iltebir
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئۇيغۇر ئالىمى جيەن بوزەننىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرى

ئۇيغۇر ئالىمى جيەن بوزەننىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرى


جيەن بوزەن (1898 - 1968- يىللار) خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تاۋيۈەن ناھىيىسىدىن، ئۇيغۇر، يۇرتى شىنجاڭ. 1916- يىلى ۋۇچاڭ سودا تېخنىكومىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1924- يىلى ئامېرىكىدا ئوقۇغان، 1924- يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋە مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە سىياسىي بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. 1927- يىلى بۈيۈك ئىنقىلاپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا بېرىپ ماركىسىزىملىق تارىخشۇناسلىق بويىچە جۇڭگو تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. 1937- يىلى جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن. 1937- يىلى ياپونغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن چاڭشاغا قايتىپ ياپونغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى بىلەن مەشغۇل بولغان، كېيىن جۇ ئېنلەينىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە چۇڭچىڭ، شاڭخەي، نەنجىڭ، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا بىرلىكسەپ ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتى خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1948- يىلى شىمالىي جۇڭگو ئازات رايونىغا يۆتكىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ يەنجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىروفېسسورى، بېيقىڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىروفېسسورى، تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىجتىمائىي پەن بۆلۈمىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو تارىخشۇناسلىق ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى"دا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ 1968- يىلى 12- ئايدا ئۇۋالچىلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن "جۇڭگو تارىخى تېزىسى"، "تارىخى پەلسەپە دەرسلىكى"، "جۇڭگو تارىخى تېزىسى پىروگراممىسى"، "تارىخى مەسىلىلەر مەجمۇئەسى" قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

1968- يىلى 10- ئايدا، مەدەنىيەت ئىنقىلابى 3- يىلىغا قەدەم قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى تەيۋەندىن باشقا 29 ئۆلكە ئاپتونوم رايوننىڭ ھەممىسىدە ھوقۇق تارتىۋېلىنىپ " ئىنقىلابىي كوممېتېت" قۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت "قىپ قىزىل"لىققا پۈركەندى. نۇرغۇنلىغان "كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدار"لار تارتىپ چىقىرىلىپ ئىنقىلاپ يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلدى.

1968- يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە ئېچىلغان ج ك پ نىڭ 8- نۆۋەتلىك 12- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ "ئاسىي، خائىن، ئىشچىلار ئاسىيسى ليۇ شاۋچىنىڭ جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى" تاماملانغاندىن كېيىن، ماۋ زېدۇڭ يېپىلىش نۇتقى سۆزلەپ:

" ........ سىنىپىي دۈشمەنلەرنى تازىلاشتا توغرا بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. مەجبۇرى ئىقرار قىلدۇرۇش ۋاتىسى قاتارلىق ئۇسۇللار نوپۇزلۇق ئالىملارغا قوللانماسلىق ۋە چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك. فېڭ يۈلەن، جيەن بوزەن قاتارلىقلارنىڭ يەنە ئىشلىتىلىش ئورنى بولۇشى مۈمكىن، شۇڭا كۈرەش قىلىنىدىغانلارنى كۈرەش قىلىپ، ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك " دىگەن.

لېكىن ماۋ زېدۇڭ شۇنداق يوليورۇق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما جيەن بوزەن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن دورا ئىچىپ ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇر قىلىنغان، ئۇنىڭ ئايالى دەي شۇۋەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆلىۋالغان.

جيەن بوزەن شىنجاڭلىق بولۇپ، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تاۋيۈەن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ئۇيغۇر ئىدى. ئۇ كىچىكىدىن ئەقىللىق ۋە تىرىشچان بولۇپ، 1924- يىلى 26 ياش ۋاقتىدا ئامېرىكىغا بېرىپ ئىقتىساد ئىلمىنى ئۈگەنگەن، كېيىن يەنە گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تەكشۈرۈشتە بولغان، دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماركىسىملىق قاراش بويىچە جۇڭگو جەمىيىتى ۋە جۇڭگو تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغان.

