mtv تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ھەمشىرىلەر(تولۇق نۇسخىسى) IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 11286 قېتىم كۆرۈلدى
زىننۇرە
نىمە ئۈچۈن؟
ئالاھىدە تۆھپە ئۆمۈرلۈك شەرەپ سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 1673
نادىر تېما : 14
يازما سانى : 1337
شۆھرەت: 2870 كىشىلىك
پۇل : 2123412 سوم
تۆھپە: 146 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2464 نۇمۇر
قوللاش: 1748 نومۇر
ئالقىش: 2017 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-11

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ھەمشىرىلەر(تولۇق نۇسخىسى)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئاناقۇشئۇۋىسى تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2008-12-01)
OP 
w >2sr^!y  
Ui!l3_O  
ھەمشىرىلەر CIz0Gjtx6m  
(1) (BFwE@1"  
q\}+]|nGs  
8q%y(e  
   فاتىمە كۆزىنى ئاچقاندا دادىسى ئاللىقاچان كېتىپ قالغانىدى، يېنىدا پەقەت ئاپىسى كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىغان، بىر نۇقتىغا تىكىلىگەن ھالدا ئولتۇراتتى. فاتىمە ئاپىسىغا بىر دەم قاراپ ياتتى، لېكىن ئاپىسى ئۇنىڭ قاراۋاتقانلىقىنى سەزمىگەندەك بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە ئولتۇراتتى. ئاندىن ناماز ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى. بۇ چاغدا ئاپىسى ئۇنىڭ ھوشىغا كەلگەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا قارىدى. PcEE`.  
  ئاپىسىنىڭ نەزىرى شۇنچىلىك سوغۇق، ئۇنىڭ قارىشىدىن قىزىغا ئىچى ئاغرىۋاتقانلىقىنى، ياكى خوپ بولدى، تارتقۇلۇقۇڭنى تارتتىڭ، دەۋاتقانلىقىنى فاتىمە بىلەلمىدى. ئۇمۇ ئاپىسىغا سوغۇق نەزەر بىلەن قارىۋەتكەندىن كېيىن ھالسىز بەدەنلىرىنى كۆتۈرۈپ تازىلىق ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.  * 
  --نەگە ماڭدىڭ؟!—دېدى ئاپىسى بوغۇق ئاۋازدا. فاتىمە جاۋاب قايتۇرمىدى. ئۇنىڭ ئەمدى ئاپىسىغا بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلغۇسى يوق ئىدى. (T0MWp0  
  فاتىمە تازىلىق ئۆيىدىكى ئەينەككە قاراپلا چۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ سول مەڭزىدە بەش بارماقنىڭ ئىزى شۇ پېتىلا چىقىپ قالغان ئىدى. پېشانىسى تۇخۇمدەك ئىششىپ چىققانىدى. بېلەكلىرىمۇ كۆكۈرۈپ كېتىپتۇ، دۈمبىسىمۇ ئاغرىۋاتىدۇ، بەلكىم كۆكەرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ يۈرىكى چۇل-چۇل بولۇپ كەتتى!! ئۇنىڭ دادىسى قانچىلىك كۈچكۈڭگۈر ئادەم. ئۇنىڭ تاياقلىرىنى بۇ ئورۇققىنە قىز كۆتۈرەلەيتتىمۇ؟ ئۇنىڭ ئانىسىچۇ؟ ئېرىنىڭ، توغرىسى بۇرۇنقى ئېرىنىڭ قىزىنى شۇنچىلىك ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇشىغا ھاي دېمەستىن قاراپلا تۇردى. ئەجىبا بۇلار ئۇنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى ھە!! ئۇنىڭ ھەدىسىچۇ؟ كىچىك چېغىدا دادىسى بىر قېتىم ھەدىسىنى ئۇرغاندا ئۇ دادىسىنىڭ پۇتىغا چىڭ ئېسىلىۋېلىپ، دادىسى ئۇنى تېپىۋەتسىمۇ يەنە ئېسىلىۋېلىپ ھەدىسىنى تاياقتىن ساقلاپ قالغانىدى. لېكىن ھەدىسىمۇ بولدى دادا، دېيەلمىدى. پەقەت بىر بۇلۇڭدا يىغلاپلا ئولتۇردى، تاكى ئۇ تاياق زەربىسىدىن ھوشىدىن كەتكۈچە.... iX6>u4~(  
  سوغۇق سۇ ئۇنى بىر ئاز سەگىتتى. ئۇ مۇزدەك سۇ بىلەن يۈزىنى قايتا-قايتا يۇيدى، ئارقىدىنلا بۇنداق يۇيۇشنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى يادىغا يېتىپ بېلەكلىرىنى يۇيۇشقا باشلىدى. تاھارەتتىن كېيىن ياتاق ئۆيگە كىرىپ ياغلىق ۋە يېپىنچىسىنى ئىزدىدى. ^l|b>z"0ao  
  توغرا، ئۇنىڭ ياغلىقلىرى بايا دادىسى تەرىپىدىن يىرتىۋېتىلگەن، ھازىر بىرمۇ ياغلىقى قالمىدى. دادىسى قايچا بىلەن ئۇنىڭ ياغلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى پارچە-پارچە قىلىپ كېسىۋەتكەنىدى. ئۇنداقتا نامازنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ چامانىدىن تېخى چىقارمىغان بىر يېپىنچىسىنى ئالدى، ئاندىن بىر ئىچ مايكىنى ئالدى، مايكىنى بېشىغا ئوراپ چاچ ۋە بويۇنلىرى ئازراقمۇ كۆرۈنمىگەنلىكىگە جەزىم قىلغاندىن كېيىن تەكبىر بىلەن نامازنى باشلىدى. \OA{&G.  
  --ھۇ ئەقلى يوق دۆت!! ئاتا-ئاناڭنى قاقشىتىپ جەننەتكە كىرگىنىڭنى بىر كۆرەي، بىزنى ئەنسىرىتىپ، مۇشۇنچە قاقشىتىپ تېخى ناماز ئوقۇيدىكەن. بۇنداق ئوقۇغان نامىزىڭ نۆلگە تەڭ!—ئاپىسى سىرتتىكى ئۆيدە بىر نېمىلەرنى دەپ توۋلاۋاتاتتى. فاتىمە نامىزىنى ئوقۇۋەردى. ھەرھالدا ئاپىسىنىڭ باشقا كۈنلەردىكىدەك يۈگۈرۈپ كىرىپ بېشىدىن ياغلىقىنى ئېلىۋېتىپ، نامىزىنى بۇزۇۋەتمىگەنلىكىگىلا خوشال ئىدى. UPU$SZAIx  
  --ئى ئۇلۇغ ئاللاھ!—دەيتتى ئۇ دۇئاسىدا،--مېنى كافىرلارنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزغىن، ماۋۇ ئائىلەمدىكى مۇنافىقلارنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزغىن. ماڭا ھېچبولمىسا ئىبادىتىمنى خاتىرجەم قىلغۇدەك بىر ماكان بەرگىن، بۇ يەردىن مەكتىپىمگە ساق-سالامەت بېرىۋالغىلى نېسىپ قىلغىن.... J _;H  
  --بۇ ياققا چىق! ساڭا دەيدىغان گېپىم بار،--دەپ توۋلىدى ئاپىسى. ئۇ كارىنى قىلماي قولىدىكى كىتابىغا قارىغىنىچە ئولتۇرۇۋەردى. Bj1%}B  
  --مەن ساڭا بۇ ياققا چىق دېدىمغۇ!—دېدى ئاپىسى يۈگۈرۈپ كىرىپ، غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ قولىدىن كىتابنى يۇلۇپ ئالدى. M&j|5UH%.  
  --مېنىڭ ساڭا دەيدىغان گېپىم يوق!—دېدى ئۇ تۆۋەن، لېكىن تولىمۇ قەتئىي تەلەپپۇزدا. Fs(PVN  
  --سەن مېنى «سەن» لەۋاتامسەن؟--ئاپىسى قولىدىكى كىتاب بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا بىرنى سالدى،--قۇرۇپ كەتسۇن نامىزىڭ! قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق دىنىڭ! قۇرۇپ كەتسۇن خۇدايىڭ! ساڭا ئاپىسىغا تىل تەگكۈزۈشنى ئۆگەتكەن ئۇنداق خۇداغا لەنەت! nf0u:M"fm  
  --ئاغزىڭنى يۇم!—دېدى ئۇمۇ بوش كەلمەي،--يەنە دىنىمنى چىشلەپ تارتىدىغان بولساڭ مەندەك بالىنى تۇغقىنىڭغا پۇشايمان قىلدۇرۇۋېتىمەن! بۇ ئۆيدىن چىق! ={ )85N  
  ئاپىسى ياقىسىنى تۇتقىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ قېتىپلا قالدى. بەلكىم كىچىكىدىن تارتىپ شوخ بولسىمۇ ئاپىسىنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، كۆيۈمچان قىزىنىڭ تۇيۇقسىزلا بۇنداق ئۆزگىرىپ كەتكىنىگە ئىشىنەلمەي قېلىۋاتقاندۇ. بايا قىزىنىڭ دادىسىغا تىل ياندۇرۇپ زوكۇنلاشقىنىنى كۆرگەندە ھەيران قالغان بولسىمۇ ئۆزىگىمۇ بۇنداق تىل ياندۇرۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ?b,>+v-w::  
  ئاپىسى ياتاق ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ نېمىدېگەن بەختلىك قىز ئىدى! ھېچبولمىسا ئۇ ئۆزىنى شۇنداق ھېسابلايتتى. ئاتا-ئانىسى كىچىكىدە ئاجرىشىپ كەتكەن، دادىسى كېيىن قايتا توي قىلدى، لېكىن ئاپىسى توي قىلمىدى. دادىسى ئۇلار بىلەن ئاز دېگەندىمۇ ھەپتىدە بىرەر قېتىم كۆرۈشۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش راسخوتىنىمۇ دادىسى تۆلەيتتى. يەنە كېلىپ ئاتا-ئانىسى ئىككىلىسىلا ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نەتىجە ئېلىپ ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىنىدە ئۇلارنىڭ قانچىلىك خوشال بولغىنىنى دېمەيلا قويۇڭ. g0tnt)]  
  ئۇلار تەييارلىقنىمۇ ئىچكىرىدە ئوقۇيتتى. تەييارلىقتىكى ياتاقداشلىرى ئىچىدە بىر قىز ناماز ئوقۇيتتى. تولىمۇ ئەدەبلىك ۋە تىرىشچان قىز ئىدى. ياتاقتىكى ھەممەيلەن ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى. فاتىمە كىچىكىدىن تارتىپ ھېچقانداق دىنىي تەربىيە ئېلىپ باقمىغاچ ئۇنىڭ ناماز ئوقۇشىنى بەلكىم ئۆيىدىكىلەر زورلىغاچقا شۇنداق قىلامدىكىن، دەپ ئويلايتتى. ئۇنىڭ نەزەرىدە ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئارزۇ-ئۈمىدلىرى تولۇپ-تاشقان بىر ياشنىڭ بۇنداق خۇراپىي ئىشلارغا ۋاقىت ئىسراپ قىلىشى ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش ئىدى. cRVL1ne  
  --دىلنۇر، جۈرۈڭ ۋالىبول ئويناپ كىرەيلى. [i`  
  --رەھمەت فاتىمە. بىردەمدىن كېيىنلا ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى بولۇپ قالىدۇ. مەن چىقماي. PC_!  
