بۇ بەتتىكى يازما : سۇرىيە يىزىقىدىكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى مۇندەرىجىسى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 سۇرىيە يىزىقىدىكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى مۇندەرىجىسى

سۇرىيە يىزىقىدىكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى مۇندەرىجىسى
توپلاپ رەتلىگۇچى: كۇلبىلگە


  سۇرىيە يىزىقى مىلادى 6-ئەسىرلەردە نىستۇرىيان دىنىنىڭ(خىرىستىيان دىنى نىستۇرىيان مەزھىپى) ئوتتورا ئاسىيا رايونىغا تارقىلىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر دىيارىغا يىتىپ كەلگەن بولۇپ، چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگىچە مەۋجۇت بولغان. سۇرىيە يىزىقىدا يىزىلغان ئۇيغۇر(تۇرك) تىلىدىكى ۋەسىقىلەر ئاساسلىقى تۇرپان،ئىلى ۋادىسى، مۇڭغۇلىيە ۋە ئوتتورا ئاسىيانىڭ يەتتەسۇ رايونلىرىدىن تىپىلغان، ھازىر بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ كۆپ قىسمى گىرمانىيە بىرلىندا ساقلانماقتا.

1. «ئىنجىل»نىڭ پارچىسى ــ  ئىنجىلنىڭ ئۇيغۇر(تۇرك)چە تەرجىمىسى.
2. سانت جورجنىڭ قەستكە ئۇچرىشى
3. ئىزوپ مەسەللىرى
4. تۇرپان  (Bulayigq ) دىن قىزىۋىلىنغان 30نەچچە پارچە نىستورىيان ۋەسىقىلىرىنىڭ پارچىلىرى
5. ئىلى ۋادىسى ئالمىلىق قەدىمى شەھەر خارابىسىدىن قىزىۋىلىنغان نىستورىيان ۋەسىقىلىرىنىڭ پارچىلىرى
6. ئىچكى مۇڭغۇل ئولۇنسۇمۇل قەدىمقى شەھىرىدىن تىپىلغان ئۇيما يىزىق تىكىستى.
7. ياڭجۇدىن تىپىلغان يۇەن سولالىسى دەۋرىگە تەئەللۇق نىستورىيان قەبرە تىشى.
8. فۇجيەن چۇەنجۇدىن تىپىلغان ئۇيما يىزىق تىكىستى
9. ئوتتورا ئاسىيا يەتتە سۇ رايونىدىن  600 پارچىدىن ئارتوق نىستورىيان قەبرە تىشى تىپىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر(تۇرك) تىلىدا يىزىلغان.


پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار:
1. «قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، ئابدۇقەييۇم خوجا،تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۇسۇپ قاتارلىقلار تۇزگەن،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983-يىلى.
2. «بىزنىڭ تارىخى يىزىقلىرىمىز»، قۇربان ۋەلى، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۇرلەر نەشرىياتى، 1986-يىلى.
3. «قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقلىرى ۋە يازما يادىكارلىقلىرى» (维吾尔古文字与古文献导论) ، نيۇ رۇجى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىلى.

_________________________________________________
تىخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى مۇندەرىجىسى: ./BBS/thread.php?fid=41
bilqut
Posted: 2008-03-17 20:10 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ۋەسىقىلىرىمىز

Total 0.046239(s) query 3, Time now is:03-21 08:58, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation