]ۋاقىتلىق نادىرلاندى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار:
مەن قايغۇلۇق بىلەن تورداشلارغا شۇنى ئېيتماقچىمەنكى،2008-يىلى12-ئاينىڭ11-كۈنى [تۇرسۇن]ئىسىملىك 50~60ياشلار چامىسىدىكى بىر بوۋاي كىسەل سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي لەنجۇ ئونىۋېرستېتى 2-دوختۇرخانىسىدا ۋاپات بولدى . لەنجۇ ھەرقايسى قاتلامدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن دەرھال ھەركەتكە كېلىپ ئۆز ئىختىيارى بىلەن پۇل يىغىش قىلىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ بۇ ئىگە-چاقىسىز قېرىندىشىمىزنى ئېلىپ چىقىپ ئۆرپ-ئادىتىمىز بويىچە يەرلىكىگە قويماقچى بولدۇق. ھەمدە دوختۇرخانا باشلىقىغا ئەمىلىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ جىددى قۇتقۇزۇشقا كەتكەن داۋالاش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئۆتۈندۇق،خۇداغا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى،مەزكۇر دوختۇرخانىمۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن بارلىق داۋالاش ھەققى ۋە قۇتقۇزۇش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىپ جەسەتنى ئېلىپ كېتىشىمىزگە قوشۇلدى.شۇنىڭ بىلەن بىز دوختۇرخانىغا رەخمىتىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە مەرھۇم بوۋاينىڭ جەسىتىنى دوختۇرخانىنىڭ جەسەت ساقلاش ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ مەلۇم بىر مەسچىتتە بىر كېچە ساقلىغاندىن كېيىن تۆنۈگۈن(يەنى2008_يىلى12-ئاينىڭ12-كۈنى)جۈمە نامىزىدىن كېيىن نامىزىنى چۈشۈرۈپ ئوڭۇشلۇق يەرلىكىگە قويدۇق.
بىزنىڭ بۇ تېمىنى يوللىشىمىزدىكى مەقسەت:مەرھۇمنىڭ ئېنىق تەرجىمىھالى بىزگە نامۇلۇم.بوۋاي بىلەن ئانچە-مۇنچە تۇنۇشىدىغان بىرنەچچەيلەندىن ئىگىلىشىمىزچە،بوۋاينىڭ ئىسمى [تۇرسۇن]،ئەسلى يۇرتى خوتەندىن(ئېنىق ئادىرسىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن،يىنىدا ھەتتا كىملىكمۇ يوقكەن )،غۇلجىنىڭ كۆنەس ناھىيسىدە20يىلدەك ياشىغان.2008-يىلى4-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى لەنجۇغا كېلىپ پويىز ئىستانسسى ئەتراپىدا ئۇششاق تىجارەت بىلەن شوغۇللانغان.لەنجۇدا ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇققان،دوست-بۇرادىرى يوق.بىزنىڭ مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى بۇ كۆڭۈلسىزلىكتىن ۋاقىپ قىلىشقا ئىنتىرنېت تورىدىن پايدىلىنىشتىن باشقا چارە بولمىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ تورداشلارنىڭ بىز بىلەن يىقىندىن ماسلىشىپ مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇققان،دوست-يارەنلىرىنى تېپىشىمىزغا ياردەم قىلىشىنى سورايمىز.
مەرھۇمنى تونىغۇچى يولداشلارنىڭ ۋاقتىدا بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
ئېلخەت:mrat_1@hotmail.com
چ چ:61542445
مەنبە: خىسلەت مۇنبىرى
ئەسكەرتىش: مەن بۇنى خىسلەت مۇنبىرىدىن كۆرۈپ سەلكىن مۇنبىرىگە يوللاپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم چۈنكى مەن ئويلايمەن بۇ كىشىىگەياردەم قىلىش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان بۇرچىمىز چۈنكى ئۇبىزنىڭ دادىمىزدەك كىشى ھەمدە ئۇ بىزنىڭ تىلىمىز ھەم دىنىمىز بىر قىرىندىشمىز شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ تورداشلارنىڭ بىز بىلەن يىقىندىن ماسلىشىپ مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇققان،دوست-يارەنلىرىنى تېپىشىمىزغا ياردەم قىلىشىنى سورايمەن.
باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلاپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .