بۇ بەتتىكى يازما : مەشھۇر تارىخشۇناس ، ئالىم – موللا مۇسا سايرامى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 مەشھۇر تارىخشۇناس ، ئالىم – موللا مۇسا سايرامى

مەشھۇر تارىخشۇناس ، ئالىم – موللا مۇسا سايرامى
ئابدۇقەييۇم مەمتىمىن


موللا مۇسا بىننى موللا ئەيسا خوجا سايرامى 1836 – يىلى 8 – ئاينىڭ 23 – كۈنى باي ناھىيىسىگە قاراشلىق سايرام رايونى ئانىقىز يېزىسى توغايلا مەھەللىسى ( ھازىرقى توخسۇن يېزىسىنىڭ 4 – كەنتى ) دە دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ دادىسى موللا ئەيسا خوجا بىننى موللا ئېزىزخان خوجا خېلى يۇقۇرى دىنىي مەلۇماتقا ئىگە كىشى بولۇپ ، سايرام رايونى بويىچە ئۆز زامانىسىنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق ، ھۆرمەت ۋە ئابرويغا ئىگە خەلقپەرۋەر مۆتىۋەرلەرنىڭ بىرى ئىدى . موللا ئەيسا تۇنجى ئوغلى موللا مۇسانىڭ ئىستىقبالىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئۇنى ياخشى ئەخلاق ۋە خۇلق – مىجەز بىلەن تەربىيىلىگەن . كىچىكىدىنلا ئەقىللىق ، ھۇشيار ، چېچەن چوڭ بولغان موللا مۇسا ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىنى ناھايىتى ياخشى قوبۇل قىلغان . شۇڭا ، ئاتىسى ئەمدىلا 7 ياشقا كىرگەن موللا مۇسانى سايرام مەدرىسىگە ئوقۇشقا بەرگەن ، موللا مۇسا ئۇستازلىرى ۋە دادىسىنىڭ ياردىمى بىلەن بىرقانچە يىلدىلا چىرايلىق ھۆسنىخەت يازالايدىغان ، ھەپتىيەكنى ۋە سوپى ئاللايار ، ناۋايى شېئىرلىرىنى يادقا ئوقۇيالايدىغان سەۋىيەگە يېتىپ ، ساۋاقداشلىرى ۋە جامائەتچىلىك ئىچىدە « بالا موللا » نامى بىلەن شۆھرەت قازانغان .
1847 – يىلى 9 – ئايدا ، موللا مۇسا ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەندە ، دادىسى ئۇنى يەتتە شەھەر بويىچە چوڭ ئوقۇش يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولغان كۇچادىكى ساقساق مەدرىسىگە ئوقۇشقا ئاپىرىپ بەرگەن ، موللا مۇسا بۇ مەدرىسىدە ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىمى موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنىڭ تەربىيىسىدە قۇرئان ، ھەدىس ، تارىخ ، ئەدەبىيات ، ئاسترونومىيە ، كالېندارچىلىق ، گرامماتىكا ، ماتېماتىكا پەنلىرىنى ئوقۇش بىلەن بىللە ، ئەرەب ، پارىس ، ئوردو تىللىرىنىمۇ ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ ، كۇچا بويىچە تېزلا شۆھرەت قازىنىپ ، كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلغان . ئۇنىڭ جامائەتچىلىككە تونۇلۇشىغا پاراسەتلىك بىلەن قىلغان مۇنداق بىر ئىشى سەۋەب بولغان :
موللا مۇسا ساقساق مەدرىسىدە ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، بىر باي سودىگەر مەدرىستىكى تالىپلارغا ئاز – تولا بىر نەرسە « سەدىقە » قىلىدۇ . ئۇ چاغدا موللا مۇسا مەدرىسىدە بولمىغانلىقتىن ، ئۇنىڭغا بېرىلمەيدۇ . بۇ ئىش ئۆتۈپ ئىككى – ئۈچ كۈندىن كېيىن ، موللا مۇسا مەدرىسىگە كېلىدۇ . ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا ئەھۋالنى ئېيتىپ ، سودىگەرنىڭ يېنىغا بېرىپ بېقىشنى ، بىر نەرسە بەرسە ئاز بولسىمۇ ئېلىپ تۇرمۇشىغا سەرپ ئېتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ . موللا مۇسا خەلپەتلىك مەزگىلىدىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ، بىر ساۋاقدىشىنى ھەمرا قىلىپ ھېلىقى باينىڭ ئالدىغا بارىدۇ . سالام – سائەتتىن كېيىن ، باي :
- ھە ، كېلىڭ خەلپەت ، بۇ ياققا كەپسىز ، بىرەر ئىشقا كەلگەنمىدىڭىز ؟ - دەپ سورايدۇ . موللا مۇسا كېلىش مەقسىتىنى بايان قىلغاندىن كېيىن ، باي ئۇنى مەسخىرە قىلغان ھالدا كۆرەڭلىك بىلەن :
- بېرىدىغان سەدىقىمىز تۈگەپ قالدى ، سىز كېچىكىپ قاپسىز ، كېلەر يىلى قايتا كېلىڭ ، - دەيدۇ . باينىڭ بۇ گېپىدىن دىلى ئازار يىگەن موللا مۇسا گەپ – سۆز قىلماي چىقىپ كېتىدۇ ۋە ئۇدۇل بىر دۇكانغا كىرىپ ، ئىككى تاختا سامان قەغىزى سېتىۋېلىپ ، باينىڭ بۇ رەزىللىكىنى سۆكىدىغان بىر شېئىر يېزىپ رەستىگە چاپلاپ قويىدۇ . بۇ ئىش شۇ ھامان كۇچا شەھىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرىۋېتىدۇ . باي بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ قىلغان قىلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ ، نۇرغۇن سوۋغا – سالام بىلەن موللا مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ كەچۈرۈم سورايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، موللا مۇسانىڭ داڭقى يىراق – يېقىنغا تارىلىپ كېتىدۇ . بۇ موللا مۇسانىڭ 16 – 17 ياش ۋاقىتلىرى بولسىمۇ ، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئىززەت ئابرويىنى ئاشۇرېۋىتىدۇ ( ئەپسۇسكى ، بۇ شېئىردىن بىرەر مىسرامۇ ساقلىنىپ قالمىغان ) . موللا مۇسا 1854 – يىلى كۇچادىن ئۆز يۇرتى سايرامغا قايتىپ كېلىپ ، سايرام مەدرىسىسىدە مۇدەررىسلىك قىلىدۇ .