ياپونغان قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى چوڭ ئارقا سەپتە قېلىپ، پارتىيە تاپشۇرغان خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. كېيىن جياڭ جيېشى كوممۇنىستلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەندە، جۇئېنلەينىڭ تەكلىپى بىلەن سىچۈەننىڭ باشيەن ناھىيىسىگە كەتكەن ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشيەن ئوتتۇرا مەكتىپىگە بېرىپ گېنېرال فېڭ يۈشياڭنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1945- يىلى 8- ئايدا گومىنداڭ كومپارتىيە چۇڭچىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، ماۋ زېدۇڭ جيەن بوزەننى مەخسۇس قوبۇل قىلغان، بۇ چاغدا جيەن بوزەن ماۋ زېدۇڭدىن چۇڭچىڭدىن ئازات رايونلارغا كېتىشنى تەلەپ قىلغان.

1946- يىلى 5- ئايدا جيەن بوزەن، ماشۈلۇن، گو مورو، شۈ گۇاڭپىڭ قاتارلىق كىشىلەر پاراخوتقا ئولتۇرۇپ چۇڭچىڭدىن يولغا چىقىپ شياڭگاڭ ئارقىلىق 11- ئاينىڭ 23- كۈنى ئازات رايونغا يېتىپ كەلگەن.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جيەنبوزەن، گو مورو، پەن ۋېنلەن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تارىخ ئىلمىي تەتقىقاتىنى تەشكىللەش رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان، 1958- يىلى "مەشھۇر نەزەرىيىچى" چېن بودا "تارىخقا نەزەرىيە يېتەكچىلىك قىلىش" نۇقتىئىنەزەرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا جيەن بوزەن بۇنىڭغا قەتئىي قارشى چىققان. ئۇ ئەينى چاغدا "بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىت ئىلمىي ژۇرنىلى" ۋە "نۇر گېزىتى"نىڭ تارىخ سەھىپىسىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغاچقا چېن بودا ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ "تارىخقا نەزەرىيە يېتەكچىلىك قىلىش" نۇقتىئىنەزەرى ھەققىدە: "قالپىقى چوڭ، مەزمۇنىنىڭ تايىنى يوق ماقالىلارنى قەتئىي باسماسلىق؛ قۇرۇق نەزەرىيە ماقالىلىرىنى قەتئىي باسماسلىق؛ چاكىنا چۇۋالچاق ماقالىلارنى قەتئىي باسماسلىق"تەك ئۈچ ماددىلىق تۈزۈپ بېكىتكەن، ئەينى چاغدا بەزىلەر ھوقۇقىنى پەش قىلىپ ئۇنىڭغا قورقاق سالغاندا ئۇ كەسكىنلىك بىلەن: " ئۇنداقتا مېنىڭ ھوقۇقۇمنى ئېلىپ تاشلاڭلار، شۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ سىلەرنىڭ ماقالەڭلەرنى باسمايمەن" دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن، ۋە ئۆزى ماقالا يېزىپ ئۇلارنىڭ قۇرۇق سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بەرگەن.

ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى چېن بودا، كاڭ شېڭ قاتارلىقلارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغىغاچقا، ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنى ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە ۋە ئۆزىنىڭ تارىخ قارىشىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغان بولسىمۇ لېكىن جيەن بوزەن ھەقىقى تارىخشۇناس بولغاچقا، ئۇلارغا قەتئىيلىك بىلەن "ئۆزۈمنى تەكشۈرسەم بولىدۇ، لېكىن مەن ھەقىقەت مەسىلىسىدە ھەرگىز ئارقامغا چېكىنمەيمەن" دەپ جاۋاپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن چېن بودا كاڭ شېڭ قاتارلىقلارلار "دۆلىتىمىزنىڭ تارىخشۇناسلىق ساھەسىنى بۇرژۇئازىيە كونتىرول قىلىۋاپتۇ، شۇڭا ئۇنى قايتۇرىۋېلىش كېرەك" دەپ يەكۈن چىقىرىشقان.

1965- يىلى 11- ئايدا ياۋ ۋېنيۈەننىڭ "يېڭىدىن تۈزۈلگەن تارىخى دىراما ــــ خەي رۈينىڭ مەنسەپتىن قالدۇرىلىشىغا باھا" ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەقىقى تارىخشۇناس بولغان جيەن بوزەن بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، بۇ ماقالىگە قاتتىق رەددىيە بەرگەن. ياۋ ۋېنيۈەن قاتارلىقلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ "ئىلمىي مۇنازىرە" نامى بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، تارىخشۇناسلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن "جىنايى پاكىت" توپلاشقا باشلىغان ۋە جيەن بوزەننىڭ قاراشلىرىغا بۆھتان چاپلاپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىغان ۋە بۇ نامدىكى "ئىلمىي مۇنازىرە" ناھايىتى تېزلا سىياسىي جەھەتتىكى چوڭ كۈرەشكە ئايلىنىپ كەتكەن ۋە ئۇنىڭغا " ئەكسىيەتچىل ئىلىم نوپۇزلىقى"، " كومپارتىيىگە قارشى ئۇنسۇر" قاتارلىق قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ، كۈرەشكە تارتىلغان. بۇ چاغدا 70 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان جيەن بوزەن كۈرەشكە تارتىلغاندا سۆز ئىشلىتىلمەستىن ئەكسىچە " ئىنقىلابى " كىشىلەر تەرىپىدىن كالتەك - توقماق، مۇش - پەشۋا ۋە ئېغىر قىيناقلار بىلەن 100 قېتىمدىن ئارتۇق سوراق قىلىنغان.

گەرچە 1968- يىلى 10- ئايدا ماۋ زېدۇڭ جيەن بوزەن، فېڭ يۈلەن قاتارلىق كىشىلەرنى بەك قىستىماسلىق ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈرگەندە، ئۇ بۇنى ئاڭلاپ ماۋ زېدۇڭغا خەت يېزىپ رەھمەت ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇ يوليورۇقى ۋە ئۇنىڭ رەھمەت خېتى ئۇنى ھالاكەتلىك تەقدىردىن قۇتۇلدۇرالمىدى. ھەم بۇيرۇق بويىچە بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىدىكى شەرقىي باغچىدىن غەربىي باغچىغا كۆچۈرىۋېتىلدى ھەم مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى توختىماستىن ئۇنى مەسىلىسىنى تاپشۇرۇشقا قىستىدى ۋە ئۇنى توختىماستىن ئازاپلاپ تەن جازاسى بەردى، بۇ چاغدا جيەن بوزەننىڭ ئۆپكە كېسىلى ئېغىرلىشىپ ئۈسكۈنىنىڭ ياردىمىگە تايانمىسا نەپەستە قىينىلىدىغان بولۇپ قالغان بولسىمۇ لېكىن "ئىنقىلاپچىلار" ئۇنىڭغا قەتئىي يۈز - خاتىرە ۋە رەھىم - شەپقەت قىلمىدى ھەم شۇنداقلا ئۇنى خائىن، ئىشپىيون دىگەندەك ناملار بىلەن تۈرمىگە تاشلايمىز دەپ تەھدىت سېلىپ، ئۇنىڭدىن ليۇ شاۋچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تاپشۇرۇشقا قىستىدى.

1968- يىلى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا يەنە مەسىلىسىنى تاپشۇرۇش ھەققىدە تەھدىت سېلىپ، بولمىسا تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى، سالامەتلىكى ئىنتايىن ناچارلىشىپ، پۈتۈن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن، جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇلۇغ بۇ تارىخشۇناس ئاخىرى ئۆلۈم يولىنى تاللاپ، ئايالى بىلەن بىرلىكتە دورا ئىچىپ ئۆلىۋالدى.

لى يۇڭ قاتارلىقلار يازغان "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئۆلۈمى" ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى.

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى 2006- يىلى 9- ئاي خەنزۇچە 1- نەشرى

Posted: 2007-11-19 23:23 | [ئاپتور]
iltebir
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

كونا مۇنبەرگە toram نىڭ يوللىغان ئىنكاسى
Quote:
1 - قەۋەتتىكى toram 2007-5-7 18:37:37 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
1958- يىلى "مەشھۇر نەزەرىيىچى" چېن بودا "تارىخقا نەزەرىيە يېتەكچىلىك قىلىش" نۇقتىئىنەزەرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا جيەن بوزەن بۇنىڭغا قەتئىي قارشى چىققان. ئۇ ئەينى چاغدا "بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" ۋە "نۇر گېزىتى"نىڭ تارىخ سەھىپىسىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغاچقا چېن بودا ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ "تارىخقا نەزەرىيە يېتەكچىلىك قىلىش" نۇقتىئىنەزەرى ھەققىدە: "قالپىقى چوڭ، مەزمۇنىنىڭ تايىنى يوق ماقالىلارنى قەتئىي باسماسلىق؛ قۇرۇق نەزەرىيە ماقالىلىرىنى قەتئىي باسماسلىق؛ چاكىنا چۇۋالچاق ماقالىلارنى قەتئىي باسماسلىق"تەك ئۈچ ماددىلىق تۈزۈپ بېكىتكەن، ئەينى چاغدا بەزىلەر ھوقۇقىنى پەش قىلىپ ئۇنىڭغا قورقاق سالغاندا ئۇ كەسكىنلىك بىلەن: " ئۇنداقتا مېنىڭ ھوقۇقۇمنى ئېلىپ تاشلاڭلار، شۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ سىلەرنىڭ ماقالەڭلەرنى باسمايمەن" دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن، ۋە ئۆزى ماقالا يېزىپ ئۇلارنىڭ قۇرۇق سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بەرگەن.



يۇقارقى قۇرلارنى ئوقۇۋىتىپ ئالىمغا بولغان ھۆرمىتىم يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ باردى ، ھازىر قىسمەن تارىخچىلىرىمىزغىمۇ رەدىيە بىرىدىغانغا مۇشۇنداق كىشىدىن بىرى بولسا ھە !!!!!!!!

تىما ئىگىسنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۇر .
.
Posted: 2007-11-19 23:31 | 1 -قەۋەت
hotanboy
www.uyasp.net
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئۆزى ئۇيغۇر بولسىمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئالىملاردىن (تارىخىي شەخىسلەردىن )ئۇنچە پەخىرلىنىپ كەتمىسىەك بولارمىكىن !!!!!
Posted: 2008-01-01 15:09 | 2 -قەۋەت
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

فارابىمۇ باغداتقا كېتىپ بىر ئۆمۇر شۇ يەردە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانكەن .
Posted: 2008-01-01 17:18 | 3 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 53
شۆھرىتى: 54 نومۇر
پۇلى: 530 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 41(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-11

 

Quote:
2 - قەۋەتتىكى hotanboy 2008-01-01 15:09 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ئۆزى ئۇيغۇر بولسىمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئالىملاردىن (تارىخىي شەخىسلەردىن )ئۇنچە پەخىرلىنىپ كەتمىسىەك بولارمىكىن !!!!!






ئىلتەبىر ئەپەندى، مۇشۇنداق ئىنكاسنىڭ چىقىشىغا سەۋەپ بولغىنى: سىز بۇ يازمىنى يوللاشتىن بۇرۇن جىيەن بوزەن ھەققىدە تولۇقراق مەلۇمات بەرمەپسىز. مەسىلەن، ئۇ يازغان جەمەت تەزكىرىسى، ئۆزىنى ئىزدەش يولىدىكى ئىشلىرى ....دېگەندەك. مېنىڭچە، ئۆزىنىڭ ئەشۇ يۇقۇرى ئورنىدا تۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى جاكارلىيالىغانلىقى (ئەشۇ زاماندا) ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىش قىلىپ بەرگىنى بولىۋېرىدۇ.
يۇقۇرقى ئىنكاسنىڭ روھى بويىچە بولغاندا، مارىيە كىيۇرى، ئېينىشتىيىن، .......لارنى قانداق قىلىمىز؟ كومراجىۋانىچۇ؟
ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنى ئۆچۈرمەي ، تارىخىنىڭ بىر بېتىنى بولسىمۇ يازالىغانلار پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ. 
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-02 01:12 | 4 -قەۋەت
hotanboy
www.uyasp.net
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

يۇقۇرقى ئىنكاسنىڭ روھى بويىچە بولغاندا، مارىيە كىيۇرى، ئېينىشتىيىن، .......لارنى قانداق قىلىمىز؟ كومراجىۋانىچۇ؟
-------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------

مارىيە كىيۇرى، ئېينىشتىيىن ...... لار ئۇيغۇرمىكەن ؟
Posted: 2008-01-02 18:55 | 5 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 53
شۆھرىتى: 54 نومۇر
پۇلى: 530 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 41(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-11

 

Quote:
5 - قەۋەتتىكى hotanboy 2008-01-02 18:55 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
يۇقۇرقى ئىنكاسنىڭ روھى بويىچە بولغاندا، مارىيە كىيۇرى، ئېينىشتىيىن، .......لارنى قانداق قىلىمىز؟ كومراجىۋانىچۇ؟
-------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------

مارىيە كىيۇرى، ئېينىشتىيىن ...... لار ئۇيغۇرمىكەن ؟






ئۇلار ئۇيغۇر ئەمەس، باشقا يەرلەردە يۈرۈپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە ياراتقانلار. ئۇلار كېيىن پولەك، يەھۇدى دېگەەن ناملار ئۈچۈن ئوخشاشلا شەرەپ كەلتۈرگەن. كومراجىۋا ئۇيغۇر، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە، ....ئاخىرىنى يەكۈنلىۋالارسىز، كەچۈرۈڭ.
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-02 23:26 | 6 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.065164(s) query 4, Time now is:01-11 01:55, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation