ئادەمنڭ ناھايىتىمۇ سىرلىق ۋە مول ئىقتىدارلىق چوڭ مىڭىسى زادى نىمىنىڭ مەھسۇلى؟ ئەنگىلىيەلىك چارلىز روبېرت دارۋىن ئۆزىنىڭ<<تۈرلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى>> ناملىق ئەنە شۇ مەشھۇر ئەسىرىدە:<<مەن جانلىقلار تۈرلىرىنىڭ ئۆزگىرىشچان بولىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن، ئەشۇ بىر قىسىم جانلىقلار تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى باشقا بىر خىل جانلىق تۈرۈنىڭ يوقالغاندىن كىيىنكى ئەۋلادى(پۇشتى)، بۇ خۇددى ھەر قانداق بىر جانلىق تۈرى جامائەت ئورتاق ئىتراپ قىلغىنىدەك يەنە بىر خىل جانلىقنىڭ نەسلى قۇرىغاندىن كىيىنكى ئەۋلادى بولغىنىغا ئوخشاش. مەن ھەم تەبىئى تاللاشنىڭ بارلىق تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەردە ئىنتايىن موھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن، ئەلۋەتتە بۇ بىردىن بىر تاللاش ۋە بىردىن بىر تەرەققىيات يول بولمىسىمۇ.>> دەپ يازىدۇ. ئۇ يەنە،<< جانلىقلار ئارا تەبىئى تاللاش ۋە رىقابەت كۇچلۇق بولىدۇ، ماسلاشقانلىرىلا ساقلىنىپ قالىدۇ ماسىلىشالمىغانلىرى ھالەك بولىدۇ. >>دىگەن قاراشنى كۈچلۇق ئىلگىرى سۈرىدۇ. مىنىڭچە ،دارۋىن ئۆز كىتابىدا كۈچىنىڭ بارىچە ئىلگىرى سۈرگەن ۋە كۈچاپ تەكىتلىگەن << تەدرىجى تەرەققىيات >> نەزەريەسى ۋە ئاتالمىش دارۋىنىزىمنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك تۆھپىسى شۇ بولدىكى : ئۇ كىشىلەرگە جانلىقلار دۇنياسىنىڭ تەدرىجى تەرەققى قىلىدىغانلىقىنى سېلىشتۇرما تەبىئەتشۇناسلىق ۋە ھاياتلىق ئىلمى نۇختىسىدىن تۇنجى قىتىم سېستىمىلىق شەرھىرلەپ، ھازىرقى زامان ھاياتلىق ئىلمىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا دەسلاپقى ئۇل سىلىش ۋ ە باشقا ئالاقىدار يىڭى پەنلەرنىڭ شەكىللىنىشى ھەم گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ماركىسىزىم تەلىماتلىرىغا تەبىئى پەن نۇختىسىدىن ئىلمى ئاساس تېپىپ بەردى. دارۋىنىزىمنىڭ ئەڭ زور زېيىنى شۇ بولدىكى : ئىنسانىيەتنى ئۆزىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ۋە ئەسىبىلىكىنى ئاقلايدىغانغا مەلۇم ئىلمى دەلىل ۋە ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، ئادەمنىڭ تەبىئىتىمۇ دەل شۇ مەخلۇقتىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، ئادەمنىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى ئۇنىڭ تەبىئىتى(گېىنى) بەلگۈلىگەن دەيدىغان قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاقلاش ئۈچۈن ئىلمى باھانە تېپىپ بىرىپ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئېيتىقاد ۋە ئەخلاق كىرزىسى پەيدا قىلىپ، ئىنسانىيەتنى ئۆز مەۋجۇتلىقى- تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسىنى قۇربانلىق قىلىشتىن ئېرىنمەيدىغان بىر خىل دەرىجىدىن تاشقىرى زامانىۋىي مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇ بەلكىم ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى پەن دائىرسىدىن ھالقىپ كەڭ تارقىلىشى ۋە ھەممى كىشى ئورتاق كۆكۈل بۆلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا كىرەك. درۋىننىڭ بۇ تەلىماتىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغانلاردىنئوكىسفورت ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ ھەركەت ئىكىلوگىيەشۇناسلىق پىرۇفىسورى رىچارد داۋكىنس ئۆزىنىڭ << شەخسىيەتچى گېنلەر>> ناملىق ئەسىرىدە ھەرقانداق جانلىق ئۆز گېنىنىڭ مەھسۇلاتى، يۈكسەك رىقابەتبىلەن تولغان دۇنيادا بىر ياخشى گېننىڭ ئومۇمى ئالاھىدىلىكى <شەخسىيەتچىلىك>، مۇپپەقىيەت قازانغان بىر گېنننىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى رەھىمسىزلەرچە شەخسىيەتچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت.نىمە ئۈچۈن گېننى شەخسىيەتچى دەيمىز ؟دىگەن سۇئالنىڭ جفۋابى شۇكى، چۈنكى گېنلار ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋاستە تاللىميادۇ.>> دىگەننى تەكىتلەيدۇ.
_kh>Z لىكىن بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىشكا تىگىشلىك بىر موھىم نۇختا شۇكى ھايۋاناتلار تەبىئى كۈچتىن ئىنىرگېيە قوبۇل قىلىپ ھەركەتلەنسە، ئادەم بولسا نۇقۇل ھالدا تەبىئى ئىنېرسىيە كۈچىدىن ئىنېرگىيە قوبۇل قىلىپ ھەركەتلەنگەندىن باشقا يەنە موھىمى ئاڭدىن ئىنېرگىيە قوبۇل قىلىپ ھەركەت قىلىدۇ،بۇ ھايۋانات بىلەن ئادەمنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتىدىكى ماھايەتلىك پەرقىدىن ئىبارەت.
ZR1+
O8 ئامىرىكىنىڭ داڭلىق تەدرىجى تەرەققىيات مۇتەخەسىسى ئىنسالر ھەركىتى ۋە تەدرىجى تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى راندو م. نېسسې ئۆزىنىڭ<< بىز نىمە ئۈچۈن كىسەل بولىمىز ؟>> دىگەن كىتابىدا،تەدرىجى تەرەققىياتنى مۇھاكىمە قىلىپ:<<تەدرىجى تەرەققىيات(تەبىئى تاللاش) توغۇرسىدا توختىلىپ،تەبىئە تاللاش دىگەننىڭ ھىچ قانداق پىلانى،مەخسىدى ۋە قايسى تەرەپكا تەرەققى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە قىلچە نىشانى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ھەم ھىچ قانداق ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەرەققىيات تەپەككۇرى بولمايدۇ؛شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش مەغلۇبىيەت بىلەن توشقان بولىدۇ؛ ھەر قىتىملىق كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەر ھاياتلىقتىكى تاللىنىش جىڭىدە توپلىشىدۇ ۋە ياكى شاللىنىپ كېتىدۇ...... بۇ بىر ناھايىتىمۇ ئۇزاق ۋە تولىمۇ ئاستا ھەم قارىغۇلارچە بولغان بىر جەريان بولۇپ بۇ جەرياننىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قىلىشى ياكى ھەر قانداق نورمالسىزلىقلارنىڭ يۈز بىرىش ئېھتىمالغا تولىمۇ يىقىن.>>دەيدۇ. بۇ قاراشنى ئازراقلا تەبىئى پەندىن خەۋىرى بار ئىدراكلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تەستىقلىماي قالمايدۇ. بىز بۇقاراشنىڭ توغرالىقى ئىتراپ قىلىدىكەنمىز ،ئۇنداقتا ئىنسانلارنىڭ ھازىرقىدەك مۇتلەق مۇقىم ھەم سىجىل تەرەققى قىلىش جەريانىنى قانداق چۈشەندۈرۈشكىرەك؟ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسى بويىچە بولغاندا ئىنساننىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە ئۆتمىشى ھەم كەلگۈسىسىنى يەنە قانداق چۈشەندۈرۈش مۈمكىن؟
Qqp)@uM^ دارۋىن ۋە فرانس كرىك قاتارلىق ئالىملار ئادەم تەبىئى تاللاش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجى تەرەققىياتنىڭ مەسۇلى دەپ قاراشلىرىنى ھازىرقى زامان گېنىتىكا ۋە ئېرسىيەت ئىلمى بۇ قاراشنى قوللاپ كەتمەيدۇ.مەسىلەن: دارۋىن ۋە فرانس كرىك<< ئادەم چوڭ مىڭىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجى تەرەققىيات ۋە تەبىئى تاللاشنىڭ مەسۇلى>> دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە ئادەم ۋە چوڭ مىنىڭىنىڭ تەرەققىياتى ھەرگۈز ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجى تەرەققىيات ۋە تەبىئى تاللاشنىڭ مەسۇلى بولماستىن گېننىڭ مەسۇلى. بۇ يەردىكى يادولۇق مەسىلىسە چوقۇمكى ئادەمدىكى ئالاھىدە گېن ئامىلى.ھىچ بولمىغاندا90% تەرەققىيات ۋەئۆز گىرىش گېن ئامىلىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس. ئەلۋەتتە ئادەمنىڭ ياشاش موھىت شارائىتى ۋە تەربىيەلىنىش سەۋىيىسى قاتارلىقلارنىڭ رولىنىڭ نەتىجىسىنىمۇ ھەرگۈز چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. بىراق بۇنىڭ رولى ئاران شۇ 10%ئىچىدە بولىدۇ.
%h0D)6j
<E"*)Oi بارلىق جانلىق ئورگانىملارنىڭ گېنىدا قىسمەن <<شەخسىيەتچىلىك>> بولغاندىن باشقا تېخىمۇ موھىمى ئۇنىڭدا تۈپكى خاراكتىرلىك تەبىئى گۇرۇپپىلىنىش ۋە سەرخىل پار كىلىش قانۇنىيىتى بولىدۇ.يەنى بارلىق جانلىقلارنىڭ گېنىدا تەبىئى گۇرۇپپىلىنىپ سەرخىللار جىپسىلىنىشتەك مەلۇم تەبىئى قانۇنىيەت ۋە نىسبەت بويىچە سەرخىللىرىنىڭ ئۆزئارا پار كىلىش ھەم مۇۋاپىق ماس كىلىش ئاساسىدىكى ئەلالىرى سەرخىل گۇرۇپپىلىنىش قانۇنىيىتى بولىدۇ. مۇبادا ئۇنداق بولمايدىكەن دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقى ۋە سىجىل تەرەققىياتىدىن سۆز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس.
