ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
ئەتە يىلدا بىر كىلدىغان،مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان،ئاللاھنىڭ مۇسۇلمان بەندىسى ئۈچۈن رەھمىتى بولغان <قۇربان ھېيىت>، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىلەرگە ئالى سالام،تۆۋەنچىلىك بىلەن سالام،قادىدىن سىزلەرگە سالام،قادى سىلەرنىڭ كۈلكەڭلەر ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ،خۇشاللىقىڭلار ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىدۇ،ئىمان-ئىنسابىڭلار،بەختىڭلار ئۈچۈن ئاللاھدىن تىلەيدۇ،ئەلۋەتتە ھەرقايسىلىرىمۇ قادى قىپ قويسۇن بىزنىڭ ئورنىمىزدا دىمەي،بىر-بىرىمىزگە تەڭ تىلەيلى ئاللاھدىن،ماقما~!~!
ئەمىسە تايېنى يوق خەۋىرىمنى باشلاي،1.2.3.ئېيپىشۇن.....................! مەملىكەت خەۋەرلىرى: بۇ گەپنى تەپسىر قىلساق،بۇ دىگەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشقۇرۋاتقان زىمىنىنى كۆرسىتىدۇ!
ئىلىمىزنىڭ شەرىقى جەنۇب قاتارلىق ئۆلكە-شەھەرلەردىن باشقا يەرلەر بىراقلا قىشقا كىردى،ئالاھىدە ئۇختۇرۇش قىلىندى،ۋاقىپ بولغايسىزلەر،ئەگەر نىپىز كىيىنىپ بىرەر كىسەل تىپىۋالسىڭىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدىغان ھېچقانداق ئورۇن يوق،خام تامە قىلماڭ،ھۆكۈمەت ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئورۇن تەسىس قىلمايدۇ،شۇڭا <سەلكىن> مۇنبەرگە كىرىپ قىززىق تېمىلاردىن ھوزۇرلىنىڭ!
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئاباي شاڭخەيدە بىر چوڭ داڭلىق ئىسكىلاتقا ئوت كىتىپتۇمىش،سەۋەبى ھازېرغىچە ئىنىق ئەمەس،سەل تەخېر قىلىڭ،سەۋەبى چوقۇم ئىنىقلىندۇ،ئىنىقلىنىپ قالسا بىلۋالاسىز،ھەقچان مەن ئايرېم خەۋەر قىپ يۈرمەيمەن!
ئۆتكەندە گەنسۇدىكى كىچىك باللانىڭ سۈت پاراشۇگى ئىشلەپ چىقىردىغان كارخانا ئىلىمىزنىلام ئەمەس چەتئەللەرنىمۇ ئەنسىرەتتى،بۇنداق دىسەم قورقۇپ كەتمەڭ يەنە،سۈت پاراشۇگىدا يادىرو بومبىسى ياسىغان ئوخشايدۇ دەپ،لىكىن قوقمايمۇ بولمايدۇ،چۈنكى ئۇلار ئىشلەپ چىقارغان سۈت پاراشۇگىدا مەخسۇس بوۋاقلارنىڭ بۆرىكىگە تاش چۈشۈردىغان بىر نەرسە باكەن،(چۈشۈنۈشلىك بولسۇن ئۈچۈن مۇشۇنداق ئاددىلام،بىر نەرسە باكەن دەپ ئىلىندى)!
يىقىدا ئېلىمىزنىڭ بىر نەچچە شەھەرلىرىدە نامايىش يۈز بەردى،نامايىش خېلى كۈچلۈك بولغان رايونلاردا ،ساقچى ماشىنىسى ئۆرىۋىتىش،ئوت قويۋىتىشتەك يامان ئىشلار يۈز بەردى.
بىرەر ئاينىڭ ئالدىدا چۇنچىڭ شەھرىدە كىرا ماشىنىسى ھەيدەيدىغانلار ئىش تاشلىدى،سەۋەبى : ئۇلار ئادەم تاتىپ بولالمايۋاتسا،ھېلىقىدەك ئىجازەت نامىسى يوق ماشىنلار ئادەم تاتىپ ئۇلارغا زور زىيان سالدى،لىكىن بۇ ئىشنى ھۆكۈمەت ئەڭ تىز سۈرەتتە ھەل قىلدى، لىكىن بۇنداق ئىجازەت نامىسى يوق ماشىنلار ئۈرۈمچىدە بەك ئەسقاتىدۇ ئادەمگە،لىكىن قىزلار بەك دېققەت قىلىڭلار جۇمۇ،بەزى يامان نىيەتتىكى ئدەملەر ئالداپ ئەپ قاچسا <سەلكىن>شېركىتى مەسئۇل بولمايدۇ،چۈنكى مەن دېققەت قىلىڭ دەپ قويدۇم! خەلىقئارا خەۋەرلەر: بۇ گەپنى تەپسىر قىلساق، ئىلىمىز ھۆكۈمىتى باشقۇرشىدىكى رايون بولمىغان جايلارنى كۆرسىتىدۇ!
ھېندىستاندا پاناھلانغان ھېلى دالايچاقلارنىڭ قېرى داھېيسى دالاي لاما نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ياۋرۇپا ئىتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى،فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى بىلەن قۇربان ھېيتلىق كۆرۈشكەن،ئىلىمىز باياناتچىسى چىن گاڭ ئىشخاندا ئولتۇرۋېلىپ شۇنداق قارېشى تۇرسىمۇ ئاقمىدى!
يىقىنقى نەچچە ئايلاردا سۇمالىدىكى دىڭىز قاراقچىلىرى ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۋالدى،نىمىنى كۆرسە شۇنى بۇلايدىغان بولۋالدى،دۇنيادىكى نەچچە دۆلەتلەر ئۇلارغا قارېشى ئوت ئاچقان بولسىمۇ ئانچە پايدىسى بولمىدى،ھېندىستان ئارمىيىسى بىر كېمىنى چۆكتۈرۋەتكەن ھەم ئۇنى قاراقچىلارنىڭ پاراخوتى دىگەن،لىكىن جاھاندىكى ئىشلار پېروگىرمىسىدا ئۇلارنىڭ چۆكتۈرۋەتكىنى قاراقچىلارنى كېمىسى بولماستىن، كىچىك بىر بىلىق كېيمىسى دەپ ئېلان قىلغان!
يىقىندا ھېىندىستاننىڭ تەرەققى قىلغان شەھىرى بولغان بومباي شەھرىدە تېرورلۇق ھۇجۇمى بولدى،بەك جىق ئادەم پارتلاشتا ئۆلدى،ئىلىمىز قاتارلىق كۆپ دۆلەتلەر بۇ قىتىملىق تېرورلۇق ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى!دىيارىمىز خەۋەرلىرى: بۇ گەپنى تەپسىر قىلمىساممۇ بولا
!
مۇشۇ يىقىنياقى دىيارىمىزنىڭ كۆپ يەرلىرىدە بىر نەچچە قىتىملىق چوڭ-چوڭ قاتناش ۋەقەلىرى يۈز بەردى،كۇچادا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسى ھەممىنى يىڭىپ بىرىنجى بولدى،چۈنكى شۇ قىتىملىق ۋەقەدە قازا قىلغانلار ئەڭ كۆپ!
شۇڭا شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى: ماشىننى بىسمىللا دەپ ھەيدەڭ،دېققەت قىلىڭ،چارچىغاندا ھەيدىمەڭ،تىز ھەيدىمەڭ.......قاتارلىقلار،قالغېنىنى يولدا ھەرخىل تاختىلار با،شۇنىڭدىن كۆرۋىلىڭ،بىرەر ئىش چىقىپ قالسا،قادى تەپسىلى دىمىگەن دىسىڭىز ئاقمايدۇ جۇمۇسىلا!
ئەتە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ خۇشاللىق كۈنى،يەنى <قۇربان ھېيىت>،شۇڭا بۈگۈن كەچتە تېلۋۇزۇردا قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كىچىلىكى بېرىدۇ،شۇنى كۆرۈشنى ئۇنۇتماڭ،شارائىت بولمىغانلارغا سەلكىن شېركىتى توردا تەمىنلەيدۇ،ئالاھېدە ئۇختۇرۇش قىلىندى!_______________________________________________________________
شۇنىڭ بىلەن بۇ قىتىملىق تايېنى يوق خەۋەرلىرىمىز مۇشۇ يەردە تۈگۈدى!
خاپا بولۇشمىغايلا،تايېنى باكەنغۇ دەپ،ماقما!!!
ھەي ئادەملەر ئەتە ھېيىت ماڭقا ئېيىت،ھې ھې ھې ھې ھې !!!!
ئەمىسە مۇنچىغا چۈشۈشنى ئۇنۇتماڭ،ئۆزىڭىز يۇيۇنۇڭ جۇمۇ خەقنى ئاۋارە قىلماي،خەق ئەمەس دەپ ئايالىڭىزغا يۇغۇزۇپ يۈرمەڭ يەنە..............ھې ھې ھې ھې چاقچاق!!!
خەيىر-خوش![ بۇ يازما قوزام تەرپىدىن2008-12-08 21:56دە قايتا تە ]