تىمىلارنى كۆرگەندە ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ ئىنكاس يېزىش رامكىسى ئېچىلمىسا F5 نى بېسىڭ

  • 2010-07-23

    ناتسىستلار قالقىنى____<<شەرق كورپۇسى>>نىڭ سىرى - [تارىخ ۋە تارىخى شەخسلەر]

     بۇ يىل 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتپاقداش ئار مىيىسىنىڭ نورماندىيەدىن قۇرۇقلۇققا چىققىنىغا 65يىل تولدى.نورماندىيەدىن قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان كونا ئەسكەرلەرنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا،ئەينى چاغدا ساھىلدا  ئىتتپاقداش ئارمىيە بىلەن تىركەشكەن تۇنجى تۈركۈم گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ شەرقلىق ئەسكەرلەر ئىكەنلىكىدىن ھەيران قېلىشقانلىقىنى ئەسلەشتى.بۇ ئىش تارىخچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.بۇنىڭدىن ئىلگىرى گېرمانىيە ئارمىيىسى ئىچىدە شەرقلىق ئەسكەرلەرنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بولغان بولسىمۇ،بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكى بىر سىر ئىدى.شۇڭا تارىخشۇناسلار ئەينى چاغدىكى ئارخىپ ماتىرياللارنى كۆرۈش ئارقىلىق ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ زور بىر تۈركۈم شەرق مىللەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن <<شەرق قىسىمى>>نى نورماندىيە ئالدىنىقى سېپىگە سەپلىگەنلىكىنى بايقىدى.ئەپسۇس مەيلى <<شەرق باتالىيۇونى>> بولسۇن ياكى<<ھىندىستان كورپۇسى>> بولسۇن ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيەتلىك تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىدى.
      ناتسىسىتلار گېرمانىيىسى سوۋېت ئىتتپاقىغا تاجاۋۇز قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ناتسىستلار گېرمانىيىسى زور بىرتۈركۈم سوۋېت ئىتتپاقى ئوفېتسىر -ئەسكەرلىرىنى ئەسىر ئالدى.دەسلىپىدە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ شەرقلىق <<پەس مىللەتلەر>>دىن تەشكىللەنگەن ئەسىرلەرنى گېرمانىيە ئارمىيىسى شىتاتىغا كىرگۈزۈش پىلانى يوق ئىدى.ئەمما 1941-يىلى قىشتا موسكىۋاغا قىلغان ھۇجۇمىدا قاتتىق مەغلۇب بولۇپ ناتسىستلارنىڭ <<چاقماق تېزلىلكىدە غەلىبە قىلىش >>شىرىن چۈشىنىڭ بەربات بولغانلىقىدىن بىشارەت بەردى.شۇنىڭ بىلەن 3-ئىمپىرىيىنىڭ <<شەرق سىياسىتى>>دىمۇ ئۆزگىرىش بولدى.1942-يىلى 1-ئايدا گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتپاقىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەردىن پىدائى ئەسكەر قۇبۇل قىلىپ <<شەرق كورپۇسى>>قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇ پىلان گېتلېرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.ئۇزاق ئۆتمەي زور تۈركۈمدىكى <<شەرق قىسمى>>ئارقا -ئارقىدىن تەشكىللەندى.بۇ شەرق قىسمى 11باتالىيوندىن تۈزۈلگەن<<ئەرمەن كورپۇسى>>.14 باتالىيوندىن تۈزۈلگەن <<ئەزەربەيجان كورپۇسى>>،14 باتالىيوندىن تۈزۈلگەن <<گىروزىن كورپۇسى>>.5 باتالىيوندىن تۈزۈلگەن <<كاۋكاز مۇسۇلمانلىرى كورپۇسى(ئەزەربەيجان .چېچىن مىللىتىدىن تەشكىل قىلىنغان)>>،34باتالىيوندىن تۈزۈلگەن <<تۈركىستان كورپۇسى(ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلىرىدىنى تەشكىللەنگەن)>>،8 باتالىيوندىنن تۈزۈلگەن <<ۋولگا تاتارلىرى كورپۇسى>>نى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
