مەركەز رەھبەرلىرى نېمە دەيدۇ؟
بىز قوش تىلنىڭ ئەھمىيىتى، رولى ھەققىدە ئىلمىي يۇسۇندا ئويلۇنۇپ كۆرمەستىنلا، «ئۆتتەك قىزغىن» ھىسياتىمىز بىلەن شۇنداقلا تار دائىردىكى مەنپەندارلىق تۇيغۇمىزنى ھازىرقى سىياسىي رىئاللىقنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كىرىشىپ كەتتۇق. بۇنىڭ بىلەن بەزىلىرىمىز خوشال بولدۇق، بەزىلىرىمىز زارلاندۇق. لىكىن بۇ خىل ھالەتلەتنىڭ ھىچقايسى مەسلىنى ھەل قىلىپ بىرەلمەيدۇ. ھەمدە بىزدە بۇ ھەقتە تارىخىي، مەدەنىيەت، تەپەككۇر، مائارىپ سۇناشلىق نۇقتىلىرىدا تۇرۇپ، ئىلمىي قاراشنى ئۆزىگە يىتەكچى قىلىپ تۇرۇپ ئىلىپ بېرىلغان ئىزدىنىشلەر يىتەرتلىك بولمىدى ياكى نەزەرگە ئىلىنمىدى. مەن تۆۋەندە رەھبەرلەرنىڭ سۆزى نۇرغۇن مەسلىھەتچىلەرنىڭ تەتقىقاتچىلارنىڭ باش قوشۇشى ئاساسىدا مەيدانغا كىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت رىئاللىقنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ« جوڭگۇ مىللەتلىرى» ژورنىلىدىكى تەھرىرلەرنىڭ توغرا تونۇپ كەچۈرىشىنى ئۈمىد قىلىش ئاسسىدا، شۇ زورنالغا بىسىلغان دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەنجۇ ئاڭبېننىڭ سۆزلىگەن سۆزىدىن ئۈزىندىلەرنى كۆپچىلىكنىڭ ئويلىنىپ بىقىشىغا سۇنىمەن:
مىللىي مائارىپىنىڭ ئىككى چوڭ روى بار، بىرىنچىسى، ئىلمىي بىلىم ئۆگىتىدۇ؛ ئىككىنچىسى، مىللىي مەدەنىيەت تارقىتىدۇ. ...كۆپ ساندىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى مەكتەپلەر مائارىپتا مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش تۈزۈلگەن خەنزۇچە دەرسلىكنى ئىشلەتمەكتە. بۇنداق مائارىپ تۈزۈلمىسى شارائىتىدا، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل توسالغۇسى سەۋەبىدىن نەتىجىسى چۈشۈپ كېتىدۇ؛ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى ۋەمەدنىيىتىنى ئانچە كۆپ بىلىپ كەتمەيدۇ. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئۆز مىللىتىنىڭ ئانا تىلىدا ئاقارتىش تەربىيسى ئېلىپ بېرىلسا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرسلەرنى ئاسان چۈشۈنۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۆگىنىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ. مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتا مىللىي تىل-يېزىق خىزمىتى ئاچقۇچ. مىللەتلەرلەر توپلىشىپ ئورتۇراقلاشقان رايونلاردا مىللىي تىل-يېزىق مائارىپ ساھەسىگە كىرمىسە، شۇ جاينىڭ مائارىپىنى ھەقىقىي مەنىدىكى مىللىي مائارىپ دېيىش قىيىن.
يولداش خۇجىنتاۋ مەركەز ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەپ كۆرسەتكەن: « بىز ھەر قايسى مىللەتلەر تارىختا ئەنئەنە، تىل، مەدەنىيەت، ئۆرۈپ-ئادەت، پىسخولۇگىيلىك تونۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەرەققىي قىلىپ شەكىللەندۈرگەن پەرقلەرنى تولۇق چۈشىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشىمىز ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا سەل قارىماسلىقىمىز، شۇنداقلا ئۇلارنى مەجبۇرلاش ئۇسلى بىلەن ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك».
تىل-يېزىق مىللىي ئالاھىدىلىكنىڭ يادرو قىسىمى. مىللىي مەدەنىيەتنى تارقىتىش-داۋاملاشتۇرۇش، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش مىللىي تىل-يېزىقتىن ئايرىلالمايدۇ.
ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى مائارىپىنىڭ ماھىيىتى - مىللىي مائارىپ، مىللىي مائارىپنىڭ يادروسى -مىللىي تىل-يىزىق مائارىپى، مىللىي تىل-يېزىق مائارىپىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزگەندىلا، ئۇ ئۈستىگە ئالغان تۈرلۈك مەدەنىيەت تۈپ ئاساستىن ۋارىسلىق قىلىنىشى ۋە جارى قىلدۇرۇلۇسى مۇمكىن. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى بالىلار يەسلىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا ئۆگىتلىشى كېرەك. ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ باسقۇچىدا ئىختىيارىي ئۆگىنىش دەرسلىرىنى تەسىس قىلىشقا بولىدۇ.
ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئاممىنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىشتە مىللىي تىل-يېزىق ۋاستە قىلىنمىسا، پۇقرالارنىڭ چۈشىنىشى قېيىن بولىدۇ؛ مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتا مىللىي تىل-يېزىق قوللىنىلمىسا، كۆپ ھاللاردا ئاز ئىشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
يۇقارقىلاردىن مەركەزدىكى رەھبەرلەرنىڭ ساداسىنىڭ بىز نىڭ يارونىمىزدا قانچىلىك ئىزچىللىشىپ، مەرگەز بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە بىردەكلىكنى ساقلاۋاتقانلىقىمىزنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ يەنىمۇ ئەترەپلىق پىكىر يۈرگۈزسىگە تۈرۈتكە بولكۇش ئۈچۈن «جوڭگۇ مىللەتلىرى» نىڭ 2008-يىللىق 4-، 5-سانلىرىغا بىسىلغان يۇقارقى ئۈزۈندىلەر ئېلىنغان ماقاللارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بولسا بىزنىڭ رەئىسلىرىمىز، مائاىپ نازىرلىرىمىز، شۈجىلىرىمىز، مائارىپ سىياسەتلىرىنى تۈزۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۋاتقان يولداشلار تەپسلىي كۆرەپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چىقىش قىلىپ، مەرگەزگە يۈز كېلەلەيدىغان ئىشلارنى ئىزچىل قىلسا، مەركەزنىڭ ساداسىنى توغرا ئىزچىللاشتۇرسا.
ھازىر ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك رايونىمىزدا مەركەزدىكى رەھبەرلەرنىڭ يوقارقىدەك ئىلمىي، دانا قاراشلىرىغا خىلاپ ئىشلار كۆرلۈپ، كەلگۈسىدىكى يۈز بىرىش مۇقەرەرلىشىپ قالغان پاجىئەنى تىلغا ئالمىغاندىمۇ ھازىر يۈز بىرىشكە تىگىشلىك بولمىغان ئاز بولمىغان زىددىيەتلەر ماڭدامدا كۆرلۈپ تۇرۋاتىدۇ: بالىلارنى ئانا تىلدىكى يەسلىدە، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتۇش قىيىن بولۇش، ئانا تىلدا ئوقۇش تاماملىغانلىغانلارنىڭ خىزمەت تىپىشى قىيىن بولۇش، ئاساسىي ئىقتىدار ئۆلچىمى خەنزۇ تىلى سەۋيىسى ئارلىق ئۆلچىنىش، ئانا تىلدا ماقالا يازغانلارنىڭ سەۋيىسىنى تۆۋەن كۆرۈش، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار خەنزۇ تىلىدىكى دەرسلەرنى ئاڭلاپ چۈشنۈپ بولالماسلىق، ئالىي مەكتەپتە بۇ خىل ئەھۋال تىخىمۇ ئىغىرلىىش، بۇنى يەڭگىللىتىشنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولىنى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇتۇش، يەسلىدىن تارتىپ ۋىۋىسكىدا قوش تىل ئەمەلىيەتتە خەنزۇ تىلى بويىچە ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق يولغا قويلىۋاتقان مائارىپقا پۈتۈن ئۈمىدىنى باغلاش، بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىكى دەرسلەرنى ئاران چۈشىنىپ كېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ماسلىشالماسلىق، مەكتەپنى تۈرمىدەك ھىس قىلىش، ئوقۇشتىن شادلىق ئەمەس، بىسىم ھاسىل قىلىش، مەكتەپتىن بىزىش، مەجبۇرىي مائارىپ يولغا قويۇلغان بىر قىسىم ناھيە شەھەر، يىزىلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇراقلاشتۇرۇش بىسىمىنى ئىغىرلاشتۇرۋىتىش، ئوقۇتۇش ئىككىنچى ھەتتا ئۈچۈنجى ئورۇنغا چۈشۈپ قىلىش ئەھۋالىرى سۆزلىرىمىزنىڭ جانلىق پاكىتى بولالايدۇ. پىكىرداشلارنىڭ مەسلىلەرنى ئەملىي ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرغا قويۇپ، مائارىپىمىزنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىغىر بىسىقلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈشكە، ئۆزىنىڭ ھوقۇق، مەجبۇرىيىتىنى ئويۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن...
[ بۇ يازماگۈل-چۈشىتەرپىدىن2009-03-11 12:38دە قايتا ت ]