(1)
بىر كۈنى تانسا كىچىلىكىدە تەكلىماكان پەرىشتىنى خوتەن شىۋىسىدە ئوسال قىلماقچى .بوپتۇ:
- تۇيىڭە ئوينىڭىزدىن، يۇمبا ئوينايمىز.
پەرىشتە تۇرپان شىۋىسىدە:
- گالىس ئوينايلى، مايناھ...............
(2)
جوكىر، قادىخان، خەلىپە تەڭلا ئاخىرەتكە بېرىپتۇ. دەل شۇ چاغدا مۇنكىر- نىكىر دەپتۇ.
- مەن ئاراڭلاردىن بىرىڭلارنى جەننەتكە ئەۋەتىمەن. ئاۋال سۆزلەڭلار، كىم ئەڭ ئېچىنىشلىق ئۆلگەن بولسا شۇ بارىدۇ.
جوكېر: مەن پانىي ئالەمدە تازلىق ئىشچىسى ئىدىم. 27 قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ دەرىزىسىنى سۈرتىۋاتقىچە ئارغامچا ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ كەتتىم. بەخىتكە يارىشا 13-قەۋەتنىڭ بالوكونىغا ئېسىلىپ قالدىم، بىراق بىر قول مىنى ئىتتىرىۋەتتى، يەرگە ساق چۈشكەن ئىدىم، ئۇ ئەبلەخ ئۈستۈمگە توڭلاتقۇنى تاشلىدى.................
قادىخان: مەن ئىدارىگە ماڭغۇچە ، دورامنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە ياندىم، 13 قەۋەتكە ئارانلا چىقىپ يۈرۈكۈم ئاغرىپ كەتتى. ئۆيگە كىرسەم ئىشىك يىنىدا ئەرەنچە ئاياغ تۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئۆينى ئىزدەپ قىزىۋەتتىم، دەل شۇ چاغدا بالىكوندا بىر جۇپ قول تۇرغۇنىنى كۆرۈپ ئۇ قولنى ئىتتىرىۋەتىم، ھەم شۇ ئاچچىغىمدا يىنىمدىكى توڭلاتقۇنى پەسكە ئېتىۋەتتىم ...............................شۇنىڭ بىلەن يۈرەك كىسىلىم قوزغىلىپ ئۆلۈپ قالدىم....................
خەلىپە: مەن بۇلارنىڭ شەھرىگە كوماندۇرۇپكىغا كەلگەن، تولۇق ئوتتۇردىكى تۇنجى سۆيگۈنۇم مۇشۇ شەھەردە ئىدى، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەمدىلا كىرىپ تۇرۇشۇمغا ئىرى كەپ قالدى،شۇنىڭ بىلەن مەن توڭلاتقۇغا كىرىۋالدىم. ئۇ سولتەك مىنىڭ توڭلاتقۇدا ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدى، توڭلاتقۇنى كۆتۈرۈپلا 13- قەۋەتتىن تاشلىۋەتتى.
(3) ئىدىرىس كىرا ماشىنىسى ھەيدەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ماشىنىغا پويىز ئىستانسىسىدىن بىر كىشى چىقىپتۇ. ئۇ كىشىنىڭ بۇ شەھەردىن ئەمەسلىكىنى پەملىگەن ئىدىرىس، ئۇ كىشىنى قويماقچى بولۇپ، پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئەتراپىنى ئايلاندۇرىۋىرىپتۇ. 6 قىتىم ئايلانغاندا ئۇ كىشى: سىلەرنىڭ بۇ شەھەردە نىمانچە ھەيكەل كۆپ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپمۇ ئوخشاش، مەن 6 ھەيكەلنى كۆردۈم دەپتۇ.
ئىدىرىسنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ:
- شۇنداق، ھەيكەل خېلى كۆپ، پاسونىمۇ ئوخشىشىپ كىتىدۇ.
- ئەقلىم يەتمىگەن يېرى ھەممە ھەيكەلنىڭ ئالدىدا، ئوخشاش بىر بوۋاي ئالما سېتىپ ئولتۇرىدۇ.
ئىدىرىس:
[ بۇ يازما matimatika تەرپىدىن 2007-12-27 22:58 دە ق ]