       1942-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى گېرمانىينىڭ جەنۇپ ئامىيىسى سوۋېت ئىتتپاقى قالماق ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى ئېلىستاغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ئالدى ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى قالماق مۇڭغۇللىرى ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا سوۋېت ئىتتپاقىغا قارشى تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ،300قالماقنى گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قۇبۇل قىلدى.ئەممە گېرمانىيە ئارمىيىسى بۇ<<شەرق كورپۇسى>>دىن تازا خاتىرجەم بولالماي،ئۇرۇش مەيدانىدا قورالنى ئارقىغا بۇراپ ،ئۆزلىرىگە تەڭلىشىدىن ئەنسىرىدى.شۇڭا سەرقلىق ئەسكەرلەرنى باتالىيوننى بىرلىك قىلىپ گېرمانىيە  ئارمىيىسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا تارقاقلاشتۇردى.گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بۇ قىسىمنى<<شەرق باتالىيونى >>دەپ ئاتاشتى.1943-يىلىغا كەلگەندە گېرمانىيە ئارمىيىسىدىكى 98 شەرق باتالىيونىنىڭ 80 باتالىيونىنى شەرقى سەپ بالقان جەڭ مەيدانلىرىغا ئۇرۇنلشتۇرۇلدى.كېيىنچە بۇنىڭ ئىچىدىن 12باتالىيون فىرانسىيە ۋە ئىتالىيىەگە ئەۋەرتىلىپ ئىتتپاقداش ئارمىينىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىش ئېھتىمالىغا تەييارلىق كۆردى.بۇنىىڭ ئىچىدە گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ162-پىيادىلەر دىۋىزىيىسى گېرمانىيە ئارمىيىسىدە <<تۈركىستان دىۋىزىيىسى>>دەپ ئاتالدى.بۇ دىۋىزىيە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى خەلقلەردىن تەشكىللەنگەن<<تۈركىستان كورپۇسى>>دىن تاللانغان.2-دۇنيا ئۇرۇشۇى مەزگىلىدىكى گېرمانىينىڭ <<سېگنال>>ژورنىلىدا بېسىلغان سۈرەتلەردىن قارىغاندا،بۇ قىسىمدا سېرىق تەنلىكلەر ناھايىتى زور نىسبەتنى ئىگىلىگەن.ئەمما 162-پىيادىلەر دىۋىزىيىسى يۇگۇسلاۋىيە بىلەن ئىتالىيىدە ئۇرۇش قىلغاچقا فىرانسىيىگە ئەۋەتىلمىگەن.
       1944-يىلى 6-ئاينىڭ6-كۈنى نورماندىيىدىنن قۇرۇقلىققا چىقىشتىن بۇرۇن،دېڭىز قىرغىقىدا مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئەسى 243-قىرغاق مۇداپىئە دىۋىزىيىسى بىلەن 709-قىرغاق مۇداپىئەسى دىۋىزىيىسىدە  بىرقانچە شەرق باتالىيونى سەپلەنگەن.709-قىرغاق مۇداپىئە دىۋىزىيىسىدىكى739-گىراناتچىلار پولكىدا ئىككى<<شەرق باتالىيونى>> بولغان.باشقا ئىككى <<شەرق باتالىيونى>>غا دىۋىزىيون ۋېليام ۋون شىرىبون بىۋاستە قوماندانلىق قىلغان. ئەينى چاغدا گېرمانىيە نورماندىيەگە ئۇرۇنلاشتۇرغان قىسىمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى<<خىل>>قۇشۇن ئەمەس ئىدى.غەربى سەپتە بارماقتا سانىغۇدەك ئۇرۇش بولمىغاچقا243-ۋە709-قىرغاق مۇداپىئە قىسمى دائىم شەرقى سەپكە ئېلىپ كېتىلەتى.ئىتتپاقداش ئارمىيە قۇرۇقلۇققا چىقىشتىن دەل ئىلگىرى 739-گىراناتچىلار پولكىنىڭ1-باتالىيونى شەرقى سەپكە يۆتكەپ كېتىلگەن.نورماندىاد بولسا پەقەت 2لا <<شەرق باتالىيونى>>قالدۇرۇلغان.ۋاقتىنچە <<شەرق باتالىيونى>>نىڭ جەڭگىۋارلىقىنىڭ يۇقىرى -تۆۋەنلىكى ھەققىدە بىرنەرسە دىيىش قىيىن.ئەمما روشەنكى<<شەرق باتالىيونى>>نىڭ جەڭ تەجىربىسى بەكلا تۆۋەن ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستۈگە <<شەرق باتالىيونى>> بىرقانچا ئاي ىچىدە ئاكوپ- ئىستىھكام قۇرلۇشى بىلەن ھالىدىن كەتكەنلىكتىن جىسمانى كۈچى خوراپ تۈگىگەن ئىدى.
       داۋامى كېيىنكى ساندا

    مەنبە :تەرجىمە ئۆيى تور خاتىرىسى

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

1234