ئۆز ۋاقتىدا سايرام مەدرىسىسىمۇ خېلى چوڭ ، داڭلىق مەدرىسلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، يېقىن ئەتراپتىكى يېزا – قىشلاقلاردىن تالىپلار كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلاتتى . سايرام كىچىك يۇرت بولسىمۇ ، جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە قەشقەر ، كۇچا قاتارلىق يەتتە شەھەردىن قالسىلا خېلى نامى بار ، ئىلىم ئەھلىلىرى كۆپ ، مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر توپلاشقان ھەم يىپەك يولىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ، كىشلەرنىڭ ئاغزىدا شەھەر نامى بىلەن ئاتىلىدىغان جاي ئىدى . شۇڭا سايرامنىڭ نامى ھەرقاچان بايدىن بۇرۇن تىلغا ئېلىناتتى ( ھازىرمۇ سايرام ۋە سايرامغا قوشنا يېزىلارنىڭ كىشىلىرى باي ناھىيە بازىرىنى باي بازىرى ، سايرامنى سايرام شەھىرى دەپ ئاتىشىدۇ ) بۇنىڭغا بەلكىم ئەينى ۋاقىتلاردا سايرام ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاقسۇ ، كۇچا ئەمەلدارلىرى مەرتىۋىدە ئوخشاش بولغانلىقى سەۋەپ بولغان بولسا كېرەك . . « تارىخىي ھەمىدى » دە .... « خاقانى چىن مەنسەپدارلىرى ئەمىرلەر ئۇرۇقىدىن بولغان بىر كشىدىن : بۇ ئادەملەرنى قانداق قىلسا خانغا تەۋە بولۇپ خىزمىتىنى قىلىدۇ ، دەپ سوراپتۇ ، ئۇ : بۇ ئادەملەر مېنىڭ سۆز ۋە بۇيرۇقۇمدىن چىقمايدۇ . ماڭا چوڭ مەنسەپ بەرسىڭىز ، مەن ئۇلارنى ئۇلۇغ خانغا تەۋە قىلىپ بېرەي ، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . خاقانى چىن مەنسەپدارلىرى بۇنى ماقۇل كۆرۈپ ، خانغا مەلۇم قىلىپ ، ئۇنىڭغا ئاقسۇ ، كۇچانىڭ ھاكىملىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئۇچىنچى جەرەكەلىك مەنسەپ بېرىپتۇ . شۇڭلشقا ، سايرامنىڭ ھاكىملىرى بۇرۇندىنلا ئاقسۇ ، كۇچانىڭ ھاكىملىرى بىلەن جەرەكە ۋە مەرتىۋىدە باراۋەر ئىدى . لېكىن ، ئۇلارغا قارىغاندا ، پۇقرا ئاز ۋە يۇرتى كىچىك ئىدى » دېيىلگەن .
« سايرام » دېگەن نام ۋە موللا مۇسانىڭ ئۆزىنى « سايرامى » دەپ ئاتىشىغا كەلسەك ، يەنە شۇ شاھنامە ئەسەردە مۇنداق مەلۇماتلار بار : « .. قۇنتەيجى ... سايرامغا يېنىپ بېرىپ ، بۇ جاينى ئىككىنچى قېتىم بېسىۋېلىپ ، پىر نەچچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ، تالان – تاراج قىلىپتۇ . بۇ چاغدا سايرام ئەھلى خوجا ئۇرۇقى ، شاھ ئۇرۇقى ، ئەمىر ئۇرۇقى دەپ ئۈچ قەبىلە ياكى ئۈچ ئۇرۇقتىن ئىبارەت ئىكەن . قۇنتەيجى بۇ ئۈچ ئۇرۇقنىڭ ئېسىل ۋە كاتتىلىرىنى تاللاپ ، ھەر ئۇرۇقتىن يىگىرمە ئۆيلۈكتىن ئاتمىش ئۆيلۈك ئادەمنى ئەھلى ئاياللىرى ۋە بالا پەرزەنتلىرى بىلەن ئاق ئۆيلۈك قىلىپ كۆچۈرۈپ ، ئۆز يۇرتى ئىلىغا ئېلىپ كەپتۇ . ئۇلارنى بۇ جايدا بىر يىل ئەتراپىدا تۇرغۇزۇپ ، ئاندىن تۇرپانغا ئەۋەتىپتۇ . ئۇلار تۇرپاندا ئىككى يىلغىچە تۇرۇپتۇ . بۇ كۈنلەردە قۇنتەيجى يوقلۇق ماكانىدىن ئورۇن ئېلىپتۇ ۋە خاقان لەشكەرلىرىنىڭ ئىلى بىلەن ئالتە شەھەرگە كەلگەنلىك خەۋىرى ئاڭلىنىپتۇ . بۇ 60 ئۆيلۈك ئادەم ئەمدى ئۆز يۇرتىمىزغا كەتسەك بولىدىكەن دەپ ، ھەدىستە « ۋەتەننى دوست بىلگەنلىك ئىماندۇر » دەپ كۆرسىتىلگىنىدەك ، ئۆز يۇرتىغا كېتىپ قوۋم – قېرىنداشلىرىغا يېتىش ئارزۇ – ئىشتىياقى بىلەن تۇرپاندىن قوزغىلىپ مۇز داۋانغا كەلگەندە ، چىن خاقان چېرىكلىرىنىڭ باشچىسى ئۇچراپ : « سىزلەر نىمە ئادەم دەپ ؟ » دەپ سورغاندا ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەرز – ھالىنى بايان قىلىپتۇ . چېرىكلەرنڭ باشچىسى شەپقەت يۈزىسىدىن « ئۇلۇغ خاننىڭ چېرىكلىرى كەلدى ، يوللار قالايمىقان ، يۇرتلار تىنجىپ بولغىچە دېھقانچىلىق بىلەن كۈن ئېلىپ تۇرۇڭلار » دەپ باھانە – سەۋەب كۆرسىتىپ ، كېتىشكە يول قويماي ، ياقا ئېرىق دىگەن جايغا ئېلىپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ . ئۇلار بۇ يەردىمۇ بىرنەچچە يىل تۇرۇپ ، ئاخىر باي تەۋەسىگە بېرىپ ئورۇنلىشىپتۇ . بۇ يەردىمۇ بىر مەزگىل تۇرۇپ يەنىلا كۆنەلمەي ، تاغ ئېغىزى ۋە كەڭرى جاي ئىكەن دەپ ئۇشبۇ سايرامغا كېلىپ توختاپ قاپتۇ . ئۇلار ئەسلىدە ، تاشكەنتنىڭ سايرام دېگەن جايىدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن ، باشقىلار ئۇلارنى « سايرامى » دەپ ئاتاپتۇ . دەرۋەقە ، سايراملىق پىشقەدەملەر ھازىرغىچە : بىزنىڭ ئەسلى يۇرتىمىز تاشكەنتنىڭ سايرامى ، بۇ – كۆچكەن سايرام ، دېگەن گەپلەرنى قىلىپ قويىدۇ . ئالىم مۇشۇ مەشھۇر ئەسىرىدە ، ئۆز نەسەبى ھەققىدە يەنە مۇنداق مەلۇماتلارنى بېرىدۇ : .... خوجا ئۇرۇقى دېگەنلەر ئۆزىنى ئەلەۋىلەر يەنى ئەلى كىرە موللا ۋەجھۇ بىلەن نەسەپداش ھېسابلاپ ، بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بولىمىز دەپ پەخىرلىنىدۇ . كەمىنە مەنمۇ ئۇشبۇ ئۇرۇغدىن بولىمەن . ئاتا – بوۋىمىزدىن قالغان خۇش مۇبارەك شەجىرە ھازىرمۇ مەۋجۈت بولۇپ ، مەن ئۇنى تەۋەررۈك قىلىپ ساقلىماقتىمەن . « تارىخى ھەمىدى » دە قەيت قىلىنىشىچە ، خوجا ئۇرۇقىغا بېرىلگەن ئالىي يارلىق نىشانى 1538 – يىلى موللا مۇسا سايرامىنىڭ 12 – بوۋىسىغا بېرىلگەن بولۇپ ، موللا مۇسا مۇشۇ ئەسەرنى يازغىچە تەۋەررۈك قىلىپ ساقلاپ كەلگەن ۋە كىتابقا كىرگۈزگەن .
موللا مۇسا سايرامى مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلىۋاتقان چاغلىرىدا پات – پات ئائىلىسىگە قايتىپ ، ئاتا – ئانا ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى يوقلاپ تۇرغان ؛ دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش پەيتلىرىدە دېھقانچىلىق ئەمگىكىگە قاتناشقان . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، بىر قېتىملىق ئورمىدا ، دىققەتسىزلىكتىن ئۇنىڭ قولىنى ئورغاق كېسىۋېتىدۇ . شۇ چاغدا موللا مۇسا سايرامى قىزىقچىلىق قىلىپ :
                              يېمەي تويدۇم مۇنداق ئاشقا ،
                            چۆمۈچ تەگدى ئالتۇن باشقا .
                            بۇ ئورمىنى ئورمىسام ،
                            كۈنۈم ئۆتمەيدۇ مۇندىن باشقا .
دەپ بىر كۇپلىت قوشاق توقۇغان .
بۇ دەۋر چىڭ سۇلالىسىنىڭ چېرىك ۋە ئىستېدات سىياسىتى ئەۋجىگە چىققان ، يۇرت ۋە پۇقرالار سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن خارابلىشىپ ياشاش ئىمكانىيىتى قالمىغان ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە چىڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتىگە قارشى چوڭ – كىچىك خەلق قوزغىلاڭلىرى كۆتۈرۈلگەن دەۋر ئىدى . 1864 – يىلى 6 – ئايدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جۈملىدىن كۇچاردىمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ۋە قول – ھۈنەرۋەنلەرنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە ۋە يەرلىك فېئوداللارنىڭ مىللىي زۇلمىغا قارشى كەڭ – كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى پارتلايدۇ . قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كۇچادىكى چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنى ۋە يەرلىك فېئوداللارنى تېزلا گۇمران قىلىپ ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەپ ، راشىدىن خوجىنى خان قىلىپ سايلايدۇ . ئۇلار كۇچانى مەركەز قىلىپ ، شەرق ۋە غەرب تەرەپلەرگە ئەسكەر ئەۋەتىپ ، ئۆز دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە باشلايدۇ . شۇ ۋەجىدىن راشىدىنخان خوجا ئۆزىنىڭ تۇغقىنى بۇرھانىدىن خوجىنى باش قوماندان موللا مۇسا سايرامىنىڭ ساقساق مەدرىسىدىكى ئۇستازى ، مەدرىسنىڭ باش مۇدەررىسى بايلىق موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنى قوشۇننىڭ باش قازىسى ، بۇرھانىدىن خوجىنىڭ كىچىك ئوغلى مەھمۇدىن خوجىنى ئاتىسىنىڭ ياردەمچىسى قىلىپ تەيىنلەپ ، 190 لەشكەر ۋە سەككىز زەمبىرەك بىلەن ( « تارىخى ھەمىدى » دە 168 لەشكەر 10 زەمبىرەك دىيىلگەن ) سايرام ، باي ، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ . بۇرھانىدىن خوجىنىڭ كىچىك ئوغلى مەھمۇدىن خوجا موللا مۇسا سايرامىنىڭ ساقساق مەدرىستە سەككىز يىل بىر ھوجرىدا يېتىپ – قوپۇپ بىللە ئوقۇغان ئەڭ يېقىن ساۋاقدىشى ۋە سۆھبەتدىشى ئىدى . مەھمۇدىن خوجا سايرامدا مۇدەررىسلىك قىلىۋاتقان ساۋاقدىشى موللا مۇسا سايرامىغا كۇچادا بولۇپ ئۆتكەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلى بايان قىلىپ خەۋەر بېرىدۇ ۋە ئۇنى تېزدىن كېلىپ بۇ قوزغىلاڭغا ئىشتىراك قىلىپ ، ئۆزىگە ھەمدەم بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ . موللا مۇسا سايرامى ھېچبىر ئىككىلەنمەستىن ، ئۆز يېقىنلىرى ۋە دوستيار – ئاغىنىلىرىنى باشلاپ كۇچاغا ماڭىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلار بىلەن كۇچادا ئۇچرىشىدۇ . موللا مۇسا سايرامى سايرام مەدرىسىدە 8 – 10 يىل مۇدەررىسلىك قىلىش جەريانىدا ، ئۆزىنىڭ ئېسىل ئەخلاق – پەزىلىتى ، ياخشى خۇلق – مىجەزى ، چىقىشقاقلىقى ۋە ئۆتكۈر زېھىنلىكى بىلەن كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلغان بولغاچقا ، مۇشۇنداق بىر ئاتاغلىق ئىلىم ئەھلىنىڭ بۇ خەلق قوزغىلىڭىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشتىراك قىلغانلىقىنى كۆرگەن سايرام ۋە باي خەلقى ئىشەنچلىك ھالدا ئارقا – ئارقىدىن كېلىپ ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قاتىشىدۇ . بىر – ئىككى كۈن ئىچىدىلا قوزغىلاڭغا قىزىل ، سايرام ، بايدىن قاتناشقانلارنىڭ سانى 7 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ . موللا مۇسا سايرامى كۇچادا ئوقۇغان چاغلىرىدا ، ھەرقايسى پەنلەردىن بىلىم ئىگىلەش بىلەنلا قالماي ، ھەربىي ئىشلار ئىلمىنىمۇ پۇختا ئۆگەنگەندى ، شۇڭا ئۇ ، قوزغىلاڭچى قوشۇن ئىچىدە ئۆز تالانتى ۋە ئىقتىدارى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈدۇ ۋە چوڭ ئابرويغا ئېرىشىدۇ . ئەمگەكچى ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن موللا مۇسا سايرامى  ھەر ۋاقىت خەلقنىڭ غېمىنى يەيدۇ ، خەلق مەنپەئەتىگە پايدىلىق قانۇن – نىزاملارنى تۈزۈپ ، ئېلان قىلىشقا مەسلىھەت بېرىدۇ .
1864 – يىلى 7- ئايدا قوزغىلاڭچى قوشۇن ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپاننى ئىشغال قىلىدۇ . قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئۇچتۇرپاندىكى قوماندانى مەھمۇدىن خوجا ئۇچتۇرپاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ . موللا مۇسا سايرامى بولسا ، باش مىرزا ، مۆھۈردار ، خەزىنە باشقۇرغۇچى ۋە ئوردا قاراۋۇللىرىنىڭ نازارەتچىسى قاتارلىق ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ . موللا مۇسا سايرامى ئەنە شۇنداق چوڭ ھوقۇق ۋە ئىمتىيازلارغا ئىگە بولۇپ ، قولىدا مالىيە ھوقۇقى بولسىمۇ ، لېكىن ئۆزىگە تېگىشلىكىگە شۈكرى قىلىپ ، ھەرگىز نەپسانىيەتچىلىك ، خىيانەتچىلىك قىلمايدۇ . ھەرقانداق ئىشنى ئاقىلانىلىك ۋە ئادىللىق بىلەن بېجىرىدۇ . بۇ تەپسىلاتلارنىمۇ ئالىمنىڭ « تارىخى ھەمىدى » دىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ : « مەن كەمىنە مۇئەللىپ مەھمۇىدن خوجام پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا دائىم بىللە بولىدىغان سىردىشى ئۈلپەتدىشى ئىدىم . خاھى ئۆلىما ، خاھى پازىل ، خاھى ھاكىم ، خاھى دادخاھلار مېنىڭ مەسلىھەتىمسىز بىر ئىش قىلالمايتتى » .. « پادىشاھنىڭ ھەممە مەخپىي گەپ – سۆز ۋە خەت ئالاقىلىرىگە ئەسرا ، ئوردىغا كىرىدىغان توققۇز قاراۋۇلغا مەسئۇل ئىدىم . مېنىڭ رۇخسىتىمسىز ھېچ قانداق كىشى قاراۋۇلدىن ئۆتەلمەيتتى » . ئەمدى مولل مۇسا سايرامىنىڭ نەپسانىيەتچىلىك ، پارىخورلۇق ، خىيانەتچىلىك ئىللەتلىرىدىن ئۆزىنى پاك تۇتقانلىقى توغرىسىدا مۇنداق بايانلار بار : « مانجۇلاردىن قالغان بۇغداي ئامبىرى ، بۇغداي ئۇنى ئامبىرى ، ئارپا ئامبىرى