تەيۋەندىكى شىڭشىسەينىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى !
WJ
,E^O\ 4xo/yY بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى قۇل سودىسىنىڭ باشلامچىلىرىغا قانۇنىي ھۆكۈم ئېلان قىلىندى.ئۇلار ئۆلگىلى نەچچە يۈز يىل بولغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا ئەڭ يۇقۇرىسى سەككىز يۈز يىلدىن ئوشۇق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. بۇ يەردە شەخىس ئۆزىگە تېگىشلىك ھۆكۈمگە ئېرىشىشىگە قارىغاندا ، ئىنسانىيەت تارىخىدا قانداقلا جىنايەت بولىشىدىن قەتئىنەزەر چوقۇمكى ئۇنىڭ جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرلىشى كېرەكلىكى ئەڭ مۇھىم بولسا كېرەك.
b|'~6L شىڭشىسەي شىنجاڭ تارىخىنىڭ قاراڭغۇ دەۋرى بولغان يېقىنقى زامان قىسمىغا مەنسۇپ بولۇپ ، دەل ئۇنىڭ سەۋەبىدىن شىنجاڭنىڭ ئەشۇ دەۋردىكى ۋەزىيىتى باشقىچە يېزىلغان.
;K3Fp ئۇنىڭ خاراكتىرىدىكى كەسكىنلىككە ئوڭ تاناسىپ بولغان خۇنخورلۇق ، ئىش بېجىرىشتىكى ئەمەلياتچانلىقىغا يانداشقان گۇمانخورلۇق. ئۇنى ئەتراپتىكى ئادەملەر ۋە دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ھەقىقەتەن دەۋر سۈرگەن سىياسىئون قىلغان.
nG.Izb مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بەزىدە پەرۋا قىلماسلىق ۋە يەنە بەزىدە بۇيرۇققا بويسۇنۇش پوزىتسىيىسى بىلەن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ كۈچى ۋە ئاجىزلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان . مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ كۈچى ئاجىزلاشقان ۋاقىتلاردا يەرلىك خاقان بولىۋېلىپ شىنجاڭنىڭ مەركەزدىكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبى بىلەن مۇستەقىل بولۇپ كېتىشىدىن ساقلانغان. مەركىزى ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە بولسا مەركەز بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان.
Ii1uAr6]; مەيلى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئۆزگىرىشچان ۋەزىيىتىدە ياكى ئىچكى قىسىمدىكى زىدىيەتلەرنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسىدە بولسۇن بۇ شەخس شۇ دەۋردىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىئون ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئەمما بىز بۈگۈنكى زامان ۋە رىئاللىق بىلەن بىرلەشتۈرگەندە بۇ سىياسىئوننىڭ يۇرت سوراش تەدبىرلىرىنىڭ ناھايىتى چېكىدىن ئاشقان جاللاتلىق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز. چۈنكى ھەقىقى سىياسىئون ئاز بەدەل بىلەن نۇرغۇن ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدىغان كىشىلەردۇر. ئۇنىڭ مەيلى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى ياكى ئادالەت ،ھەققانىيەت تەرەپدارلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسى بولسۇن"مىڭنى خاتا ئۆلتۈرۈشتىن قورقماسلىق ،بىرنى قاچۇرۇپ قويماسلىق"تەك قانخورلىق بىلەن يۇرت سوراشتۇر.
e3r
q?y- قىزىقارلىق يېرى ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش ۋە ئۇنىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىكى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن بەزى تارىخىي شەخىسلەرمۇ دەۋرداشلىرى تەرىپىدىن سەلبى سۈپەتلەر بىلەن باھالانغان.
lu94!`fU~b 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى قومۇلدىن قوزغىلاڭنى باستۇرۇش نامى بىلەن نۇرغۇن بىگۇناھ جانلارنى قىرىپ چىققان بۇ جاللات ئىدىقۇت دىيارىدا يېڭى قانخورلىقىنى باشلايدۇ.شۇ كۈنى قومۇل قوزغۇلاڭچىلىرى بىلەن بىللە قېچىپ ماڭغان مەرھۇم مومىمىز توخسۇن سېپىلىنىڭ يېنىدا دادامنى تۇغىدۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا تۇرپاندىن قېچىپ كەلگەن بەزى كىشىلەر " شىڭشىسەي ئابدۇخالىق ئۇيغۇر باشلىق نۇرغۇن يۇرت بۇزغانلارنى ئۆلتۈردى"دىگەن خەۋەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. كېيىن مەرھۇم دادامدىن قاچان تۇغۇلغانلىقىنى سورىساق "ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرگەن كۈنى تۇغۇلۇپتىكەنمەن"دەپ جاۋاپ بېرەتتى.
hSye'8"Y شۇ كۈنىكى قاتلىئامدا بۈگۈنكى كۈندە "ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى"دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر باشلىق نۇرغۇن ئەزىمەتلەر ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
v@Z}>g~t ئەمما بۈگۈن يەنىلا بۈگۈن .بىز ئەينى دەۋر رىئاللىقىدا بولمىغاچقا چوقۇمكى بىزنىڭ بىۋاستە مەنپەئەتىمىزگە زىيان يەتكۈزمىگەن ئۇ شەخىسلەرگە ئەلۋەتتە كەڭ قوساقلىق بىلەن شۆھرەتلىك باھالارنى بېرەلەيمىز. قەبرىسىگە چىقىپ يىغلامسىراپ دۇئا قىلىپ قويالايمىز. ئەمما بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنىڭ ھەقىقى سەۋەپكارىنى تىللاشقا قارىغاندا يېنىدىكى ئەتراپىدىكى قېرىنداشلىرىنى تىللاش تولىمۇ بىخەتەر بولىدىغىنىنى ئوبدان بىلىدىغان خەلقنىڭ بىر قىسمى شۇ دەۋردە تۇرپان قوزغۇلاڭچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى "يۇرت بۇزدىلار " دەپ تىللىيالىغان.
{_B`'eV| قومۇل دېھقانلار ئىنقىلاۋى دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن نۇرغۇن قومۇللۇقلار بىلەن پىكىرلىشىپ پاراڭلىشىپ قالغان چاغلىرىمدا بەزىلىرى خوجىنىياز ھاجىمنى"قانخور" دەپ تىللاپ دەلىلى سۈپىتىدە "نۇرغۇن ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى، كۆتتىنى قىسماي، بىزنى ئۈمۈتلەندۈرۈپ قويۇپ ئاخىرى ھەممىسى يوق بولدى. قومۇلدا مۇشۇ ئىش بىلەن ھەممە ئۆيدە ئادەم ئۆلدى." دەپ سۆزلەپ قوياتتى.
brE|#gR9 خەلىق نەزىرىدە مەيلى شىڭشىسەي ئۆلتۈرگەنلەر ياكى ھاجىم بىلەن ئابدۇخالىقتەك ئادەملەرنىڭ كەينىگە ئەگىشىپ ئۆلگەنلەر بولسۇن تۆككەن قانغا يارىشا پايدا چىقمىسا ھەممىسى "جاللات" .پەقەت كېيىنكى ئەۋلاتلار دەۋرىگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ سەۋەبى بىلەن كەلگەن ئازاپلار سۇسلىشىپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئارمانلىرى سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىقىدۇ.ماھىيىتىدىن كوپۇككە ئوخشايدىغان بۇ قەھرىمانلىق تۇيغۇلىرى پەقەت بىراۋغا تەۋە بولمايدۇ. ئەمەليەتتە ھېچكىممۇ ھەقىقى ئىگىسى بولۇشنى خالىمايدۇ.
m\wg^w- مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يۇقۇرقى تارىخىي ۋەقەلەر خاتىرلەنگەن ئىككى رومانى نەشىردىن چىقىپ ئۇنىڭ يۇرتى شۇنداقلا مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەن ماكانى بولغان قومۇلدا سېتىلىش تىراژى باشقا يۇرتلارغا قارىغاندا ئاپتور خىجىل بولغىدەك دەرىجىدە تۆۋەن بولغان. بۇ بەلكىم يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكەندەك ئەشۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىگە بىۋاستە ئۇچىرىغان خەلقنىڭ پىسخىكىسىدىكى ، قوزغۇلاڭ باشلامچىلىرىنى ھەرخىل سۈپەتلىگەندەك نورمال ھادىسىدۇر. بۇ ئەزەلدىنلا ئۆزىگە يېقىن ئادەمنى ياراتمايدىغان پىسخىكىلىق تاللاشتۇر. بەلكىم بۇندىن كېيىن مەرھۇم ئۆتكۈرنىڭ غەزەللىرى تېخىمۇ كۆپ ئۆيلەرگە، زاللارغا ئېسىلار چۈنكى رىئال ۋەقە رىئال دەۋردىن قانچە يىراقلىغانچە ئاۋامنىڭ نەزىرىدىكى بۇ ئوبرازلار تېخىمۇ جۇلالىنىدۇ.
چۈنكى خەلىق بەزىدە ئالدىدىكىمەۋجۇت ئوت-چۆپنى ئەمەس بەلكى يىراقتىكى يېشىل رەڭنى قوغلىشىدىغان قوي پادىسىدەك نەرسە.بۇ رەڭ خەلىقتىن قانچە يىراق بولسا شۇنچە جەلىپ قىلىدۇ . K/11k^A مەيلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلارنى "يۇرت بۇزدى" ھاجىمنى"قانخور" دەپ تىللايدىغان دەۋرداشلىرى بولسۇن يەنىلا ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتى.ئۇلار مويتۇڭزىدا ئۆلگەن بولسا ئۇلاردىن نەپرەنلەنگەنلەر كارۋاتتا ،كاڭدا ھەتتا بەزىلىرى مېڭىپ كېتىۋېتىپ يولدىلا ئۆلۈپ قالدى.
UDRc
L بىراق ئەشۇ تارىخنىڭ مىراسخورلىرى بىز يەنە ياشىشىمىز كېرەك. بىزدىن كېيىنكىلەرمۇ ياشىماي ئامالى يوق. چۈنكى قانداقلا پوزىتسىيەدە بولمايلى تۇغۇلغان ئىكەنمىز مەجبۇرى ياشىماي ئامال يوق.
+'Tay8WE# بىز يۇقۇرىدا كولۇمبو توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بايان قىلىپ ئۆتتۈق.ئۇنداقتا بۈگۈنكىدەك ئىنسان ھوقوقلىرى كاپالەتكە ئىگە بولغان دەۋردە ئەشۇ تارىخىمىزدىكى "جاللات" "يۇرت بۇزدى" "قانخور"لار توغرىلىق نىمىشقا قانۇنىي ھۆكۈم ئېلان قىلىپ مەيلى قەيەردە ياكى قايسى ۋاقىتتا بولسۇن ئىنساننىڭ قەدرىنى نەزەرگە ئالمىغانلارنىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرمەيمىز ؟. ئۇلارنىڭ نامىنى قانۇنىي ۋاستە بىلەن جىنايەت تۈۋرىكىگە مىخلاپ ، كۆزى ئوچۇق كەنتكەنلەرنىڭ روھىنى ئەمىن قىلمايمىز ؟! پەقەت ئەخلاقىي ئۇقۇم بىلەنلا "جاللات" دەۋېلىش ئۇنىڭ ھەممە جىنايىتىگە كاپارەت بولالامدۇ ؟ پەقەت تارىخىي شەخىسلەرگە باھا بېرىشتە ئۇيغۇر فورمۇلاسىدىكى ئەللىك يىل چوقۇم ئۆتىشى كېرەكمۇ ؟!
pg-]8BzdYl ئۆز تارىخىغا ئېنىق ۋە ئۈزۈل-كېسىل قانۇنني ھۆكۈم چىقىرىش نۆۋەتتىكى ئىنسان ھوقوقلىرى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تولىمۇ مۇھىم ئىشتۇر. شۇندىلا بىز ئاۋام-خەلىقنىڭ باھاسى بىلەن ئەمەس، بەلكى تارىخنىڭ ھەققانىي ھۆكۈمى بىلەن ئەشۇ ئەزىمەتلەرگە باھا بېرەلەيمىز. ھەقىقى جاللاتلارنىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتە قىلالايمىز. بولمىسا ئاپپاق غوجىنىڭ مەقبەرىسى ئالدىدا ئوخشاش تىل ۋە چىرايدىكى ئىككى مۇسۇلمان ياقىلىشىشتىن قۇتۇلالمايمىز. ئۇلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ شۆھرەت تاماسىنى قاندۇرۇش بىلەن ئۇلارغا ھەقدارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئاسمان-زىمىن پەرقلىنىدىغان ئىش. قەدىمقىلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلەپ مەدھىيلەشنى كىملا بولسا قىلالايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ قولنى كۆيدۈرىدىغان ،يۈرەكنى ئازاپلايدىغان قىسمەتلىرىگە مىراسخور بولۇش ھەممىگىلا نېسىپ بولمايدۇ.
V8W zSN8 شەخسەن بۇ تېمىدا مەن يۇقۇرقى تارىخىي شەخىسلەردىن شىڭشىسەينىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى توغرىسىدىلا توختىلالايمەن.چۈنكى خوجىنىياز ھاجىم ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك ئادەملەرنىڭ ئىنسان ۋۇجۇدى كۆتۈرەلمەيدىغان رىئاللىققا قانداق يۈزلەنگەنلىكى ماڭا تولىمۇ روشەن.قىسقىسى مەن قاچانكى شۇلار يۈزلەنگەن ئۆلۈم مىنۇتلارغا يۈزلەنگەن كۈنى ئاندىن ئۇلار توغرىلىق باھا بېرەلەيمەن. بولمىسا كومپىوتور ئالدىدا ئىسسىق چاي ئىچكەچ يازغان ھۆكمۈم ياراتقان خۇدانىڭ ئالدىدا تۆھمەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
WN%T
EHt, شىڭشىسەينىڭ شىنجاڭ تارىخىدىكى باشقا جاللاتلارغا قارىغاندا ئالاھىدە پەرقى تولىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ ئۇ يۇرت بويىچە قەتلىئام قىلىشنىڭ ئورنىغا مەزكۇر يۇرت بايلىرى ۋە ئىلغار پىكىرلىك يۇرت چوڭلىرىنى ھەر خىل ئامال ۋە بۆھتانلار بىلەن ئۆلتۈرەتتى. بۇ ئاددى ئاۋامدىن يۈز ياكى مىڭنى ئۆلتۈرگەندىن كۆپ ئۈنۈم بېرەتتى.بۇ خىل ئۆلتۈرۈشكە قارا خەلىق پەقەت ئىچى ئاغرىپ بىپەرۋالىق بىلەن قاراپ تۇراتتى. چۈنكى ئەشۇ بايلار ئەشۇ كاتتىلارغا خەلىق قائىدە-يوسۇن ئۈچۈنلا ھۆرمەت كۆرسىتەتتى. ئۇلارنىڭ كاساپىتىدىن زىيان تارتقاندا تارتىنمايلا" قانخور،يۇرت بۇزدى"دەپ تىللىيالايتتى ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلىكىگە پۇشايمان قىلىپ خۇداغا نالە قىلاتتى . شۇ سەۋەپلەردىن ئۇلارنىڭ كاللىسى ئىبرەت ئۈچۈن ئېسىلغان جايدا سېسىپ كەتكىچە تۇرالايتتى.كويزا-كىشەنلەر پۇت-قولىنى يىرىڭدىتىپ قۇرۇت بېسىپ ئۆلگىچە باشقىلارغا ئىبرەت قىلىشچۈن يول ياقىسىدىكى تۇۋرۈكتە باغلاق تۇراتتى.
S~npw$S تارىخ بۈگۈننىڭ باشلىنىشى شۇنداقلا ئەتىنىمۇ ئۇنىڭ داۋامى . بىز مەيلى كىتاپ-ۋەسىقىلەردە قەھرىمانلارنى مەدھىيلىگەندەك مۇناپىقلارنى ھەرقانچە تىللىساقمۇ بۈگۈن ۋە كەلگۈسىدە ئاخۇن قارىي،سايىت تۇڭچى دەك ئىلىم ئىگىسى بولسىمۇ مۇناپىقلار ،روزى سەيپۇڭ ياكى توختى سەيپۇڭدەك مەنپەئەتپەرەس نادانلار، يەنىلە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.قەھرىمان ئۆزىنى قەھرىمان بولۇش ئۈچۈن ياشايمەن دىمىگەندەك بۇ خىلدىكى مۇناپىقلارمۇ ئۆزىنى مۇناپىق بولىمەن دەپ ياشىمايدۇ.تەبىئىتىدكى مىجەز- تۇيغۇ ئۇلارنى يېتەكلەيدۇ.
~??/BQOa بەزىدە بىز ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا تىپىك پۇرسەتپەرەس. بىز پەقەت تارىختىن ئىبارەت يىراقتىكى دۇنياغا خۇددى "ئەزىمەت"لەردەك مۇئامىلە قىلالايمىز. ئەمما شۇ رىئاللىق شۇ دەۋر كۆز ئالدىمىزدا بولسا ،ئەشۇ ئىبرەت ئۈچۈن ئېسىلغان كاللىلارنى ھېچبولمىسا قاپ يۈرەكلىك بىلەن بۇلاپ كۆزى يۇمۇلىشى ئۈچۈن يەرلىككە قويالمايمىز.ھەتتا قەبرە بېشىغا يۈرەكلىك بېرىپ چىقىم بولمايدىغان دۇئانىمۇ قىلالمايمىز.
e[a70Z ئىسىت ! ئۆيىدە چىۋىن قونسا غىڭشىيدىغان،ياتلاردىن كالتەك يىسە جىم تۇرىدىغان "ئەزىمەتلەر". تارىخ قانچىلىلا بىچارىلەرنىڭ قولىغا قالمىسۇن ئۇ يەنىلا قان-ياش بىلەن يېزىپ تۇرۇلدى. ئۇنىڭ شانلىق بايانلىرى مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈنلا تېخىمۇ روشەنلىككە ئىگە بولدى.
8kVZhjb[e يۇقۇرقىدەك جەريانلار بىلەن شىڭشىسەي شىنجاڭنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلانغان مەرىپەتچىلىك،ئىسلاھات ۋە ئادالەت دولقۇنىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تۇنجۇقتۇردى.
8K,{6w^8 شىڭشىسەينىڭ قانداقلا باھانە بىلەن بولسۇن شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئالدىدا ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ھىساپسىز. بۇنى " مۇقۇملۇق ياكى زىمىن پۈتۈنلۈك "ئۈچۈن دىگەندەك يوغان ئاتالغۇلار بىلەن ھەرقانچە نىقاپلىسىمۇ سىياسى تەدبىردە پايدا بەرگەندەك قىلغان بىلەن ئىنسانىيەت ئالدىدا ئاقلاش مۈمكىن ئەمەس. بۇ جاللات بولسۇن ياكى ئۇنىڭ ئەگشكۈچىلىرى بولسۇن مەن كۆرگەن ماتىرياللاردا ئاساسەن تولىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ئۆلگەنلىكى خاتىرلەنگەن. ھەممىمىزگە مەلۇم ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يەھۇدى قىساسچىلىرى يەنى"موساد" مىليونلىغان يەھۇدىلارنىڭ نۇرغۇنلىغان قاتىللىرىنى ھەتتا قىتئەلەر ئاتلاپ تۇتۇپ كېلىپ سوتقا تارتىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈپ ئەجدادىنىڭ قىساسىنى ئالىدۇ. بىز يەھۇدىلارنى ئەقىللىق مىللەت دەپ سۈپەتلەيمىز .ئەمەليەتتە ئۇلار ئەقىللىق بولماي بەلكى نۇرغۇن مىللەتلەرگە قارىغاندا مۇھەببەت-نەپرەت كۆز قارىشى رىئالنى ۋە ئېنىق.
&8V~Z شىڭشىسەي بولسۇن ياكى باشقا جاللاتلار بولسۇن قانۇننىڭ ئالدىدا تۇرماق ھەتتا شۇ دەۋر ياكى كېيىنكىلەر تەرىپىدىنمۇ ئۇنداق قىسمەتكە ئۇچرىمايدۇ.قىسقىسى بۇرنىمۇ قانىمايدۇ.
5VZ5Eh0 بۇ بىزنىڭ "ئاللەنىڭ دۈشمىنى" بولغان يەھۇدىلارغا قارىغاندا نەپرەت-مۇھەببىتىمىزنىڭ تازىمۇ تايىنى يوق خەلىق ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلايدۇ.
:KB(D* قانداقلا بولمىسۇن ھازىرقى ماتىرياللاردا شىڭشىسەينى "جاللات" دەپ باھالىدى.
jm;
kb بۇ جاللاتنىڭ ئوبرازى قانچىكى دەۋر سۈرسە كۆزى ئوچۇق كەتكەن شۇ ئەزىمەتلەرنىڭ روھى شۇنچە قورىنىدۇ. سىياسى مەنىدىن شىڭشىسەيگە نورمال باھا بېرىشكە ھەرقانچە تىرىشساقمۇ ئەمما ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنىلا ئۇنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشتىنمۇ يىرگىنىمىز. پەقەت كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت ۋە قانلىق تارىخنى ئۇنۇتماسلىق مەنىسىدىن "شىڭشىسەي" دەپ ئىزاھلايمىز.قىسقىسى بۈگۈنكى كۆزىمىز ئوچۇق تۇرغان قىممەتلىك مىنۇتلاردا بۇ جاللاتنىڭ جىنايەتلىرىنى قانۇننىي جازاغا تارتىشقا تىرىشىمىز. بەلكىم زور سانلىق دەۋرداشلىرىمغا نېسبەتەن بۇ تولىمۇ تېتىقسىزلىق بىلىنەر. كېرەك يوق ھەقىقەت خۇددى يېڭى تەۋەللۇت بولغان بوۋاققا ئوخشايدۇ. ئۇ يېڭى تۇغۇلغاندا پەقەت ئاتا-ئانىسىلا يىرگەنمەي مۇھەببەت بىلەن قۇچاغلايدۇ. ھەقىقەتمۇ شۇنداق. ئۇ باشقىلارنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگىچە ئۇنى پەقەت ھەقىقەتنىڭ پەرۋانىسىلا قۇچاغلاپ سۆيىدۇ.
GT9:YQMl' ئۈچ يىل ئىلگىرى مەرھۇم مومىمىز مايسىخاننىڭ دادىسى سالى دورغا(قومۇل دېھقانلار ئىنقىلاۋىنىڭ سابىق سەركەردىسى)نىڭ ھەققىگە نەزىر بېرىپ ئۇنىڭ روھىغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ بېرەي دىگەن تەكلىۋىم بىلەن تۇققانلارنىڭ يوشۇرۇنچە مەسخىرە قىلىشىغا دۇچار بولغانتىم. شۇڭا ئامالسىز نامىنى تەنتەنىلىك خىتاپ قىلىش پۇرسىتىنى قايرىپ يوشۇرۇنچە نەزىر قىلغانتىم. مانا شۇنداق سەۋەپلەردىن بىزنىڭ تارىخىمىز قەغەزدىكى تارىخ بولۇپ قالدى ،قەھرىمانلىرىمىز بولسا نامۇ-نىشانسىز،دۇئا-تىلەكسىز كەتكەن قىسمەتلەرگە دۇچار بولدى.
dOL@67r دىمەك بىز بۇ ئەۋلات ئۆز تارىخىمىز ۋە ئەجدادىمىز توغرىسىدا پەقەت مۇناسىۋەتلىك سورۇنلاردا لازىم بولغانلىقى ئۈچۈنلا پەخىرلىنىپ قويۇشتىن باشقا ئۇلار بىلەن بولغان ھەقىقىي قانداشلىق ۋە تەغدىرداشلىق تۇيغۇسىنى يوقاتتۇق. ئۇلار بىزگە مىللەت ۋە كەلگۈسى توغرىلىق بولغان پاراڭلاردا ئىزاھات ماتىريالى سۈپىتىدىلا ھەمرا بولالايدۇ. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ۋە پىكرىمىزدە بولسا ئۇلاردىن ئەسەرمۇ بولمايدۇ. قەلەمكەشلەر ئۇلار توغرىلىق بايانلار يېزىپ ھۆرمەت ۋە قەلەم ھەققى تاپىدۇ. سودىگەرلەر ئۇلارنىڭ نامى شېپى كەلتۈرۈلگەن لەۋھەلەر بىلەن بىزنى ھاياجانلاندۇرۇپ پۇل تاپىدۇ.......
بىراق بىز ھەممىمىزلا ئىلگىركىلەرگە زۆرۆرىيەت ئۈچۈنلا ۋارىسلىق قىلمايمىز. بەلكى يەلكىمىز ئورۇق ۋە ئاجىز بولسىمۇ تارىختىن ئىبارەت ئېغىر يۈكنى مۇھەببەت بىلەن ئۈستىمىزگە ئالىمىز. خوجىنىياز ھاجىم ،مەمتېلى تەۋپىق ،قاتارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ماۋزېمېن،چېنتىەنچۇ قاتارلىق يولداشلارنىڭ قان-قەرزىنى تۆلىتىمىز.
M6'to|uiO بۈگۈن بىز ،شىڭشىسەينىڭ جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقوقىمىز بىلەن ئۇنىڭ قولىدا ناھەق ئۆلۈپ كەتكەن ئەجدات-بوۋىلىرىمىزنىڭ روھىغا تەسەللى بېرىمىز. كېچىككەن بولسىمۇ چوقۇم ئەشۇ جاللاتنىڭ قەبرىسى ئالدىدا تېگىشلىك جازانى بېرىش بىلەن قانداقلا جاللات بولىشىدىن قەتئىنەزەر چوقۇمكى تارىخنىڭ سوتىدا تېگىشلىك ھۆكۈمگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن ئەۋلاتلارغا كاپالەت بېرىمىز.
wvkV4v 0!$"'mPc> قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت w4:llu>&S\
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان. MG
abdurehim ablathan bT~FV9'
2009-يىلى 3-ئاينىڭ13-كۈنى
|;B2w[ ,{\[* ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ بىلوگى. '$Od2J
_|
http://ablathan.blogbus.com[ بۇ يازمائابدۇرەھىم ئابلەتخانتەرپىدىن2009-04-09 15: ]