ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۇلغۇنئوغلى ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى
،قارىغاندا سىزمۇ ئەتتىگەندە ماڭا ئوخشاش ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاچچىق قىلىدىغان ئىشلارنى كۆرگەن ئوخشايسىز ، ھەممەيلەنگە مەلۇم ئۈرۈمچى خەلىقئارالىق چوڭ بازار رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق سودا مەركىزى ھەم شۇنداقلا ئۈرۈمچىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر پۇرىقى كۈچلىك جاي ، بۇ جايدا ھەر قېتىم ھېيىت بولغاندا ساما ئوينىلدىغانلىقىنى مېنىڭچە كۆپچىلىك بىلىدۇ ، بۈگۈن ئەتتىگەن بۇ جايدا شۇنداق زوق شوق بىلەن ساما كۆرىۋاتاتتىم ، تۇيۇقسىز ئىككى يەجۇجى-مەجۇجىدەك ياسىنىۋالغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ سۆزى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى ، ئۇنىڭ ئارىسىدا كۆزىنى جېننى فوردەك بويىۋالغان چاچلىرىنى قۇچقاچنىڭ چاڭگىسىدەك قىلىۋالغان بىرسى يېنىدىكىسىگە : قارا ئاداش ئاۋۇ ئالتە شەلىكلەرگە ، ئەتتىگەندە ساراڭدەك ئوڭ تەتۈر چۆگلىگىلى تۇرۇپتۇ، مۇشۇ ئالتە شەلىكلەر كۆزۈمگە خۇددى نورمال ئادەم ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ ،دېگەنىدى ، شۇنداق بىر سوغۇق نەزەردە قارىدىمكىن تۇيۇقسىز ئۆرىلىپ ماڭا قاراپ ، بېشىنى بۇراپلا كېتىپ قالدى
E?L^L3s ھەيرانمەن ، ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر قىلىۋاتقان ، باشقا مىللەتلەردىن بەكراق پەرىقلەندۈرگىلى بولىدىغىنى مېنىڭچە يەنە شۇ ئالتە شەلىك ..............