]Ui1.QZ&
(6FqU^ ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلۇر
UG;X.;lX
h2'h E
Ol&k,4U
q>Kh^bQ
تۇردى ئاخۇن ئاكا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئېسىدە تولۇق ساقلاپ ، ئۇنى زامانىمىزغىچە يەتكۈزۈپ كەلگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر مۇقان ئۇستازى . 0}?Zll
ئۇ كىشىنى ھۆكىمەت تەرەپ 1950 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىپ ، مەخسۇس مۇقان ئېيتقۇزغان ۋە ئاۋازىنى سىمغا ئالغانىكەن ( ئۇ چاغلاردا سىملىق ئۈنئالغۇلار ئىشلىتىلەتتى ) . {[S3[,/
تۇردى ئاخۇن ئاكا ئالاھىدە تەييارلانغان ئۆيدە گىلەم ئۇستىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ساتتار چېلىپ مۇقان ئېيتىدىكەن ، ئوغلى ئۇنىڭ يېنىغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ داپتا تەڭكەش قىلىدىكەن . تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ئالدىدا ھەمىشە قېنىق دەملەنگەن بىر پىيالە چاي قويۇقلۇق بولۇپ ، ئۇنىڭغا نوكچا ناۋات چىلاقلىق تۇرىدىكەن . C)6Oh u)r
بىر كۈنى ھۆكىمەتتىن مەلۇم بىر مەنسەپدار بىر ئەدىپنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ، تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ئېيتقان مۇقامىنى ئاڭلاشقا كەپتۇ . بۇ ، تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ سىمغا ئاۋاز بېرىۋاتقان ۋاقتى ئىكەن . ئۇستاز شۇ چاغلاردا ياشىنىپ قالغانلىقتىن ، ئاۋازى بىر خىل بوغۇق چىقىدىكەن . مېھمانلار خېلى ئۇزۇنغىچە مۇقام ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ، بۇ ھەممىسىلا بىر خىل ئاڭلىنىدىغان نەغمىدىن زېرىكىپ قالغاندەك بوپتۇ . i2Yl#
u?H
_ ھەي ي . . . بىزنىڭ روزى تەمبۇر بولغان بولسا - ھە ! - دەپتۇ ئەدىپ مەنسەپدارغا . %:6>W:HR-
ئۇلار ئىككىسى كېيىنكى قېتىم مۇقام ئاڭلاشقا يەنە كەپتۇ . بۇ قېتىم ئۇلار ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن روزى تەمبۇرنى بىللە ئالغاچ كەلگەنىكەن . t x@S1?t
تۇردى ئاخۇن ئاكا يەنىلا بۇرۇنقى ئورنىدا ئولتۇرۇپ مۇقام باشلاپتۇ . مېھمانلار چەتتىرەك ئولتۇرۇشۇپتۇ . مەنسەپدار بىلەن ئەدىپ روزى تەمبۇرنىڭ ئىنكاسىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن پات - پات ئۇنىڭغا قاراپ قويىدىكەن . بۇ قېتىم ئېيتىلغان مۇقاممۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك بىر خىللا ئىكەن . `B&|3TvV
مۇقام ئاخىر لىشىپتۇ . شۇ چاغدا قارىسا ، روزى تەمبۇر گىلەم ئۈستىدە ئۆمىلەپ كېتىۋاتقۇدەك . ئۇ ، ئۆمىلىگەن پېتى توپتوغرا تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇستازنىڭ پەشلىرىنى كۆزلىرىگە سۈرتۈپ سۆيۈشكە باشلاپتۇ . $hLauC[h
^C 6*
=v7u|&kwG AN[/C3]# خۇلاسە f%fkT
}N^rk[!