..... [Cl0Kw.LD  
  --دىلنۇر، كەچتە مەكتەپ كىنوخانىسىدا بەك پەيزى كىنو بار ئىكەن، كۆرۈپ كىرەمدۇق؟ HY)xT$/J  
  --بولدى، سىلەر چىقىڭلار، مەن بۈگۈن تاپشۇرۇق ئىشلەي. *p}mn#ru-  
  --ئەتە دېگەن يەكشەنبە، ئەتە ئىشلىسىڭىزمۇ بولىدۇغۇ؟ 1MLL  
  --ئەتە مەسچىتتە بىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدىم. قۇرئان ئۆگەنمەكچىدۇق. ZRagM'K  
..... =Zq6iMD  
  --دىلنۇر، ئەتە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، ئەتە قىزلارنى مەكتەپ سىرتىدىكى «ئەپەندىم تېز تاماقخانىسى» غا تاماققا چاقىردىم. كەچ سائەت بەشتە، ۋاقتىدا بېرىڭ. fu "cX;  
  --ھە؟ ئەتە...ئەتە مېنىڭ ئىشىم بار ئىدى... {@InOo!4w]  
  --ۋاي-ۋۇي، سىزنىڭلا ئىشىڭىز تۈگىمەيدۇ. ئىش دېگەننى قاچان قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ، مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم يىلىغا ئاران بىرلا قېتىم كېلىدۇ. ic2 D$`M  
  --راستىنى ئېيتسام...تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش دىنىمىزدا چەكلەنگەن. شۇڭا....كەچۈرۈڭ، بارالمايمەن. f7=MgFi  
...... Fz7t84g(  
  مۇشۇنداق پاراڭلاردىن كېيىن ياتاقداشلار بارا-بارا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئازراق بىزارلىق ھېس قىلىشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دىندا چىڭ تۇرۇش ئىرادىسىگە قايىل بولماي قالمىدى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئوچۇق-يورۇق، ھەممە ئىشنى تۈجۈپىلەپ قىلىدىغان مىجەزى باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە قايىللىقىنى قوزغىماي قالمايتتى. بىر يەكشەنبە كۈنى ئۇ مەسچىتتىكى قۇرئان ئۆگىنىشىدىن كېيىن ئۇچىسىغا ئۇزۇن چاپاندىن بىرنى كىيىپ، بېشىغا ياغلىق ئارتىپ كېلىۋېدى، كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھەيرانلىقى تېخىمۇ ئاشتى. 46:<[0Psl/  
  ئۇزۇن ئۆتمەيلا رامىزان ئېيى يېتىپ كەلدى. ياتاقتىكى قىزلار ئادەتتە دىنغا قىلچە ئەھمىيەت بەرمىگەن بىلەن رامىزاندا ھەممىسى تەقۋادارلاردىن بولۇپ كېتىشتى. ئەتىگەندە كىم ئورنىدىن بۇرۇن تۇرسا شۇ باشقىلارنى ئويغىتاتتى، بۇنىڭ سىنىپتىكى ئوغۇللارنىڭ ئالدىدا «بىزنىڭ ياتاقتىكى قىزلارنى سوھۇرغا مەن ئويغىتىمەن...» دەپ ماختىنىشىغا پايدىسى بار ئىدى. سەھەردە ھەممەيلەن بىرلىكتە مەكتەپ سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا چىقىپ تاماق يېگەندىن كېيىن، دىلنۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىللە دۇئا قىلىشىپ قايتىپ كىرەتتى. ئىككى قىز يەنە بىر ۋاق ناماز باشلىۋالغانىدى. ئەلۋەتتە فاتىمەمۇ سەپتىن قالماي روزا تۇتۇشقا كىرىشىپ كەتكەنىدى. شۇغىنىسى ئۇ روزا تۇتۇشنىڭ سەۋەبىنى تازا بىلىپ كەتمەيتتى. ياتاقتا قىزلارنىڭ «بىلەمسىلەر، روزا تۇتسا سالامەتلىككە بەك پايدىلىقكەن....بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز نېمە دېگەن ئۇلۇغ دىن» دېگەنلىرىنى ئاڭلىغاندا بىر ئىلاھىي سېزىم ئۇنىڭ بەدىنىنى بىردەملىك چۇلغىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىيۇ، بۇ سېزىم بىردەملا يوقاپ كېتەتتى. بولۇپمۇ كۈندۈزى ئۇيقۇسىراش ۋە قورسىقى ئېچىپ كەتكەنلىك سەەۋەبىدىن دەرس ۋە ئۆگىنىش خوشياقمىغاندا ئۇ روزا تۇتۇشتىن بەكلا زېرىكەتتى. C`.YOkpj  
رامىزاننىڭ 27-كۈنى كەچتە، قىزلار بىرلىكتە تۈنىمەكچى بولدى. بۇ دەل جۈمە كەچكە توغرا كەلگەچ، قىزلار ئەتىسى خاتىرجەم ئۇخلىۋالسىمۇ بولاتتى. ئۇلار بىردەم گازىر چاققاچ ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن پاراڭ سوقۇپ ئولتۇردى، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە تۈنەش پەقەت كېچىسى ئۇخلىماسلىق ئىدى. دىلنۇر بالكونغا ناماز ئوقۇۋاتاتتى. M)bQvjj  
--ھەي قىزلار، دىلنۇر بالكوندا ناماز ئوقۇسا توڭۇپ كەتمەسمۇ؟ ھەي فاتىمە، چىقىپ چاقىرىپ كىرگىنە، ياتاقتا ئوقۇسۇن، بىزمۇ تۆۋەنرەك ئاۋازدا پاراڭلىشايلى. f8Hq&_Pn   
فاتىمە بالكونغا ئەڭ يېقىن بولغاچقا، ئورنىدىن تۇرۇپلا بالكونغا قاراپ ماڭدى. 12-ئاينىڭ سوغۇقى بالكوننىڭ ئىشىكىنى ئېچىشى بىلەنلا ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىگە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ چىققاندا دىلنۇر دۇئا قىلىۋاتاتتى. (p{X.X+  
--دىلنۇر، نامازنى ياتاق ئىچىگە كىرىپ ئوقۇڭە، بۇ يەر بەك سوغۇقكەن،--دېدى ئۇ، لەۋلىرى سوغۇقتىن تىترەپ كەتتى. !l'nX  
  --ھە، مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ تۇراتتىم، رەھمەت سىزگە،--دىلنۇرنىڭ بۇرۇن ئۇچى قىزىرىپ كەتكەنىدى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ قانچىلىك توڭلىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولاتتى. S@qPf0dL<  
  --قىزلار، بۈگۈن كېچە قانداق كېچە، بىلەمسىلەر؟--دېدى دىلنۇر ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ. 8SjCU+V  
  --ياق،--قىزلار قايسىڭلار بىلىسىلەر، دېگەندەك بىر-بىرىگە قاراشتى. Thggas,  
  --پەيغەمبىرىمىزگە قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان كېچە. ئاللاھ قۇرئاننى قەدىر كېچىسى نازىل قىلىشقا باشلىغان ئىكەن. قەدىر كېچىسى ناھايىتى ئۇلۇغ، بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ئاللاھ چەكسىز ساۋاب بېرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز قەدىر كېچىسىنى رامىزاننىڭ ئون كۈنى ئىچىدىكى تاق كۈنلەردىن ئىزدەڭلار، دېگەن ئىكەن، كۆپ قىسىم ئالىملار 27-كېچە، دەپ قارايدىكەن. ئەگەر خالىساڭلار، مەن بىردەم قۇرئان ئوقۇپ بېرەي. :w^:Z$-hf  
  --ئەجەب ياخشى.—دېيىشتى قىزلار،--ياغلىق چىگىپ ئولتۇرامدۇق، يا چىگمىسەكمۇ بولامدۇ؟ G@s:|oe  
  --ئىختىيارىڭلار،--ئۇ شۇنداق دەپ قۇرئاننى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدى. بەلكىم ئۆزى كۈندە ئوقۇۋاتقاچ، دەل شۇ يەرگە كەلگەن بولسا كېرەك، قۇرئاننىڭ قىزىل يىپى شۇ يەردە ئىدى: HYl+xH'.j  
« ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ قا تەسبىھ ئېيتتى، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [1]. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، اﷲ ئۆلتۈرەلەيدۇ، تىرىلدۈرەلەيدۇ، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر [2]. اﷲ نىڭ ئىپتىداسى يوقتۇر، ئىنتىھاسى يوقتۇر، (اﷲ) ئاشكارىدۇر (يەنى مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكۈچى دەلىللەر بىلەن ئەقىللەرگە ئاشكارىدۇ)، مەخپىيدۇر (يەنى ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ زاتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇشقا ئەقىللەر ئېرىشەلمەيدۇ)، اﷲ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر [3]. اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، (ئاندىن ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى، اﷲ زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر قەيەردە بولساڭلار، اﷲ سىلەر بىلەن بىرگە، اﷲ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [4]. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، ھەممە ئىش اﷲ قا قايتۇرۇلىدۇ [5]. اﷲ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، اﷲ دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر [6]. اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، اﷲ سىلەرنى ئىگە قىلغان ماللاردىن سەدىقە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە سەدىقە قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئىگە بولىدۇ [7]. (ئى كۇففارلار!) سىلەر نېمىشقا اﷲ قا ئىمان كەلتۈرمەيسىلەر؟ ھالبۇكى، پەيغەمبەر سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىدۇ، اﷲ سىلەردىن چىن ئەھدە ئالدى، ئەگەر ئىمان كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلساڭلار (ئىمانغا ئالدىراڭلار) [8].»......① 11PL1zzH  
ئۇ ئاستا، تولىمۇ ۋەزمىن ئاھاڭدا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇيتتى. بۇ چاغدا فاتىمەنىڭ قەلبىنى ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر سېزىم، تولىمۇ ئۇلۇغ، تولىمۇ ئۇلۇغ بىر ئىلاھىي سېزىم چۇلغىۋالدى. ھەربىر ئايەت، ھەربىر سۆز ئۇنىڭ قەلبىدە ئەكس سادا پەيدا قىلماقتا ئىدى. SlsNtaNt  
  --ماۋۇ ھەدىس توپلىمى، خالىساڭلار بۇنى كۆرگەچ ئولتۇرۇڭلار،--دېدى دىلنۇر بۇ سۈرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر كىتابنى سۇنۇۋېتىپ،--مەن يەنە بىردەم ناماز ئوقۇۋالاي. h#zm+([B*  
  --دىلنۇر، مەن سىز بىلەن بىللە ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟--دېدى ئايگۈل ئىسىملىك قىز، ئۇنىڭ كۆزلىرى نېمىشقىدۇر نەملىشىپ قالغانىدى،--مەنمۇ ناماز ئوقۇيالايمەن، ئاپامدىن ئۆگەنگەن. H;=yR]E  
  --بولىدۇ، جۈرۈڭ ئەمىسە، چىقىپ تاھارەت ئېلىپ كىرەيلى. مەنمۇ تاھارىتىمنى يېڭىلىۋالاي. «تاھارەت ئۈستىگە تاھارەت، گۈل ئۈستىگە گۈل قويغاندەك». ② S%RxYJ(  
  ئۇلار ئىككىسى سىرتقا قاراپ ماڭدى، فاتىمەمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى..... CX#d  
قىشلىق تەتىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ناماز ئوقۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، تەتىلدە ئۆگىنىش قىلىشنى باھانە قىلىپ ئۆيىگە قايتمىدى، دىلنۇرمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ قالدى. 0+0 Y$;<  
  --دىلنۇر، سىزگە بەك ھەۋىسىم كېلىدۇ،--دېدى بىر كۈنى فاتىمە. IiKU =^~w  
--نېمىشقا؟ o=VZ7]  
  --سىز كىچىكىڭىزدىن ياخشى ئىسلامىي تەربىيە بىلەن چوڭ بولغان ئىكەنسىز. لېكىن مەن ئىسلامدىن پۈتۈنلەي يىراق بىر مۇھىتتا چوڭ بولدۇم. دادام ساقچى، ئاپام ئوقۇتقۇچىسى. نېمە ئوقۇتقۇچىسى دېمەمسىز؟ بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى، سېپى ئۆزىدىن ئىنسان مايمۇندىن تۆرەلگەن دەيدىغىنى. دادام ساقچى بولغانلىقتىن ئەزەلدىن ھېيت نامىزىغىمۇ بارمايدۇ. ھازىر ئويلىسام ئۇلار ئۈچۈن كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ. 5!Er ;e  
--راستىنى ئېيتسام مەنمۇ سىزدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بىر مۇھىتتا چوڭ بولغان،--دېدى دىلنۇر پەس ئاۋازدا. Ez  
--راستمۇ؟ بىز تېخى سىزنى موللامنىڭ قىزىمىكىن دەپ يۈرۈپتۇق،--دېدى فاتىمە ئىشەنگۈسى كەلمەي. .t ^1e  
--دادام ناھىيەمىزنىڭ ھاكىمى،--دېدى دىلنۇر خىجىل بولغاندەك تەلەپپۇزدا،--ئاپام ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. ئۇلار ئىككىلىسى بەك قىزىل پاچاق. مېنىڭ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىمنى بىلگەندە دادام تاس قالغان مېنى ئۇرۇپ ناكا قىلىپ قويغىلى، لېكىن ئاكام بىلەن ئاپام ئىككىسى توسۇۋالغان. مەن ناماز ئوقۇشنى ۋە ئىسلامغا دائىر بىلىملەرنى ئاكامدىن ئۆگەنگەن. دېسەم چوقۇم ئىشەنمەيسىز، ئاكام ماڭا ئىسلامنى ئۆگىتىش ئۈچۈن مەن نەگە بارسام شۇ يەرگە كەينىمدىن باراتتى، ھەتتا دېسكوخانىغا كىرسەم كەينىمدىن بىللە كىرىپ ماڭا ئايەت-ھەدىس سۆزلەيتتى. مەن ئاكامغا «بولدى ئاكا، ئاۋارە بولما، بۇ دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنى ناماز ئوقۇيدىغان قىلىۋەتسەڭمۇ مېنى قىلالمايسەن» دەيتتىم، كىم ئويلىغان، بەندە مۇمكىن ئەمەس، دېگەن ئىش ئاللاھقا مۇمكىنكەن، بەندىگە تەس ئىش ئاللاھقا ئاسانكەن، مۇشۇنداق ئاكام بولغىنىدىن بەك پەخىرلىنىمەن. ئۆيدىكىلەر مېنىڭ ياغلىق سېلىپ ئورانغانلىقىمنى تېخى بىلمەيدۇ. كىم بىلىدۇ، بىلسە نېمىلەر بولۇپ كېتىشىنى. لېكىن ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ. ئاكاممۇ قاراپ تۇرمايدۇ، ئىنشائاللاھ.③ 6heK8*.T  