قاتارلىق ئۈچ خىل ئاشلىق ئامبىرىنى مېنىڭ باشقۇرۇشىمغا تاپشۇرغاندى . مەن ئاشلىق ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا ئورنۇمدا ئۆز ئىنىم مۇھەممەت خەلىپىنى قويدۇم ( بۇ ئېھتىمال ، موللا مۇسا سايرامىنىڭ كىچىك دادىسىنىڭ ئوغلى بولسا كېرەك . چۈنكى ، موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئۈچ ئىنىسى بولۇپ ، ھېچقايسىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەت ئەمەس ئىدى ) ........... « مەن ئۆزەم بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن تاشقىرى بىر سەر ئاشلىقنىمۇ ئارتۇق ئالمىدىم . ئىنىم مۇھەممەت خەلىپە بىلەن بىر ھويلىدا بولغانلىقىم ئۈچۈن ، بەزى چاغلاردا چىراغ يېغى ياكى شام لازىم بولۇپ قالسا ، بازار نەرخى ھېسابلاپ پۇل بېرىپ ئالاتتىم » ...... ئاشخانا ، ئاتخانىلارغىمۇ ئۆلچەمدىن تاشقىرى ياغ ئىشلەتمىدۇق ياكى سېتىپ پۇلىنى يانچۇقىمىزغا سالمىدۇق . بۇ مېنىڭ پەرھىزكار ۋە تەقۋادارلىقىمدىنلا بولغان ئىش بولۇپ قالماي ، بەلكى ئىنساپ ، ئېھتىيات ۋە دىيانىتىمدىنمۇ بولدى . دېمەك ، موللا مۇسا سايرامى كەڭ مېھنەتكەشلەر ئاممىسىنىڭ قان – تەرى بەدىلىگە كەلگەن بايلىق ھېسابىغا راھەت – پاراغەت كۆرۈشنى راۋا كۆرمىگەن . ھەر ۋاقىت ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ غېمىنى يېگۈچى بۇ زات شۇنچە يۇقۇرى مەنسەپ ، ئەۋزەل شارائىت ۋە ناز – نېمەتلەر ئىچىدە تۇرۇپمۇ ئۆزىنى پاك تۇتقان .
1867 – يىلى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئاقسۇ ۋە ئۈچتۇرپاندىكى ھۆكۈمىتى ياقۇپبەگ تەرىپىدىن ئاغدۇرلۇپ ، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ كۆپ قىسىم باشلىقلىرى ئۆلتۈرىلىدۇ ۋە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىدۇ .جۈملىدىن موللا مۇسا سايرامىمۇ بىر مەزگىل نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىدۇ . ئاخىرىدا يەنىلا ئۇنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە تالانت ئىقتىدارى ئۇنى بۇ مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ، ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتلىرىدا ، 1867 – يىلىدىن 1877 – يىلىغىچە ئاقسۇ رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆشرە – زاكات ھېساباتىنى خاتىرىلىگۈچى مىرزا بولۇپ ئىشلەيدۇ . 77 – يىلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ، 1878 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز يۇرتى سايرامغا قايتىپ كېلىدۇ . بۇ ۋاقىتتا موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ ، ئىنىلىرى ئىسلام ئاخۇن ، قاسىم ئاخۇن ، ھېلاخۇن ، سىڭلىسى زىۋىدىخانلار قالغاندى . موللا مۇسا سايرامى ئۆز يېزىسىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ، ئەينى يىللاردا ھەمسۆھبەت ۋە ئۈلپەتداش بولغان ئاقسۇلۇق بۇرادەرلىرى ۋە قۇرداشلىرىنىڭ « ئاقسۇغا كەلسەڭ ، بىرگە ئۆمۈر ئۆتكۈزسەك » دەپ يازغان تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ئاقسۇغا بېرىش نىيىتىگە كېلىدۇ . ئاندىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى يېغىپ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ مەقسەت – مۇددىئاسىنى بايان قىلىپ : « ماڭا يىگىلى بىر نان بولسىلا بولىدۇ ، ھەرقايسىڭلار ئوقەتنى بۆلۈشمەي ، بىرگە ئۆتۈڭلار . ‹ بۆلۈنگەننى بۆرە يەر › دېگەن گەپ بار ، بۆلۈنۈش ياخشى ئەمەس . ئىسلام ئاخۇن دېھقانچىلىققا مەسئۇل ، شۇنىڭ بەرگىنىنى يەڭلار . قاسىم ئاخۇن چارۋىچىلىققا مەسئۇل شۇنىڭ بەرگەن قويىنى يەڭلار ، ھېلاخۇن يۇرتدارچىلىق قىلسۇن ھەم سودا – سېتىق ، كىيىم – كېچەك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولسۇن » دەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ، ياخشى كۈن ، ياخشى سائەتنى تاللاپ تۇغقانلىرى بىلەن خوشلىشىپ ئاقسۇغا ماڭىدۇ .