i'52,Ur
#[SX]AT4
ئەر -خوتۇن ئىناق ئۆتىدىغان كۆڭۈللۈك بىر ئائىلىىدە ئانچىكى بىر مەسىلە ئۇستىدە ئارىلاپ - ئارىلاپ تالاش تارتىش بولۇپ قالىدىكەن. گەرچە بۇنى چوڭ تالاش - تارتىش دېگىلى بولمىسىمۇ ، ھەرھالدا ئەر بىلەن خوتۇننىڭ بۇ مەسىلىدىكى كۆز قاراشلىرى پۇتۇنلەي بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىكەن . W}MsU+^}OU
بۇ قەدىناس ئەر -خوتۇننىڭ ئىككىسى ئۆيىدە بىرگە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزوردىن سەنئەت پرگراممىلىرىنى كۆرىۋاتقاندا ، ئەگەر ئېكراندا ئەر -ئايال قوش كىشىلىك بالېت ئۇسۇلى چىقىپ قالغۇدەك بولسا، مانا شۇ چاغدا بۇ ئىش يۈز بېرىدىكەن . ئەر بالېتچى ئۆزىگە قاراپ كەلگەن ئايال ئۇسسۇلچىنى تۇتىۋېلىپ لىككىدە كۆتۈرۈۋەتكەندە ، بولۇپمۇ ئۇنى بىر قولىدا ئېگىز كۆتۈرۈۋالغان كۆرۈنۈش پەيدا بولغاندا : = i(x7
_ پاھ ، نېمىدىگەن يەڭگىل ئايال بۇ ، ھە ! - دەيدىكەن ئەر بولغۇچى ئېكراندىن كۆزىنى ئۇزمەي تۇرۇپ . DP}FohQSL
_ شۇنى دېمەمسىز ، نېمىدىگەن كۈچلۈك ئەر بۇ ، - دەپ ھايالسىز جاۋاپ بېرىدىكەن ئايال بولغۇچى ئېرىگە . &GZpT"_s
بۇنداق تالاش - تارتىشىش بەزىدە تەنتەربىيە پروگراممىلىرىنى كۆرۈۋاتقاندىمۇ يۈز بېرىپ قالىدىكەن . فىگورىلىق مۇز تېيىلىش مۇسابىقىلىرىدە ، ئەر - ئاياللار جۈپ ئوينىشى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىلگەندە ئەر تەنھەتكەتچى ئۆز جۇپتىنى لىكلا قىلىپ كۆتىرۋالغاندا : {Z6sB[QO
_ ئەجەپ يەڭگىل ئايالكەنغۇ ، بۇ ، - دەپ قويىدىكەن ئەر . *.pznyg
_ ئايال ماھىر پاختا قونچاق ئەمەستۇ ، ئەرنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى كۆرمىدىڭىزمۇ ؟! - دەيدىكەن ئايال . `e]ZY
بار - يوقى شۇنچىلىكلا بىر ئىش ، لېكىن بۇ ھەقتىكى تالاش -تارتىشنىڭ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقىنىغا خېلى يىللار بوپتۇ . IqI5!2:
بۇ ئىش شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن ، ئەمدى بىز سىزدىن سۆراپ كۆرەيلى ، بۇ مەسىلىدە زادى قايسىسىنىڭ ھەقلىق ؟ ئەرنىڭ توغرىمۇ ئايالنىڭ ؟ kl'!}ny3$
كۈنلەرنىڭ بېرىدە «كۈچلۈك ئەر »، « يەڭگىل ئايال » توغرىسىدىكى بۇ ھېكايە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ، ئالىملارنىڭ خىزمەت ئارلىقىدىكى مۇزاكىرسىگە چۈشۈپ قاپتۇ . ]u| )~O
_ بۇ بىر يېڭى يۇمۇر ئىكەن ، - دەپتۇ ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى . eDw:o\ %r
_ بۇ بىر ئەر - خوتۇن قەدىناسلارنىڭ ئۆزئارا چاقچىقى ئىكەن ، شۇ ، - دەپتۇ يەنە بىر تەتقىقاتچى . q>h"+>
_ بۇ بىر ،ئىككى خىل جىنىستىكى فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ كىشى روھىيىتىدىكى ھەر خىل ئىپادىلىنىشى ، - دەپتۇ پىسخولوگىيە ئالىمى . 7ZR]h1h%"
ماھىيەت بىر ، ئىنكاس چەكسىز بولىدۇ . بۇ بىر ئوخشاش ھادىسىنىڭ ھەرخىل چۇشەندۇرۇلىشى ، - دەپتۇ پەيلاسوپ . c
`3gmJQ|
گەرچە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى ناھايىتى ئورۇنلۇق سۆزلەر بولسىمۇ ،لېكىن بۇ سۆزلەر « ئەر - خوتۇن ئىككەيلەندىن كىمنىڭ توغرا ، ئايال يەڭگىلمۇ ، ئەر كۈچلۈكمۇ » دېگەن ئاساسىي مەسىلىگە جاۋاپ بېرەلمەيدىكەن . بۇ مەسىلىدە ھەممەيلەننىڭ بىر پىكىرگە كېلىشى ھەقىقەتەن تەس ئىكەن . شۇنداقتىمۇ كىشىلەر ئاخىرى ئورتاق بىر خۇلاسىگە كېلىشىپتۇ .ئۇلار : « جۈپ ئوينىغاندا كۈچلۈك ئەر بىلەن يەڭگىل ئايال ئۆزئارا بىر جۈپ قېلىنىدۇ ؛قەدىناس ئەر - خوتۇنلاردىن ھەر ئىككىسىنىڭلا ئېيتقانلىرىنى ئاساسسىز دېگىلى بولمايدۇ »دىيىشىپ گەپنى تۈگىتىپتۇ . 6Rj%t@?W
ئېھتىمال سىزمۇ بۇ پىكىرگە قوشۇلىسىىز كېرەك . لېكىن بۇ ئىش تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمېيىسىدىكى ئالىملارنىڭ قولىقىغا يەتكەندە ، باشقىچە ئەھۋال يۈز بېرىپتۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ مەسىلىنى مىقدارلىق مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق ئۈزىل - كېسىل ھەل قىلىش كېرەك ئىكەن . \"peCQH-
ئۇلار مۇنداق دېيىشىپتۇ : « ھېكايىدىكى ئەر - خوتۇن قەدىناسلارنىڭ سۆزلىرىدىن قارىغاندا ، ئەر بولغۇچى بۇنى ئادەتتىكى بىر ئەرنىڭ يەڭگىل ئايالنى كۆتۈرگەنلىكى ، دەپ قارىغان ؛ خوتۇن بولغۇچى بولسا كۈچلۈك بىر ئەرنىڭ ئادەتتىكىچە بىر ئايالنى كۆتۈرگنلىكى ، دەپ قارىغان ؛ ئۇلارنىڭ بىرى يەڭگىللىكنىلا ، ئىككىنچىسى كۈچلۈكلىكنىلا مۇئەييەنلەشتۇرىدۇ ، ھەر ئىككىلىسى قارشى تەرەپنىڭ پىكرىنى ئىنكار قىلىدۇ . بۇ مەسىلىدە ئەر - خوتۇن ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلا توغرا بولۇشى ناتايىن؛ ئۇلارنىڭ بىېسىنىڭلا توغرا بولۇش ئىھتىماللىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ ». ^XTyvu`
_ ئەگەر « يەڭگىل» ، « كۈچلۈك »لىككنى كۆرسىتىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى قولغا كەلتۇسەك ، تالاش - تارتىشىش ئۆلىكىدىن ھەل بولىدۇ ، - دەپتۇ ماتىماتىك . GB?ixq[ae
_ بۇنىڭدا ئۆلچەم ھەممىدىن مۇھىم ، ئالدى بىلەن ئادەمدىكى كۈچ ۋە ئېغىرلىقنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆلچىمىنى بەلگىلەش كېرەك . ئاندىن ئېرىشىلگەن مىقدارلار بۇ ئۆلچەم بىلەن سېلىشتۇرىلىدۇ، - دەپتۇ فىزىكا تەتقىقاتچىسى . cvCbUJUGi
گەرچە ئۇلار شۇنداق دېيىشكەن بولسىمۇ ، لېكىن « ئەر - خوتۇن ئىككىەننىڭ كىمنىڭ توغرا » دىگەن بۇ مەسىلە يەنىلا ھەل بولماپتۇ . چۈنكى تېلېۋىزور ئېكرانىدا كۆرۈنگەن ماھارەت كۆرتكۈچىلەرگە ئالاقىدار كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتلارغا تېلېۋىزور كۆرۈپ ئوتۇرغاندا ئېرىشكىلى بولمايدىكەن . ئەمما ئىككى ئاكادېمىيىدىكى ئالىملارنىڭ كېيىنكى ئورتاق پىكرىدىن شۇنىسى ئېنىق بوتۇكى ، كىمنىڭ توغرا دېگەن مەسىلىدە ئۈچ خىل ئېھتىماللىق بار ئىكەن : بىرىنچىسى ، كۈچلۈكلىكى ئادەتتىكىچە بولغان بىر ئەر يەڭگىل بولغان بىر ئايال بىلەن ئونىغان ؛ ئۇنداقتا ئەرنىڭ توغرا . ئىككىنچىسى ، ئېغىرلىقى ئادەتتىكىچە بولغان بىر ئايال كۈچلۈك ئەر بىلەن ئوينىغان ؛ ئۇنداقتا خوتۇن بولغۇچىنىڭ توغرا . ئۈچىنچى خىل ھال ، كۈچلۈك ئەر بىلەن يەڭگىل ئايال بىر جۈپ ئوينىغان ؛ ئۇنداقتا ھەر ئككىلىسىنىڭ توغرا . w8q( >g|
يۇقىرقى تەھلىللەردىن مەلۇم بولدىكى : KKE/EJn
1 . تەكشۇرىۋاتقان ئىشلارنىڭ توغرا جاۋابى مەسىلىدە كۆپ خىل ئېھتىماللىق مەۋجۇد بولىدۇ . ھىسسىياتقا تايىنىپ چىقىرىلغان ھۆكىملەر ئىشەنچىلىك بولمايدۇ . % +ro&>
2 . مەسىلىنى تەھقىقلەشتە ، دەلىل - پاكىتلار ئاساس قىلىنىشى كېرەك . ئەكسىچە بولغاندا ، بىزنىڭ دېگەنلىرىمىز ئاخىرى چىقمايدىغان تالاش - تارتىشلارغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ . 2!u@3#/
C|\,5k=
5DncJCG
يۇقىرىدا مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ ناقىس تىلى ، پىشمىغان قەلىمى بىلەن « باراڭ ئاستىدىكى پاراڭ » دېگەن ئومۇمىي ماۋزۇ ئاستىدا ئوقۇرمەنلەرگە ئۇنچىۋالا ئېستىتىك زوق بېغىشلىيالمىغان بىر نەچچە كەلىمە سۆزلەرنى قىلىپ ئۆتتى . بۇلار بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم دېگۈدەك ئاڭلاپ - كۆرۈپ تۇرىدىغان ئىشلارنىڭ بىر نەچچە مىساللىرى ، خالاس . بۇ سەھىپىدە پېقىر پەقەت بىر - ئىككى ھېكايە ئۈچۈن ئاچە - مۇنچە ئىزاھات ۋە خۇلاسە بەرگەن بولسىمۇ ، باشقىلىرى ئۈستىدە ھېچنىمە دېمىدى . ئېھتىمال سىز ئۇلارنىڭ مەنىسىنى ئۆزىڭىز بىلىپ يەتكەنسىز ياكى بولمىسا ئۇلارنى قايتا ئوقۇپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ . .]Ak7P6
تۇرمۇش بەكمۇ رەڭدار ؛ تۇرمۇش - مەنا ، ئۇنى چۈشىنىۋىلىشقا تىرشىڭ . تۇمۇش - گۈزەل ، تۇرمۇش - لېرىكا ، ئۇنىڭدىن بەھىرلىنىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ ؛ لېكىن ھەر ۋاقىت ئۆز ئېدىقادىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ . OMQJ.gxtf
K'G%!x2/
*sDoK$R`
تۇگىدى. , HAEx>}Nn
ئاپتور : شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا ئوقۇتۇشى بويىچە ئالىي لىكتور ، ھازىر پىنسىيىدە
[ بۇ يازما باغۋەن تەرپىدىن 2008-05-18 13:06 دە قايتا ]