ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ 13 - ئۆكتە
بىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا . ئىران تەرەققىيپەرۋەر ئىسلاھاتچىلىرنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى ، پارلامىنىتنىڭ سابىق باشلىقى مەھدى كاروبى 12 - ئۆكتەبىر : 2009 - يىلى ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلدىغان ئىران زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىششنى قارار قىلدىم ، مەزكۈر سايلامدا ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئەھمەد نىجاد رىقابەتچىم بۇلىدۇ ، دېگەن . مەھدى كاروبى ئىسلاھاتىنى تەششەببۇس قىلىدۇ ھەمدە ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قۇۋۋەتلەشتە چىڭ تۇرىدۇ . ئۇ : مېنىڭچە ، دىپلۇماتىيە سىياسىتى ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسۇن ، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئەھمەد نىجاد مەغلۇب بۇلىدۇ . ئىران دۈشمەنلىرى بىلەن ، بۇلۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىپ ، مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشى كېرەك ،دېگەن . تېھران شەھەر مەمۇريىتىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار : ئىران سايلىمى ئىنتايىن ئالاھىدە سىياسىي ئوبراز ، ئۇ ئىران سىياسىي مۇنبىردىكى بارومېتىر ، شۇڭا ئىران سىياسىي مۇنبىرىدىكى يۆنىلىشنى گەۋ
دىلەندۈرىدۇ . ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن سايلام نەتىجىلىردىن قارىغاندا ، زۇڭتۇڭ ئەھمەد نىجادقا بولغان ئىشەنىچ تەدرىجىي تۆۋەنلەۋاتىدۇ ، ئەھمەد نىجاد پاك ئادەم ، بۇ نوقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بۇلىدۇ ، بىراق ئۇنىڭ ھاكىميەت باشقۇرۈش تەجربىسى كەمچىل ، شۇڭا ئىراندا ئۇنىڭغا قارشى خاھىشلار پەيدا بولدى دېگەن .
&:B<Q$g# مەھدى كاروبى 1937 - يىلى ئىراننىڭ لورىستان ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان . ياش چاغلىرىدا دىنىي داھى ھۇ
مەيىننىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان ۋە پادىشاھ پەھلىۋىگە قارشى كۈرەشكە قاتناشقان ھەم قولغا ئېلىنىپ ، سۈرگۈن قىلىنغان ، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىككى قېتىم پارلامىنىت باشلىقى بولغان .
zW |=2oX2 $3+PbYY << قانۇنچىلىق گېزىتى >>