فاتىمە ھەيران بولغىنىچە تۇرۇپلا قالدى، ماۋۇ كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان، تولىمۇ چىرايلىق، لېكىن ئاددىي- ساددا، قىلچە ھاكاۋۇرلۇقنى بىلمەيدىغان قىز ناھىيە ھاكىمىنىڭ قىزىكەن. ناماز ئوقۇش ئۈچۈن شۇنچە مۇشەققەتلەرنى تارتىپتۇ. تېخى بۇ قىز دېسكوخانىغىمۇ كىرىپ باققانىكەن، بۇنداق گەپكە كىمنىڭمۇ ئىشەنگۈسى كەلسۇن؟! |$8N*7UD  
--مەن ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە قانداق كىيىنىش بىلەن كارى يوق ئىكەن، دەپ ئاڭلاپ بۇ يەرگە كەلگەن، بۇرۇندىنلا ئورانغۇم بار ئىدى. ئاللاھ مۇسلىمەلەرنى مۇشۇنداق ئورىنىپ يۈرۈشكە بۇيرىغان ئەمەسمۇ! " 
--دىلنۇر، مۇشۇنداق قىلىش...سىزچە ئەرزىمدۇ؟ بەك جاپادا قاپسىز. تېخى تاياقمۇ يەپسىز. %i&am=  
--تاياقنىغۇ كۈندە يەيتتىم، دادام مېنى ئۇرۇپ ھېرىپ كېتىپ توختاپ قالغان چاغلىرىمۇ بولغان. ئۇرۇپ توختىغىنىدا كىرىپ نامىزىمنى ئوقۇيتتۇم. ئاخىرى ئاپام بالىنى يەنە ئۇرىدىغان بولساڭ سەن بىلەن ئاجرىشىمەن، دەپ يۈرۈپ ئاران توختاتتى. بىلىمەن، داداممۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئەمەلدارلىقنى مەندىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرەمدىكىن، دەيمەن. مەن ئاللاھتىن توختىماي دۇئا قىلىپ تىلەۋاتىمەن، ئاللاھ خالىسا دادام چوقۇم ھەقنى چۈشىنىدۇ، ھامان بىركۈنى. !ggHLZRlz  
  لېكىن مەن نامىزىمدىن، ئىمانىمدىن كېچىشنى ئويلاپمۇ باقمىدىم. ساھابىلەر دەسلەپتە ئىمان ئېيتقاندا قانچىلىك جاپا تارتقان ئىكەن، بىلەمسىز؟ بىر ساھابىنى ھەتتا چوغنى يەرگە يېيىتىپ شۇنىڭ ئۈستىدە دومىلىتىپتىكەن، بىر ساھابىنى مەككىنىڭ تۇخۇمنى قويسا پىشىدىغان قىزىق قۇمىغا ياتقۇزۇپ ئۈستىگە ئېغىر تاشنى باستۇرۇپ قويۇپتىكەن، بەزىلىرىنى ناھايىتى ۋەھشىي ھالدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئىمانىدىن كەچمىگەن ئىكەن. بىزدىن مىڭ ھەسسە  ئېغىر كۈنلەردە تۇرۇپمۇ ئىمانىدىن قىلچىلىك يانمىغان ئادەملەر كۇرمىڭ. ھەقىقەتتە چىڭ تۇرماق ئاسان ئەمەس.... 3&X5*-U  
شۇ كۈنى كەچتە ئۇلار مەكتەپ سىرتىدىكى تېز تاماقخانىنىڭ خوجايىنىنىڭ ئايالىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى. V2Z^W^  
--بالدۇرراق كېلىڭلار، VCD قويۇپ بېرىمەن، ئۇيغۇرچە كىنو سېغىنغانسىلەر ھەقىچان،--دېگەنىدى ئۇ ئايال تېلىفوندا. * se),CP!s  
ئۇلار ئەسىر نامىزى بىلەن يېتىپ كېلىشتى. ئۇلار كەلگەندە ئۆي ئىگىسى ئايال تاھارەت ئېلىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئەسىر ئوقۇشقا ساقلاپ تۇرغانىكەن. pfk)_;>,  
--ھەي دىلنۇر، مەندە بىر فىلىم بار، سىز چوقۇم ياقتۇرىسىز،--دېدى نامازدىن كېيىن. ئۇ تولىمۇ چاقچاقچى، خۇشخۇي ئايال ئىدى،--بۇنى كۆرگەچ تۇرۇڭلار، مەن قورۇمىنى قورۇپ، پىلتە قىلىپ تەييار قىلىپ قويغان، لەغمەن سېلىپ كىرەي. 7r3EMX\#Qm  
--بىزمۇ قارىشامدۇق؟ cMUmJH  
--بولدى، سىلەر كۆرگەچ تۇرۇڭلار. K?wo AuY  
ئۇنىڭ بەرگىنى تۈركىيىنىڭ داڭلىق ھېكايە فىلىمى« دانىيەلىك كېلىن» ئىدى. دىلنۇر بۇ فىلىمنى ئىلگىرى كۆرۈپ بولغانىكەن. فاتىمە بولسا ئاڭلاپمۇ باقمىغانىدى. كىنو باشلىنىشى بىلەنلا ئۇ كىنونىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتى. :EC[YAK+D  
كىنودىكى خەدىچە جەيناماز ئۈستىگە بىرىنچى قېتىم چىقىپ يىغلاپ كەتكىنىدە ئۇمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىمۇ شۇنداق سىلكىنگەن، شۇنداق بىر ھاياجان ئۇنى ئېسەدەتكەن، لېكىن نېمىشقىدۇر يىغلىيالمىغان ئىدى. بۈگۈن يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىكى ئەندىشىلىرىنى، ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىنى مۇشۇ يىغىسى ئارقىلىق تەسكىن تاپقۇزماقچى بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. &ZPyZj  
كىنو تۈگىگەن چاغدىمۇ ئۇ ئەس-يادى كىنودا، يەنە ئاخىرى بارمىكىن، دېگەندەك ئېكرانغا قاراپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ قالغانىدى. k5Df9 7\s  
  --تۇرۇڭلار، شام ئوقۇيلى،--دېدى ساھىپخان ئايال. s4\_%je 
  شام نامىزى ئوقۇغۇچە ئۇنىڭ ۋۇجۇدى يەنە بىر قېتىم لەرزىگە كەلدى. ئۇ ناماز باشلىغىنىدىن، تۇنجى نامىزىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى ناھايىتى راھەت ھېس قىلدى، خۇددى پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندەك، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن نامازغا بېرىلدى. yFqB2(Dv  
  --ھەدە، بۇ ئابايىڭىز بەك چىرايلىقكەن، ماڭىمۇ ئوبدانلا كەلدى، مەن كىيسەم بولامدۇ؟--دېدى ئۇ نامازدىن كېيىن تارتىنىپقىنە. z/S}z4o/  
  --بۇ كونىراپ قالدى. بۇ يىل يۇرتتىن ئەكەلگەن يېڭى بىرى بار ئىدى، شۇنى بېرەي. ناماز ئوقۇغاندا كىيەمتىڭىز؟ n#5%{e>  
  --ياق، مەنمۇ ئورۇناي، دېگەنتىم. w'D=K_h  
  --ماشائاللاھ! نېمىدېگەن چوڭ خوش خەۋەر بۇ! ئەمىسە مەن سىزگە بىر نەچچە ياغلىق بېرەي، كېلىڭ، ئۆزىڭىز تاللىۋېلىڭ. V> @+&q  
  --قاراڭ ئاسمانغا. نېمە دېگەن گۈزەل!—دېدى فاتىمە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۇچىسىدا ئابايى، بېشىدا ياغلىق ئورۇنلىشىپ بولغانىدى. <@2g.+9  
--ئادەمنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولسا ئاسمان مۇشۇنچە تۇمانلىق بولسىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدىكەن-ھە! تۇيۇقسىزلا ئورىنىشنى ئويلاپ قالدىڭىزغۇ؟ &,~Oi(SX5  
--بىلەمسىز، تۇنجى نامىزىمدىن كېيىن شۇ چاغدىكى بىر خىل كۆڭۈل ئارامچىلىقىنى زادىلا قايتا تاپالمىدىم. تاكى بايا ئاۋۇ كىنونى كۆرگەندىلا ئۆزەمدە نېمىنىڭ كەملىكىنى بايقىدىم... ?Q%X,!~ \:  
........... EG[Rda  
فاتىمە بۇلارنى ئويلاۋېتىپ ئاللىقاچان شام نامىزى بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ شام نامىزىغا تەييارلىق قىلدى.... aaM76;  
yd4\%%]  
ھەمشىرىلەر ijR,%qg  
^6(Nu|6\@  
9( " 
qmx4hs8sh  
(2) E\Et,l#|LY  
QpZ CU]  
T z?0E"yx  
VW/ICX~"d  
7`_`V&3s  
Cl>{vS N  
مېھرىئاي بىلەن فاتىمە ۋوگزالدا ئۇ ياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇلار مېھرىئاينىڭ سىڭلىسى ئايبۇلاقنى كۈتۈۋالغىلى كەلگەنىدى. "vL,c]D  
ئايبۇلاق باشقا شەھەردە تەييارلىقتا ئوقۇۋاتاتتى. «ھەدە، نەچچە كۈندىن كېيىن تۇغۇلغان كۈنۈم بولىدۇ، مېنىڭ بۇ يەردە تۇغۇلغان كۈنۈمدە يالغۇز قالغۇم يوق، سېنىڭ يېنىڭغا بارايچۇ!» دېگەنىدى ئۇ تېلىفوندا ئەركىلەپ. گەرچە ئۇ مېھرىئايدىن پەقەت ئۈچ ياشلا كىچىك بولسىمۇ، مېھرىئاينىڭ مىجەزى ناھايىتى ئېغىر، چوڭ ئادەملەردەك بولغاچقىمۇ، ئۇنىڭغا ئەركىلەپلا يۈرەتتى. ئۆيدە ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي چوڭ بولغان بۇ ئەركە قىز ھەدىسىنىڭ بىرەر ئېغىز گېپىنىمۇ يىرمايتتى. ھەدىسىنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. wX Kg^%t\  
لېكىن مېھرىئاي سىڭلىسىنىڭ يېنىغا كېلىشىنى زادىلا خالىمايتتى. ئەلۋەتتە بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار: tEFbL~n  
مېھرىئاي بىلەن فاتىمە تەييارلىقتا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلار بولۇپ، تەييارلىقنىڭ ئىككىنچى يىلىدىكى باھاردا مېھرىئايمۇ ئورانغانىدى. ئۇمۇ فاتىمەگە ئوخشاشلا، كىچىكىدىن تارتىپ ھېچقانداق ئىسلامىي تەربىيە ئالماي چوڭ بولغان، لېكىن ئۇنىڭ قەلبىدە ئىسلامغا نىسبەتەن ئۆزگىچە بىر خىل مۇھەببەت بار ئىدى. بۇنى ئۇنىڭ چوڭ ھاممىسىنىڭ تەسىرىدىن دەپ ئېيتساق، بەلكىم خاتالاشقان بولمايمىز. nc/F@HCB  
ئۇنىڭ ھاممىسى بېيجىڭدىكى داڭلىق بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە بىر ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئورۇنلاشقان ئىدى. مۇشۇ مەزگىلدە ئۇ بىر ھاجىنىڭ يالغۇز قىزىغا ئىنگلىزتىلى ئۆگىتىپ قويۇش سەۋەبى بىلەن دائىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ.( ئۇ چاغلاردا ئۈرۈمچىدە ئىنگلىزتىلى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس ئىدى). بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى قويۇق ئىسلامىي مۇھىت، ناھايىتى گۈزەل ئىسلامىي ئەخلاق ئۇنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئىسلامنى چۈشىنىپ، بۇ گۈزەل ھايات يولىدا مېڭىشنى تاللىۋالىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ نامىزى، چىرايلىق پلاشلىرى ئىدارە باشلىقلىرىنىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاممىسى خىزمەتتىن بىراقلا ئىستېپا بېرىپ چىقىپ كەتكەنىدى. كېيىن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقتى ۋە ناھايىتى تەقۋادار بىر يىگىت (ئىنشائاللاھ) بىلەن توي قىلدى. ھازىر بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيتتى، ۋە ناھايىتى بەختلىك ئائىلىسى بار ئىدى. e[l#r>NT  
ئۇ ھاممىسىنى ناھايىتى ھۆرمەتلىگەچكە، ئۇنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ ئالغانىدى. لېكىن ھاممىسىنىڭ قەتئىي، قىلىمەن دېگىنىنى قىلماي قويمايدىغان جاھىل مىجەزىگە سىڭلىسى بەكرەك ۋارىسلىق قىلغاندەك ئىدى. ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاۋېتىپ ئۆز-ئۆزىگە« ھەي، سىڭلىم ئىسلامنى چۈشەنگەن بولسىچۇ! ئۇمۇ چوقۇم قالتىس ياخشى مۇسۇلمان بولالايتتى» دېدى. m:x 
&X&msEM  
مېھرىئاي ئورىنىپ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئەلۋەتتە ئۇلار ئۇنى ئۇرمىدى، ئۇرۇشقا ئەسلا قولى بارمايتتى. قاشلىرىنىڭ ئۇچى توم، ئاخىرى ئىنچىگە ئاخىرلاشقان، ئۇزۇن قاپقارا كىرپىكلىرى يوغان كۆزلىرىگە سايە تاشلاپ تۇرغان، بۇرۇنلىرى قاڭشارلىق، ئېڭىكى ئۇچلۇق، لەۋلىرى توق، گۈزەللىكىگە ھېچ گەپ كەتمەيدىغان بۇ مۇلايىم قىزغا كىممۇ قول تەگكۈزەلىسۇن! ئۇ كىچىكىدە بىر قېتىم قاتتىق ئاغرىپ قالغان بولۇپ، ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاسلا قالغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئالقىنىدا پۈۋلەپ كېلىۋاتاتتى. يەنە كېلىپ ئۇمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ھەممىلا جەھەتتە ئۇلارنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىپ كېلىۋاتاتتى. مەيلى ئۆگىنىشتە بولسۇن، مەيلى ئەخلاق-پەزىلەتتە بولسۇن، كىشىنىڭ قايىللىقى ۋە ئامراقلىقىنى قوزغايدىغان قىز ئىدى. دادىسى ئاچچىقىدا ئۇنىڭغا قارىمايلا قويدى. ئاپىسى ۋەزىيەتنىڭ نەقەدەر جىددىيلىقىنى، قاتتىقلىقىنى، ئۇ بۇنداق كىيىنىپ يۈرسە ئۇلارنىڭ بىرەر مىنۇتمۇ خاتىرجەم بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ يالۋۇردى. مېھرىئاي يەردىن بېشىنى كۆتۈرمىدى. ئۇنىڭ جاۋابسىز تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئاپىسى يىغلاشقا باشلىدى. بىركۈن، ئىككى كۈن، ئۈچ كۈن ئۇدا ئۈنسىز ياش تۆكۈشتىن كېيىن ئۇ ئاخىرى ياغلىقنى چىگمەسلىككە قوشۇلدى. ^={s(B2  
شۇنداق، بەزى چاغلاردا يۇمشاق بولۇش قاتتىقلىقتىنمۇ بەكرەك كىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. E@[ZwTnJ  
تەتىلدىن كېيىن ئۇ ياغلىقسىز ھالدا قايتىپ مەكتەپكە كەلدى. بۇ چاغدا تەييارلىق ئوقۇشى ئاخىرلىشىپ، ئۆزى رەسمىي ئوقۇيدىغان مەكتەپكە كەلگەنىدى. ئۇ ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن بىر قىز تۇرۇپ ئەۋرەتلىرى ئوچۇق ھالدا مۇشۇنداق يۈرۈۋېرىشكە چىدىسۇنمۇ؟ ھېلىمۇ تەتىل جەريانىدا ساراڭ بولۇپ قالايلا، دېدى. ئۇ ئەمدى ياغلىقىنى بېشىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىمايدۇ. ئۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن ياغلىقنى قايتىدىن بېشىغا سالدى. 1.IEs:(;  
بىر يىلدىن بۇيانقى تەتىللەردە ئۇ ئۆيىگە قايتمىدى. ئەمدى ئىككىنچى يىلى ئوقۇش باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سىڭلىسى ئۇنى كۆرگىلى كەلمەكچى. ئەلۋەتتە ئۇمۇ سىڭلىسىنى ناھايىتى سېغىنغانىدى. ئۇنىڭ بىلەن ئانچە-مۇنچە ئۇرۇشۇپ قويىدىغان، لېكىن بىردەمدىن كېيىنلا كەچۈرۈم سوراپ ئەركىلەيدىغان سىڭلىسى ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن ئادىمى ئىدى. شۇغىنىسى، سىڭلىسى ئۆيىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ يەنە قايتىدىن ئورۇنغانلىقىنى دەپ قويسىچۇ؟ ئاتا-ئانىسى يەنە خاپا بولۇپ كېتەرمۇ؟ O0RV>Ml'&  
لېكىن، ئۇلار بەرىبىر بىلىدۇ. بۇنىڭدىن ھامان قېچىپ قۇتۇلالمايمەن. &MJ cLM]  
--ھەدە!! مانا مەن!!—ئارقا تەرەپتىن سىڭلىسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى كېلىۋاتاتتى. ,,+iPGa<  
ئۇ سىڭلىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. سىڭلىسنى راستلا بەكمۇ سېغىنغان ئىدى. ئاندىن تاكسىغا چىقىپ مەكتەپكە قايتتى. سىڭلىسىنىڭ بۇرۇنقى شوخلۇقلىرى تۈگەپ يۇۋاشلاپ قالغاندەكلا ئىدى. ئۇ مېھرىئايغا خۇددى تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن يات ئادەمگە قارىغاندەك تارتىنىپقىنە كۈلۈمسىرەپ قارايتتى. 4RL0@)0F  
--قانداق، بەك غەلىتە كۆرۈنۈۋاتامدىمەن؟--دېدى مېھرىئاي سىڭلىسىغا قاراپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە. OKV/=]GS  
--نەدىكىنى! پەرىشتىلەردەكلا گۈزەل كۆرۈنىۋاتىسىز. مەن ئۆمرۈمدە بۇنداق گۈزەل قىزنى كۆرۈپ باقمىغان. ئۆيگە قايتقان چېغىڭىزدا ياغلىق چىگكىنىڭىز بىلەن ئىشتان كىيىپتىكەنسىز.بۇنداق كىيىنگىنىڭىزنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم. راستلا بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز، مېنىڭمۇ كىيگۈم كېلىۋاتىدۇ. ;Q\MH t*  
مېھرىئاي سىڭلىسىنىڭ بۇنداق كىيىنىشىگە يول قويالمايتتى. جەمئىيەتتە بۇنداق كىيىنىشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلمەيلا كىيىنىۋېلىپ پاك مۇسلىمەلەرنىڭ، ھىجابنىڭ ھۆرمىتىنى تۆكۈۋاتقان قىزلار ئاز ئەمەس. ئۇ سىڭلىسىنىڭ ھېچنېمىنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا بۇنداق كىيىنىۋېلىشىغا، بىلىپ-بىلمەي شۇنداق ئىشلارنى سادىر قىلىپ قويۇشىغا ئۇ قانداقمۇ قوشۇلسۇن!؟ @XQItc<  
--ئالدىرىماڭ، سىز تېخى كىچىك. ھايلى① بار. Ye]-RN/W  
--ھەدە، مەن خىرىستىئانلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇدۇم. `G "&IQ8.  
--نېمە؟!—مېھرىئاينىڭ كۆزلىرى ھەيرانلىقتىن چەكچىيىپ كەتتى،--ساراڭمۇسىز؟ ئۇنداق كىتابلارنى ئوقۇپ نېمە قىلاتتىڭىز؟ O#n=mJ  
--ئىنگلىزتىلى فاكۇلتېتىكىدى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ چۈشىنشى ئىقتىدارىمنى ئاشۇرىدىغان، كىچىك ئوقۇشلۇق كىتابلار بولسا بېرىپ تۇرساڭلار، دېسەم ساپلا خىرىستىئانلارنىڭ كىتابلىرىنى بېرىپتۇ. ھەدە، يادىڭىزدىمۇ؟ ئىلگىرى ماڭا دىن توغرىسىدا سۆزلىسىڭىز مەن بىئولوگىيە پېنىنىڭ تەرەققىياتى، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قايىل بولمىغانىدىم. دىنغا زادىلا قىزىقمايتتىم، شۇ كىتابلارنى ئوقۇپ نېمىشقىدۇر قىزىقىپ قالدىم. EYSBC",  
مېھرىئاي ئىلگىرى سىڭلىسى ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇنۇپ ئۆتكەن سۆھبەتلەرنى ئېسىگە ئالدى. ئايبۇلاق ھەدىسىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا قوغداپ تۇراتتى. دادىسى «سېنى كۆزۈم كۆرمىسۇن، سىرتتىكى ئۆيگە چىققۇچى بولما، ياتاق ئۆيۈڭدىلا ئولتۇر» دەپ خاپا بولغاندا، « ئەمىسە مېنىمۇ كۆزىڭىز كۆرمىسۇن، مەنمۇ سىزگە قارىمايمەن، مەنمۇ ياتاق ئۆيۈمدىن چىقمايمەن!» دەپ ھەدىسى تەرەپتە تۇرغانىدى، ھەمىشە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ تۇراتتى. لېكىن ھەدىسىنىڭ نېمىشقا ئاتا-ئانىسى بىلەن شۇنچە تىركىشىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى. w=kW~gg  
--ھەدە، نېمە قىلىسىز بۇنچە جاپا تارتىپ؟ ئاتا-ئاناممۇ رەنجىدى. ناماز ئوقۇمىسا نېمە بوپتۇ؟ شۇنى دەپ بۇنچىۋالا جاپا تارتىش كېتەمدۇ؟ |Ng}ZLBM  
--ھېچقىسى يوق،--دېگەنىدى مېھرىئاي ناھايىتى تۆۋەن ئاۋازدا،--بۇنى جاپا دېگىلى بولمايدۇ. ئەينى چاغدا ساھابىلەر تېخىمۇ چوڭ مۈشكۈلاتلارغا ئۇچرىغان ئىكەن. #tN!^LLi  
--ۋاي-ۋۇي، خەق قانداق ئىشقا ئۇچرىسا سىزنىڭ نېمە كارىڭىز؟ COH9E\ZGF  
سىڭلىسىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ مېھرىئاينىڭ كۈلگۈسى كەلدى، توۋا، دۇنيا قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقى ئىنسانلاردا قانداق چوڭ پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ—ھە! يەنە كۆڭلى يېرىم بولاتتى. ئۇنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ئارىسىدا ئۇنى قىلچىلىك چۈشىنىدىغانلارمۇ يوق... |-`-zo4z  
لېكىن بۈگۈن سىڭلىسى خىرىستىئانلارنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ قىزىقىپ قالدىم، دەيدۇ. بۇ ھەممىدىن ئېچىنىشلىق ئىشقۇ! مەيلى ئۇ دىنىي ئەھكاملارغا رىئايە قىلمىسىمۇ، پەقەت ئۆزىنى مۇسۇلمانلا دېسە ھامان بىر كۈنى، ئىنشائاللاھ ئۇ سىڭلىسىنىڭ قولىدىن تارتىۋالالايدۇ. ئەمدىچۇ؟ ئەگەر سىڭلىسى خىرىستىئان بولۇپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟ ئۇ مەڭگۈلۈك دوزاخ ئازابىغا مەھكۇم بولىدۇغۇ!؟ HQGH7<=Om  
--ئايبۇلاق، خىرىستىئان دىنىنىڭ نېمىسىگە قىزىقىپ قالدىڭىز؟ b8&z~'ieR  
--ھەدە، مەن خىرىستىئان دىنىغا قىزىقىپ قالمىدىم. مەن ئۇلارنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ كاللامدىن ئۆتمىگەن بىر نەچچە يەرنى يېزىۋېلىپ سىزدىن سوراپ باقاي، دەپ ئەكەلگەن. سىز ئاڭلاپ تۇرۇڭ ھە. p9[gG\  
--قاراڭ ھەدە، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» دا مۇنداق مەزمۇنلار بار ئىكەن. «خۇدا بىرىنچى كۈنى ئاسماننى ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى»....دېگەندەك مەزمۇندا. ئۇنداقتا خۇدا ئەگەر راستلا ھەممىگە قادىر بولسا (خىرىستىئانلارمۇ خۇدانى ھەممىگە قادىر، دەپ سۈپەتلەيدۇ) ئۇ يارىتىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ نېمە يارىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ياخشى ياكى يامانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەجىبا خۇدانىڭ ئىشلىرىمۇ تەقدىرنىڭ ئىلكىدىمۇ؟.... KZ 4G"  
ئايبۇلاق مۇشۇنىڭدەك سوئاللاردىن 18نى سورىدى، دېيىشىچە كىتابنى يېرىمغىچە ئوقۇپ بەك بىمەنە ھېس قىلىپ كېتىپتۇ ۋە داۋامىنى ئوقۇغۇسى كەلمەپتۇ. B8>3GZi  
--خىرىستىئان دىنى توغرىسىدا جىق مەلۇماتىم يوق، ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. لېكىن سىز سورىغان مەزمۇنلارغا مەن ئىسلامنىڭ كۆز قارىشى بويىچە جاۋاب بېرىپ باقاي، قېنى سىز ئاڭلاپ بېقىڭ، قايسى خىل قاراشنى ئەقلىڭىز بەكرەك قوبۇل قىلىدىكىن. h@@q:I=  
--بولىدۇ ھەدە. مەن بۇلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قالايمىقان گەپلەرگە دۇنيادا شۇنچە كۆپ ئادەم توغرا دەپ ئېتىقاد قىلىدىغاندۇ، دەپ ھەيران قالدىم. ئاندىن ئۇنداقتا بىزنىڭ دىنىمىز قانداق دىندۇ، دەپ ئويلىدىم. دىنىمىز توغرىسىدا جىقراق نەرسە بىلگۈم كەلدى، شۇڭا بۇ يەرگە تۇغۇلغان كۈنۈمنى باھانە قىلىپ، سىزدىن سوئاللىرىمغا جاۋاب تاپاي، دەپ كەلگەنتىم. <])kO`+G  
ئۇنىڭ سۆلىرىنى ئاڭلاپ مېھرىئاي ئاجايىپ ھاياجانلىنىپ كەتتى. بۇ ئىككى يىلدىن بېرى ئۇ ئاڭلىغان ئەڭ سۆيۈملۈك سۆز ئىدى. ئۇ دەرھال قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈردى:« ئى ئاللاھ! سىڭلىمنى ھىدايەت قىلغايلا! ئى ئاللاھ! سىڭلىمنى ھىدايەت قىلغايلا! ئى ئاللاھ! سىڭلىمنى ھىدايەت قىلغايلا! سىلى ھىدايەت قىلغاننى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. سىلى ئازدۇرغاننى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. سىلىنىڭ ياردەملىرى بولمىسا بىزنىڭ قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ.» >6:UWvV1  
--ھەدە، يەنە بىر گەپ بار ئىدى، دېسەم مېنى ئەخمەق، دەپ زاڭلىق قىلارسىزمۇ، دەپ قورقىمەن. Q1RUmIe_&  
--دەڭ، بولدى، مەن سىزنى قاچان زاڭلىق قىلىپ باققان؟ !RwMUnp  
--بىرەر ھەپتە بولۇپ قالدى، ئوخشاشلا چۈش كۆرىمەن. ئىشىك دەرىزىلىرى يوق بىر ئۆيدە تۇرغۇدەكمەن، ئۆينىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى تۈڭلۈكتىن ناھايىتى كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ تۇرغۇدەك. مەن دەل شۇ نۇرنىڭ ئاستىدا، ئۇچامدا ئاپپاق كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇۋاتقۇدەكمەن. ئويغىنىپ ھەيرانلا قالىمەن، مەن ئۆمرۈمدە ناماز ئوقۇپ باقمىسام، بۇ قانداق ئىشتۇ، دەپ. لېكىن يەنە ئوخشاش چۈش كۆرۈۋاتىمەن. )<`/Aaie  
--ماشائاللاھ!! ماشائاللاھ!......... 3+8{Y  
مېھرىئاي خوشاللىقىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالدى. كۆزلىرىدىن ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلمەكتە ئىدى. ئۇ رەببىگە بولغان ھەمدلەر ئىدى. رەببىنىڭ دۇئانى قوبۇل قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە، مۈشكۈلاتلارنى ئاسان قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە...ھەمد ئېيتىپ تۆكۈلۈۋاتقان ياشلار ئىدى. Vkl]&mYRz  
ئايبۇلاق ھەدىسىنىڭ يېنىدا ئۈچ كۈن تۇردى، تۆتىنچى كۈنى يىپيېڭى بىر قەلب بىلەن مەكتىپىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. y-_IMu.J`  
«ھەدە، بۇ مۇھىتتىن بەك ھېرىكتىم. مەن ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ئاللاھتىن ماڭا ياخشى ئىمان بېرىشنى تىلەپ قويۇڭ. مەنمۇ چېكىنىپ كېتەرمەنمۇ، دەپ ئەنسىرەپ كېتىۋاتىمەن...» E+P-)bRa  
« خېتىڭىزنى ئوقۇپ بولۇپلا قۇرئانى كەرىمنى ئاچتىم. ئاچقىنىم دەل تۆۋەندىكى ئايەتلەر بولۇپ چىقتى: بىر مۈشكۈلاتتىن كېيىن بىر ئاسانلىق بار، ھەقىقەتەنمۇ بىر مۈشكۈلاتتىن كېيىن بىر ئاسانلىق بار...سىڭلىم ئازراق بەرداشلىق بېرىڭ، ئاللاھ خالىسا ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ....» v(l:N@L  
ئۇلار كۆپىنچە خەت ئارقىلىق پاراڭلىشاتتى. چۈنكى خەتتە ئويلىغانلىرىنى تېخىمۇ ئەركىن بايان قىلالايتتى. vq1u !SY  
«ھەدە، مەن ۋالىبول مۇسابىقىسىدە بىزنىڭ فاكۇلتېتنىڭ كوماندىسىنىڭ باشلىقى بولدۇم.» v4r%'bA  
«ھەدە، بىز مۇسابىقىدە مەكتەپ بويىچە ئىككىنچى بولدۇق» "T.Qb/97@  
«ھەدە، مەن ئىنگلىزچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم. مەكتەپ بويىچە ئۈچىنچى بولدۇم...» 5 &s<&h  
ھەرقېتىم سىڭلىسىدىن خەت تاپشۇرۇۋالغىنىدا مېھرىئاي چەكسىز خوشاللىققا چۆمەتتى. ئۇنىڭ سىڭلىسى ھەر جەھەتتە تالانتلىق قىز ئىدى. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا يازغان ئەسەرلىرى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. مەيلى دەرستە بولسۇن، مەيلى تەنتەربىيىدە بولسۇن مەكتەپ بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدى ئىدى. ئەينى چاغدىلا مېھرىئاي« ئەگەر سىڭلىم ئىسلامنى چۈشەنگەن بولسا، ھەقىقىي مۇسلىمەدەك ياشىغان بولسا قانچىلىغان ئادەملەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيتتى» دەپ ئۈمىد قىلغان ئىدى. مانا ئەمدى ئاللاھ ئۇنىڭ تىلەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىۋاتقان ئىدى. R?8/qGSVqJ  
ئارىدىن يەنە بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ سىڭلىسى تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ ئۇنىڭغا يېقىن شەھەردىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلدى. مېھرىئاي تەتىلدە يەنە قايتمىغانىدى. ئۇ سىڭلىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن سىڭلىسى ئوقۇيدىغان شەھەرگە كەلدى. ئاشۇ كۈنى پويىز ئىستانىسىسدا مېھرىئاينىڭ سىڭلىسىنى كۆرۈپ قانچىلىك ھاياجانلانغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز: بېشىدا كۆكۈچ ياغلىق، ياغلىق كەينىگە سىيرىلىپ چېچىنىڭ يېرىمى ئوچۇق قاپتۇ، ئۇچىسىدا قارا رەڭلىق پادىچىلار چاپىنى، ئەينى چاغدا سىڭلىسى ئاپىسىغا جېدەل قىلىپ يۈرۈپ بۇ چاپاننى ھېيتلىق قىلىپ ئالغان، ئاستىدا ئۇزۇن پادىچىلار رەختىدىن تىكىلگەن يوپكا، پۇتىدا تەنتەربىيە ئايىقى. مەيلى ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىملەر بىر مۇسلىمە قىزغا نىسبەتەن ئانچە مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، ئۇ ئورانغانىدى، بىرىنچى قەدەمنى تاشلىغانىدى. ئاللاھ خالىسا ئەمدى بارا-بارا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. بارا-بارا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ..... RH "EO4  
مېھرىئاي ئۇنى كۆرۈپلا ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى، لېكىن ئايبۇلاق بولسا ھەدىسىگە قاراپمۇ قويماي ئالدىراش ھالدا ياغلىقىنى تۈزەشتۈرمەكتە ئىدى. مېھرىئاي ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ياغلىقىنى تۈزەپ چىگكەن بولسىمۇ ماڭلاي چاچلىرى ياغلىقنىڭ ئالدىدىن چىقىپ قالغانىدى. Cg]S`R-  
--ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. >uJU25)|  
--ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ھەدە،--دېدى ئۇ چۇڭۇلداپ سۆزلەپ،--ئەسلى مەكتەپكە كېلىپ ئورىنىمەن، دەپ ئۈرۈمچىدىن ياغلىق بىلەن يوپكا سېتىۋالغانىدىم. پويىزدا تۇرۇپ ئويلاپ باقسام مېنىڭ ئەۋرەتلىرىم ئوچۇق قالغان ھالىتىمنى بىر ئادەم بولسىمۇ ئازراق كۆرسە ياخشى ئىكەن، شۇڭا مەكتەپكە مۇشۇنداقلا باراي، دەپ پويىزدىلا ئورىنىۋالدىم، بوپتىمۇ. Zi.w+V  
ئۆتكەن قېتىم كۆرۈشكىنىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر پەردە شەكىللىنىپ قالغاندەك ئىدى، مانا ئەمدىلىكتە ئۇ پەردە پۈتۈنلەي غايىب بولۇپ، بۇرۇنقىدەك، ياق، بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە يېقىن ھەمشىرىلەرگە ئايلانغانىدى. چۈنكى ئۇلار ھازىر پەقەت قان-قېرىنداشلا ئەمەس، يەنە دىنىي قېرىنداشلار ئىدى. {#&jW  
--ئۆيگە قايتقاندا ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ دادام-ئاپام بىر نېمە دېمىدىمۇ؟ 'Xg9MS&  
--دېمەي قالامدۇ، بىر كۈنى ئۆيدە تاماق ئېتىۋاتسام... yOyuMZo6  
--نېمە؟ سىز تاماق ئەتتىڭىزمۇ؟--دېدى مېھرىئاي ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، كۈلگىنىچە. چۈنكى ئايبۇلاق كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسىغا ئەركىلەپلا چوڭ بولغان، ئاپىسى ئۇنى ئۆي ئىشلىرىغا سېلىش ئەمەس، ھەتتا تاس قالاتتى پايپاقلىرىنىمۇ ئۆزى يۇيۇپ بەرگىلى. ئۇنىڭ تاماق ئەتتىم، دېگىنى مېھرىئايغا بەكمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلغانىدى. 3.@ir"vy  
--ئەلۋەتتە، ئاللاھ بىزنى ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىغان، يەنە كېلىپ سىزمۇ بىلىسىز ئاپام كۈندۈزى دوختۇرخانىدا بەك ھېرىپ كېتىدۇ. شۇڭا دادام-ئاپام ئىشتىن كەلگۈچە قىلالىغىنىمچە تاماققا تەييارلىق قىلىپ تۇراتتىم. بىر كۈنى ئاپام بىلەن بىللە تاماق ئېتىۋاتساق ئاپام، بالام، نېمە بولدىڭىز، ئۆيگە كىرسەك سەندەل(ساپما كەش)نى سۇنۇپ، ئاپا چاي ئىچىڭ، دادا دوغاپ...دەيدىغان بولۇپ كېتىپسىزغۇ؟ كۈن نەدىن چىقىۋاتىدۇ؟ دېدى. مەن، ئاپا ، راستىڭىزنى ئېيتىڭە، قىزىڭىز ياخشى بولۇپ كېتىپتىمۇ، دېسەم ،ھەئە دېدى. ئاللاھ بىزنى ئاتا-ئانىمىزغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇپتىكەن، دېسەم چىرايى ئۆڭۈپلا كەتتى. كەچتە ياتاق ئۆيدە تورغا چىقىۋاتسام ئاپام سىرتتىكى ئۆيدە دادامغا «ئەمدى كىچىكىمۇ چوڭىنى دوراپ ئاغزىدىن ئاللاھنى چۈشۈرمەيدىغان بولۇۋاپتۇ، بۇ بالىلارنى قانداقمۇ قىلارمىز؟ ئەمدى قاتتىقراق چارە قوللانمىساق بۇلار پاتقاققا پېتىپ كېتىۋېرىدۇ» دەۋاتىدۇ. ئەتىسىلا چامادانىمنى ئاختۇرۇپ جەيناماز ۋە نامازلىق كىيىملىرىمنى ئېلىۋاپتۇ. ناماز ئوقۇغۇچە بەك قىينالدىم، ناماز ئوقاي دېسەملا بىر ئىش تېپىپ قويىدۇ. ;D}E/' =  
--نامازلىرىڭىزنى تولۇق ئوقۇغانسىز؟ E*8).'S%k  
--ئەلۋەتتە. ئاخشىمى قوڭغۇراقلىق سائەت تەييارلاپ قويسام ئاپام ئويغىنىپ كېتىدىكەن، شۇڭا ئۇلار ئۇخلىغىچە ساقلاپ خۇپتەننى ئوقۇۋالىمەن، يەنە بىردەم كىتاب ئوقۇسام، ياكى باشقا ئىش قىلسام بامدات ۋاقتىمۇ بولۇپ قالىدۇ، ئاندىن بامداتنى ئوقۇۋالىمەن. باشقا نامازلارنى ئۇلار ئىشقا كەتكەندە ئوقۇدۇم. شەنبە يەكشەنبە بەزى نامازلارنى ئامالسىز قازا قىلدىم.... zOMU&;.\  
شۇنداق قىلىپ ئايبۇلاقمۇ ياخشى ئوراندى، ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن مېھرىئاينىڭ ئۆگىتىشى بىلەن جىلباب كىيىشنىمۇ ئۆگەندى. ھەش-پەش دېگۈچە قىشلىق تەتىل ۋاقتىمۇ كېلىپ ئۇلار بىرلىكتە ئۆيگە قايتىشتى. ئۆيگە قايتىشتىن ئىلگىرى مېھرىئاي تەتىلدە يەنە ئۆيىگە قايتماسلىقنى تاللىۋالغان فاتىمەنى يوقلاپ كىردى. e%KCcU  
--ئاداش، مەن ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۈمنى خۇددى ساھابىلارغا، ئاتا-ئانامنى مەككە كۇپپارلىرىغا ئوخشىتىپ كېتىپتىكەنمەن. ئۇلار بىلەن ئېلىشسام خۇددى ئۆزەمنى جىھاد قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ ناھايىتى پەخىرلىنىپ كېتەتتىم. ئۇلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانام ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپلا كېتىپتىكەنمەن. كېيىن ئويلىنىپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، مەن ئۇلاردىن رەنجىيەلمىگۈدەكمەن، ئويلاپ كۆرگىن، دادام ساقچى، ئۇ تۈرمىلەرگە سولانغان مۇسۇلمان ياشلارنىڭ نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، بىر دادا ئۆز پەرزەنتىنىڭ شۇنداق كۈنگە قېلىشىنى ئويلىسا چىداپ تۇرالامدۇ؟ ئەلۋەتتە، جان ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، ئاللاھنىڭ بەلگىلىگەن قازاسىدىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. لېكىن دادام ئۇنى چۈشىنەتتىمۇ؟ قارا، دادام ھازىر ئۈچ يىل بولاي دېدى، ماڭا قارىمايدۇ. مەن دادامنىڭ شۇنى چۈشىنىش پۇرسىتىنىمۇ يوق قىلىۋېتىپتىمەن. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، ئاتا-ئاناڭ بىلەن جاۋابلاشما. ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈشكە تىرىشقىن.... N683!wNX  
ھەدە-سىڭىل ئىككىيلەننىڭلا ئورىنىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ئاتا-ئانىسى ئاچچىقتىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالمايلا قالدى. مېھرىئاي ئەزەلدىن ئاتا-ئانىسىغا بېشىنى تىك كۆتۈرۈپمۇ قارىيالمايتتى. يەنە فاتىمەنىڭ سۆزلىرىنى ئويلاپ مەيلى ئاتا-ئانىسى نېمىلا دېسىمۇ ئۇلار بىلەن جاۋابلاشماسلىق نىيىتىگە كەلدى. لېكىن ئايبۇلاق دادىسى نېمە دېسە دادىسى بىلەن تەڭلا دېيىشەتتى: S0tPnwco[~  
--مەن ھەرقايسىڭنى مەكتەپكە ئوقۇسۇن، دەپ ئەۋەتتىم، بۇنداق كىيىنسۇن، دەپ ئەۋەتمىدىم! dU#} Tk  
--دادا، كىيىم بىلەن ئوقۇشنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى؟ بىزنىڭ سىنىپتىكى ئەڭ دەرستە ناچار قىز كىيىمنى ئەڭ ئاز كىيىدىغىنى.... B S+=*3J  
--تولا گەپ يورغىلاتما! بۇ كىيىمنى بىكارلا بۇنداق كىيىۋالمىغانسەن؟ نامازچۇ؟ دەرسكە تەسىر كۆرسەتمەمدىكەن؟ '))=y@M  
--بەش ۋاق نامازغا بىر سائەتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ. كۈنىگە بىرەر سائەت دەم ئالساممۇ بولمامدۇ؟ مەن يا خەقتەك دېسكوخانىغا، قاۋاقخانىغا بارمىسام. h|[oQ8)  
--داداڭ بىلەن تەڭ تۇرۇشنى نەدىن ئۆگەندىڭ؟ u51Lp  
--سوئال سوراۋاتسىڭىز، جاۋاب بەرمىسەم ناماز ئوقۇپ مۆڭلىشىپ② سورىغان سوئالغىمۇ جاۋاب بەرمەس بولۇشۇپ كېتىپسەن، دەرسىز ھەقىچان. ]BY 
--يەنە تەڭ تۇرە! $;B0x  
--ۋايجـــــان، دادا، نېمانداق قىلىسىز؟ 9u] "($  
--بىلىشەمسەن، دۇنيادا نېمە بىلەن خوشام يوق؟ موللا بىلەن! چىقىپ قاراپ باق، مۇشۇ يەردە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىر موللا بارمىكەن؟ ھەممىسى ئۆيىدە ناماز ئوقۇپ تالادا قىلمىغان ئەسكىلىكى يوق نېمىلەر. بۇ جاھاندا موللىنىڭ ياخشىسى يوق. B"2#}HM  
ھەدە-سىڭىل ئىككىلىسى نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس، دېگۈسى بار ئىدى. لېكىن ئۇلار دادىسىنىڭ كىملەرنى دەۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. دادىسىغا شۇنداق كىشىلەرنىڭ بەرگەن تەسىرى راستلا بەكمۇ ناچار ئىدى، ئۇنى بىرەر-ئىككى كۈندە پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنى ئۇلار بۇرۇندىن تارتىپ بىلەتتى. YQ7tZl;:t  
--بۇ قېتىم يا ئىككىلىڭ ئاۋۇ بېشىڭدىكى ئېلىپ، ئىككىنچى ياغلىق چىگمەيمەن، دەپ ۋەدە بېرىپ ماڭىسەن. يا ھېچنەگە بارماي ئۆيدە ئولتۇرىسەن، ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوقۇتماپتىمەن بولدى! #lO~n.+P  
ئەتىسى ئايبۇلاقنىڭ مۇنداقلا بىر ئېغىز گېپى ئۈچۈن دادىسى ئۇنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالغاندىلا ئۇلار دادىسىنىڭ بۇ قېتىم قەتئىي نىيەتكە كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىشتى. قىزلىرىنى «ئون ئوغۇلغا تېگىشكۈسىز قىزلىرىم» دەپ پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىدىغان بۇ كىشىنىڭ قىزىنى بىر شاپىلاق سېلىشى ھەقىقەتەن چوڭ ئىش ئىدى. g0A,VX:2  
ئاتا-ئانىسى گەرچە خاپا بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدەك بولۇپ كەتمەيدۇ، دەپ ئويلىغان قىزلار كېيىن يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئىشلارنى ئويلاپ ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئەجىبا، مەكتەپكە راستلا قايتالماسمۇ؟ مەكتەپكە قايتالمىسا بۇ ئۆيدە ئورۇنۇشلا ئەمەس، نامازنى خاتىرجەم ئوقۇشمۇ بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.... +<w\K*  
y\c-I!6>26  
داۋامى بار.
[ بۇ يازما ئاناقۇشئۇۋىسى تەرپىدىن2008-12-01 15:06دە ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(موستافا) اللە رەخمات ..
  • blog.salkin.cn
    بىلىڭلاركى دىللار پەقەت اللاھ نى ئەسلەش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ.
    اللەنىڭ ئالدىدىكى ئورنىڭىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز،قەلبىڭىزدىكى اللەنىڭ ئورنىغا قاراڭ.
    ۋىجدانى مەسئۇلىيەت ۋە ئىمانى تەربىيەت بىلەن ئانىلىق شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئانىنىڭ باللىرى تۇغۇلغان كۈنىدىن باشلاپ يىتىمدۇر.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-03 01:56 |
    زىننۇرە
    نىمە ئۈچۈن؟
    ئالاھىدە تۆھپە ئۆمۈرلۈك شەرەپ سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1673
    نادىر تېما : 14
    يازما سانى : 1337
    شۆھرەت: 2870 كىشىلىك
    پۇل : 2123412 سوم
    تۆھپە: 146 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2464 نۇمۇر
    قوللاش: 1748 نومۇر
    ئالقىش: 2017 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-11

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ يۇلغۇن مۇنبىردىكى مەستۇرەنىڭ ھەقىقى ۋەقەلىككە ئاساسەن يېزىلغان ئەسەر بۇلۇپ بەك ياقتۇرغانلىقىم ئۈچۈن مەستۇرەنىڭ رۇخسىتى بىلەن بۇ مۇنبەرگە كۈچۈردۈم،سىلەرنىمۇ ياقتۇىدۇ دەپ ئويلايمەن.
    [ بۇ يازما زىننۇرە تەرپىدىن2008-10-04 23:46دە قايتا ]
    بىلىڭلاركى دىللار پەقەت اللاھ نى ئەسلەش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ.
    اللەنىڭ ئالدىدىكى ئورنىڭىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز،قەلبىڭىزدىكى اللەنىڭ ئورنىغا قاراڭ.
    ۋىجدانى مەسئۇلىيەت ۋە ئىمانى تەربىيەت بىلەن ئانىلىق شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئانىنىڭ باللىرى تۇغۇلغان كۈنىدىن باشلاپ يىتىمدۇر.
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-03 02:01 |
    نـاز
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21935
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    شۆھرەت: 4 كىشىلىك
    پۇل : 120 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
    قوللاش: 4 نومۇر
    ئالقىش: 4 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يوللاپ ياخشى قىپسىز ،بىزمۇ تەڭ بەھىرلەنمەمدۇق...........رەھمەت سىزگە
    blog.salkin.cn
    ئادەم پەقەت ئۆزىنى بىلگەندىلا ئاندىن رەببىنى بىلەلەيدۇ!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-03 02:06 |
    تەنھاشەمشاد
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 7925
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 312
    شۆھرەت: 319 كىشىلىك
    پۇل : 1878 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 348 نۇمۇر
    قوللاش: 327 نومۇر
    ئالقىش: 405 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللا ئىگەم ھەممەيلەننىڭ ئىماننى مۇستەھكەم،قاراڭغۇ دىكلىمىزنى ئىمان نۇرى بىلەن يۇرۇتقاي(ئامىن) DhY9)>4M  
    jY:(Tv3~  
    u-pE ;|  
    ئاخىرنى كۆرۈشكە تەشنامەن
    http://tanhaxamxad.salkin.cn
                سەلكىن دوسىتلۇق توپى. تورداشلا خالىساڭلا ماۋۇ توپقا كىرىڭلا!
                                                        51789965
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-03 02:23 |
    ئىدىرىسجان
    كۈلۈپ ياش، ئۆكۈنمە ...
    مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2095
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 8635
    شۆھرەت: 11197 كىشىلىك
    پۇل : 25344014 سوم
    تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 8667 نۇمۇر
    قوللاش: 8332 نومۇر
    ئالقىش: 10066 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-05

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    ھازىرچە  ساقلىۋالاي
    blog.salkin.cn
    ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
    پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
    http://blog.salkin.cn/4160
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-03 04:10 |
    زۇلپۇقار
    مۇنبەر شاھى
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 16014
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2817
    شۆھرەت: 2938 كىشىلىك
    پۇل : 20000529 سوم
    تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3145 نۇمۇر
    قوللاش: 2974 نومۇر
    ئالقىش: 3474 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: زۇلپۇقار
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-04

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    مەن  ھازىر  ساخلاپ قۇيۇپ   ئەتە كۈندۈزدە  ئۇقاي   مەن ھازىر  ئارام ئالاي       خوش  
    izdax.com
                                  دىققەت قىل ئەي دوستۇم بەزى ئىشلارغا،
                                  بەرمىگىن كۆڭلىڭنى قەلەم - قاشلارغا.
                                  ئازاپتىن ئەلەمدىن ئاخىرى بىر كۈن،
                                  تولىدۇ كۆزلۈرۈڭ ئىسسىق ياشلارغا.
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-03 05:13 |
    ناتىق
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 88
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 367
    شۆھرەت: 467 كىشىلىك
    پۇل : 52205 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 417 نۇمۇر
    قوللاش: 399 نومۇر
    ئالقىش: 528 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-04

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت ھەدە،ئاخىرنى ئوقۇپ بولۇپ كۆز-قارشىمنى سۆزلەپ باقاي
    what ever happend ,the day will pass.......

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-03 10:07 |
    ئۈزۈمچى
    مەن ئۆزۈمدىن باشلىدىم!
    ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2269
    نادىر تېما : 21
    يازما سانى : 2034
    شۆھرەت: 16621 كىشىلىك
    پۇل : 874886 سوم
    تۆھپە: 1585 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 5126 نۇمۇر
    قوللاش: 3332 نومۇر
    ئالقىش: 3414 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-05

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    داۋامىنى ئوقۇپ بولمىغۇچە بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. ئاخىرىنى ئېرىنمەي يوللىۋېتەرسىز!
    blog.salkin.cn
    ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەيلى!!!
    ئەڭ نادىر تېمىلار «ئۈزۈمچى بلوگى»دا بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن!
    blog.retim.cn/314681
    blog.9saray.com/3777
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-03 11:52 |
    كىرىم
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8603
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 46
    شۆھرەت: 46 كىشىلىك
    پۇل : 322 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 46 نۇمۇر
    قوللاش: 46 نومۇر
    ئالقىش: 46 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بو تىما بەك ياخشى ئىكەن.  پۇتۇن كائېناتىنى ياراتىقوچى ئاللاھدور. ئاللاھ  ھەمىگە قادىردور.
    blog.salkin.cn
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-03 11:59 |
    نـەشتەر
    ۋاقىتلىق خوش - سـەلــكىن
    رەسىم يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە تۆھپە تەشۋىقات ئەلچىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8835
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 1565
    شۆھرەت: 4175 كىشىلىك
    پۇل : 17734 سوم
    تۆھپە: 1840 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4290 نۇمۇر
    قوللاش: 2492 نومۇر
    ئالقىش: 4964 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-05

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاخىرىغا تەشنا بولۇپ سەلكىندىشىڭىز  - نـەشتەر
    blog.salkin.cn
    نۇر چېچىشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سايىسى بولۇپ ياشايسەن!!!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-03 12:02 |
    تۇغرۇل
    ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ !
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 18964
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1428
    شۆھرەت: 1231 كىشىلىك
    پۇل : 202 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1410 نۇمۇر
    قوللاش: 1586 نومۇر
    ئالقىش: 2082 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    داۋامىغا ئىنتىزارمەن.
    blog.salkin.cn
    قۇياش يىيىشكە بولمايدىغان نان،      
    ۋەتەن بىرىشكە بولمايدىغان جان.  
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-03 13:13 |
    گۈلئايىم.
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21389
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 307
    شۆھرەت: 575 كىشىلىك
    پۇل : 2806 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 406 نۇمۇر
    قوللاش: 371 نومۇر
    ئالقىش: 436 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-05

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن سىزگە،بۇنى كۆرۈپ بەك تەسىرلەندىم!
    «سەن دىلىڭدىن رازى بولغان ئادىمىڭنى ھۆرمەتلە.چۇنكى،سەن ئۇنىڭ داھىيىسى.سەن دىلىڭدىن رازى بولغان ئادىمىڭگە تەلەپ قوي.چۇنكى،سەن ئۇنىڭ قۇل ئاستىدىكى ئەسىرگە ئوخشاش..سەن دىلىڭدىن رازى بولغان ئادىمىڭگە خالىغان تەكلىپىڭنى ئىزھار قىلىۋەر.چۇنكى،سەن دىمەك ئۇ،ئۇ دىمەك سەن دىمەكتۇر».
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-03 13:20 |
    ئايتۇر
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9480
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 169
    شۆھرەت: 185 كىشىلىك
    پۇل : 826 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 197 نۇمۇر
    قوللاش: 183 نومۇر
    ئالقىش: 232 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللاھقا كۆپ شۈكرى،ھېلىمۇ ئىسلام ئائىلىسىدە چوڭ بوپتىمىز!
    ئىنساننىڭ دۇنيادىن ئېلىپ كىتىدىغىنى ئىرىشكىنى ئەمەس بەلكى بېغىشلىغىنىدۇر!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-03 14:15 |
    پەخىركام
    تىرىش !!!
    ئىجاتچان ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 151
    نادىر تېما : 9
    يازما سانى : 5375
    شۆھرەت: 9172 كىشىلىك
    پۇل : 211492242 سوم
    تۆھپە: 5780 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7611 نۇمۇر
    قوللاش: 5936 نومۇر
    ئالقىش: 7021 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئىسيانكار
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-04

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ ساقلىۋەپ ئالدىرماي ئوقۇي ....
    blog.salkin.cn
    ئى اللە بىزنى ھىدايەت قىلغىن !!!
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-03 16:05 |
    زىننۇرە
    نىمە ئۈچۈن؟
    ئالاھىدە تۆھپە ئۆمۈرلۈك شەرەپ سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1673
    نادىر تېما : 14
    يازما سانى : 1337
    شۆھرەت: 2870 كىشىلىك
    پۇل : 2123412 سوم
    تۆھپە: 146 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2464 نۇمۇر
    قوللاش: 1748 نومۇر
    ئالقىش: 2017 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-11

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەمشىرىلەر 8PH4v\tJEK  
    @tY]=pqn_  
    !`RMXUV  
    f+hHc8g  
    (3) Dol{y=(3e  
    ^iJyo&I  
    0"% dPKi  
    10-ئايدىكى قىسقا تەتىلدە دىلنۇر مېھرىئاي بىلەن فاتىمەنى يوقلاپ، ئۇلار ئوقۇۋاتقان شەھەرگە كەلدى. كۈندۈزى ئۇ يەر بۇيەرلەرنى ساياھەت قىلىپ، كەچتە ياخشى سۆھبەتلەردە بولۇپ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۈچ كۈننى ئۆتكۈزدى، تەتىل توشۇشقا يەنە تۆت كۈن ۋاقىت بار ئىدى. isd-b]@:Lc  
    --بۇ يەرگە بىزنى يوقلاپ كېلىپ بىزنى بەل خوش قىلىۋەتتىڭىز. شۇغىنىسى ئەمدى مەن ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم. ھەمشىرەم، بېرىپ سىڭلىمنى يوقلىشىپ كېرەك، سىڭلىمنىڭ سالامەتلىكى دېگەندەك ياخشى ئەمەس. c+e?xXCEAz  
    --سىڭلىڭىزغا نېمە بولدى؟ `62v5d*>a  
    --دەپ كەلسەم گەپ ئۇزۇن،--مېھرىئاي گېپىنى باشلىدى،--قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتقان چېغىمىزدا ئۆيدىكىلەر بىزنىڭ ناماز ئوقۇشىمىز ۋە ئورۇنۇپ يۈرۈشىمىزگە بەكلا قارشى تۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ھەتتا سىڭلىم بىر نەچچە قېتىم تاياقمۇ يېدى، ھەي ئىشقىلىپ ئادەم ئويلىسا ئىچى بىر خىللا بولۇپ قالىدىكەن. ئاخىرى ئاپام تولا يىغلاپ ئىككىمىز بېشىمىزغا پوسما كىيىپ، بوينىمىزغا شارپا ئوراپ دېگەندەك ئۆيدىن ئارانلا چىقىپ مەكتەپكە كېلىۋالدۇق. بىر مەۋسۈم گەرچە دادام تېلىفون قىلساق ئالماي، بىزگە قوپال تېگىپ ئۆتكەن بولسىمۇ خېلى خاتىرجەم ئىدۇق. 5-ئايلاردا دادامنىڭ بىر دوستى سىڭلىم ئوقۇۋاتقان شەھەرگە خىزمەت ئىشى بىلەن كەلگەن ئىكەن، سىڭلىمنى يوقلاپتۇ. قايتىپ بارغاندىن كېيىن دادام دوستلىرى بىلەن ئولتۇرغان بىر سورۇندا سىڭلىمنىڭ گېپىنى قىپتۇ. نېمىلەرنى دېدى بىلمىدىم، دادام ئۇدا ئۈچ كۈنگىچە تۈزۈك ئۇخلىيالماپتۇ. كېيىن بىر كۈنى سىڭلىمغا تېلىفون قىلىپ «يا بېشىڭدىن ياغلىقىڭنى ئالىسەن، يا بۇندىن كېيىن بۇ ئۆيگە قەدەم باسمايسەن، سەندەك قىزىم يوق» دەپتۇ. شۇندىن بېرى مەن تېلىفون قىلساممۇ دادام- ئاپام ئىككىلىسى تېلىفوننى ئالمايدۇ. kt)Et  
    --ئاتا-ئانىلارمۇ بەلكىم ئەنسىرىگەنلىكىدىندۇ، ئىشقىلىپ بىزنىڭ بۇنداق يۈرۈشىمىزنى خالىمايدىكەن، لېكىن خەقنىڭ گەپ-سۆزلىرى ئۇلارغا تېخىمۇ بەكرەك تەسىر قىلىدىكەن. بىز ئۇيغۇر خەقنىڭ قىلىدىغان چوڭ ئىشلىرىمىز بولمىغاندىكىن، قولىمىزدىن بىرەر ئىش كەلمىگەندىكىن ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىنى قويۇپ خەقنىڭ ئۆيىگە بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىدىكەنمىز. ll4CF}k  
    --شۇنى دېمەمسىز، بىزنى ناماز ئوقۇپ ياغلىق چىگىپ يۈرۈپتۇ، دېگەن گەپ بىردەمدىلا ھەممە يەرگە پۇر كەتكەن چېغى، كىملا ئۇچرىسا ئاپامغا «بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى، بۇ بالىلار نېمانداق غەرەز ئۇقمايدىغاندۇ» دېيىشكۈدەك. تېخى ھەتتا بەزىلىرى« قىزلارغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ بىرەرى بوزەك قىپتىمۇ؟ كاللىسىغا نېمە ئىش شۇنچە تەسىر قىلىپ كەتكەندۇ؟» دېگۈدەك. بۇ گەپنىمۇ ماڭا نەسىھەت قىلىپ تېلىفون قىلغان ھاممامدىن ئاڭلىدىم. قاراڭە، ياقىلار ئېتەك بولدى، ئېتەكلەر ياقا بولدى، دېگەن شۇدە. كېيىن يازلىق تەتىل بولدى، سىڭلىم مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ تۇرۇۋېدى، ئەزەلدىن چوڭراق ئاغرىپ باقمىغان ئادەم شۇ تەتىلدە ئاغرىپ قالسا بولىدۇ. ئۆيدىكىلەر ئىقتىسادىمىزنىمۇ ئۈزۈۋەتكەچكە مەن تەتىل ۋاقتىدا پايدىلىنىپ مەكتەپتە ئىشلەپ ئىككىمىزنىڭ قورسىقىنى بېقىۋاتاتتىم. بىر كۈنى ئىشتىن يېنىپ ياتاققا كىرسەم سىڭلىم يەردىلا ئولتۇرۇۋاپتۇ، قارىسام يىغلاپ كۆزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ. نېمە بولدىڭىز، دېسەم پۇتىنى كۆرسەتتى، پۇتى ئىششىپ پۇتبولدەك بولۇپ كەتكەنىكەن، قورقۇپ كەتتىم. نېمە بولدىڭىز، بىر يەرگە ئۇرۇۋالدىڭىزمۇ، دېسەم ياق، بىلمەيمەن، تۈنۈگۈندىن باشلاپ پۇتۇم ئازراق ئاغرىغان ئىدى، نېمە بولدىكىن، دەپ ئويلىدىميۇ، لېكىن يەنە ئوڭشىلىپ قالار، دەپ كارىمنى قىلماي يۈرۈۋېرىپتىمەن. بايا بەك ئاغرىپ كەتتى، ئاندىن بىردەمدىلا مۇشۇنداق ئىششىپ كەتتى، دەيدۇ. قانداق قىلىمەن، مەكتەپ سىرتىدا جۇڭيى دوختۇرخانىسى بار ئىدى، يېنىمدا بار پۇلنى تۆلەپ دوختۇرغا كۆرسەتتىم. دوختۇر كۆرۈپلا ياتاققا ئالمىساق بولمايدىكەن، دېدى. بىچارە سىڭلىم پۇتىنىڭ ئاغرىقىدىن كېچىلىرىمۇ ئۇخلىيالمايتتى... =FhP$r*  
    --نېمە كېسەلكەن؟--ئالدىراپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى دىلنۇر. ,7Hyrx`  
    --ئاڭلاپ باقمىغانلا بىر كېسەلكەن، قان تونۇر ياللۇغلىنىپتۇ، دەيدۇ. پۇتىنى تۆۋن قىلسىلا پۇتى تېخىمۇ ئىششىپ كېتەتتى، قانچىلىك قىينالغىنىنى ئۆزى بىلىدۇ. لېكىن ناماز ۋاقتى بولسا نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيتتى. «ئۆرە تۇرالايمەنغۇ، ھەدە! ئولتۇرۇۋالسام بولارمۇ؟» دەيتتى، ئۇنىڭغا قارىسام كۆزلىرىمدىن ياشلار قۇيۇلاتتى. دوختۇرخانىدا بىر نەچچە كۈن ياتقاندىن كېيىن ياتىقىمغا قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالماقچى بولدۇم، پۇل تۆلەي دەپ بارسام دوختۇر سىڭلىڭنىڭ ياتاق پۇلىنى بىرى تۆلىۋەتتى، دەيدۇ. كىملىكىنى زادى بىلەلمىدىم. سېستىرادىن سورىسام، ياغلىق چىگىۋالغان بىر خۇيزۇ ئايال، دەيدۇ. سىڭلىم ياتاقتا ياتقاندا بۇ يەردە بىز ياخشى ئۆتىدىغان بىر نەچچە خۇيزۇ ھەدىلەر فاتىمەدىن ئاڭلاپ يوقلاپ كەلگەنىكەن، شۇلاردىن بىرى ئوخشايدۇ. لېكىن سورىسام ھېچقايسىسى دېگىلى ئۇنىمىدى. [QgP6f]=  
    --ماشائاللاھ!! مەيلى كىملا بولسۇن ئاللاھ شۇ قېرىندىشىمىزغا چەكسىز ئەجىر بەرسۇن! ئامىن! ئاللاھنىڭ بەندىسىنى ياردەمسىز قويمايدىغانلىقىنى مانا بۈگۈن يەنە بىر قېتىم كۆردۈم. پەقەت بىز ئاللاھ يولىدا چىڭ تۇرساق ئاللاھ ھامان بىزدىن ياردىمىنى ئايىمايدىكەن. سىڭلىڭىزنىڭ بەك كۆڭلى يېرىمدۇ ھە؟ M['O`^  
    --كۆڭلى يېرىمدۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھىي تەييارلىقى بار ئىدى. فاتىمەنىڭ ئىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇ دائىم بەلكىم بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ شۇنداق كۈنلەر كېلىپ قالار ھەدە، تەييارلىنىپ تۇرايلى، دەپلا تۇراتتى. mW%8`$rVEO  
    --فاتىمە ئۆيىدىكىلەر بىلەن ھازىر قانداقراق ئۆتۈۋاتىدۇ؟ #Z2 'Y[@.  
    --ھەي، بولدىلا، بۇنى ئۆزىدىنلا سوراڭ. سىڭلىمنىڭ پۇتى تېخى پۈتۈنلەي ياخشى بولۇپ كېتەلمىگەن ئىدى. جىق يول ماڭسا پۇتى يەنە ئازراق ئىششىپ قالىدىكەن. شۇڭا مېنىڭچە بۇ دەم ئېلىشتىمۇ ياتىقىدىن سىرتقا چىقمىغان بولۇشى مۇمكىن. مەن بېرىپ سىڭلىمغا ئىككى كۈن بولسىمۇ ھەمراھ بولۇپ كېلەي. %o%V4K*  
    --ئەسلى مەنمۇ بىللە بېرىپ سىڭلىڭىزنى يوقلىسام ياخشى بولاتتى. لېكىن ھەممىمىز ئوقۇغۇچى، مەن بارسام تۇرىدىغان جاي تاپالماي قىينىلىپ قالارمىز ھەقىچان. mEd2f^R  
    --سىز مېنىڭ ياتىقىمدا تۇرۇۋېرىڭ. فاتىمەنىڭ باشقا ئىشلىرى يوق، سىزگە ھەمراھ بولۇپ ئوينىتىدۇ. تەييالىقتا بىللە ئوقۇغان باشقا قىزلارمۇ سىزنى ئوينىتىمىز، دەپ يۈرگەن. T(*,nJi~9  
    --بۇنى سىڭلىڭىزغا بېرىڭ، ئالدىمىزدا رامىزان كېلىۋاتىدۇ، لازىم قىلار،--دىلنۇر شۇنداق دېگەچ يانچۇقىدىن 400 يۇەن پۇلنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدى.  80@\e  
    --ياق، ئۇنداق قىلماڭ.... /Pg)7Zn  
    --ئېلىڭ، مېنىڭ ئازراق كۆڭلۈم. يا سىڭلىڭىزغا ئۆزى ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرەرسىز. كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ. ھە راست، ھازىر پۇلنى قانداق قىلىۋاتىسىلەر؟ H:~p5t  
    --ئىككىلىمىزنىڭ يىغىپ قويغان پۇلىمىز بار ئىدى، بىر مەزگىل شۇنى ئىشلەتكەن. ئۆتكەندە ھاممام 1000يۇەن پۇل ئەۋەتىپتىكەن، ئۇ تۈگىسە ئاللاھ يەنە بېرەر،--مېھرىئاينىڭ كۆز چاناقلىرى ۋە بۇرنىنىڭ ئۇچى قىزىرىپ قالغانىدى. \yJ 4+vo2Q  
    --ئەنسىرىمەڭ، ئاللاھ خالىسا پۇلنىڭ ئامالى بولىدۇ. ئەگەر مېنى يات كۆرمىسىڭىز، مەن پۇل بېرەي، شۇنى خەجلەپ تۇرۇڭلار... ~{Iw[,MJ  
    --ياق، سىزمۇ ئوقۇغۇچى... IEy$2f>Ns  
    --مېنىڭ ئەمەس، ئاكامنىڭ پۇلى. ئەگەر ئاكامغا دەيدىغان بولسام ئاكام ناھايىتى خوشال بولۇپ قوشۇلىدۇ. ئاكام ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئورگىنىدا خىزمەت قىلىشنى خالىماي سودىگەرچىلىك قىلغان ئىدى. ھازىر كىچىكرەك بىر شىركەت قۇرۇۋالدى، پايدىسى ياخشى ئوخشايدۇ، ھازىر ئەھۋالى خېلى ياخشى. تاپقان پۇلىنى مۇشۇنداق يەرگە ئىشلەتمەي نەگە ئىشلىتىدۇ؟ TRi#  
    دىلنۇر مېھرىئاينىڭ سومكىسىنى يىغىشتۇرۇشىغا قارىغاچ ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدى: تەييارلىقنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى پۈتتۈرگەن يازلىق تەتىلدە ئۇمۇ، فاتىمە بىلەن بىللە ئۆيىگە قايتقانىدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ناماز ئوقۇغىنىغا شۇنچىلىك قارشى ئىدى. ئۇنىڭ ئورانغانلىقىنى كۆرۈپ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى سىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايسىز. ئۇ ئاپتوبۇستىن چۈشىشىگە نېرىقى تەرەپتە ماشىنا بىلەن ساقلاپ تۇرغان دادىسىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپلا كەتتى، ۋە ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي كېتىپ قالدى. ئاپىسى ئۇنى كۆرۈپ«بالام، بۇ نېمە ئىش؟!» دەپ تۇرۇپلا قالدى. پەقەت ئاكىسىلا خوشاللىقىدىن سىڭلىسىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈۋالدى. 5?>4I"ne  
    شۇنىڭدىن باشلاپ تەتىل بويى ئۇنىڭغا ئارامچىلىق بولمىدى. كۈندە دېگۈدەك ئاتا-ئانىسىنىڭ تاپا-تەنىسىگە ئۇچراپ تۇراتتى. لېكىن بۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ سىنىقى ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ كۆرۈۋاتقانلىرى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەجىر بېرىدىغانلىقىنى ئويلىغاندا قەلبى يورۇپ، روھى كۆتۈرۈلۈپلا قالاتتى. لېكىن كىچىدىن ئۆزىگە شۇنداق ئامراق ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇراتتى. gGVt ( ^  
    ئۆيگە خوشنىلار كىرسىمۇ باشقا ئۆيلەرگە مۆكۈپ، ھېچكىمگە كۆرۈنمەي يۈرۈپ، بىر يېرىم ئاي تەتىلنى تەسلىكتە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ خوشمۇ دېمەي تەتۈر قاراپ ئولتۇرۇشى بىلەن مەكتىپىگە قايتتى. مەكتەپتە بىر مەۋسۈم تولىمۇ خاتىرجەم ئۆتتى. قىشلىق تەتىل كېلىشى بىلەن دادىسى تېلىفون قىلىپ ئۇنى ئۆيىگە تېز قايتىشقا بۇيرىدى. بۇ قېتىم دادىسى ئۇنى ئاپتوبۇس بېكىتىدە كۈتۈۋالدى، قاپىقىنىمۇ ئاچماستىن بىر ئېغىز گەپمۇ قىلماستىن ئۇنى ماشىنىغا چىقىرىپ ئۆيگە ئېلىپ كەلدى. بۇ قېتىم ئاپىسى ئۇنى قۇچاقلاپمۇ قويمىدى، قولىدىن سومكىسىنى ئالمىدى، بۇرۇنقىدەك ئاش كۆكى پۇراپ تۇرغان مېزىلىك چۆچۈرە، ھېچبولمىغاندا بىر پىيالە ئىسسىق چايمۇ قويمىدى. ئۇ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ تېخى يۈزلىرىنىمۇ يۇيماستىن دادىسى ئۇنى چاقىردى: B46:LQ9[  
    --بۇ ياققا چىق! ساڭا دەيدىغان گېپىم بار!—ئۇ دادىسىنىڭ ئەلپازىنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇمسىراپ تاشقارقى ئۆيگە چىقتى. XS&Pc  
    --ساڭا بىر پۇرسەت بەردىم، ئۆزەڭنى بىلمىدىڭ، ئەمدى گېپىڭنى ئوچۇق قىل. يا ياغلىقنى بېشىڭدىن ئالىسەن، بۇرۇنقى ئىشلارنى سۈرۈشتۈرمەيمەن، يا ياغلىق چىگىدىغان بولىسەن، پۇت-قولۇڭنى چېقىۋېتىپ، ساڭا نان تاشلاپ بېرىپ باقىمەن. X <xM '  
    --دادا، نېمە بولدىڭىز؟ مەن ئۆيگە تېخى بۈگۈن كەلدىمغۇ؟--ئۇنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈشكە باشلىدى. jv~#'=T'  
    -- ئەل-جامائەت نېمە دەۋاتىدۇ، بىلەمسەن؟ مېنىڭ يۇرتتا يۈزۈمنىمۇ تۆكۈپ بولدۇڭ. تېخى ئالدىنقى كۈنى ۋالىي ئاتايىتەن چاقىرتىپ سېنىڭ گېپىڭنى قىلىۋاتىدۇ. ئاپاڭ ئىككىمىزنىڭ خىزمىتىمىزنىمۇ يوق قىلىدىغان ئوخشايسەن. سەندەك بالىنى باققۇچە ئىتنىڭ كۈچۈكىنى باققان بولسام بىر ئىشقا ياراپ قالار ئىدى. 0OHXg=  
    --دادا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ خۇدايىڭىزدىن قورقىسىز، مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ئىگەمدىن قورقىمەن. نېمە دېسىڭىزمۇ مەن بۇ ئىشتا سىزنىڭ دېگىنىڭىزنى قىلالمايمەن. ئەگەر يۈزىڭىزنى بەك تۆكۈۋەتكەن بولسام مېنى بولدى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىڭ. B1}i0pV,,  
    --ھە ماقۇل، بۈگۈندىن باشلاپ مېنىڭ سەندەك قىزىم يوق. ئۆلەمسەن، تىرىلەمسەن كارىم يوق، ماڭ ئۆيدىن چىق!—دادىسى شۇنداق دەپلا ئۇنىڭ ئىتتىرگىنىچە ئۆيدىن چىقاردى ۋە ئىشىكنى زەرب بىلەن ياپتى. ئۇ سەندۈرۈلگىنىچە بېرىپ ئۇتتۇردىكى ئۆينىڭ ئىشىكىگە ئۇرۇلدى. i<Ms2^  
    --دادا، چاپىنىم! چاپىنىمنى ئېلىۋالاي! ياغلىقىمنى ئېلىۋالاي، دادا!!—ئۇ سىرتتا توۋلايتتى، ئىشىكنى ئۇراتتى. مۇشلايتتى، ئۆينىڭ ئىچىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ گەپ تالىشىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى. D/=05E%[81  
    يانۋارنىڭ سوغۇقى ئۇنىڭ جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. كۆزىدىن ياشلار قۇيۇلاتتى. ئاخىرى ئاۋازلىرىمۇ بوغۇلۇپ كەتتى. شۇ چاغدا ئۇدۇلدىكى ئۆيدە تۇرىدىغان خوشنىسى سىرتتىن قايتىپ كېلىپ قالدى. \5}PF+)|  
    --ۋاي دىلنۇر، قىزىم، نېمە بولدىڭىز؟ w]MI3_|'r(  
    دىنۇر ئۇنى كۆرۈشى بىلەنلا ياشلىرى قايتىدىن تۆكۈلۈپ كەتتى. ئۇ نېمىمۇ دېيەلىسۇن؟ ئاتا-ئانىسىنى خەققە يامانلاپ بەرسۇنمۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار دېگەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان، كىچىكىدىن تارتىپ ئۇنىڭغا مېھىر بېرىپ ئۆستۈرگەن ئاتا-ئانىسى-دە! -btNwE6[.  
    خوشنا ئايال ئۇنىڭ ئۈنسىز يىغلاۋاتقان تۇرقىغا قاراپ باغرى ئېزىلدى بولغاي، ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىردى. :j+E]|d(~6  
    --ھەدە، ئاكامغا تېلىفون بېرىۋالسام بوپتىكەن،--دېدى دىلنۇر بىر ئازدىن كېيىن، سەل ئەسلىگە كېلىپ. )b nGZ8h99  
    --ئەنە تېلىفون، ئىشلىتىۋېرىڭ قىزىم. Ds] .Ae  
    --ۋەي، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! z&!o1uq  
    --ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇ مەن، ئاكا! !m\By%(  
    --ۋاي جېنىم سىڭلىم، شىركەتتە ئازراق ئىش بولۇپ قېلىپ پەقەت نېرى بولالمىدىم. كەچتە ئۆيگە سېنى كۆرگىلى بارىمەن. قەتئىي خاپا بولمىغىن. w#9.U7@.  
    --ئاكا، دەرھال كېلىپ مېنى ئەكەتكىن.—ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ چىقاتتى. توختىماي ئېسەدەپ تۇراتتى. suQ`a_ zJ  
    --سەن نەدە؟ بۇ ئۆينىڭ نومۇرى ئەمەسقۇ؟ MV<)qa T  
    --قانچىلىك ۋاقىتتا كېلىپ بولالايسەن؟ مەن بىنانىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇراي. 71Q`B#t0'Z  
    --ئون مىنۇتتىلا بارىمەن. ئەمىسە ساقلاپ تۇر. يىغلىمىغىن، ئاڭلىدىڭمۇ؟ بىزگە ئىگە بولىدىغان رەببىمىز بار. قانداق ئىش يۈز بەرسىمۇ كۆڭلۈڭنى توق تۇتقىن.  `&a8Wv  
    ئاكىسىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆڭلى بىردەمدىلا خاتىرجەم بولۇپ قالدى. راست ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭغا ئىگە بولىدىغان رەببى تۇرسا، ئۇ نېمىدىن ئەنسىرەيدۇ؟ ئاتا-ئانىسىمۇ ئاللاھ خالىس ھامان بىر كۈنى ھەقنى چۈشىنىدۇ. ھامان بىر كۈنى قىزىنى چۈشىنىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ كەچۈرۈم سورايدۇ.... :zC=JvKT  
    --ھەدە، رەنجىمەي ماڭا بىر ياغلىق بېرىپ تۇرغان بولسىڭىز،--دېدى ئۇ ئۆي ئىگىسىگە ئايالغا. :1'1 n  
    --ھە مانا، ماۋۇ بولامدىكەن؟ مەندە چوڭ ياغلىقمۇ يوقكەن،--دېدى قىزىرىپ، ئاندىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،--قىزىم، ناھايىتى ياخشى ئىش قىلىۋاتىسىز. مېنىڭمۇ سىزدەك قىزىم بولغان بولسا ناھايىتى پەخىرلىنىپ كېتەتتىم. لېكىن بىزنىڭ خىزمەت ئورنىمىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ، ئاتا-ئانىڭىزنىمۇ توغرا چۈشىنىشىڭىز كېرەك. مۇسۇلمان دېگەن چوقۇم بېشىغا ياغلىق چىگىش كېرەك، دېگەن گەپ يوقتۇ؟ بولمىسا بىزلەر مۇسۇلمان بولماي قالارمىزمۇ؟ نامىزىڭىزنى ئوقۇپ ، قالغىنىنى دىلىڭىزدا بىلىپ يۈرۈۋەرسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ؟ ھەممىدىن نىيەت ئەلا دەپتىكەن، كۆڭلىمىزدىكىنى خۇدايىم بىلەتتى.... :'t"kS  
    ئۇنىڭ بۇ ئايال بىلەن چۈشەندۈرۈپ، گەپ تالىشىپ ئولتۇرغۇسى كەلمىدى. N+R{&v7=F%  
    --ھەدە، ئاكامنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى. مەن پەسكە چۈشۈپ قاراپ باقايمىكىن. V[44aN  
    --ماقۇل قىزىم، ئەمىسە خوش، ئاللاغا ئامانەت. 8/"uS;yP  
    سوغۇق شامال ئۇنىڭ يۈزىگە ۋىشىلداپ ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. ئادەتتە قىشلىق چاپاننىڭ ئىچىگە كىيىۋالىدىغان نېپىز كۆينىكى شامالدا لەپىلدەيتتى. چىرايى سوغۇق دەستىدىن كۆكىرىپ كەتكەنىدى. «ئەگەر مۇشۇ پېتى ئۆلۈپ كەتسەم ھە» دەپ ئويلىدى ئۇ «بەلكىم شەھىتلەر قاتارىدا بولار ئىدىم».... >hnhV6ss  
    شۇ چاغدا ئاكىسىنىڭ ماشىنىسى ھويلا ئىچىگە كىرىپ كەلدى. ئۇ ماشىنىنى كۆرۈپلا ئاكىسىنىڭ ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى ۋە ئۆزىنى ئاكىسىنىڭ قۇچىقىغا ئاتتى. مۇشۇ تاپتا ئۇ مۇشۇنداقلا بىر قۇچاقلاپ قويۇشقا نەقەدەر موھتاج ئىدى، مەيلى ئاكىسى بىرەر ئېغىز گەپ قىلمىسىمۇ، ئۇنى مۇشۇنداق قۇچاقلاپلا تۇرسا... N:^4On VR  
    ئۇ ئاكىسىنىڭ قۇچىقىدا ئۆسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايتتى. ئۇ شۇنچە يىراق سەپەردىن تېخى بۈگۈنلا قايتىپ كەلدى، ئۇ ئەسلى قېرىنداشلىرىنىڭ ئىللىق باغرىنى، دادىسىنىڭ ئەركىلىتىشلىرىنى، ئاپىسىنىڭ مېزىلىك تاماقلىرىنى ئۈمىد قىلاتتى. لېكىن تۇيۇقسىزلا ئىشنىڭ بۇنداق بولۇپ كېتىشىنى ئۇ نەدىن بىلەتتى؟ w `M/0.)V  
    شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن بالكونىدىن قاراپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزنى ئۇلار ئىككىلىسى كۆرمىدى. ماشىنا قورو ھويلىسىدىن ئەگىپ چىقىپ كارىسى كۆرۈنمەي قالغاندا بۇ بىر جۈپ كۆز نەملىشىپ قالغانىدى....
    blog.salkin.cn
    بىلىڭلاركى دىللار پەقەت اللاھ نى ئەسلەش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ.
    اللەنىڭ ئالدىدىكى ئورنىڭىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز،قەلبىڭىزدىكى اللەنىڭ ئورنىغا قاراڭ.
    ۋىجدانى مەسئۇلىيەت ۋە ئىمانى تەربىيەت بىلەن ئانىلىق شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئانىنىڭ باللىرى تۇغۇلغان كۈنىدىن باشلاپ يىتىمدۇر.
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-03 16:48 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر

    Time now is:12-05 21:20, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation