toram
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 شىڭشىسەي دەۋرىدىكى خىيانەتچىلىك

شىڭ شىسەي ھۆكۇمرانلىق قىلغان دەۋىر 1933 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۇنىدىن 1944 - يىلى 9 - ئايغىچە ئاز كەم 12 يىل داۋام قىلغان . بۇ دەۋىردە خىيانەتچىلىك ئىشلىرى قاتتىق چەكلەنگەن ئىدى . شىڭشىسەي خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۇچۇن قاتتىق سىياسەتلەرنى قوللانغان بولۇپ ئەينى چاغدا مىڭ يۇەن خىيانەت قىلغان بىر پولكاۋنىكنى ، چىتەي باجخانىسىنىڭ باجخانا باشلىقىنى ۋە قۇتۇبى ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى شۇي ۋىن بىڭ قاتارلىقلارنى ئۆلۇمگە بۇيرىغان ئىدى . كېيىنچە ئاشكارە بولدىكى بۇ قانخۇر ئەبلەخنىڭ پاك بولۇش سىياسىتى پەقەت قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارغىلا قارىتىلغان بولۇپ ئۇ دەۋىردىكى خىيانەتچىلىك پەقەت شىڭشىسەيگىلا خاس بولۇپ قالغان .
شىڭشىسەينىڭ خىيانەت قىلىپ بايلىق توپلاش ئۇسۇلى باشقا ھەرقانداق كىشىگە ئوخشىمايتتى . ئۇ ئالدى بىلەن ئادىمىنى يەپ تۇگۇتۇپ ئاندىن بايلىقى قولغا چۇشۇرۋالاتتى . بۇ ماھىيەتتە ئاشكارا بۇلاڭچىلىق ۋە قاراقچىلىق ئىدى . ئۇ بۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان ئەمەلدار بولۇپ باي بولۇپ كەتكەن چوڭ - چوڭ ئەمەلدارلارنى ، چوڭ سودىگەر بايلارنى ، ئاخۇن ، لامالارنى باي پومىچىكلارنى ئارقىمۇ - ئارقىدىن سىياسىغا يولەپ قولغا ئېلىپ ئاندىن مال - مۇلكىنى مۇسادىر قىلىپ بىراقلا ئۆز قولىغا كىرگۇزۇۋالاتتى . بۇ ئادەمخۇر جاللات قىسقىغىنى بىرقانچە يىل ئىچىدە 10 - 20 توننىغىچە ئالتۇن - كۇمۇش ، مەرۋايىت ۋە بىليارتلارغا ئىگە بولىۋالغان . ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ شىنجاڭدىن ئايرىلىش ۋاقتىدا جىياڭ جىيەشىغا 55 مىڭ سەر ( 3 توننا )ئالتۇن سوغا قىلغىنىغا قارىغاندا بۇ ئەبلەخ 2-3 يۇز مىڭ سەر ئالتۇن ئىگىسى بولۇپ قالغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلىش تەس ئەمەس . مانا بۇ بايلىقلار شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قان - تەرى بەدىلىگە كەلگەن .
دىمەك شىڭشىسەي دەۋرىدىكى خىيانەتچىلىك شىڭشىسەي ئۆزى قىلسا قىلىۋىرىدىغان باشقىلار قىلسا بولمايدىغان خۇسۇسىيەت بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ .
Posted: 2007-11-20 00:22 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي

Total 0.063314(s) query 3, Time now is:12-04 13:22, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation