يۇمۇر دەپتىكەنسىلەر
سەلكىنداشلار سىلەرگە بىر قۇچاق يۇمۇر ئەكەلدىم. لىكىن كۈلۈشكە رۇخسەت يوق. كىم كۈلسە ماڭا جەرىمانە تۆلەيدۈ.
ياق دىيىشنى ھەرگىز ئۇنۇتما
بىزنىڭ
مۇنبەردىكى سۇۋادان بىر
قىز بىلەن يېڭىدىن تۆنۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۇپتۇ. ھەم قىزغا ياخشى تەسىر بىرىش ئۇچۇن.
-خىنىم بىللە تاماق يەپ كەلسەك بولامدۇ؟
-ياق
--بىللە باغچىغا كىرىپ ئايلىنىپ چىقساق بولامدۇ؟
-ياق
-بىللە تانسىخانىغا بىرىپ كەلسەك بولامدۇ؟
-ياق
-خىنىم نىمىشقا ياقلا دەيسىز؟
-ئانام مىنى ئوغۇللار بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەندە ياق دىيىشنى ئۇنۇتما دىگەن.
شۇنداقمۇ ؟ ئانىڭىزمۇ قىزىقكەن. خىنىم مۇشۇ يەردە ئاچ ئولتۇرايلىمۇ؟
-ياق
-مۇشۇ يەر بەك ۋاراڭ چۇرۇڭكەن بىردەم ئولتۇرايلىمۇ؟
-ياق
-سىز تانسىغا بەك ئۆچ ھە!
-ۋىييەي ياق دىدىم ياق...
ئۆلگەن ئادەم مەن ئەمەسكەنمەن
ئىككى ئوتۇنچى ئورمانلىقتىكى بىر ئۆينىڭ
ئىشىكىنى چەكتى.
-ياخشىمۇسىز؟
ياخشىمۇ سىلەر دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ئوي ئىگىسى
بىز بايا ئورمانلىقتا بىرجەسەت بايقىغانىدۇق سىزمىكىن دەپ ئەنسىراپ كىتىپتۇق تىخى.
قانداقراق ئادەمكەن؟
تەن قۇرلىشى سىزدىن پەرىقلەن
مەيدىكەن.
قىزىل كۆينەك كىيىۋاپتىمۇ؟
ياق قىنىق قوڭۇر رەڭلىككەن.
ئۇنداقتا خۇداغا مىڭ شۇكرى. ئۆلگەن ئادەم مەن ئەمەسكەنمەن!!
ئادوۋكاتلىق كىيمى
يېڭىدىن ئادوۋكاتلىق ئىمتاھانىدىن ئۆتكەن بىر ئادوۋكات ھاياجانلانغانلىقىدىن بىر ئادوۋكاتلىق كىيمى بۇيرۇتۇپتۇ.
كىيىم پۇتكەندىىن كىيىن سىناپ كىيىپ بىقىپتۇ. ئۇ قولىنى يانچۇقىغا سىلىپ ئۇگۇنۇپ قالغان بولغاچقا ، قولىنى ئوڭ سول تەرەپكە سىلىپ بىقىپتۇ. ۋۇي يانچۇقى يوققۇ؟
ئۇستام نىمىشقا يانچۇق قىلمىدىڭىز؟
ئۇستام ئالدىرماي تۇرۇپ : سىز بىلمەيدىكەنسىز. ئادوۋكاتلار قاچان ئوز قولىنى ئۆز يانچۇقىشا سىلىپ باققان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىشنىڭ يانچۇقىغا قولى سۇنىدۇ. دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
قايسى شەھەرنىڭ ئادىمى
ئەلئارا ئەل
كىزىپ يۇرىيدۇ. بۇنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر. بىركۇنى ئۇ نۇپۇس بىجىرمەكچى بولۇپ ساقچىخانىغا كىرىپتۇ.
ساقچى: سىز قەيەردە تۇغۇلغان؟
خوتەندە.
ئۇنداقتاسىز خوتەنلىككەنسىز دە؟
ياق ئاتا -ئانام ئاقسۇلۇق.
ياق سىز خوتەندە تۇغۇلغان ئىكەنسىز خوتەنلىك ھىساپلىنىسىز.
ئەپەندىم .ئەگەر مىنىڭ ئىتىم ئات ئىغىلغا تۇغۇپ سالسا مەن ئۇنى كۇچۇك دەيمۇ؟؟ تايچاقمۇ ؟
يولدىن ئادىشىپ قىلىش
بىر ئىكىسپىدىتسىيچى ئورمانلىقتا ئادىشىپ قاپتۇ.2كۇن قارغۇلارچە ئۇياقتىن بۇياققا مىڭىپ يۇرۇپ ئاخىر بىر ئادەمگە يولۇقۇپتۇ. ئۇ خۇشال بولغان ھالدا <<خۇداغا شۇكرى ! مەن يولدىن ئادىشىپ قالغىلى 2كۇن بولدى. ئاخىرى سىزنى ئۇچراتتىم>>
<< بۇنىڭ خۇشال بولغۇدەك نىمىسى بار>>دەپتۇ ھىلىقى ئادەم مەن ئىزىقىپ قالغىلى 10كۇن بولدى