ئاقسۇغا بارغاندىن كېيىن ، ئاقسۇنىڭ ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى مەنسەپدارى مۇھەممەت ئىمىن باي ئاقساقال دادىخاھ بىننى مۇھەممەت ئالىمباي مەرغۇلانى دېگەن كىشىنىڭ تەشەببۇسى ۋە بىر نەچچە جان دوست - بۇرادەرلىرى ، پىشقەدەم يارۇ - ئاشنىلىرىنىڭ « سەن ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم ، راشىدىنخان غوجا ، ياقۇپبەگلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلدىڭ ، نۇرغۇن ئىشلارنى ، ۋەقە - ھادىسىلەرنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭ ، ئەۋلادلىرىمىزغا بىر نەرسە يېزىپ قالدۇرۇپ كەتسەڭ ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ ، تەڭرىنىڭ رازىلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلەرنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى توپلاپ كىتاپ قىلساڭ » دېگەن مەسلىھەتىگە بىنائەن ، ئىشقا كىرىشىدۇ . ئۇ ئاۋۋال شنجاڭنىڭ ئومۇمىي تارىخى ، خوجىلار تارىخى ، ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى ئۇرۇشلار تارىخى ھەققىدە خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەرنى توپلاپ ، ئاندىن ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ، ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ۋە ئۆزى قاتناشقان ۋەقەلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، زور ئىجتىھات ۋە زور ئىجادىي كۈچ بىلەن تارىخىي ئەمىنىيە » ناملىق مەشھۇر تارىخى ئەسەرنى يېزىپ چىقىدۇ . بۇ ئەسەر 1905 - يىلى روسىيە تارىخچىسى نىكولاي پانتاسوۋنىڭ ياردىمى بىلەن ، قازان شەھىرىنىڭ « مەدرىسە ئولۇم » باسمىخانىسىدا نەشىر قىلىنىدۇ . كىتاب نەشىردىن چىققاندىن كېيىن  نىكولاي پانتاسوۋ موللا مۇسا سايرامىغا بۇ كىتابتىن 25 پارچە ۋە 25 تىللا ئەۋەتىدۇ . موللا مۇسا سايرامى كىتاب ۋە تىللانى تاپشۇرۇۋېلىپ ، پانتاسوۋغا بىر پارچە مىننەتدارلىق خېتى ئەۋەتىدۇ . بۇ خەت 1957 - يىلى ئالمۇتىدا چىقىدىغان « كومموۇنىزىم تۇغى » گېزىتىگە ئاپتورنىڭ ئەسلى قول يازمىسى بويىچە بېسىلغان ( بۇ گېزىت ھازىر جوڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ تەتقىقات ئورنىدا ساقلانماقتا ) .
بۇ كىتاب نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن ، تۈركىيىنىڭ بىر تارىخچىسى كىتابنىڭ ئايرىم قىسىملىرىغا تەنقىدىي پىكىر بايان قىلغان . ئاپتور بۇ پىكىرلەرنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ ، كىتابنى ئەسلى ئاساسىدا 1908 - يىلى قايتىدىن تولۇقلاپ يېزىپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا نۇرغۇن يېڭى مەزمۇنلارنى قوشقان . كىتاب دەسلەپ يېزىلغان 1903 - يىللىرى سىرىتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلار يوقىتىلىپ ئىچكى يېغىلىقلار تۈگەپ ، زامان تىنجىپ ، ئەل ئەمىن تاپقان مەزگىل بولغاچقا كىتابنىڭ ئىسمىنى « تارىخىي ئەمىنىيە » دەپ قويغان ؛ كېيىن 1908 - يىلى تولۇقلاپ يازغان نۇسخىسى پۈتكەندىن كېيىن ، كىتابنىڭ نامىنى تۈركىيە سۇلتانى ئابدۇلھىمىتخاننىڭ نامىغا قويۇپ ، بىر نۇسخىسىنى كارۋانلار ئارقىلىق تۇركىيىگە ئەۋەتكەن . ئەپسۇسكى ، كارۋان يولىدا قاراقچىلارغا ئۇچراپ قېلىپ ، كىتاب يوقىلىپ كەتكەن .
موللا مۇسا سايرامى ئۆز ھاياتىدا ، بولۇپمۇ ئاخىرقى ئۆمرىدە بىرمۇنچە مۇھىم ئەسەرلەرنى يازغان . مەسىلەن : 1885 - يىلى « تەزكىرە تۇل ئەۋلىيا » ، 1898 - يىلى « دەربايان ئەسھابۇل كەھف » ، 1903 - يىلى « تارىخىي ئەمىنىيە » ، « قەسىدەئىي سىدىق » ، 1907 - يىلى « غەزەلىيات » ، 1908 - يىلى « تارىخىي ھەمىدى » ، 1916 - يىلى « سالامنامە » قاتارلىقلارنى يازغان . بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، موللا مۇسا سايرامى يەنە « تەزكىرەئى خوجا ئافاق » ، « پەرھاد ۋە شىرىن » قاتارلىق تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازغان ، پارىس تىلىدىمۇ بىرمۇنچە شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان . بۇ ئەسەرلەردىن  « تارىخىي ئەمىنىيە » مەتبەدە نەشىر قىلىنغاندىن باشقان (« تارىخىي ھەمىدى » 1986 - يىلى بېيجىڭدا نەشىر قىلىندى ) ، قالغانلىرى قول يازما ھالىتىدا ساقلىنىپ كەلگەن . « تارىخىي ئەمىنىيە » 1903 - يىلى ئاقسۇدا يېزىلغان بولۇپ ، بۇ ئەسەر - مىرزا ھەيدەر كوراگاننىڭ 1551 - يىلى سۇلتان ئابدۇرەشىت خاننىڭ نامىغا بېغىشلاپ يازغان داڭلىق ئەسىرى « تارىخىي رەشىدى » دىن كېيىنكى شىنجاڭنىڭ تارىخى ، جۇغراپىيەسى ، يەر - جاي ئىسىملىرىنىڭ مەنىسى ، مەشھۇر تارىخىي شەخىسلەرنىڭ تەرجىمىھالى ، ھەر بىر شەھەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ، ئادەملىرىنىڭ مىجەز خاراكتېرى قاتارلىق كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىردىنبىر ئەسەر . بۇ ئەسەرنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى ئاپتورنىڭ تارىخىي چىنلىققا ھۆرمەت قىلىپ ، تەرەققىپەرۋەر رېئاللىق نۇقتىئىنەزەرنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىدە .
قىسقىسى ، بۇ ئەسەر ئىككىنچى ئادەم - نوھ پەيغەمبەردىن تارتىپ ⅩⅨ ئەسىرگىچە بولغان موغولىستان ۋە يەتتە شەھەردە يۈز بەرگەن ئەھۋاللار ، ھۆكۈمرانلىق قىلغان گۇرۇھلار ، ئۇنىڭ موغولىيە دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب ، مۇسۇلمان خانلىرىنىڭ نەسەبى ، يەتتە شەھەرنىڭ خاقان چىنغا تەۋە بولۇش جەريانىدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى بايان قىلغان . بۇ ئەسەر ئۆز ۋاقتىدىلا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۆپلىگەن تارىخشۇناسلارنىڭ ئالاھىدە دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاپ ، بىر نەچچە خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان . تارىخچىلار تارىخ تەتقىقات خىزمىتىدە بۇ ئەسەردىن ناھايىتى كۆپ پايدىلانغان . موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئىجادى تالانتىغا ، ئەسەرلىرىنىڭ تىلىغا يۈكسەك باھا بەرگەن . ئاتاغلىق شائىر ، جامائەت ئەربابى نىم شېھىت ئەرمىيە داموللاممۇ بۇ ئەسەرنىڭ تىلىنى يۈكسەك دەرىجىدە ماختىغان ۋە مۇنداق دېگەن : « نېمىدېگەن گۈزەل پاساھەتلىك تىللار ، نېمىدېگەن جاراڭلىق ، يارقىن سادالار ، مەن ئۆمرۈمدە ناۋايىدىن باشقا مۇشۇ كىشىدەك تىلغا باي سۆز ئۇستىسىنى ، تىلى گۈزەل ئەدىپنى ئۇچراتمىغان ،  ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئەلىشىر ناۋايىسى » .
« سالامنامە » 1916 - يىلى 9 - ئايدا يېزىلغان ، ھەجمى 100 بەت ئەتراپىدا كېلىدىغان بۇ شېئىرىي داستان ئاپتورنىڭ سايرامدىكى تۇغقانلىرىغا يازغان سالام خېتى ۋە ۋەسىياتنامىسى بولۇپ ، ئۇنىڭدا :
« سالامەت بارمۇسىز ئىسلام ئاخۇن ،
كەتمەن چېپىپ ، قوش ھەيدەپ ھارماڭ ئاخۇن .
قاسىم ئاخۇن سىز تاغدا ئامان بارمۇ ،
ئارقار ، كېيىك ، جەرەنلەر سەمرىدىمۇ »
دېگەنگە ئوخشاش مىسرالار بار . ئاپتور شۇ ۋاقىتتا 3 - ئىنىسى ھېلاخۇنغا « ئاقسۇدا بۇغداي كەمچىل ، 20 - 30 ئېشەككە بۇغداي يۈكلەپ كېلىپ ئاقسۇ خەلقىنى بۇغداي بىلەن تەمىن ئېتىپ ، قايتىشىڭىزدا ئاقسۇنىڭ گۈرۈچىدىن ئالغاچ كېلىپ ، باي خەلقىنى گۈرۈچ بىلەن تەمىن ئەتسىڭىز » دەپ تاپىلىغان .
موللا مۇسا سايرامى 1917 - يىلى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىپ ، تۇرمۇشى يوقسىزلىق ، غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن . شۇ يىلى 6 - ئايلاردا سايرامدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا خەت يازغان ، خېتىدە :
« قېرىلىقتىن باشقان كېسەل مەندە يوق ،
قېرىلىق بەلكى مىڭ كېسەلدىن ئارتۇق »
دېگەن . تۇغقانلىرى خەتنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن ، موللا مۇسا سايرامىنىڭ كىچىكى دادىسى ھۇشۇر ئاخۇن خەلپىتىم ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ كالا ھارۋىسى بىلەن ئاقسۇغا بېرىپ ، موللا مۇسا سايرامىنى كالا ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ ، سايرامغا قايتۇرۇپ كەلگەن .
موللا مۇسا سايرامىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە يىغقان بايلىقى بىر دۆۋە كىتاب بولۇپ ، ئۇنى ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر ، كەڭلىكى ۋە ئىگىزلىكى يېرىم مېتىر كېلىدىغان ، قەلەي بىلەن قاپلانغان ساندۇققا قاچىلىغانكەن . بۇ نۆۋەت سايرامغا قايتىشىدا بۇ بىر ساندۇق كىتابنى بىللە ئېلىپ كەتكەن . موللا مۇسا سايرامىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ، ھۇشۇر ئاخۇن خەلپىتىم بۇ ساندۇقتىكى كىتاب ۋە قوليازمىلارنى ئەتىۋارلاپ ساقلىغان . 1944 - يىلى كۇچالىق شائىر بايىز قارى ئوغلى مەمتىمىن بايىز بىلەن بىللە ئاقسۇغا بېرىشىدا ھۇشۇر ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ بىرنەچچە كۈن تۇرۇش جەريانىدا ، « تارىخى ھەمىدى » نى ، بىر قىسىم كىتاب ۋە شېئىرلارنىڭ قوليازمىسىنى ئېلىپ كەتكەن . 1954 -  ھۇشۇر ئاخۇن خەلپىتىم ۋاپات بولغاندا ، ئۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىشقا كىرگەن ئىمام - مەزىن ۋە ئاخۇن ئۆلىمالار ساندۇقتا قالغان كىتابلارنى بۆلۈشىۋالغان . بىرنەچچە پارچە ئۇششاق كىتاب ۋە بىر قىسىم پارچە - پۇرات قوليازمىلار قالغاندا ، ئاخۇنۇملار : « بۇلارنى ساقلىيالىساڭلار ئوبدان ساقلارڭلار ، بولمسىا كەلسە - كەلمەس يەرگە تاشلىماي ، دەرياغا تاشلىۋېتىڭلار ياكى يەرگە كۆمۈۋېتىڭلار » دېگەن . شۇنىڭ بىلەن ، ھۇشۇر ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇلارنى ساندۇق بىلەنلا قەبرىستانلىققا كۆمۈۋەتكەن . شائىر بايىز قارى ھۇشۇر ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەتكەن قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلارنى ئەتىۋارلاپ پۇختا ساقلىغان بولسىمۇ ، ئاپەتلىك « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » جەرياندا ئۆزى تارتىپ چىقىرىلىپ سۈرگۈن قىلىنغان ، كىتابلىرى ( جۈملىدىن يۇقۇرقى ئەدەبىي مىراسلار ) بازارغا ئېلىپ چىقىلىپ سېتىۋېتىلگەن . مەلۇم بولۇشىچە ، ئۇنىڭ بەزىلىرىنى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن كىشىلەر سېتىۋالغان ( مەسىلەن « سالامنامە » نى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئوسمەن ئىسىملىك بىر كىشى سېتىۋالغان ) ، بەزىلىرىنى سېتىۋالغانلار بېيجىڭگە ئېلىپ كەتكەن . سېتىلماي قالغانلىرى كۆيدۈرىۋېتىلگەن . شۇنداق قىلىپ ، مەرىپەتلىك ئۇيغۇر ئالىم ۋە شائىرى موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئۆمۈر بويى يازغان ۋە يىغقان ئەدەبىي بايلىقى ئاشۇنداق تۈگەپ كەتكەن . بەختكە يارىشا ، ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇق قىلىشى ، ئەنۋەر بايتۇردەك ياش ئالىملارنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىشى بىلەن ، ئالىمنىڭ  « تارىخىي ئەمىنىيە » ، « تارىخىي ھەمىدى » لىرى نەشىر قىلىنىپ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى . موللا مۇسا سايرامى سايرامدا 1917 - يىلى 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە تۇرۇپ ، 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا كىچىك دادىسى ھۇشۇر ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ يېنىدا ئالەمدىن ئۆتكەن . بۇ ئالىمنىڭ نەسلىدىن ھازىر توخسۇن يېزىسىنىڭ توغايلا مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق قىز نەۋرىسى بولۇپ ، 75 ياشقا كىرىپ قالغان بۇ ئايال ئۆزىنىڭ تىلى ئاجىز قىزى بىلەن بىللە تۇرىدۇ .
ئۇلار ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدىن بەھرىمەن بولماقتا . ئالىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ، ئۇنىڭ تاغىسى ، ئىنىلىرى ۋە سىڭلىسى قەشقەرلىق مەشھۇر مىھمارچى يۈسۈپ ئاخۇننى تەكلىپ ئاپىرىپ ، ئالىمنىڭ قەبرىسىنى قاتۇرغان ، قەبرىنىڭ ئۈستىگە چوڭ بىر گۈمبەز ياسىتىپ ، قەبرىنىڭ يېنىغا مەسچىت سالدۇرغان ؛ بۇ گۈمبەز « موللا مۇسا گۈمبىزى » دەپ ئاتىلىپ ، 1965 - يىلىغىچە ئوبدان ساقلىنىپ كەلگەن . ئاپەتلىك « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » باشلانغاندىن كېيىن بۇ تەۋەرۈك جايمۇ چېقىپ تاشلىنىپ ، ۋەيران قىلىۋېتىلگەن . لېكىن ، خەلق بۇ سۆيۈملۈك پەرزەنتىنى ئۇنتۇپ قالمىغاچقا ، 1982 - يىلى ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتكە كېلىپ ، قەبرىنى خام كېسەك بىلەن بولسىمۇ قايتىدىن قاتۇرۇپ چىقتى . شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەر بۇ جايدا ئۇلۇغ بىر زاتنىڭ ياتقانلىقىنى بىلەلەيدىغان بولدى .
قوشۇمچە پايدىلانغان ماتىرىياللار :
« بۇلاق » مەجمۇئەسىنىڭ 1985 - يىللىق 15 - سانىدىكى ئەنۋەر بايتۇرنىڭ « موللا مۇسا شېئىرلىرى » غا يازغان كىرىش سۆز .
قەشقەر ۋىلايەتلىك مىللىي - دىنىي ئىشلار باشقارمىسى نەشر قىلغان « قەدىمقى كىتابلار تەتقىقاتى » ژورنىلىنىڭ 1 - سانى .
« تارىخىي ئەمىنىيە » ، « تارىخىي ھەمىدى » قاتارلىقلار .
مەنبە : شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى 35 – سان
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 – يىل 12 – ئاي 1 – نەشرى

Posted: 2007-11-19 23:08 | [ئاپتور]
toram
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

--- مەۋلانەم مەن سىلىدىن بىر ئىشنى سورىسام بولامدۇ ؟ - دىدى بىر تالىپ موللا مۇسا سايرامىدىن .
--- قېنى مەرھەمەت تارتىنماي سوراۋەر ،- دىدى موللا مۇسا سايرامى .
قوي ھەر يىلى پەقەت بىرنى ياكى ئىككىنىلا تۇغۇدۇ ، ، ئەمما ، ئۇ نىمە ئۈچۈن پادا - پادا بولۇپ يۈرىدۇ ؟ ئىت بولسا ھەر يىلى يەتتە - سەككىزدىن كۈچۈكلەيدۇ ، ئەمما ، ئۇ نىمە ئۈچۈن بىرە - بىرە يۈرىيدۇ ؟
--- ئىتنىڭ كۈچۈكلىرى ئانىسىنى ئىززەت قىلماي ، ئۈستىگە چىقىۋىلىپ بىسىپ تۇرۇپ ئىمىدۇ ، قوينىڭ قوزىسى بولسا ئانىسىنى ئىززەتلەپ بىشىنى تۆۋەن قىلىپ يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ئىمىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن قوي پادا - پادا بولۇپ يۈرىدۇ ، ئىت بولسا بىرە - بىرە يۈرىدۇ . خەلىقمۇ شۇ ئانىغا ئوخشايدۇ ، ئۇنى خارلىغانلارمۇ بېرىپ ئاخىرى ئىتنىڭ كۈنىگە قالىدۇ !-، دەپ جاۋاپ بەردى بۇ بۈيۈك ئۇستاز .
دۇنيادا ۋىجدان ئىگىلىرىگە مىللى ھاقارەت ۋە مىللى كەمسىتىشتىنمۇ ئېغىر خورلۇق بولماس .
Posted: 2008-01-03 21:17 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.065866(s) query 4, Time now is:01-11 01:54, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation