تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىنىڭ پائالىيەت لايىھىسى
پائالىيەتچان ئەزا ئەمىلىيەنىڭ تەشەببۇسى، سەلكىن مۇنبىرىنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن، تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىنىڭ تەسىس قىلىنىش مەقسىتىگە ئاساسەن، مەزكۇر سەھىپىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەرجىمە كەسپىگە قىزىققۇچىلار ۋە تەرجىمە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئەزالارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىشى، ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆز ئارا ئۆگىنىشىگە سەھنە ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم تەرجىمىگە (خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە) ئائىت قىسمەن قىزىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز ئارا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بىر- بىرىدىن ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلىپ، بۇ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
پائالىيەت ۋاقتى: پائالىيەت ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ، پائالىيەت نەتىجىسى ھەر ئىككى ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىپ مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
پائالىيەت خىراجىتى: پائالىيەت خىراجىتىگە سەلكىن مۇنبىرى مەسئۇل بولىدۇ، مۇنبەر سىستېمىسىدا بار بولغان باھالاش ئىقتىدارىدىكى نومۇرلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، يەنە 2000 سوم پائالىيەت خىراجىتى چىقىم قىلىنىدۇ.
پائالىيەت ئۇسۇلى: پائالىيەت بىرلا ۋاقىتتا ئاز دېگەندە پائالىيەت تەشكىللەش گۇرۇپپىسى چىقارغان ئۈچ خىل سوئال، كۆپ دېگەندە بەش سوئالغا (ياكى مۇنازىرە تېمىسىغا) جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە، قۇشۇمچە قىلىپ كۆپ دېگەندە 500 خەتلىك، ياكى 200 خەتلىك تەرجىمە ئەسەر يوللاش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن، سىز پائالىيەتكە قاتناشماقچى بولسىڭىز، سىز مۇكاپاتلىق تېما دېگەن ئەسكەرتىش بىلەن ئۆزىڭىز پائالىيەتكە قاتناشتۇرماقچى بولغان تەرجىمە ئەسىرىڭىزنىڭ تېمىسى ئارقىلىق ئايرىم تېما يوللايسىز، ئۇنىڭدا تەرجىمە قىلغان ماتىرىيالىڭىزنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى، تەرجىمە قىلغان مەزمۇنىڭىز، ئاندىن پائالىيەت تەشكىللەش گۇرۇپپىسى چىقارغان سوئاللارغا بەرگەن جاۋابىڭىزنى يېزىپ يوللايسىز. پائالىيەتكە قاتناشمىغان ئەزالار، پائالىيەت گۇرۇپپىسى چىقارغان سوئاللارغا شۇ تېما ئىچىدە ئىنكاس شەكلىدە جاۋاب بېرىپ ياكى مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، باھالاش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرسە بولىدۇ. بۇ ئىنكاسلارغا بېرىلدىغان مۇكاپاتلارنى مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار باھالاش شەكلىدە بەرسە بولىدۇ، ھەمدە بارلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ باھالاشقا قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، باھالاش ئارقىلىق بېرىلدىغان تۈرلۈك نومۇرلارغا چەك قويۇلمايدۇ، ياخشى ئىنكاسلارغا بىر قانچە باشقۇرغۇچى قايتىلاپ مۇكاپاتلىسىمۇ بولىدۇ.
مۇكاپاتلاش- جازالاش ئۇسۇلى ۋە سوممىسى: بۇ پائالىيەتگە بارلىق ئەزالارنىڭ قىزغىن ئاۋاز قۇشۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، پائالىيەت جەريانىدا تەرجىمە قىلىپ يوللانغان ئەسەرلەرگە قىزغىن ئىنكاس يوللاش شەكلىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزگەنلەر، بېرىلگەن سوئاللارغا قىزغىن جاۋاب بەرگەنلەر ۋە جاۋاب بەرگەنلەرگە قارىتا سەمىمىي پىكىر بېرىش شەكلىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ ئىنكاس يوللىغانلارنى بىردەك تۆھپە، شۆھرەت، قوللاش، مۇنبەر پۇلى قاتارلىقلار بىلەن ئەڭ يۇقىرى چىكى 20 نومۇر، ئەڭ تۆۋەن چىكى 5 نومۇر بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ (مۇسابىقىغە قاتناشقۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). مۇسابىقىغە قاتناشقانلارنى 1- دەرىجىلىككە 1 نەپەر تاللاپ، باھالاش شەكلىدە 20 تۆھپە نومۇرى بېرىشتىن سىرىت، يەنە 1000 سوم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. 2- درىجىلىككە 1 نەپەر تاللىنىپ، باھالاش شەكلىدە 20 تۆھپە نومۇرى بېرىشتىن سىرىت، يەنە 500 سوم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. 3- دەرىجىلىككە 2 نەپەر تاللىنىپ، باھالاش شەكلىدە 20 تۆھپە نومۇرى بېرىشتىن سىرىت، يەنە 250 سوم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ ھەمدە ئىزچىل ئىپادىسى ياخشى بولغانلارنى مۇنبەر مۇدىرىيىتىگە مۇنەۋۋەر ئەزا قىلىشقا تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ياخشىلىرى تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىنىڭ سەھىپە باشلىقلىقىغا كۆرسىتىلىدۇ. باھالاشتا نەتىجىگە ئېرىشكەن مۇكاپاتلىق تېمىلار بىردەك نادىرلىنىدۇ. ئەگەر ئىنكاس شەكلىدە پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىنى زاڭلىق قىلغان، ئەيىپلىگەن، قانۇنسىز تېمىلارنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغانلار بىردەك مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز ئىنكاس يوللاش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاش، ھەتتا مۇنبەردىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.
پائالىيەت باھالىغۇچىلىرى: سەلكىن، باغۋەن، كىروران، ھۆكۈمران، ئادىلە، ئىشەنچ، uighur_ay، ئەمىلىيە، شوخ شەكىلە، دىيارستانى. يۇقارقى باھالىغۇچىلار مۇسابىقە جەريانىنى باھالاش بىلەن بىرگە، مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ. پائالىيەتنىڭ ئادىل، باراۋەر ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بارلىق ئەزالارنىڭ نازارەت قىلىشى ۋە باھالاشقا قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
قوشۇمچە: پائالىيەتكە چىقىرىلدىغان سوئال دۈشەنبە چىقىرىلىدۇ، پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇدىغان تېمىنى پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرى تاللاپ بىكىتسە بولىدۇ. بۇ پائالىيەت لايىھىسىدە ئەسكەرتىلمىگەن، مۇجىمەل بولۇپ قالغان ئەھۋاللار بولسا، ئىنكاس ياكى ئۇچۇر شەكلىدە يوللىساڭلار بولىدۇ. باشقىچە پىكىر ۋە تەكلىپ بولسا، ئىنكاس شەكلىدە يوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسى پائالىيەت تەشكىللەش گۇرۇپپىسى
2007- يىل 8- ئاينىڭ 17- كۈنى
ئەسكەرتىش: بىرىنچى قېتىملىق پائالىيەت سۇئالى 8- ئاينىڭ 19- كۈنى شەنبە كەچتە پائالىيەت سوئالى دېگەن تېمىدا چىقىرىلدى، سوئالنى مۇشۇ يەردىن كۆرۈۋېلىڭ.
./read.php?tid-4376.htmlبىرىنچى قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان تېمىلار تىزىملىكى:
./read.php?tid-4442.html[ بۇ يازما كىروران تەرپىدىن 2007-08-20 11:25 دە قايت ]