە قا ]