ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۆھتەرەم تورداشلار :
ئىككى ئوغۇلنى قاتارغا قوشۇپ ، ئۆزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان نەچچە ئون ئۆسمۈر ئۈچۈن يۈرەك -قېنىنى سەرپ قىلىۋاتقان بۇ ئانىنىڭ ئىسمى ئايشەمگۈل روسۇل بولۇپ ، بۇ يىل 44 ياش . كورلا شەھەرلىك 3-بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى .
2006-يىلى 06-دېكابىر ، ئايشەمگۈلنىڭ قورسىقى تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىپ كېتىدۇ ، يولدىشى ئەخمەتجان ئۇنى كورلا "ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى" غا ئاپىرىدۇ . دوختۇرلار تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇش ئارقىلىق ئايشەمگۈلنىڭ ئۆتىدە ناھايىتى چوڭ بىر تاش بارلىقىنى تېزدىن ئوپېراتسىيە قىلىش لازىملىقىنى ئېيتىدۇ . دوختۇرلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئايشەمگۈل دوختۇرخانىغا كىرگەن 2-كۈنى ، ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ، ئۆت خالتىسى ئېلىۋېتىلىدۇ . ئوپېراتسىيىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغىنىدىن كۆڭلى ئارامىغا چۈشكەن ئەخمەتجان ئايالىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ .
كىچىك بىشارەتنىڭ بەرگەن شەپىسى ئەسلى ئۇنداق ئاددىي"ئۆتتە تاش بولۇش" ئەمەس ئىدى . دوختۇرخانىدىن چىقىپ 2ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ، ئايشەمگۈلنىڭ پۈتۈن بەدىنى قاتتىق ئاغرىشقا باشلايدۇ . يولدىشى ئۇنى يەنە "ئوبلاستلىق دوختۇرخانا"غا ئاپىرىدۇ . بۇ قېتىم دوختۇرلارنىڭ ئېنىق دىئاگنوزى"ئۆتكۈر لىمفا ھۈجەيرە خاراكتېرلىك قان راكى" بولۇپ ، بىمارنى دەرھال ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا يۆتكەش لازىملىقىنى ئېيتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن يولدىشى ئەخمەتجان ئۆيدىكى بارلىق پۇللارنى يىغىپ ، 2007-يىلى 5-يانۋار ، ئۇنى "شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا " غا ئاپىرىدۇ . 6 يېرىم ئايدىن بۇيان ، ئايشەمگۈل شۇ جايدا ئىزچىل داۋالىنىۋاتىدۇ .
بۇ خىل كېسەلدە ، راك ھۆجەيرىسىنىڭ كۆپىيىپ تارقىلىشى بارغانسېرى ئەۋج ئالىدىغان بولۇپ ،جىگەر ، تال ، لىمفا تەنچىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا بۆسۈپ كىرىشى ئىنتايىن تېز بولىدۇ . ھازىرقى پەن تېخنىكا سەۋىيىسىدە بۇ كېسەلنى پەقەت يىلىك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلىش ئارقىلىقلا داۋالىغىلى بولىدۇ . يېقىندا ئايشەمگۈلنى "يىلىك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى" قىلماقچى بولۇپ ، ئوپېراتسىيىگە تەخمىنەن 250 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىنىدىكەن ، ئائىلىدىكى ئىككى ئوغۇلنىڭ چوڭى شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدۇ . كىچىكى بولسا كورلىدا تولۇق ئوتتۇرا 2-يىللىقىدا ئوقۇيدۇ . كورلا ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاددىي خىزمەتچىسى بولغان يولدىشى ئەخمەتجان ، ئايشەمگۈل ئورۇن تۇتۇپ ياتقان يېرىم يىلدىن بۇيان ، خىزمەتتىن تامامەن ئايرىلىپ ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ . نورمال مائاشتىن باشقا ھېچقانداق قوشۇمچە كىرىمى يوق بۇ ئائىلە ، ئايشەمگۈلنىڭ يېرىم يىلدىن بۇيانقى داۋالىنىش ھەققى ئۈچۈن كەتكەن 200مىڭ يۈەن پۇلنى ، ئۆزلىرى يىغقان بارلىق ئائىلە ئىقتىسادىي ۋە ئۇرۇق-تۇغقان،دوست-بۇرادەرلەرنىڭ ياردىمىدە يىغىلغان پۇللارنى ئىشلىتىپ كەلدى .
ئائىلىنىڭ روھىي ئىجادچىسى بولغان ئانا ، ئۆز كېسىلىدىن ئېنىق خەۋەرسىز . كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشى پۈتۈن ئائىلىنىڭ يۈرەك-باغرىنى قاتتىق ئەزمەكتە . ئىككى ئوغۇل ئانىنىڭ ئاق سۈتىگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ھېچ ئۈلگۈرمەستىنلا ئانا مۇدھىش كېسەلنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىسا ، پەرزەنتلەر قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟
"يىلىك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى " نى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كېتىدىغان 250 مىڭ يۈەننى تەييارلاش بۇ ئائىلە ئۈچۈن ناھايىتى تەسكە توختاۋاتىدۇ . ئانىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ، مېھرىبان مۇئەللىمنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ساقلاۋاتقان باغچا ئۆسمۈرلىرىنىڭ ، جۈملىدىن غەمگۈزارىغا مۇھتاج بولۇۋاتقان جۈپ پەرزەنتنىڭ تەقەززاسى !!
شۇ ۋەجىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تورداشلارنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇپ ،خالىس ساۋابلىق ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز !!!
ئايشەمگۈل رۇسۇل
دوختۇرخانا دىئاگنوز ئىسپاتى
ئوپىراتسىيە چىقىمى
ياردەم قولىنى سۇنماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىز تۆۋەندىكى كارتا نومۇرىغا پۇل سالساڭلار ۋە ياكى تۆۋەندىكى ئادرىس بىلەن بىمار بىلەن كۆرۈشسەڭلار بولىدۇ .
جۇڭگو يېزا ئېگىلىك بانكىسى
中国农业银行
كارتا نومۇرى: 6228480890021865716
ئىسىم: 艾合麦提.依布拉音 ئەخمەت ئىبراھىم
ئادرىس: شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى تارمىقىدىكى 1-دوختۇرخلانا (يىشۆيۈەن) ئۇنىۋېرسال بىناسى 5-قەۋەت ، 36-نومۇرلۇق كارىۋات .
تېلىفون نومۇر:0991-8253375 ، 0991-4321545
ئاللاھ قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمەت قىلسۇن ~
[ بۇ يازما ئابدۇقادىر تەرپىدىن 2007-06-29 23:06 دە ق ]