,MRvuw0P YjFWC!Qj$ ئەگەر ئۇنداق ئەمەس دەيدىغان بولساق، شۇنچە ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجى تەرەققىيات ۋە ئۆزگخرىشنى مەسۇلى دەپ قارىلىدىغان ئادەم سىمان مايمۇنلا نىمە ئۈچ1ۈن گەپ قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىشنى ئۈگۈنەلمەۇدۇ؟ دىمەك مىنىڭچە قانداقتۇر تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسنى بويىچە<< تەدرىجى تەرەققىيات (تەبىئى تاللاش) ۋە ياكى تاساددىبى ئۆزگىرىشنىڭ مەسۇلى>> دەپ قارالغان دەپ قاراش ئىرسىيەت ئىلمى تەرەققى قىلمىغان شارائىتتا پۇت دىرەپ تۇرالىسىمۇ بۈگۈنكى كۈندە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
_~ v-:w دارۋىننىڭ نەزەريەسىدە جانلىقلار نىڭ يەككە تەنىچىلىرى ئۆزگخرىپلا قالماستىن ،ئومۇمى جانلىقلار توپى ئىچىدىكى ئومۇمى تەنىچىلەرمۇ ئۆزگخرىدۇ دەپ قارايدۇ.يەنى مەلۇم جانلىق توپىنىڭ گېنلىرى ۋە ئۇلاردىكى ئېرسى ئالامەتلەرنىڭ ئەۋلاتمۇ ئەۋلات بىردەكلىكنى ساقلاپ قىلىشى مۈمكىن ئەمەس، پەقەت ئۆز ئارا مۇرەككەپ شالغۇتلىنىش جەريانىدىكى قايتا گۇرۇپپىلىنىش باسقۇچىدىلا مۈڭگۈلۈك بولغان گېن ئامبىرىدا شۇ جانلىق توپىنىڭ ئومۇمى گېن گۋدىسى ساقلىنىپ قالىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىدىكى تەرەققىيات يەككە تەنىچىدە بولماستىن ئومۇمى تەنىچىدە بولىدۇ ۋە مۇرەككەپ بولىدۇ. بىراق بۇ يەردىكى سىجىل تەرەققىيات مەڭگۈلىك ۋە مۇقىم بولىدۇ، تەبىئى تاللاش ۋە تاساددىبى ئۆز گىرىش ۋاقىتلىق ھەم قىسمەن بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا جانلىقلار دۇنياسىنىڭ بۇ مەڭگۈلۈك سىجىل تەرەققىياتى بولمىغان بولاتتى.
m6-76ma,hi ئاۋىستىتيەلىك نەزەريە فىزىكا ئالىمى ئېۋىن سكىردىنگېر ئۆزنىڭ <<ھاياتلىق دىگەن نىمە؟>> دىگەن مەشھۇر ئەسىرىدە مۇنداق بىر كەلىم ە ھىكمەتلىك سۆز بولۇپ :<< مۇبادا ئىنسانلار گېن نىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئىتراپ قىلىدىكەن، بۇ ئاللىبۇرۇنلا كىشىلەرنىڭ( جانلىقلار دىكى ) ئۆزگەرمەسلىكنىڭ ئاساسەن مۇتلەق بولىدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.>> دەيدۇ. ئۇ يەنە بۇ ئەسىرىدە، ھاياتلىق دىگىنىمىز ماددىلارنىڭ تەرتىپلىك قانۇنىيەتلىك ئىلىپ بارىدىغان ھەركىتى دەيدۇ. دىمەك، جانلىقلار دۇنياسىنىڭ تەدرىجخ تەرەققىياتى مەڭگۈلۈك ۋە مۇتلەق مۇقىم بولىدۇ ، بۇ خىل مۇقىم ۋە تەرەققىيات تەرتىپلىك ۋە قانۇنۇىيەتلىك بولىدۇ؛ تاللاش ۋە توساتتىنئۆزگىرىش ھامان قىسمەن ۋە تەرتىپسىز، قانۇنىيەتسىز بولىدۇ.
QS\Uq(Ja\ ئامىرىكا پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئاكادىمىكى لېۋىس توماس دوكتور ئۆزىنىڭ مول ئىلمى ۋە كۇچلۇق كۈزۈتىش ، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ ھاياتلىق(جانلىقلار)نىڭ شەكىللىنىش شەكلى ۋە ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئالاھىدىلىكلىنى ئىگەللەش ئاساسىدا مۇنداق دەيدۇ:ھەر قانداق جانلىقئۆزىنىڭ مۈرەككەپلىكىدىن قارىغاندا ئپخشاش بولمىغانتۆۋەن دەرىجىلىك جانلىقلاردىن ئورتاق شەكىللەنگەن بىر پۈتۈن ئىكىلوگخيەلىك سېستىما. بۇنىڭلىق بىلەن توماسنىڭ بۇ قاراشلىرى 19-ئەسىردىن بۇيان ھاياتلىق ئىلمى ساھاسى، مۇتەپەككۇرلا ۋە ئىنسانشۇناسلىق ساھالىرىدە ھۆكۈمىرانلىق ئورنىدا تۇرۇپ كەلگەن دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىنىن كۆپ ئېشىپ كەتتى.
_~PO ئۇندىن باشقا، سىلىشتۇرما پاتالوگڭيە، تۆرەلمە شۇناسلىق ۋە ئارخىبىئولوگىيە ئىلىملىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ تەدرىجى تەرەققىياتى نەزەريەسىنىڭ دەلىل ئىسپاتىنىڭ يىتەرلىك ئەمەس، ئىلمى ئانالىز ۋە پىكىر يولىنىڭ لوگىيكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، قويغان پەرەز ۋە قاراشلارنى قايتىلاش ۋە تەكرار لاش مۈمكىنچىلى يوق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويماقتا.گىرمانىيەلىك ئېرىچ بلېكسمىد(Erich Blechschmidt) ئۆزنىڭ << ئادەم ھاياتلقىنىڭ باشلىنىشى>>(The Beginnings of Human Life ) دىگەن كىتابىدا ، ادەم تۆرەلمىسىنىڭ ئەسلىدىنلا ھەقىقتەنمۇ ئادەمنىڭ تۆرەلمە قۇرۇلمىسىن تۈزۈلگەنلىكىنى ھەمدەتۆرەلمىنىڭ 9م م ئەتراپىدا كىلىدىغانلىقىنى، تۆرەلمىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىنىڭ ھالىتى قارىماققا قۇيرۇققا ئوخشىشىپ كىتىدىغانلىقىنى بىراق ھەرگۈزمۇ ھىچ قانداق قۇيرۇق بولايدىغانلىقىنى، يىتىلىشىنىڭ تولىمۇ تىز بولۇپ پاتلا تەكشىلىنىپ كىتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۆرەلمىنىڭ يىتىلىشىدە موھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى شەرھىيلەيدۇ.
n
-d:O\] ?k"0w)8 2006-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامىرىكىدا 514 نەپەر دوكتور (بۇلار ئىچىدە67نەپەر ھاياتلىق ئىلمى دوكتورى بار)بىرلەشمە ئىمزا قويۇپ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىنى دەرىسلىكتىن چىقىرۋىتىش ۋە بىكار قىلىش توغۇرسىدا مۇراجەت قىلغان بولسىمۇ يەنە 60نەچچە دۆلەتتىكى ئىلىم -پەن ئاپىراتلىرى بىرلەشمە ئىمزا قويۇپ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارە بىلدۈردى. ۋاھالەنكى تەدرىجخ تەرەققىيات نەزەريەسىنى قوللايدىغان ئالىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دىگۈدەك دارۋىن ۋە ئۇنىڭ تەدرىجخ تەرەققىيات نەسەزريەسى ھەم شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن دارۋىنىزىمنىڭ كۈچلۇق تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ياۋروپا ئىلىم-پەن ئورتاق گەۋدىسى ۋە باشقا ئالاقىدار ئاپاراتلاردىكى كۇچلۇق قوللاۋاتقان شۇ بىئو بىلگىنلەر دىگۈەدك دەل شۇ نەزەريەنىڭ جارچىلىرىدىندۇر. بۈگۈنكى دەۋىردىكى ئىلىم -پەن تەرەققىياتى ۋە يىڭى مۇۋەپپىقىيەتلەر شۇ تىپتىكى بىلگىنلەرنىمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى مۇناسىپ ئىسلاھ قىلىپ كۆز قاراش ۋە ئىدىيەۋىي تپونۇشتا يىڭىلىنىش بولۇشنى كۇچلۇق تەقەززا قىلماقتا!
[ بۇ يازماbilikyarتەرپىدىن2009-02-13 23:00دە قايتا ت ]